تــور بىلەن خوشلىشىش
(بىر تور مەستانىسىنىڭ ئىقرارى)
قۇربانجان توختى ئازىق
مەۋھۇملىققا كىرگەندىن بۇيان ،
ئۈمۈتلىرىم قىلىندى سۈرگۈن .
ئۆز-ئۆزۈمگە بولدۇم ناتۇنۇش ،
تەۋە بولۇپ باقمىدىم بىر كۈن .
شۇڭغۇپ كىرىپ نامسىز ، نىشانسىز ،
لەيلەپ يۇردۇم تاتلىق خىيالدا .
مەستخۇش قىلىپ مېھىرىڭ تەپتىدە ،
يۈرىكىمنى يەپ كەتتىڭ ئاستا .
ئىسكەنجەڭدىن چىقالمىدىم ھېچ ،
ئوڭۇممۇ ھەم چۈشۈممۇ سېنىