قاراڭغۇ زىنداندا ئۆتمەكتە كۈنۈم . كۆزۈمگە كۆرۈندى ئەجەل ۋە ئۆلۈم . تولا ئويلاپ ئۆتكەن گۈزەل ئۆتمۈشنى . پۇشايمانغا كۆمۈلدى پەرىشان كۆڭلۈم .
شەيتان ئېكەن مەن ئەمدى بىلدېم . قىيىن قىستاقنى مانا ئەمدى كۆردۈم . قاشات قاچقا مىھرىبان ئاتا-ئانامنى. داڭقى چىققان قاراڭغۇ زىنداننى كۆردۈم .
ھېيىت كۈنى نىسىپ بولماس كۈلە ماڭا . دەت تۇرسا يۈرەكتە نىمە كۈلكە ماڭا . يىراقتا ئاھ-زار بىلەن تۇرسا ئاتا-ئانا. نومۇسسىز ۋىجدانسىز بولدۇم مەن مانا.
ئۆتتى نى كۈنلەر ئۆتتى نى ئايلار . تۆكۈلدى غازاڭ چۈشتى يامغۇرلار . ھەجەپ يازمىدى بىر پارچە خەتمۇ . ئاشۇ ۋاي دىگەن جان جىگەر دوسلار .
سىغىندىم مەن ئاتا-ئانامنى . چىن يۈرەكتىن سۆيگەن يارىمنى . ھەم سىغىندىم ئەزىز يۇرتۇمنى . ئۆيۈمدىكى خۇش-خۇيلۇقۇمنى .
سىغىندىم مەن ئاشۇ تائامنى . شاھزادىدەك كەيگەن تونۇمنى. بەك سىغىندىم ئىسسىق يوتقاننى . ھالاۋەتتە ئۆتكەن ئەركىن كۈنۈمنى .
ئانام تاماققا تولاپ كەتتى تورداشلار . شۇڭا ئاخىرىنى يازال مىدىم كەچۈرسىلەر . ئابدۇل.ئەزىز |