ئانا تىلىمنىڭ قىممىتى
ئانا تىل ئانامنىڭ تىلى،مەن ئانامنى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان دەپ قارىغاچقا،ئۇنى جېنىمدىنمۇ ئېزىز كۆرىمەن،ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ۋاقىت،ھەر جايدا جېنىمنى پىدا قىلىشقا رازى.ماڭا زۇۋان بېرىۋاتقان بۇ تىلىم مەن ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك.ئۆز ئانامنىڭ قىممىتىنى ھېچقانداق ئالتۇن-كۈمۈش،دۇر-گۆھەرلەر بىلەن تەڭلەشتۈرەلمەيمەن.ئانام كەتسە ئۇنى قايتۇرۇپ كېلەلمەيمەن،پۇلغا سېتىۋالالمايمەن.تىلىممۇ شۇنداق.شۇڭىلاشقا بۇ ئەزىز تىلىمنى مېنى توغقان ئۆز ئانام بىلەن باغلاپ ئۇنى مەڭگۈ قىممىتى ئۆزگەرمەيدىغان مۇقەددەس نەرسە دەپ بىلىمەن.شۇڭا ئۇنى قەدىرلىشىم،ھۆرمىتىنى قىلىشىم،قوغدىشىم،ئاسىرشىم كېرەك.ناۋادا مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسام، چەكسىز ئازاپ-ئوقۇبەتتە ئاھ ئۇرغۇچى،ھايات تۇرۇپ ئۆلگۈچىگە ئايلىنىمەن.ئانام مېنى تۇغقان،ئانا تىلىم مەن قەدىرلەيدىغان،ئەڭ يۈكسەك دەپ قارايدىغان مىللىتىمنى تۇغقان.ئانا بولمىسا بالا نەدە؟بالا بولمىسا،ئانا نەدە؟ئانا تىلىم بولمىسا،مىللىتىم نەدە؟مىللىتىم بولمىسا،ئانا تىلىم نەدە؟بۇلارنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشاش يول بىلەن باغلىنىشى مېنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇردى.توغرا،تىل بىلەن جەمىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرگەن ئوقۇتقۇچى ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ دىئالىكتىكىلىق مۇناسىۋەت ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.دىئالىكتىكىلىق مۇناسىۋەتنىڭ بىرسى بولمىسا يەنە بىرسىمۇ بولمايدىغانلىقىدەك قانۇنىيىتى دۇنيادىكى بارلىق كىشىلەرگە ئايان.ياق،بۇ يالغۇز مېنىڭ ئوقۇتقۇچۇم ئىختىرا قىلغان نەزىرىيە ئەمەس،ئىنسانىيەت جەمىيىتى ئۆز ئەمىلىيىتى ئارقىلىق جاكارلىغان جاكارنامە.ئاتا-بوۋىلىرىمىز مۇشۇ تىل بىلەن جاھانغا تونۇلغان،مۇشۇ تىل بىلەن ئۆچمەس مەدىنىيەتلەرنى ياراتقان،مۇشۇ تىل بىلەن ئۆز قىممىتىنى نامايەن قىلىپ كەلگەن.ئۇلار ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئەجداتلارنىڭ گېپىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ،بۇ تىلنى ھازىرغىچە يەتكۈزۈپ كەلگەن.ھازىر دەۋىر ئۆزگەردى،كىشىلەرمۇ ئۆزگەردى.بەزى بالىلار بوۋىلىرىنىڭ،ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىگە ئانچە قۇلاق سالمايدىغان،ھۆرمەت قىلمايدىغان،ئۇلارنى كونىلىقنى ياقلىغۇچى دەپ ياراتمايدىغان بولۇپ قالدى.ئەۋلاتلارنىڭ شەخسى خاراكتىردىكى بۇ قىلمىش،ئۆز ئانىسى بىلەن ئوخشاش ئورۇندىكى ئانا تىلغىمۇ كۆچۈرلۈشكە باشلىدى.ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇر تىلى زاماننىڭ ئارقىدا،ئانچە مودا ئەمەس.پەقەت باشقا مودا تىللاردا سۆزلەشنى ئۆگەنسىلا باشقىلار تەرپىدىن بىلىملىك دەپ قارىلىدۇ،خىزمەتنىمۇ ئوڭاي تاپالايدۇ،ئۇزۇنغا قالماي ئۆسۈپ باشلىقمۇ بولالايدۇ،باشقىلار ئۇنىڭ ئەتىراپىدا ئەگىپ خوشامەت قىلىدۇ.باشقا تىللاردىن كەلگەن بۇ"شان-شەرەپ"لەر ئۇلارنى قىزىقتۇرۇپ،ئۆز ئانامدىن تانسام بولامدۇ نېمە دېگەن خىيالغىمۇ ئەكىلىپ باشلىدى.چۈنكى،كىم ماڭا مەنپەئەت يەتكۈزسە شۇ مېنىڭ دوستۇم،ھىمماتچىم،ئانام ۋە ياكى دادام دەيدىغان غەيرى دۇنيا قاراشلار بىلەن سۇغۇرۇلغان بەزى ئەۋلاتلىرىمىز كەلگۈسىدىكى زور يوقتىشلارنى ئويلاپ يىتەلمەيۋاتسا كېرەك.مېنىڭ بۇ يازمىنى يېزىشتىكى مۇدىئايىم ئەڭ ئاۋال مۇشۇنداق كۆز قاراشتىكى قېرىنداشلىرىمغا ئانا تىلىمنىڭ قىممىتىنى تونۇتۇش.قېنى ئۇنداق بولسا،تىلىمىزنىڭ قىممىتى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەيلى.
نۇرغۇن تىللاردا ئادەمنىڭ ئېغىز بوشلىقىدا تۇرىدىغان "تىل"بىلەن ئالاقە قىلىش ۋە تەپەككۇر قىلىش قورالى بولغان "تىل"ئوخشاش بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.چۈنكى بۇ ئىككى سۆز ھەم فىزىئولۇگىيىلىك جەھەتتىن،ھەم ئىجتىمائى خۇسۇسىيەت جەھەتتىن ئوخشاشلىقنى ھاسىل قىلغان.تاماق يىيىش ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان "تىل"كىشىلەرنىڭ فىزىئۇلوگىيىلىك جەھەتتىكى مەۋجۈتلىقىنى ساقلاشتىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئەزا؛ئالاقە قورالى بولغان "تىل"مىللەتنىڭ مەۋجۈتلىقىنى ساقلايدىغان بىردىنبىر بەلگە.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى"تىل"نىڭ ھەمكارلىقى بىلەنلا بىز راۋان سۆزلەش مەقسىتىگە يىتەلەيمىز.بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئادەمنىڭ ھايات-ماماتى،مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى تولۇستوي"تىل-مىلىيۇنلىغان ئەۋلادلار تەرپىدىن يارىتىلغان تىرىك جاندۇر"دىيىش ئارقىلىق تىلنىڭ تەن ھەم جان بىلەن بىردەكلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.شۇڭىلاشقا،بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىلا قوغدىمىسا،ئاسىرمىسا بولمايدىغان بىباھا گۆھەرلەردۇر.تاماقنى ئۆز تىلى بىلەن تېتىپ يىيىش بىلەن باشقىلارنىڭ تىلى بىلەن تېتىپ يىيىش ئوتتۇرسىدىكى پەرقنىڭ قانداق بولدىغانلىقنى ئەمدىلا چىشى چىقىۋاتقان بوۋاقمۇ پەرىقلەندۈرەلىگەچكە،باشقىلار چايناپ بەرگەن تاماقنى دەرھال ياندۇرۇپ چىقىرۋىتىدۇ.بىزنىڭ ئالاقە ۋە تەپەككۇر قورالىمىز بولغان ئانا تىلىمىز بىزگەمەدىنىيىتىمىزنىڭ،ئۆرپ-ئادىتىمىزنىڭ،سەنئىتىمىزنىڭ تەمىنى ئۆز پېتى يەتكۈزگۈچى.خىياللىرىمىز،ھېسىياتلىرىمىز،تەپەككۇرلىرىمىزنى ئۆز پۇرىقى بىلەن دىمىقىمىزغا ئۇرغۇچى.ئۇنداق بولسا،سىز زادى قايسى يولنى تاللىماقچى؟ئۆز تەم،ئۆز پۇراقنىمۇ ياكى......؟مانا بۇ ئانا تىلىمىزنىڭ قىممىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەڭ ئاددىي ھەقىقەت.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ"تىل كىشىنىڭ قەدىرىنى ئاشۇرىدۇ،ئۇنىڭ بىلەن كىشى بەخىتكە ئېرىشىدۇ"دەپ تولىمۇ توغرا ئېيتقان.گەرچە ھازىرغا كەلگۈچە "بەخت"تىن ئىبارەت بۇ سۆزگە ھېچكىم ھەقىقى ئېنىق بىر تەبىر بېرەلمىگەن بولسىمۇ،ھازىرقى تورمۇش رېتىمى،جەمىيەتتىكى كەسكىن رىقابەت،مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى توقۇنۇش،سىياسىي ۋە ئىقتىسادى كىرزىس بىلەن كاللىسى قوچۇلۇپ كېتىۋاتقان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئۆز ئانا تىلىدا خىيال سۈرۈش،ئۆز ئانا تىلىدىكى كىتاپ-ماتىرىياللارنى ئوقۇش،ئۆز ئانا تىلىدىكى مۇڭلۇق ناخشىلارنى ئاڭلاشلارنىڭ ئۆزى ئەڭ زور بەخت.بىز تېخى داۋىدىتنىڭ"ئاخىرقى دەرس"ھىكايىسىدىكى ئەھۋالغا دۇچ كەلمىدۇق،ھەر ھالدا ئۆز تىلىمىزنى ئىشلىتىش ھوقۇقىمىزدىن بەھرىلىنىپ كېلىۋاتىمىز.بىزگە نىسبەتەن مۇشۇنىڭ ئۆزى بىر بەخت.ئانا تىلىمىزنى قوغداش،ئاسىراش.تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە ئىزدەنگىنىمىزنىڭ ئۆزى بىر بەخت.
ئانا تىلىمىز ئانىمىز بىلەن،دادىمىز بىلەن تەڭ بارلىققا كەلدى.ئانا تىلىمىز ھەممىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى زىيادە قىلدى.ئۆتمۈشنى ئۇنتۇش،تارىخنى ئۇنتۇش بىز ئۈچۈن بىر جىنايەت.ئەجداتلىرىمىزنىڭ تەۋەرۈك ئىزنالىرى قالغان تارىم ۋادىسىدا ياشايدىغان لوپنۇرلۇقلار بۇ ھەقتە بىزگە مۇنداق بىر كوپلىت قوشاقنى قالدۇرۇپ كېتىپتىكەن:
باسقان ئىزىڭ ئۆچىدۇ،
كەلكۈن باسسا قايىرنى(1).
كۈن دەگەلى بولامدۇ،
ئۆتمۈشى يوق ھازىرنى.
