ئاغرىيدىكەن يۈرەك مىنىڭمۇ(پىنھانى)
ئاپتۇرى:ئەمەتجان ئاۋۇت پىنھانى
كىكىيۇدا ئۇچۇر يوللىسام،
سىڭلىڭ قىلدى ئاددىلا جاۋاپ.
‹‹كىسەل بولۇپ ياتىدۇ ھەدەم،
قوپالمايدۇ ھالى بەك خاراپ››.
نىمە بولدى ساڭا دىلبىرىم،
كىسەل بولۇپ يېتىۋالغۇدەك.
ياكى مەندىن رەنجىپ قالدىڭمۇ؟،
دەرت-ئەلەمگە پېتىپ قالغۇدەك.
بۇ باشىمە غەم قايغۇ مەندە،
بىتاپلىقىڭ يەتكەندە ماڭا.
يا بولمىسا بىللە تارتقىلى،
نە قىلارمەن جانانىم ساڭا.
تەڭرى سىنى قىلسۇن سالامەت،
رەنجىشىڭگە بولاي مەن شىپاھ،
بۇ سۈيگۈمگە، مۇھەببىتىمگە،
بولسۇن پەقەت تەڭرىلا گۇۋاھ.
تەڭرى سىنى قىلسۇن سالامەت،
ئامان بولسۇن ئالتۇن تىنىڭمۇ.
بىتاپ بولۇپ يېتىپ قالساڭ سەن،
ئاغرىيدىكەن يۈرەك مىنىڭمۇ.
ئاپتۇر:قەشقەر يېڭشەھەر ناھىيەسىنىڭ ھاراپ يېزىسىدىن.
(شەبنەم مۇنبىرىدە يوللىغان ئەسەرلىرىمنىڭ مۇۋاپىق كەلگەنلىرىنى ‹‹شەبنەم ئۈنچىللىرى››ناملىق توپلامغا قاتناشتۇرۇشقا سۇنىمەن)