« 1 2345» Pages: ( 1/9 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 12827 - كۆرۈرمىنى
Be42late
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 53870
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 93
شۆھرەت: 96 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 922 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 610(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-04

 مېنىڭ ھەقىقى سەرگۈزەشتىلىرىم....

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئۇيغۇرئاي تەرپىدىن (2009-02-19)دە نادىرلاندى





  

ھېلىمۇ ئېسىمدە: ئاشۇ مېھرى ئىسسىق سەھرا!
ھېلىمۇ ئېسىمدە:قېندىك قېنىم تۆكۈلگەن ئاشۇ زېمىن، ئاشۇ زېمىندا ئاپىدە بولدۇم، ئاشۇ زېمىندا كۈلدۈم، ئاشۇ زېمىندا يىغلىدىم...
ھېلىمۇ ئېسىمدە: مەكتەپتىكى ھاياتىم، يېزامنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرى.... قوي بېقىش، يانتاق چېپىش، تەك كۆمۈش، قويلارغا ئەلەپ بېرىش دىگەندەك، مەن قىلىپ باقمىغان دېھقانچىلىق ئىشلىرى يوقمىكىن دەپ ئويلايمەن.....
ھېلىمۇ ئىسىمدە: مومام رەھمەتلىك ھايات ۋاقىتلىرىدا، مەكتەپتىن ياخشى نەتىجە ئېلىپ كەلسەم، مەڭزىمدىن سويۇشلىرى.... ھېلىمۇ ئېسىمدە، باشلانغۇچنىڭ 5 جى يىللىقى ئىدى، بۇ ۋاقىتتا مومام ئاللىقاچان ئۇ ئالامگە سەپەر قىلغانىدى، مەن قەبرە بېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا 5 پەندە 100 ، بىر پەندە 95 ئالغانلىقىمنى سۆزلەپ بەرگەنلىرىم....
ھېلىمۇ ئىسىمدە: مومامغا، ئاتامغا ياردەملىشىپ قوي باققانلىرىم...
ھېلىمۇ ئېسىمدە: ئاتامنىڭ «دېھقان بالىسى دېھقان بولىدۇ» سېنى ئۇقۇتمايمەن دىيىشلىرى، بىر قولۇمدا كىتاب، بىر بولۇمدا ئەمگەك قىلغانلىرىم... ئاتام ئوقۇتمايمەن دىسە، ئوقۇتمىساڭ مەيلى، مېنى كىشىلەر بىر ئاددى دېھقاننىڭ بالىسى ئەڭ يوقۇرى نومۇر ئەپتۇ دەپ نامىم چىقسىلا بولدى دەپ ئۆگەنگەنلىرىم..............


مانا ھازىر ئاتام مەندىن پەخىرلىنىدۇ، بۇنىڭدىن 10 يىل مۇقەددەم ئاتام بۇ كۈنلەرنىڭ ماڭا نېسىب بولىدىغانلىقىنى چۈشىدىمۇ ئۇيلاپ باقمىغان بولۇشى مۇنكىن،مەن ھازىر چەت بىر دۆلەتتە ماگىستىرلقنى تاماملىدىم، مۇشۇ دۆلەتتىكى خېلى بىر داڭلىق شىركەتتە ئىجرائىي خادىم بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن... مەن گەپنى 10 يىل ئاۋالقى تۇرمۇشۇمدىن باشلاي:

1999 يىلى ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش ئۈچۈن تىرىشىپ - تىرمىشىپ ئۆگۈنۈش قىلدىم،، لېكىن ئاتامزە مىنىڭ ئوقۇشۇمنى قوللىمايتتى، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرى ئۆگۈنۈش قىلدۇرالماي ئاۋارە، لېكىن ئاتامزە مېنى ئۆگۈنۈش قىلما دەپ ئاۋارە... لېكىن ئوقۇشقا بولغان مۇھەببىتىم بىلەن ھەرگىزمۇ ئوقۇشتىن بوشاپ قالمىدىم، بىر قولۇمدا كىتاب كۆرسەم ، بىر قولۇمدا ئەمگەك قىلىپ دىگۈدەك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانمۇ بېرىپ تۇگەتتىم... ئىمتىھان نەتىجىلىرى چىققاندا، بىر دېھقان ئوغلىنىڭ يوقۇرى نومۇر ئالغانلىق خەۋىرى يۇرتقا بىر كەتتى،،،  تىت -تىت ئىكىدە، چاقىرىق كېلىشىنى كۇتتۇم، كۇتۈلمىگەن يەردىن دالىيەن سۇ مەھسولاتلىرى ئۇنىۋېرسىتىغا قوبۇل قىلىندىم،،، لېكىن بۇ چاقىرىقتىن ئانچە خوشال ئەمەس ئىدىم،،، چۇنكى بۇ مەكتەپنىڭ ئىسمىمۇ غەلىتە ئىدى،كەسپىممۇ ئېنق ئەمەس ئىدى،،، لېكىن ئۇقۇتمايمەن دەۋاتقان ئاتام مەندىن بۇرۇن نوۇسلىرىمنى سۆكۈپ تەييار قىلىپ بولدى،... شۇنىڭ بىلەن2 يىللىق تەييارلىق مۇناسىۋىتى بىلەن خېخەي ئۇنىۋېرسىتى ئۇرۇمچى تىل تەربىلەش مەركىزىگە كەلدىم،،،شۇنىڭدىن ئىتىبارەن مېنىڭ ئالى مەكتەپ ھاياتىم باشلاندى...

يېزىدا چوڭ بولغانلىقىم ئۈچۈن، خەنزوچە سەۋىيەم ياخشى ئەمەس ئىدى... سىنىپتا ئەڭ ناچىرى دىسەممۇ بولىدۇ،،، لېكىن ماڭا نىسبەتەن چېكىنىش يولى يوق ئىدى،،، ئاشۇ سەھرادىكى ئاتا-ئانامنىڭ ئۇمۇدىنى ئاقلىشىم كېرەكتە،،، ئۇلارغا ياخشى جاۋاب قايتۇرۇشۇم كېرەكتە،،،،، بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان ئوڭۇشسىزلىقلارغا يولۇقتۇم،، ھەتتا بەزى مۇئەللىملىرىم سەن مۇنداق كىتىيۋەرسەڭ، سەندە ئۇمۈد يوق دەۋەتتى،،،،،،،، لېكىن ئۆزەمنىڭ ياخشى نەتىجە يارىتالايدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتم، 2 مەۋسۇمدە تەبئىي پەنلەر قېتىلدى،،  يىل ئاخىرىدا 3 ياخشى ئۇقۇغۇچى بولۇپ سايلاندىم... بەزى مۇئەللىملەر ئىشەنمەيلا قالدى،،،،،2 يىل تىرىشىش ئارقىلىق خەنزوچە سەۋىيە ئىمتىھانىدىن لايەقەتلىك ھالدا ئۆتتۇم... مۇنەۋەر تەييارلىق سىنىپ ئۇقۇغۇچىسى بولۇپ باھالىنىپ،يىمەكلىك ئىلمى ۋە  تەتقىقاتى كەسپىنى تاللاپ، 2 يىللىق ئوقۇشنى تاماملىدىم،،،،

ئىقتىسادى مەسلىلىسىمۇ بىر مەسىلە ئىدى ئەلۋەتتە،،،، بۇ جەرياندابوش ۋاقىتلىرىمدا لۇغەت سېتىپ ئۆز تۇرمۇشۇمنى بەلگىلىك دەرىجىدە قامدىدىم،،(ئەمىلىيەتتە ئاتاممۇ مېنى ئوقۇتالايتتى،لېكىن ئۆزەمگە تايىنىمەن دەيدىغان روھ بار ئىدى) ، ھېلىمۇ ئىسىمدە، 2000 يىلى مايلىق بايرام،،،،، بۇ بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۈرۈمچىلىك ساۋاقدىشىم بىلەن بىرلىشىپ چىلان سودىسى قىلدۇق... ئۇ ساۋاقدىشىم پۇلى يوقلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزىگە تايىنىش روھىنىڭ يوقۇرلىقىدىن بۇ سودىنى مەن بىلەن قىلدى،،، 7 كۈن ئىچىدىلا خېلى پۇل تېپىۋالدۇق..... شۇنداق قىلىپ 2 يىللىق تەييارلىق سىنىپ ھاياتى ئاخىرلاشتى،،،



2001 يىلى 11 سىتەبىر ۋەقەسىنىڭ ئىككىنجى كۈنى بىز بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر بالىلىرى بىز تەشنا بولغان دالىيەن شەھرىگە يېتىپ كەلدۇق،، پاكىزە، ئازادا بولغان دالىيەن شەھىرى بىزنى كۈتىۋالدى،، شۇنىڭدىن ئىتىبارەن مېنىڭ ئىچكىرىدىكى ئوقۇش ھاياتىم باشلاندى،، مېنى بۇرۇنكىدىنمۇ جىق سىناقلار كۈتمەكتە ئىدى،، بۇرۇنقىدىممۇ جىق بەدەللەر تۆلىشىم كېرەك ئىدى، 60 نەچچە ئۇقۇغۇچى ئىچىدە پەقەت 5 مىزلا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىدۇق...قالغىنى خەنزو ئۇقۇغۇچىلار ئىدى،،  خەنزوتىلى بۇلارنىڭ ئانا تىلى بولسا، مەندەك مىللى يېزىقتا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىنىڭ 2 جى تىلى ئىدى،،،
لېكىن ئاشۇ سەھرادىكى ئاتا-ئانام مەندىن نىمىلەرنى كۈتمەكتە؟ ئاشۇ يۇرتداشلىرىم مېنىڭدىن نىمىلەرنى كۈتمەكتە؟ خەنزو ئوقۇغۇچىلاردا بار بولغان 2 كۆز مەندە بار، 2 قۇلاق مەندە بار، ئېغىز مەندە بار،،، ئاللا ماڭا بەرگەن كاللا بار،، دىگەن سۇئاللارنى ئۆزەمگە قويدۇم..... شۇنىڭ بىلەن بەلنى باغلاپ تىرىشىپ ئۆگەندىم،،،،،،،،،

بەلنى قويۇۋېتىشنى ئۆزەمگە نومۇس دەپ ھىسابلىدىم،،،،، كۈنلەر شۇنداق تىز ئۆتمەكتە،،، ئۆگىنىش داۋاملاشماقتا ئىدى... بىزدىن ئالىي ماتىماتىكا چارەكلىك ئىمتىھانى ئېلىندى،، ئۆزەممۇ ئىشەنمەيلا قالدىم،، سىنىپتا ئارانلا 5 بالا ئۆتكەنىدى،، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەنمۇ بار ئىدىم،،ئوقۇتقۇچۇم مەندىن ئاتاڭ بىلەن ئاناڭ ئىككىسىلا ئۇيغۇرمۇ دەپ سورىدى،،، ئۇ بەلكىم مېنى ئارلاشما قان دەپ ئويلاپ قالغان چېغى،،، مەن ئەلۋەتتە مېنىڭ ئاتا-ئانام ئۇيغۇر، ئۇلار شىنجاڭدا دەپ جاۋاب بەردىم،،،، شۇنىڭ بىلەن مەندىكى ئىشەنچ، مەندىكى روھ تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى،،، مەن ئۇيغۇلارنىڭ دۆت ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، تېخىمۇ قايناق ئۆگىنىش باسقۇچىغا كىرىپ كەتتىم....
بىز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئىتبار قىلىپ، 20 نومۇر قېتىپ بېرەتتى،، لېكىن مەن بۇنى بىزگە قىلىنغان ھاقارەت دەپ چۇشىنەتتىم..

بىرىنچى مەۋسۇم ئاخىرلاشتى،،،ھەممە پەنلەردىن 20 نومۇر قېتىپ بەرمىسىمۇ لايەقەتلىك ھالدا ئۆتتۈم.... ھەمدە ئومومى نومۇردا بىرىنچىلىكنى ئالدىم،،،،فاكولتىتتا خېلى نامىم چىقىپ قالدى.....

مەن ئۇقۇۋاتقان يەر شەرقتە، يۇرتۇم غەربتە بولغاچ، قىشلىق تەتىلدە ئۆيگە قايتمىدىم،،، بۇ چاغدا چاغانغا بىر ھەپتە قالغانىدى.. كورلىلىق ساۋاقدىشىم بىلەن بىرلىشىپ قۇرۇق ئۈزۈم سېتىش قارارىغا كەلدۇق،، شۇنداق قىلىپ 1 ھەپتە قۇرۇق ئۈزۈم ساتتۇق،، مەن جىق ساتتىم، سەن ئاز ساتتىڭ دىمەي، ھەممە پۇللارنى توپلاپ، ئانا پۇلىنى بېرىۋەتكەندىن كېيىن، قولىمىزدا 3000 يۈەن قالغانىدى،،،، بۇ پۇلنى 1500 يۈەندىن بۆلۈشتۇق.... 1 ھەپتە ئىچىدە 1500 يۇەن پۇل تېپىش خېلى خوشاللىنارلىق ئىش ئىدى.... قالغان ۋاقىتتا ئارام ئېلىپ بۇ قىشلىق تەتىلمۇ ئاياقلاشتى،،،،

يەنە ئۆگىنىش باشلىنىپ كەتتى،،، لېكىن قەتئىي بوشاشمىدىم.. 2 مەۋسۇممۇ تۈگىدى،، دىگىنىمنى قىلالىدىم،، ئاتاممۇ ئىشەنمەيلا قالدى،،، بىر يىللىق نەتىجەم ھەممىنىڭ ئالدىدا چىققانىدى،،،، شۇنىڭ بىلەن دۆلەت  1- دەرىجىلىك ئۇقۇش مۇكاپات پۇلىغا، مەكتەپ  1-دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتىم... بۇ پۇللار مېنىڭ چىقىمىلىرىمغا يىتەتتى،،، ئانا تىلىم خەنزو تىلى ئەمەس تۇرۇپ، ئانا تىلى ئارقىلىق ئوقۇۋاتقانلار بىلەن رېقابەتلىشىش مەن ئۇچۈن ئاسانغا چۈشمىدى ئەلۋەتتە.... مېنىڭ بۇ نەتىجەم مەكتپكىلا ئەمەس، مەن تۇغۇلغان كىچىك سەھراغىمۇ پۇر كەتتى...

شۇنداق قىلىپ مەندىكى ئىقتىسادى بېسىم يوقالدى.... پۇتۇن زېھنىمنى ئوقۇشقا قاراتتىم.... بۇ يەردە قالغان يىللىقلىرىمنى تەپسلى سۆزلەپ ئولتۇرماي،،، بۇ جەرياندا ئېرىشكەن نەتىجىلىرىم:
ئۇدا 4 يىل مەكتەپ بىرىنجى دەرىجىلىك مۇكەپاتى،
دولەت 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتى،
جوڭلىيەن يىمەكلىك شىركىتى مۇكاپاتى،
ئۆمۈر سۇغىرتىسى 1 -دەرىجىلىك مۇكاپاتى،
3تە ياخشى ئۇقۇغۇچى،
تەتىلىدىكى ئىلغار شەخىس،
مۇنەۋەر مەكتەپ كادىرى،
فاكولتىت دەرىجىلىك مۇنەۋەر ئوقۇغۇچى،
دالىيەن شەھەرلىك مۇنەۋەر مەكتەپ پۇتتۈرگۈچى بولۇپ ئالى مەكتەپ ھاياتىمنى تاماملىدىم... بۇ جەرياندا سىنىپنىڭ تەنتەربىيە ھەيىتى خىزمىتىنى ئىشلىدىم... 2 قېتىم خەلىقئارالىق مارازون ئۇزۇنغا يۇگۈرەش مۇسابىقىلىرىگە قاتناشتىم....
شۇنداقلا مەكتەپ رەھبەلىكىدىنمۇ مەمنۇن بولدۇم،، مېنى شىنجاڭلىق دىمەي، نەتىجەمگە يارىشا ئىلىشقا تىگىشلىك مۇكاپاتنىڭ ھەممىسىنى بەردى....

يەنە بىر ئېغىزغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى:
مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىدا پاراكتىكا قىلىشقا توغرا كەلدى،، مەكتەپ ئويۇشتۇرغان خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتىم،، بىر قانچە شىركەتلەر ئىشلەشكە تەكلىپ قىلدى،،، ئاخىرى بىر تەيۋەنلىكنىڭ شىركىتىدە ئىشلەش قارارىغا كەلدىم.. ئۇلارنىڭ پاراكتىكا پۇلى ئارانلا 500 يۈەن ئىدى،،، لېكىن تەيۋەنلىك باشلىقىم ماڭا 900 يۈەن بېرىدىغانلىقىنى، ھەتتا تەكلىپىم بويىچە تاماق ئېتىپ يەيدىغان ئاشخانىمۇ ئاجرىتىپ بەردى،، شۇنداق قىلىپ باشقا خەنزو بالىلار 500 يۈەن ئالسا، مەن 900 يۈەن ئېلىپ ئىشلىدىم... بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە پۇل ئەمەس ئىدى... بۇ مېنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتىم ئىدى..ھېلىمۇ ياخشى تاماق قىلىشنى ئۆگىنىۋاپتىكەنمەن، 3 ئاي تاماق قىلىپ يىدىم. لېكىن مەكتەپ پۇتكەندە بۇ شىركەتتە ئىشلىگۈم كەلمەي قالدى،،، چۈنكى ئىمانىم كۆتەرمەيدىغان، بەزىدە ھارام نەرسىلەرنى ئىشلىتىدىغان بۇ شىركەتتىن ئايرىلىش قارارىغا كەلدىم...... لېكىن بۇ باشلىقىم ماڭا قاچان قايتىپ بارسام ئالىدىغان قىلىپ خىزمەت توختامى بەردى،،،،

بۇرۇن مىللى يېزىقتا ئۇقۇغانلىقىم ئۈچۈن، ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىپ باقمىغان ئىدىم... تەييارلىقتا خەنزوچە ئۆگىنىش بىلەن ئاۋارە بولۇپ، نەدىكى ۋاقىت ئىگىلىز تىلىغا،،،،،، شۇ دالىيەنگە كەلگەندىن كېيىن ئىنگىلىز تىلىنى بوشاشماي ئۆگەندىم، مەلۇم دەرىجىدە ئىنگىلىز تىلى ئاساسىمنى تىكلىدىم....

شۇنىڭ بىلەن 4 يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتى تاماملاندى،،، ئاتا-ئانامغا تايانماي ئوقۇپ كېتەلىگەنلىكىم ئۇچۇن ئوزەمنى بەخىتلىك ھىس قىلدىم.... ئەمدى قانداق بىر قىسمەتلەر مېنى كۈتۈپ تۇرار؟ نەدىن خىزمەت تاپارمەن دىگەن ئوي بىلەن باشقا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوخشاشلا خىزمەت ئىزدەش ئىستىكىگە پاتتىم.... تەتىلدە ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.. مەمورىلىققا ئىمتىغان بېرىش ئويۇم بولسىمۇ، لېكىن بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ خىيالىمدىن ۋاز كەچتم...... پۇللۇق خىزمەت تېپىش ئويى بىلەن ئۆيدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ، شېنجىنغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم.....

لېكىن بەزى ئادەملەر بىر كىشىنىڭ پۇتۇن ھاياتىنى ئۆزگەرتىۋىتىشكە سەۋەب بولىدىكەن، مەن بىر ئۇيغۇر ئاكاش بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم،، ئۇ نەتىجىلىرىمنى كۆرگەندىن كېيىن، مېنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرەلەيدىغانلىقىمنى كۆردى بولغاي، ماڭا يەنە داۋاملىق ئوقۇش تەكلىپىنى بەردى،،، لېكىن ۋەتەندە ئەمەس، چەتئەلدە،،، ( ھېلىمۇ ياخشى ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا پاسپورت ئېلىپ قويۇپتىكەندۇكمەن).... ئۇ ئاكاش ماڭا بىرەر دۆلەتكە ئىلتىماس قىلىپ قويۇپ ۋاقتىنچە ئىشلەپ تۇرۇشۇمنى ئېيتتى،،،، شۇنىڭ بىلەن تور بەت ئاختۇتۇپ مالايسىيا دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىقىغا ئىلتىماس قىلدىم... شۇنىڭ بىلەن بىرگە شېنجېندا ۋاقىلىق خىزمەت تېپىپ ئىشلەپ يۇردۇم،،، 3 ئاي بولغاندا ئۇ مەكتەپنىڭ رەت قىلىۋەتكەن ئۇختۇرىشىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم... سەۋەبى مېنىڭ ياسى نەتىجەم يوق ئىدى،،، ماڭا بۇ زەربە تۇيۇلدى،،، ئاشۇ ۋاقىتتىكى ئىنگىلىز تىلى سەۋىيەم بىلەن ياسى بېرىش مۇنكىن ئەمەس ئىدى.... قانداق قىلىشىم كېرەك؟؟؟ ئاشۇ يەردە ئنگىلىز تىلى ئوقۇپ تۇرۇپ، ئاندىن ماگىستىرلىققا ئىلتىماس قېلىش تەكلىپى بېرىلدى،،، شۇنداق قىلىپ مالايسىيادىكى ئۆزۇممۇ تونۇمايدىغان بىر ئادەمگە 3000 يۈەن ئەۋەتىپ بېرىپ ، بىرەر تىل مەكتىپىنىڭ ۋىزىسىنى ئەۋەتىپ بېرىشىنى ئۆتۈندۇم.... شۇنداق قىلىپ بارلىق ماتىرياللىرىمنى ئەۋەتىپ بەردىم،، لېكىن ئۇنى بۇنى دەپ 3 ئاي كەينىگە سۈرىۋەتتى... بۇ جەرياندا چالا - پۇچۇق تەرجىمانلىق قىلىپ يۇردۇم... 3-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا مەن كۈتىۋاتقان بۇ نەرسە - ۋىزا كەلدى،،،، ئامەت كەلسە قوش كەپتۇ دىگەندەك بىر ئەرەبكە تەرجىمانلىق قىلىپ بەرسەم 1000 دوللار بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى،،،، لېكىن مەن ۋىزىنى 6 ئايدىن كۆپرەك ساقلىدىم، پۇل دىگەننى يەنە تېپىۋالغىلى بولىدۇ دەپ مالايسىياغا ئوقۇشقا مېڭىشقا تەييارلىق قىلدىم، يۇرتقمۇ قايتىشقا پۇرسەت بولمىدى،، ئاتام ئايرۇپىلان پۇلىنى بولسىمۇ ئەۋەتىپ بېرەي دەپ ئەۋەتىپ بەردى،،،، شۇنداق قىلىپ ئاتا-ئانامدىن، ئۇرۇق - تۇققانلىرىمدىن ئايرىلىپ 2006-يىلى 3 -ئاينىڭ 21 -كۈنى مۇساپىرلىق ھاياتىنى باشلىدىم.....

ئاسمىنىدىن رەڭلىڭ قار ياغامدىكىن، كوچىلىرى ئالتۇن بىلەن بېزەلگەنمىكىن، ئاجايىپ - غارابىياتلارنى ئويلاپ ئاشۇ كۈنى كېچىدە مالايسىيا زېمىنىغا دەسسىدىم.....ھېلىقى چاقىرىق ئەۋەتىپ بەرگەن ئاكاش مېنى كۈتىۋالدى،، ئۇنىڭدىن باشقا ھىچكىمنى تونۇمايتتىم....  

ئوخشاش ئادەملەر. ئوخشاش كوچىلار. ئوخشاش بىنالار، ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان دەل- دەرخلار،،،،، پەقەت ئوخشىمايدىغىنى ياغلىق چەككەن مۇسۇلمانلار كوپرەپ ئۇچرايتتى....

بۇ ئاكاش ماشىنىسىنى ھەيدەپ نەلەرگە ئاپاردىكىن، بىر بىنانىڭ ئالدىدا توختاتتى،، ئۇكام، كەلدۇق، مۇشۇ بىنادىن ئۆي تاپتىم.. دىگىنى مېنى خىيالدىن ئويغاتتى...... چامدانلىرىنى كۆتۈرۇپ بۇ ئاكاش تاپقان ئۆيگە كەلدىم... ئىشىك ئېچىلدى، ھەيران قالدىم، بىر توپ پاكىستالىق، باڭگىلاداشلىق بالىلار ئاشۇ كارىدوردىلا ياتاتتى.. ( مالايسىيا بىنالىرىنىڭ كارىدورى چوڭراق، ئۆيلىرى كىچىكرەك كېلىدۇ) ..... ئارىدىن بىر بالا مېنى مۇشۇ ئۆيدە تۇرىسەن دەپ كۆرسەتتى،،،، لېكىن مېنىڭ بۇ جىق ئادەملەر ئارىسىدا تۇرۇش مۇنكىن ئەمەستە......
مەن بۇ ئۆيدە تۇرمايدىغانلىقىمنى دېدىم... ئۇنىڭ ئۆي تېپىش تەس دىگىنىگە ئۇنىماي، ئەتىسى ئەتتىگەندە بۇ ئۆيدىن ئايرىلدۇق....مەكتەپكە كىرمەي تۇرۇپلا مەكتەپ ئەتىراپىدىن ئۆي ئىزلىدۇق... مەن بىر گۇللۈك دەرخنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، مۇشۇ جايدىن چىقىپ قالسا بەك ياخشى بولاتتى دىسەم، ئۇ ئاكاش مۇنكىن ئەمەس، دەپلا كېسىپ ئېيتىۋەتتى... خېلى ئۇزاق ئىزدۇدۇق... بىر ياخشى نىيەتلىك ئادەم (7/11) دەيدىغان دۇكانغا كىرسەڭلار ئۇ يەردە ئۆينىڭ ئېلانلىرى بار دەپ ئېيتىپ بەردى،،، شۇنىڭ بىلەن بىر ئىلان تاختىسىدىكى نومۇرغا تىلفۇن بەردۇق،،، ئۇ ئاشۇ دۇكاندا ساقلاپ تۇرۇشىمىزنى، بىردەمدىن كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى،،، بىر دەمدىن كېيىن بىر مالايسىيالىق خەنزو ئالدىمىزدا پەيدا بولدى ۋە ئۆيىگە باشلاپ ئاپاردى،، بۇ ئۇي دەل مەن ئۇيلاۋاتقان گۈللۈك دەرخنىڭ قېشىدا ئىدى،،،،،، ئېيىغا 300 رىڭگىت (600 خەلىق پۇلى ئەتىراپىدا) بېرىدىغان بولۇپ بۇ ئۆيگە كۆچۈپ كىردىم......
ئۆيگە ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن مېنى مەكتەپكە باشلاپ ئاپاردى،،، بۇ سېنىڭ مەكتىپىڭ دېدى...... نىمە؟ كۆزۇمگە ئىشەنمەيلا قالدىم... ئالداندىممۇ نىمە ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ئالدىمدا پەقەت بىرلا بىنا،، ئاستىنقى قەۋىتى تاللا بازىرى ئىدى... پەقەت 2-3 قەۋەتلا ئوقۇتۇش رايونى ئىدى... تەسەۋۇرۇمدىكى مەكتەپ بىلەن ئاسمان-زېمىن پەرقلىنەتتى.... ئۇ ئاكاش مېنى مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپلا، كېتىپ قالدى..( خەقنىڭ يامان گېپىنى قىلغۇم يوق).... بۇنى بىر مەكتەپ دەپ ئىقرار قىلغۇم كەلمەيتتى،،، پەقەت بىر تۆۋەن دەرىجىدىكى تىل تەربىلەش مەركىزى ئىدى.... ئۇرۇمچىدىكى تىل تەربىلەش مەركەزلىرى بۇنىڭدىن كۆپ ياخشى،،،،، ئامال قانچە چىداش كېرەك،،،،،،،، بىر قانچە كۈنلەر تىت-تىت بولۇپ ئۆتتۈم... مەن تاماق يىيىش ئۈچۈن ھىندىيانلارنىڭ (ئەلۋەتتە مۇسۇلمانچە) ئاشخانىسىغا كىردىم،،، بىر ۋاق تامىقىم 30 يۈەن ئەتىراپىدا چىقىپ كەتتى..... بۇ ئىش بولمىدى دەپ، باشقىلاردىن سوراپ يۈرۈپ، ئاشخانا سايمانلىرى ساتىدىغان دۇكانغا بېرىپ كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋالدىم... ئاللاغا شۈكرى، تاماق ئېتىشنى خېلى ياخشى بىلىدىكەنمەن،،،، تاماق ئېتىشنى باشلىۋەتتىم،،،،،

لېكىن چىۋىن يەۋەلغاندەك بولۇپ، بۇ مەكتەپتىن رازى ئەمەس ئىدىم..... ئوقۇش پۇللىرىنى تۆلەپ بولدۇم ئەمەسمۇ،،، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋىزا ئالماشتۇرۇشمۇ ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى... سەبىر، سەبىر قىلىش كېرەك........ بىر كۈنى بىر قانچە ئۆزبەك بالىلارنى ئۇچراتتىم... ئۇلاردىن بىر ئۇيغۇر(ھەي، ئۇيغۇر دەپ سوقىدىغان يۈرەك)  بالىنىڭ تىلفۇن نومۇرىنى بىلىشكە مۇيەسسەر بولدۇم... ئۇ بالىغا تىلفۇن بەرسەم، قوش مۇنارغا كېلىشىمنى ئېيتتى،،، مەن ئۇ يەرگە بېرىپ ئۇ بالا بىلەن كۆرۈشتۈم، راستىنى دىسەم ئۇ بىناغا تۇنجى قېتىم بېرىشىم ئىدى... ئۇ بالا مېنى بىر قانچە مەكتەپلەرگە ئېلىپ كىردى،،، ئۇ مەكتەپلارمۇ ئوخشاشلا (British Counsel, ELS) كىچىك بىنالاردىلا ئىدى،،، مەن تېخى مېنىڭ مەكتىپىملا شۇنداق ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن..

كۆڭلۈم بىر ئاز ئارەم تاپتى.... ئەسلىدە ھەممە تىل تەربىلەش مەركەزلىرى كىچىكلا بىنالار ئىكەن ئەمەسمۇ؟؟؟

يەنە بىر ئىش مېنىڭ كۆڭلۈمنى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلدى،، بىر كۈنى دەرستىن چۈشۈپ قايتىۋېتىپ، بىر ۋېۋىسكىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى،،، Cosmopoint College دەپ يېزىغان ئىدى... بۇ مەكتەپنى ئاڭلىغاندەكلا،،،، توختاپ تۇر،، كىرىپ باقاي ، ئۇيغۇر بالىلار بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ بۇ مەكتەپكە كىردىم،، بىر ئوقۇتقۇچىدىن سوراپ يۈرۈپ بۇ مەكتەپنىڭ 5-قەۋىتىگە چىقىپ ئىنگىلىز تىلى ئوقۇۋاتقان سىنىپنىڭ ئالدىغا كەلدىم... راس دىگەندەك 2 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بۇ سىنىپتا ئولتۇراتتى،،، بىرى مېنى كۆرۈپ سىرتىغا چىقتى،، مەن ئۇ بالىنىڭ خوتەنلىك ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇم.. لېكىن بىر ئاز ئۆزلىرىنى قاچۇرغاندەك قىلدى،،، لېكىن تىلفۇن نومۇرلىرىمىزنى يېزىشىۋېلىپ خوشلاشتۇق....

بىر قانچە كۈندىن كېيىن بۇ بالا ماڭا تىلفۇن قىلدى،، ( كېيىن دەپ بېرىشىچە مېنى تونۇيدىغان بىر ئاكاش،، شېنجىندا كۆرۈشكەن،، مېنىڭ ياخشى گېپىمنى قىلىپ بېرىپتۇ)... مەن ئاشۇ ئەتراپتىن ئۆي ئىزدەيتتىم دېدى،،، لېكىن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندە قىلغان ئازراق ھۆرمەتسىزلىكىدىن خىجىل بولدى بولغاي،، سېنىڭ بىلەن بىللە تۇرسام دىيەلمىدى،،، مەن بىۋاستىلا مېنىڭ ئۆيۈممۇ خېلى چوڭ،، مەن بىلەن بىللە تۇرغىن دىسەم، ئەتىسىلا كۆچۈپ كەلدى،،،

مەن ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۇپ چىققانلىقىم ئۈچۈن خېلى جىق ئىشلارنى كۆرگەندە،،،،، بۇ بالىغا باشقا بالدۇر چىققان بالىلار جىق پۇل خەجلەتكۈزۈپتۇ،،،، بىلىپ بىلمەي بىر مۇنچە پۇللىرى ئازراق ۋاقىتتىلا خەجلىنىپ بوپتۇ...

ئىككىمىز تەڭ تاماق ئېتىپ يىدۇق، تەڭ تەكرار قىلدۇردۇم.. ئەتىسى ئەتتىگەن نامازدىن كېيىن بىللە ئىنگىلىز تىلى يادلىدۇق،،
لېكىن بۇ كۈنلەرمۇ ئۇزاققا بارمىدى....


تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com001
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-02-19, 02:50

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ياخشى باھا:+5(ئۈمۈد007) ئىجادىي ئەسە ..
  • ياخشى باھا:+5(suzuk881) بەك ياخشى يې ..
  • تۆھپە:+10(koxuk) نادىر ئەسەر
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-19 08:25 |
    ئىزنا سودا بازىسى
    tograh0997
    يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


    UID نۇمۇرى : 38094
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 7040
    شۆھرەت: 7267 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 80 سوم
    تۆھپە: 117 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 291 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1580(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-04

     

    بۇ يەردىكى ئېنگىلىسچە گەپنى تازا چۈشىنەلمىدىم

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    ./read.php?tid-62328.html
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 11:15 |
    nigara616
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 9683
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1540
    شۆھرەت: 1540 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 15237 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1227(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-04

     

    چۇقۇم ئاخىرى بارغۇ دەيمەن ،،
    راس گەپنى قىلسام ، مىنىڭ سىزنى شۇنداق كۈرۈپ باققۇم كىلىۋاتىدۇ ،،         

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق ، كۈلەي دەپمۇ كۈلەلمەيمەن ،،،،،،،،،
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 12:39 |
    aspiranit
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 42397
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 133
    شۆھرەت: 134 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1329 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 977(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-04

     

    ھەقىقەتەن تىرىشچانكەنسىز،ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئوڭوشلۇق قىلغاي!غەلبە تىرىشچانلارغا مەنسۈپ!ھەرگىز بەل قويۇۋەتمەڭ،كېيېن چوقۇم ھالاۋىتىنى كۆرىسىز.

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 12:42 |
    tamqa1129
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 56209
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 306
    شۆھرەت: 307 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3005 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 430(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-04

     

    ئەمدىكى ئىش ئاخىرىنى ساقلاش ............

    روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 12:53 |
    25NASEYME
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 70980
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 236
    شۆھرەت: 236 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2360 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 419(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-26

     

    بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورى قۇمۇلدىنمىدۇ؟مىنىڭ بىر قۇمۇللۇق دوستۇممۇ شۇ مەكتەپتە ئوقىغان ئىدى <دالىيەندىكى سۇ مەھسۇلاتلىرى ئونۋىرسىتىتى> ھازىر شۇ دوستۇم بىلەن بولغان ئالا قەم ئۈزۇلۇپ قالغان ئىدى .ئۇمۇ 2000يىلى بارغان .يۇقاردا ئېيتىلغان كەسىپمۇ ئوخشايدىكەن.     

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 13:59 |
    xehla
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 58624
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 553
    شۆھرەت: 554 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 5530 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 566(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-04

     

    سىزنىڭ جاسارىتىڭىزگە ئاپىرىن ئېيتماي تورالمىدىم، ئەمدىكى گەپ سىزنىڭ سەرگۈزەشتىڭىزنىڭ ئاخىرى قانداق بولار، مەن ھازىر مۇشۇنىڭغا شۇنچىلىك قىزىقىۋاتىمەن. داۋامىنى ۋاقتىدا يوللارسىز...............

    ئەخلاق ئادەم زىننىتى
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 14:26 |
    ئۇيغۇرئاي
    ۋەتـىنىمنى ســېـغىندىم
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە رەسىم يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 22655
    نادىر تېما : 10
    يازما سانى : 3126
    شۆھرەت: 3369 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 31600 سوم
    تۆھپە: 784 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 548 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 750(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-06

     

    تىرىشقان تاغ ئاشار دىگەن گەپ بار

    داۋامىنى كۈتىمەن

    ئوقۇشتىن ئويۇننى ئەۋزەل دەپ يۈرگەنلەرگە ئىبرەت بولسا ئەجەپ ئەمەس

    شىنجاڭ تور مەكتىپى


    ھەسرەت چىكىۋاتقان ۋاقتىڭىزدىمۇ قاپاق تۈرمەڭ. چۈنكى، سىز كۈلۈمسىرىشىڭىزگە كىمنىڭ ئامراقلىقىنى بىلمەيسىز
    بەزى ئادەملەر بىر قاپاق سۈينىڭ تۆكۈلگىنىگە زارلانمايدۇ، ئەكسىچە بەزى ئادەملەر بىر تامچە سۈيى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئاھ ئۇرىدۇ

    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 14:36 |
    Be42late
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 53870
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 93
    شۆھرەت: 96 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 922 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 610(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-04

     

      

    ئۆي ئىگىسى تاماق ئەتمەيسەن ئۆيدە دەپ تۇرىۋالدى،،، لېكىن مەن بۇ شەرتكە قوشۇلالمايتتىم، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۆيدىن ئايرىلىشقا توغرا كەلدى... راستىنى ئېيتسام، ئۇيغۇر بالىلار بىلەن تۇرىيۋەرسەم، ئىگىلىز تىلى سەۋىيەمنىڭ تىز ئۆسمەيدىغانلىقىدىنمۇ ئەنسىرىدىم..

    يەنە ئۆي ئىزدەپ، 50 ياشلاردىن ھالقىغان بىر ئىرانلىق بىلەن تۇرۇشقا توغرا كەلدى ، بۇ ئادەم ئىنگىلىز تىلى ئەدىبىياتى ئوقۇغان، ئىنگىلىز تىلى سەۋىيەسى يوقۇرى ئادەم ئىكەن... بىر نەچچە ھەپتىلەر ئۆتتى... ئۆگىنىشىم ئىلگىرى باسمايۋاتقاندەك بىلىنىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۆيۈمنىڭ ئايلىق ئىجارىسىمۇ خېلى قىممەت ئىدى.. يانچۇق يۇپقىراشقا باشلىدى......

    مەن چوقۇم 6 ئاي ئىچىدە ياسىدىن 6 نومۇر ئېلىپ قىسقا مۇددەت ئىچىدە بىرەر نۇقتىلىق ئالى مەكتەپكە كىرىش ئىدى.... مەن چوقۇم تىزلىكتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىم، يانچۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىم كېرەك ئىدى.....

    بۇ ئىرانلىقمۇ دائىم ئۆگىنىش قىلىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ، بۇنداق ئۆگىنىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، چوقۇم جەمىيەتتىنمۇ مۇۋاپىق ئۆگىنىشىن كېرەكلىكىنى دەپ تولا ئىچىمنى پۇشۇرۋەتتى... ھەمدە مېنىڭ ئەھۋالىمنى ياخشى بىلگەچكە خىزمەت تېپىپ ئىشلىگىن دەپ تۇرۇۋالدى،،، كەلگىلى 1 ئاي بولا بولمايلا، نەدىن خىزمەت تاپارمەن؟؟؟ ماڭا ئۆگىنىشمۇ مۇھىم ھەمدە يانچۇقمۇ مۇھىم ئىدى.... ھەي تۇرمۇش،،،،،، مېنى نەلەرگە تاشلارسەن؟؟؟؟؟

    مەن ئۇينىڭ يېنىدىكى بىر مېھمانخانىغا كىرىپ سوراپ باقماقچى بولدۇم،،، قىزىق يىرى مېھمانخانىڭ خىزمەت سورايدىغان يېرىگە باردىم دەپ، خەلىقئارا سودا ئالماشتۇرۇش مەركىزىگە بېرىپ قاپتىمەن...قاراۋۇل ماڭا بىر تىلفۇن نومۇرىنى بەردى،،، دەرھاللا تىلفۇن قىلدىم... ناھايىتى تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن خەنزوچە، ئىنگىلىزچە، ئۆزبەكچە، ( ئۇيغۇرچە دىسەم ئۇلار قانداق تىل ئىكەنلىكى چۈشەنمەيتتى)، ئازراق تۈركچە بىلىدىغانلىقىمنى پەش قىلدىم... بۇ مېنىڭ مالايسىيادىكى تۇنجى قېتىم خىزمەت ئىزدىشىم بولغاچقا، نىمە دىيىشىمنىمۇ بىلمەي قالدىم،، لېكىن بۇ ئاقكۆڭۈل ئادەم جىق گەپ قىلمايلا، جۈمە كۈنى كېلىشىمنى ئېيتتى... ئاللاغا شۈكرى........

    لېكىن يەنىمۇ ئىزدەپ بېقىش ئويىغا كېلىپ، باشقا يەرلەردىن ئىزدەپ باقسام، چەتئەللىكلەرنى ئالمايمىز دەپ تۇرىۋالدى...... خەپ جۈمە كۈنىمۇ كېلەر؟؟؟ مېنى ئالارمۇ دىگەن خىياللار ئىچىدە جۈمەنى كۈتىۋالدىم.... جۈمەدىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا باردىم... پاكارلا، چىرايىدىن مۇلايىملىقى چىقىپ تۇرىدىغان بىر ئادەم ئىدى... ئۇ ماڭا جەدۋەل توشقۇزۇشۇمنى ئېيتتى،،، مەن نىمە خىزمەت دەپ ئۇلتۇرمايلا بىردەمدە تۇشقۇزۇپ بولدۇم،،، سائەتىگە جوڭگو پۇلىدا 10 يۇەن بېرىدىغانلىقىنى، ئىشنىڭ دائىم يوقلىقىنى، بۇ يەردە ئىشلەيدىغان تۇنجى چەتئەللىك ئىكەنلىكىمنى ئېيتتى... مېنىڭ قايتىشىمنى ، ئىش بولسا تىلفۇن قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى،،، رەھمەتلەر ئېيتىپ مەن خوشلاشتىم........

    ئەمدى ئۆگىنىشچۇ؟؟؟ بۇ ئەڭ مۇھىمى،،،،،، مەن ئەنگىلىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئوقۇتىشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدىم.... مەن بېرىپ كۆرۈپ بېقىش مەقسىتىدە، بۇ مەكتەپكە باردىم،،، سوراپ يۈرۈپ 120 يۈەن تۆلىسەم، 6 ئايلىق ئەزا بولالايدىكەنمەن،،، كىتاب ۋە دىسكىلارنى خالىغانچە ئېلىپ كېتىپ، 2 ھەپتە ئارىيەتكە ئالالايدىكەنمەن،،كىتابخانىسىغا خالىغاندا كېلىپ ئۆگىنىش قىلالايدىكەنمەن،،لېكىن پۇل تۆلەپ ئوقۇسام، بۇ مەكتەپنىڭ 2 ھەپتىلىك پۇلى 1500 يۈەن ئىدى،،لېكىن ئەزالىق كىنىشكىسىدىن خۇددى ئالىم بولۇپ كېتىدىغاندەك خوشال بولدۇم....

    زېرىكشلىك كۈنلەرمۇ ئاخىرلىشىقا باشلىدى،،،، چۈشتىن بۇرۇن ئۆزەمنىڭ ئەبگا مەكتىپىگە بارسام ( توزكورلۇق بولمىسۇن)،، دەرستىن چۈشۈپلا ئەنگىلىيە ئەلچىخانىسىنىڭ مەكتىپىگە بېرىپ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردۇم... ئاللا خالىسا، ياسىدىن 6 ئاي ئىچىدە 6 ئېلىشنى ئۆزەمگە نىشان قىلدىم،،، ئەگەر ئالالمىسام باشقا نۇقتىلىق مەكتەپلەرگە كىرگىلى بولمايتتى......

    ھېلىقى مېھمانخانىدىن تىلفۇن كېلىپ ئىش بارلىقىنى ئېيتتى،،،،، ئەلھەمدۇلىللا،،، مەن ئىشلەردىغان بولدۇم دەپ، ئەتىسى ئەتتىگەندە ئىشلەش ئۈچۈن باردىم،،،، ( شەنبە ئىدى،،، ئەزەلدىن دەرس تاشلىمايتتم)،،، راستىنى ئېيتسام نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىمنى بىلمەيتتىم،،،،، بىزگە ئەتتىگەنلىك يىغىن ئېچىلپ بولغاندىن كېيىن، ھېلىقى باشلىق ئۇنىڭ بىلەن بىر گۇرۇپپا بولۇپ ئېشلەيدىغانلىقىمنى ئېيتتى.... ئەمدى بىلسەم، بۇ راستىنلا خەلىقئارالىق سودا ئالماشتۇرۇش مەركىزى ئىكەن... ئەمما مەن خىزمەت قىلىدىغان بۆلۈم مۇشۇ يەرمەنكىلىلەرگە كېلىدىغان يەرمەنكىچىلەرگە خىزمەت قىلىدىغان بۆلۈم ئىكەن..،ئەتتىگەنلىك، چۈشلۈك، كەچلىك  تاماق بېرىدىغان،  ھۆكۆمـەت يىغىنلىرىغا ، مەكتەپ يىغىنلىرىغا، سودا يىغىنلىرىغا زىياپەت تەييارلايدىغان چوڭ تىپتىكى بىر سودا ئالماشتۇرۇش مەركىزى ئىدى... پۇترا سودا ئالمايتۇرۇش مەركىزى(Putra World Trade Centre )دىسە بىلمەيدىغان ئادەم يوق ئىدى..
    مېنى ئالدىدا كەلگەنلەرگە قەھۋە، چاي قۇيۇپ بېرىش ئىشلىرىنى بەردى... خىزمەتنى پەس دىمەي، ئۇغۇل بالا بولغاندىكىن دەپ، راسچىللىق، ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلەپ بەردىم... بارا-بارا ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكىلى تۇردۇم،،، بىرەر قېتىممۇ خىزمەتكە كېچىكىپ باقمىدىم...

    بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن باشلىقىم كەچتە زىياپەت بار،، قارىشىپ بەرگىن دېدى... بولىدۇ دەپ كېلىپ قالدىم... ئۇ كۈنى مالايسىيالىق خەنزولارنىڭ زىياپىتى ئىدى... باشلىقلار خىزمەتلەرنى بۆلدى،، قېرىشقاندەك ماڭا ھاراق قۇيۇپ بېرىدىغان خىزمەت كېلىپ قالدى... ئاچ قالسام رازىمەنكى بۇ ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن دە ئەلۋەتتە..... ( ئىشلەردىغانلارنىڭ ھەممىسى دىگەندەك مۇسۇلمان )... مەن دەرھاللا بۇ ئىشنى قىلمايدىغانلىقىنى، قايتىپ كېتىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم،،،، باشلىقىم مەندەك بىر جوڭگولىق مۇسۇلماندىن تەسىرلەندى بولغاي،، مېنى 2- قېتىم مۇنداق ئىشلارغا بۇيرىمىدى،،،،،، قەتئىي ھورونلۇق قىلمىدىم،، نەچچە ئادەم قىلىدىغان ئىشنى قىلدىم.... بۇ بۆلۈمنىڭ ئەڭ چوڭ باشلىقىمۇ مەندىن بەك رازى ئىدى... ئۇنىڭ چەتئەللىك مۇشۇنداق بولسا، قانچىلىك بولسا ئىشلەتسەك مەيلىتى دىگەن گېپىنى ئاڭلاپ قالدىم.....