قوشۇپ بەرمە خۇدايىم،
بىزگە ئالا باغىرنى.(2)
ئانا تىلىمىز مىللىتىمىز شەكىللەنگەندىن تارتىپ ھازىرغا كەلگۈچە بىز ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز خىزمەت قىلىپ كەلدى.مەھمۇد،يۈسۈپ،ناۋئىدەك بوۋىلىرىمىز ئانا تىلىمىزنىڭ شۆھرىتىنى ئالەمگە تاراتتى.ئانا تىلىمىزنىڭ قىممىتىنى،ھۆرمىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۈتۈردى.مانا ھازىر شۇلاردىن پەخىرلىنىپ يۈرۈپتىمىز.ئوشنىسكى"تىلدا خەلىقنىڭ بارلىقى،ئۇنىڭ پۈتۈن ۋەتىنى گەۋدىلىنىدۇ.تىل خەلىقنىڭ ئۆتمۈشى،ھازىرى ھەم كېلەچەك ئەۋلادىنى مۇستەھكەم بىر پۈتۈنلۈككە،تارىخىيلىق ۋە جانلىقىلىق جەھەتتە جىپسىلىققا ئايلاندۇرغۇچى ئەڭ ھاياتى،ئەڭ باي،ئەڭ مۇستەھكەم ۋاستىدۇر"دىيىش ئارقىلىق بىر مىللەت تىلىنىڭ شۇ مىللەتنىڭ تارىخى ،مەدەنىيىتى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغانلىقىدەك بۇ نوقتىنى ناھايىتى توغرا ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.
نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا،ئانا تىلىمىزنىڭ قىممىتىنى بىزدىن بۇرۇن باشقىلار تونۇپ يىتىپ تىلىمىزنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدىغان،بىزگە بىر خىل ھەۋەس بىلەن قارايدىغاندەك قىلىدۇ.روسىيە،ئەنگىلىيە،گىرمانىيە،ئامرىكا،شىۋىتسىيە،تۈركىيە،ۋىنگىرىيەگە ئوخشاش تەرەققىي قىلغان ئەللەر تىلىمىزنى تەتقىق قىلىپ،بىزدىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئېلىپ چىقتى.لىكىن بىز بولساق،بىر قاچا تاماقنىڭ غېمىدىلا قالغاندەك ئانا تىلىمىزنىڭ قىممىتىدىن،رولىدىن،ئەھمىيىتىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدۇق.بىزدىكى بۇنداق تۇزكۇرلۇق مىللەت تارىخىمىزدا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان،كۆرۈلسىمۇ بۇنداق ئېغىرلىشىپ باقمىغان بولسا كېرەك.پەقەت كۆز ئالدىمىزنىلا كۆرىدىغان پىسخىكىمىز ئۆز ئانىمىزنى ياتلاپ،باشقىلارنىڭ ئانىسىنى ئەزىزىلەيدىغان تەرپكە قاراپ ماڭدۇرۇشقا باشلىدى.مانا مۇشۇنداق ئۆز ئانىسىنىڭ قىممىتى ھەققىدە ئويلانماسلىق ئېسىمگە ئاتا بوۋىلىرىمىزدىن مىراس قالغان"قېيىن ئانىسىنى ھەسەل بىلەن بېقىپ،ئۆز ئانىسىغا زاغرا بىلەن چاي بەرمەك"دېگەن ماقالنى ئېسىمگە كەلتۈردى.قانداق قىلىشىمىز كېرەك،ئۆز ئانىمىزنى قەدىرلەمدۇق؟ئۆز ئانىمىزنى ئاسىرامدۇق؟ئۆز ئانىمىزنىڭ قىممىتىنى تونۇمدۇق؟ئۆز تىلىمىز بىلەن ئېسىل نازۇ-نېممەتلەرنى تېتىمدۇق؟ياكى..............؟
تۆۋەندە مەن ئۆزۈم دەپ بولالمىغان نۇرغۇن دىل بايانلىرىمنى مۇنۇ ھېكمەتلىك سۆزلەرنىڭ بايان قىلىشىغا ھاۋالە قىلماقچىمەن.
تىل ئەقىل-پاراسەتكە تىلماچتۇر،بۇ راۋان تىلنى كىشى قەلبىنى يورۇتقۇچى دەپ بىل.
-يۈسۈپ خاس ھاجىپ
تىل بايلىقى تەپەككۇر بايلىقىدۇ.
ن.م.كارامزىن
تىلنىڭ ساپلىقى،مەنە جەھەتتىكى ئېنىقلىقى،ئۆتكۈرلۈكى ئۈچۈن قىلىنىدىغان كۆرەش،مەدەنىيەت قورالى ئۈچۈن قىلىنغان كۆرەشتۇر.بۇ قۇرال قانچىلىك ئۆتكۈر بولسا،قانچىلىك ئېنىقلىققا ئىگە بولسا،ئۇ شۇنچىلىك يېڭىلمەستۇر.
-م.گوركى
ئەقلى ھايات جەھەتتىن يۈكسەك كامالەتكە ئىگە بولغان ھەر بىر خەلىقنىڭ تىلى،بەزىبىر ئاجىزلىقلىرىغا قارىماي،ئۆتكۈر ۋە باي تىل ھېساپلىنىدۇ.
-چېرنىشىۋىسكى
خەلق تىلى ھەمىشە مىللى روھ بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان بولىدۇ.
-ۋ.گۇمبولدت
تىل مىللەتنىڭ قەلبى،تىل-غايە،تۇيغۇ،تەپەككۇرنىڭ جانلىق مۇجەسسەملىنىشىدۇر.
-تولىستوي
تىل مىللەتنىڭ ئۆتمۈش ئەجداتلىرى ياراتقان مەدەنىيەتنى،ھازىرقى كىشىلىرى يارىتىۋاتقان مەدەنىيەتنى،كەلگۈسى ئەۋلادقا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئۇلۇغ ئۇچۇر قانىلى.
-ئابدۇشۈكۈر موھەممەتئىمىن
مىللىي تىل شۇ مىللەتنىڭ مەنىۋى ۋەتىنى سۈپىتىدە مۇقەددەس.تارىخ تېخى مىللىي تىللاردىن مۇستەسنا بىرەر مەدەنىيەت"ئەلئېھرامى"نى ئۇچىراتقان ئەمەس!مەيلى ئاغزاكى نۇتۇق تىلى،خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ژانىرلىرىنىڭ تىلى،ياكى يازما ئەدەبىيات ۋە شېئېرىيەت تىلى،ھەتتا مۇزىكا تىلى،ئۇسسۇل تىلى بولسۇن،ئۇ ئالدى بىلەن ئۆز مىللىتىگە خاس يېقىملىق ۋە ئىپتىخارلىق.
-ئابدۇشۈكۈر موھەممەتئىمىن
تىلنى بىلمەي تۇرۇپ،ئېلىنى بىلىمەن دېيىش،تىلنى سۆيمەي تۇرۇپ،ئېلىنى سۆيىشنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
-ئابدۇشۈكۈر موھەممەتئىمىن
تىلنىڭ ھاياتى-ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشىدە:ھەر قانداق مىللىي تىلنىڭ ئېغىزدىن قېلىشى،بولۇپمۇ قىزلار ۋە ئانىلار،يىگىتلەر ۋە ئاتىلار ئاغزىدىن قېلىشى؛ئوقۇتقۇچىلىق ۋە يېزىقچىلىقتىن قېلىشى-ئۇنىڭ ئەجىلىدىن ئىبارەت.ھەر قانداق بىر جانلىق شەيئىگە ئوخشاش،ھەركەتتىن توختاش تىلنىڭ ھالاكىتىنى كۆرسىتىدۇ.
- -ئابدۇشۈكۈر موھەممەتئىمىن
تىل-مىللەت تارىخىنىڭ تېغى،مىللى مەدەنىيەتنىڭ راۋان دەرياسى،مىللى تۇرمۇشنى تىنىقى ۋە يىمىرىلمەس سېپىلى.
-ئابدۇشۈكۈر موھەممەتئىمىن
تىل ئەسىرلەر داۋامىدا تىرىك پئالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللەتنىڭ يۈرىكى،قېنى ۋە جېنى.
