<<ك گ ب>> نىمىش قىلىدۇ ؟؟
1971.يىلى مايدا ،ئەنگىلىيە ھۆكىمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 105نەپەر دىپلوماتىيە ئەمەلدارىنى چىگرىدىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى جاكارلىدى،چەتئەلدىكى ئەلچىخانىلاردا بۇنچە كۆپ خادىملارنىڭ چىگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىشى خەلقارادا ئىنتايىن ئاز كۆرنەتتى ،كېرىمىل سارىيىدىكى خوجايىنلار خۇپسەنلىك بىلەن بىر قاتار نارازىلىقلارنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ ،لىكىن ئۇلارنىڭ يۈرىكى پوك_پوك بولغانلىقتىن ئادەملىرىنى دەرھال چىكىندۈرۈپ ئىشنى يىغىشتۇرۋەتتى،ئەسلىدە بۇ 105.نەپەر خادىمنىڭ ھەممىسى <<ك گ ب>>ئىشپىيونلىرى ئىدى،
<<ك گ ب>>سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت خەۋىپسىزلىك كومتىتىنىڭ رۇسچە<<ك گ ب>>نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى ئىدى،خىروشۇف تەخىتكە چىققاندىن كىيىن ،1954.يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئەڭ چوڭ ئاخبارات ئىشپىيونلىق ئورگىنى ئىدى،ئۇنى سوۋېت كۇممىنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومتېتى سىياسى بىرۇسى بىۋاستە باشقۇرىدۇ ،ئۇنىڭ باش ئورگىنى موسكىۋادا بولۇپ ،دۆلەت ئىچى ۋە دۆلەت سىرتىدا پائالىيەت ئىلىپ باردىغان 500مىڭ خىزمەتچىسى بار ،<<ك گ ب >>دۆلەت ئىچىدە خىلمۇ _خىل رەزىل ۋاستىلەرنى قوللىنىپ ،سوۋېت خەلقى ۋە ھەر دەرىجىلىك ئارمىيە ھۆكۈمەت خادىملىرىنى قاتتىق نازارەت قىلىدۇ ،ئۇلار ئوغرىلىقچە تىلپۇن ئاڭلايدۇ ،شەىىسلەرنىڭ خەت چەكلىرىنى ئىچىپ ئوقۇيدۇ ،مەخپىي تەكشۈرىدۇ ،سوۋېت ھۆكۈمرانلىقىغا نارازى دەپ قارغانلىكى كىشىلەرنى قولغا ئالىدۇ ۋە سوراق قىلىدۇ ،ئۇلارنى ئەمگەك بىلەنئۆزگەرتىش لاگىرلىرىغا ياكى <<روھىي كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسى >>غا ئەۋەتىپ قويىدۇ ،<<ك گ ب >>نىڭ پولكوۋنىك دەرىجىلىك بىر ھەربىي دوختۇرى مۇنداق دەيدۇ <<مەن كىمنى روھىي كىسەل دىسەم، شۇ روھىي كىسەل بولىدۇ >>،قامالغان كىشىلەر كالتەكلىنىدۇ ۋە ھەرخىل زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرايدۇ ،بەزىلىرىگە ئۆتكۈر دورىلارنى ۋە زەھەرلىك ماددىلارنى ئوكۇل قىلىپ سالىدۇ ،بەزىلەرنى تۈۋرۈككە باغلاپ قويۇپ ھەر خىل زەھەرلىك ھاشارەتلەرگە چاققۇزۇپ ئۆلتىرىدۇ ،يەنە بەزىلىرىنى تىبابەتچىلىكتە تەجرىبە بويۇملىرى قىلىپ ئىشلىتىدۇ .
<<ك گ ب>> يەنە ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاش ئاپاراتلىرىنى ئورنىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ،چەتئەلنىڭ سوۋېت ئىتتتىپاقىدا تۇرىدىغان خادىملىرىنى قاتتىق نازارەت قىلىدۇ ،پۇل بىرىش ،گۈزەل قىزلارغا مەلىكە قىلىش ۋە تەھدىت سىلىش ،قورقۇتۇش قاتارلىق ۋاستىلارنى قوللۇنۇپ بەزى چەتئەللىكلەرنى ئۆزلىرىگە ئاخبارات يەتكۈزۈپ بىرىشكە سىتىۋالىدۇ ۋە مەجبۇرلايدۇ ،.
دۆلەت سىرتىدا <<ك گ ب >>خادىملىرى دىپلومات ،سودا خادىمى ،سەنئەتكار ۋە مۇخبىر سىياقىغا كىرىۋىلىپ ھەركەت ئىلىپ بارىدۇ ،ئاخبارات ئوغۇرلايدۇ ،ئىشپىيون ياللايدۇ ،1979.يىلى مارىتتا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىي تەشكىلاتىنىڭ غەربىي گىرمانىيەلىك بىر ئايال كاتىۋى <<ك گ ب >>تەرىپىدىن ستىۋىلىنغانلىقى ئۈچۈن ،ئۆزى ئوغۇرلىغان بىر قانچە ئون نۇسقا مەخپىي ئاخباراتنى ئىلىپ سوۋېتكە قىچىپ كەتتى ،.،<<ك گ ب >>يەنە ئۆزلىرى سىتىۋالغان چەتئەللىكلەر بىلەن بىرلىشىپ ،چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنى ئاغدۇرۇش ۋە يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش ھەركەتلىرىنىى ئىلىپ بارىدۇ .
<<ك گ ب >>نىڭ قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىغانلىقى ئۈچۈن سوۋېت خەلخى ۋە ھەر قايسى ئەل خەلىقلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى ،سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىنا جۇمرىيىتىدە 10مىڭدىن ئارتۇق كىشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ ئۇكرائىنادىكى <<ك گ ب >>نىڭ خىزمەت بىناسىنى چىقىۋەتتى ،نۇرغۇن دۆلەتلەردە ك گ ب نىڭ جىنايى ھەركەتلىرى پاش بولماقتا ،،<<ك گ ب>>نىڭ سىسىق نامى بارغانسىرى سىسىپ كوچىدىن ئلۆتكەن چاشقاننى ئۇر_ئۇر دىگەندەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى ،.
مەنبە_خەلقارا ساۋات ناملىق كىتابتىن ئىلىندى
روسىيەنىڭ سابىق پىرىزدىنتى پۇتىن ۋە ھازىرقى پىرىزدىنتى مىدمىدىۋ دەل مۇشۇ تەشكىلاتتىن كىلىپ چىققان كىشىلەردۇر...
CIA
http://images.google.com/images?ndsp=21&um=1&hl=en&newwindow=1&q=CIA&start=0&sa=N
K G B
http://images.google.com/images?um=1&hl=en&newwindow=1&q=KGBMOSSAD