    باشلىقىم يېققىندا چوڭ يىغىن بارلىقىنى، خېلى كۆپ ئادەم ئىشلىتىدىغانلىقىنى ، دوستلىرىم بولسا تىزىمغا ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى،،، ئۆزەم تونويدىغان ئۇيغۇر بالىلارغا خەۋەر كىلىپ قويدۇم،،، كۈندە 100 يۈەن ئەتىراپىدا پۇل تېپىش كىمگە خوشياقمايدۇ،، بەزىدە 150 يۈەنمۇ بولۇپ قالاتتى...شۇنداق قىلىپ ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر بالىلارنى تونۇشتۇرۇپ قويدۇم،،،،ئۇلارمۇ يانچۇق يۇپقىراپ قالغاندا، توختىماي كېلىپ ئىشلىدى....

    كۈنلەر ئۆتۈرۋەردى... ئەلۋەتتە مېنىڭ ئوقۇشۇممۇ بىر چەتتە قالمىدى...خىزمەت بىلەن بولۇپ كېتىپ ئۇقۇشنى تاشلىغىنىم يوق....... ئاتا-ئانامنى ئەنسىرەپ قالمىسۇن، مېنى بەك مۇساپىرچىلىق تارتىپ كەتتى دەپ ئويلىمىسىۇن دەپ، ئۇلارغا بىر خەلىقئارا سودا مەركىزىدە ياردەمچى بولۇپ ئىشلەۋاتقىنىمنى، كۈنىگە 100-150 يۈەنگىچە پۇل تېپىۋاتقىنىمنىلا دەپ قويدۇم.....



    باشلىقىم يەرلىك بالىلارنى تىزىملىمىسىمۇ مېنى دائىم دىگۈدەك ئىشلەيمەن دىگەن چېغىمدا تىزىملاپ تۇردى،،،، نەچچە ئايلار بولغاندا مۇنداق بىر ئىش يۈز بەردى...

    خېلى جىق ئۇيغۇر بالىلار كېلىپ ئىشلىگىلى تۇردى،،، بەزى بالىلار قانداق كىرىپ تىزىملىتىشنى بىلمىگەچكە،، مەن بېكەتلەردە ئۇلارنى ساقلاپ تۇرۇپ تەڭ بىللە كىرەتتۇق،،، بىر كۈنى بىر قانچە بالىلار كېچىكىپ قالدى،،، ئۇلارنى ساقلاپ، مەن كېچىكىپ كېلىپ تەڭ دىگۈدەك كىردۇق،، باشقا بالىلار ئەتتىگەنلىك يىغىنغا ئاللىقاچان يىغىلىپ بولغانىدى... ھېلىقى چوڭ باشلىق (مېنىڭ ھېلىقى ياخشى باشلىقىم ئەمەس) بىزنى كۈرۈپلا كايىپ كەتتى،،، بىلىپ تۇرۇپتىمەن، بۇ گەپلەر بىز ئۇيغۇر بالىلارغا قارالماقتا ئىدى،،،  نىمىشقا كېچىكىشتىڭ؟ ئەگەر ئىشلىگۈڭ بولمىسا قايسى ئىشىكتىن كىرگەن بولساڭ، ئاشۇ ئىشىكتىن چىقىپ كېتش دېدى...... بۇ گەپنى غورورۇم كۆتۈرەلمىدى،،، نۇرغۇن كۈزلەر بىزگە تىكىلمەكتە ئىدى،،مەن ئاچچىقىمدا : سەن خالىغانچە ۋاقىرايدىغان  بىز ھايۋان ئەمەس،، بىزمۇ ئوخشاشلا ئادەم دېدىم - دە، خىزمەت چاپىنىنى تاشلاپ، چىقىپ كەتتىم..... باشقىلار قارىشىپلا قالدى....

    مەن بىلەتتىم.. ماڭا ھېلىقى ياخشى باشلىقىم تىلفۇن قىلىدىغانلىقىنى ..... بىز ئازدىن كېيىن تىلفۇن جىرىڭلىدى،،،، بۇ ھېلىقى باشلىقىم ئىدى.... ئىسمىمنى ئاتاپ تۇتۇپ،، نەدە ھازىر ؟؟ يېنىمغا كەلگىن- دەپ تىلفۇننى قويىۋەتتى.....  مەن بارغىنىمدا ئۇ باشلىق ماڭا: سېنىڭ ئۆرتىنىۋاتقىنىڭنى بىلىپ تۇرىۋاتىمەن... ئامال قانچە؟ ئۇ بىزگىمۇ ۋاقىرايدۇ... مىجەزى شۇنداق،،، سېنىڭ قانداق ئىكەنلىكىڭنى ئوبدان بىلىمەن،،،، زىيادە گەپ قىلماي ئىشلەۋەر دېدى......  ماڭا بىر باشلىقنىڭ مۇنداق دىيىشى ئاسان ئەمەستە...... بۇ يەردە ئىشلەش يەنە داۋاملاشتى....

    ئايلار ئۆتتى..... ئوقۇش ۋە ئىشلەش تەڭ داۋاملاشماقتا..... مۇنداق بىر ئىش مېنىڭ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەنلىكىمنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى:
    بۇ قېتىملىق زىياپەت ھۆكۆمەت ئورگىنىنىڭ زىياپىتى ئىدى... زۇڭتۇڭلارمۇ كېلەتتى،،، مېنى زۇڭتۇڭلار ئۇرۇن ئالىدىغان يەردىن ئىش بۆلۈپ بەردى.... مەن ئالى مېھمانلارغا كۈتكۈچىلىك قىلىدىغانلىقىمنى ئېيتتى... بۇ يەردە ئازراق ئىش چىقسىلا چوڭ چاتاق چىقاتتى،، لېكىن ماڭا باشلىقلار ئىشەندى،،، كەچ بولغاندا زۇڭتۇڭلار ۋە نۇرغۇن ئالى دەرىجىلىك مېھمانلار كەلدى،،، مەن شۇلارغا ناھايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا كۈتكۈچىلىك قىلدىم.... مانا كۈتكۈچىلىكنىڭ يوقىرى پەللىسى ئىدى...........


    ئوقۇشۇمدىن ئېغىز ئاچاي ئەمدى،،،، بۇ يەرگە كۈتكۈچىلىك قىلغىلى چىقمىدىم ئەلۋەتتە.......

    يوقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك 2 مەكتەپكە قاتراپ يۈردۇم،،،،، بوش ۋاقىتلىرىمدا كىنو كۆرۈپ، گىزىت ئوقۇپ يۈردۈم... بوش ۋاقىت مېنى ئازابلاتتى... بوش ۋاقىت مېنى ئائىلەمنى سېغىندۇراتتى،،، يۇرتۇمنى سېغىندۇراتتى،،، ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلەرنى سېغىندۇراتتى..... يوقال بوش ۋاقىت!!!  

    ئۇقۇپ يۈرۈپ بۇ يەردىكى 2 داڭلىق مەكتەپكە ( ھۆكۆمىتىمىز ئىتراب قىلغان) سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىقىغا ئىلتىماس قىلدىم... بۇ ۋاقىتتا يەنىلا ياسى نەتىجە يوق ئىدى،،، مەن ئوقۇش باشلىغىچە تاپشۇرىمەن دەپ ۋەدىنامە يېزىپ بېرىپ، چاقىرىق قەغىزىنى كۈتتۇم.... كۈنلەر جىددى ئۆتمەكتە..... ياسىغىمۇ تىزىملىتىپ قويدۇم...... بۇ يەرگە چىقىپ 7 ئاي بولغاندا ياسى ئىمتىھانى بەردىم.... بۇ ۋاقىتلار چاقىرىق قەغىزىنىڭمۇ چىقىدىغان ۋاقتى كېلىپ قالغانىدى،،،