-ئابدۇشۈكۈر موھەممەتئىمىن
تىل-مىللەتنىڭ ئالدىنقى بوغۇنلىرى تۇپراققا كىرگەندىمۇ،مىللىي مەدەنىيەتنى ئۇنىڭ ۋارىسلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئاساسلىق مىراس.
-ئابدۇشۈكۈر موھەممەتئىمىن
ھەر مىللەت تىلى خۇددى شۇ مىللەت ياشىغان ئانا زىمىندىن ئۆركەشلەپ ئاقىدىغان دەريادەك شۇ مىللەت ھاياتىنىڭ تەبىئىي موھىتى،تارىخى مەنزىرسىنىڭ باي ۋە رەڭگارەڭ"مېنىرال"لىرى بىلەن تويۇنغان بولىدۇ.
-ئابدۇشۈكۈر موھەممەتئىمىن
دېمەك،"ئانا تىلىمنىڭ قىممىتى" دېگەن ماۋزۇ ئاستىدىكى تاقا-تۇققا سۆزلىرىم ئانا تىلىمىزنىڭ قىممىتىنى تونۇتۇشنى مەقسەت قىلىپ دېيىلدى.ئەمىلىيەتتە تىلنى"ئەرزان"ياكى"قىممەت"لىك ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچەىش تامامەن خاتا.لىكىن ھازىرچە مۇۋاپىقراق سۆز تېپىلمىغاچقا،"قىممەت"ى دېگەن بۇ سۆزنى ۋاقىتلىق ئىشلىتىپ تۇردۇم.يۇقىردا نەقىل ئېلىنغان سۆزلەر بىۋاستە تىلىمىزنىڭ قىممىتىنى بىزگە كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ دەپ قارايمەن. شۇنداقلا"ئانا تىلنىڭ ماھىرى،ئۆز ئېلىنىڭ شائىرى"دېگەن ئاتىلار سۆزىنى ھەر ۋاقىت ئېسىمدە چىڭ ساقلاشقا تىرىشىمەن،دوستلار،ئانا تىلىمىزنىڭ باھاسىز گۆھەر ئىكەنلىكىدە شەك يوق.شۇڭىلاشقا ھەممىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزغا قۇتلۇق شەۋقىدەك سۆيۈنىش ۋە ئىتىخارلىنىش پوزىتسىيىسىدە بولىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.ئاخىردا بۇ "ئانا تىل"دېگەن شېئېرنىڭ تۆۋەندىكى مىسىرالىرى ئارقىلىق بۇ يازمىنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.
ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىن قىلغۇم كېلۇر،
ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر،
بۇ ئانا تىل بۇلسا گەر ئامېرىكايۇ، ئافرىقىدا،
سەرپ ئېتىپ مىڭلارچە تىللا،ئاندا مەن بارغۇم كېلۇر،
ئەي ئانا تىل، بىزگە سەن ئۇتكەن ئۇلۇغلاردىن نىشان،
سەن بىلەن روھى زېمىندا ئىپتىخارلانغۇم كېلۇر .
ئىزاھات:
(1)قايىرنى-سۇ لىۋى بىلەن دەريا قېشى ئارلىقىدىكى بوش يەر.
(2)ئالاباغىر-ئالا كۆڭۈل،تۇتۇرۇقسىز
بۇ يازمىنى"خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى"غا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان ھەر بىر قېرىندىشىمنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرىنىڭ يالدامىسى سۈپىتىدە كۆڭۈل ھۇزۇرىغا سۇندۇم.نوقسانلىرى بولسا،تۈزۈت قىلماي كۆرسىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
2009-يىل2-ئاينىڭ18-كۈنى
بۇ ماقالە لوپنۇرى بلوگىغا تەۋە كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز،مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ.
ئەسلى ماقالە ئادرىسى :
http://lopnuri.blogbus.com/logs/35437679.html