    ياسى قەغىزىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەنگىلىيە ئەلچىخانىسىنىڭ مەكتىپىگە باردىم،،، قانداق باردىم،؟؟ كونۋېرتنى قانداق ئاچتىم بىلمەيمەن...... پەقەت ئەڭ ئاخىرقى كاتەكچىگىلا قارىدىم،،، 6.0 دىگەن رەقەم تۇراتتى،،، ئەلھەمدۇلىللا !!!!  مەن دىگىنىمنى قىلالىدىم.... ۋاقتىم بىكارغا كەتمەپتۇ.. قان-تەرىم بىكارغا كەتمەپتۇ،،،،،،،،،،، ئادىتىم بويىچە جۈمە كۈنى بولغاچقا ئاپامغا تىلفۇن قىلدىم... ئاپام بۇنىڭ قانداق ئىمتىھان ئىكەنلىكىنى بىلمىسىمۇ لېكىن ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلىكىمنى بىلدى،،،، ئاپام يەنە  نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مالايسىيادىن پوچتا كەلگەنلىكىنى، لېكىن نىمە ئىكەنكىكىمنى بىلەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى،،،،، پەمىچە دەل شۇ چاقىرىق قەغىزى ئىدى،،، ۋىسال خوشاللىقىدا بىر دەمدىلا مالايا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدۇم،،، ئىشخانىدىكى خادىمدىن مېنىڭ ئىلتىماسىمنىڭ قانداق بولغانلىقىنى سورىدىم،،، ئۇ تەكشۇرەپ بېقىپ، چىققانلىقىنى ۋە جوڭگودىكى ئادرىسىمغا ئەۋەتىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى....... لېكىن مەن ئۇ چاقىرىقنىڭ ئەسلى نۇسخىسى بولمىسىمۇ تىزىملىتىپ ئوقۇيالايدىغانلىقىمنى ئېيتتى،،،، رەھمەتلەر ئېيتىپ، ياسى نەتىجەمنى تاپشۇرۋېتپ قايتىپ كەلدىم.......

    قارىمامسىلەر؟!! ئامەت كەلسە قوش كەپتۇ دىگەندەك، مېنى ئاۋال رەت قىلىۋاتقان مالايسىيا دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتىنىڭمۇ قوبۇل قىلىش چاقىرىقىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم.... قايسىسىدا ئوقۇش كېرەك؟ ئۇنىۋېسىتى مايالانىڭ تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقى، ئۇقۇش سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى ۋە دۇنيادىكى ئالدىنكى 100 نىڭ ئىچىگە كىرگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ مەكتەپنى تاللىدىم....

    2006 -يىلى 12 -ئايدا يەنە مالايسىياغا چىققىلى 9 ئاي بولغاندا مۇكەممەل بىر ئۇنىۋېرسىتنىڭ ئوقۇغىچىسىغا ئايلاندىم...... مېنى يەنە قىسمەتلار كۈتىۋاتىدىكىن؟؟؟؟

    يەنىلا ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىقىم سوۋۇمىغان ئىدى،،، بۇ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ھەقىقى ئوقۇشنىڭ باشلانغانلىقى ھىس قىلدىم.. ئوقۇشلار داۋاملاشماقتا،، كۈنلەر ئۆتمەكتە،،، 1 -مەۋسۈمنى لاياقەتلىك تۈگەتتم.. ئەمما مەن خوشال ئەمەس ئىدىم... 2 پەن ئارانلا ئۆتۈش سىزىقىدا ئىدى...
    لېكىن ھەممە پەنلەردىن لايەقەتلىك بولغان بىردىنبىر جوڭگولۇق ئوقۇغۇچى ئىدىم.... خەنزو ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالمايتتى..... ( قىزىق بىر ئىش،،، بىر خەنزو ئوقۇغۇچى دەرسكە كىرسەم ئاق شاپاق كىيىۋاپتۇ.. مەن ئۇنىڭ مۇسۇلمان ئەمەسلىكىنى ئۇقاتتىم،،، مېنى كۆرۈپلا دەرھال ئېلىۋەتتى.... مەقسىتى ئۆزىنى مۇسۇلمان كۆرسىتىپ دوكتورلارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىش ئىدى،، نەدىمۇ ئاقسۇن مۇنداق ساختىلىق )....
    ھەممە پەنلەردە لاياقەتلىك بولغانلىقىم ئۈچۈن، مەكتەپ ئوقۇش پۇلىمنى ئازايتىپ بېرىشنى قارار قىلدى... شۇنداق قىلىپ مەكتەپنىڭ 13000 يۈەن ئوقۇش پۇلىمنى ئازايتىۋەتتى.... مانا بۇ ماڭا بېرىلگەن چوڭ ئىلھام ئىدى،،،، ئوقۇشۇم 2 -5 يىلغىچە پۈتسە بولاتتى،،، 2 يىلدا تۈگىتىش ئۈچۈن بەل باغلىدىم،،، 2-مەۋسۈمدە 5 پەن ( ئەڭ جىق دىگەندە 5 پەن ئالغىلى بولاتتى،، 5 پەن ئالىدىغانلار بەك ئاز) ئالدىم،،،،،،ئۆزەمنى ماختىۋەرمەي.... ئەمما دىمىسەم بولمىغىدەك،، بۇ 5 پەننىڭ 4 دە A دەرىجە بولۇپ بۇ مەۋسۈمنى تۈگەتتىم......

    يەنە بىر ئامەتنىڭ ماڭا كېلىۋاتقانلىقىنى كېيىن بىلدىم..... ئاللانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بىر مەسجىددە بىر ئادەم بىلەن تونۇشۇپ قالدىم....  بۇ ئادەم مەندىن قەيەرلىك ئىكەنلىكىمنى، بۇ يەردە نىمە قىلىۋاتقانلىقىمنى سورىدى،، مەن سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردىم،،،، نەدىن بىلەي، بۇ ئادەم مالايسىيا بويىچە 2- دەرىجىلىك شىركەتتنىڭ ( بۇ شىركەتتنىڭ تارماق شىركەتلىرى شىنجاڭدىمۇ بار) باش شىركىتىنىڭ (General Manager of Human Resources) ئادەم ئىلىش بۆلىمىنىڭ باش دىرىكتورى  ئىكەن... لېكىن بۇ كەمتەر ئادەم ئۆزىنى پەقەت شۇ شىركەتتە دەپلا تونۇشتۇردى،، ئەگەر خىزمەت قىلغۇم بولسا، قىسقىچە تارىخىمنى ئەۋەتىپ بېرىشىمنى ئېيتتى....... مانا بۇ مېنىڭ يەنە بىر مۇۋاپىقىيىتىم ئىدى....

    داۋامى بار.. 3 كۈندىن كېين يېزىلىدۇ !!!

    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 15:02 |
    美国总统
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 64057
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 717
    شۆھرەت: 718 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 7170 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1073(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-21

     

    بەك تىرىشچانكەنسىز  خۇدا سىزنى مۇرات-مەخسىتىڭىزگە يەتكۇزگەي!!!!!!!!!     

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 16:12 |
    Be42late
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 53870
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 93
    شۆھرەت: 96 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 922 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 610(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-04

     

    رەھمەت ئۇيغۇر ئاي،،،،،،،

    25NASEYME سىز كىم ؟؟؟؟

    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 17:34 |
    aik
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 619
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 46
    شۆھرەت: 46 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 406 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 157(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-01-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-04

     

    before  too late   ئاغىنە ،داۋاملىق ھە.....

    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 18:15 |
    nawruza
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 36919
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 420
    شۆھرەت: 1481 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 785 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 493(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-03

     

    3 كۈندىن كىيىن  مەكتەپكە قايتىمەن...
    ئاخىرىنى ۋاقتىدا ئوقۇيالمايدىكەنمەن ...
    ئىنكاس شەكلىدە ساقلاپ قويايچۇ...

    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 18:32 |
    havkeng
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 59671
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 11
    شۆھرەت: 12 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 110 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 47(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-06

     

    ھەقىقەتەنمۇ  تىرىشچان ئىكەنسىز .   يەنىمۇ تىرشىپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن. قىرىندىشىم . يارايسىز!

    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 18:52 |
    25NASEYME
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 70980
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 236
    شۆھرەت: 236 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2360 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 419(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-26

     10 - قەۋەتتىكى Be42lateنىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

    مەن سىزنىڭ غۇلجىلىق دوستىڭىز ئۇنتۇپ قالمىغانسىز مىنى.ئىسمىمنى دىمىسەممۇ تونىيالايسىز .بولسا مىنىڭ ئۇچۇر ساندۇقۇمغا خەت ساندۇق ئادىرسىڭىزنى غالدۇرغان بولسىڭىز.

    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-19 19:03 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2345» Pages: ( 1/9 total )
    XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:05-04 23:16, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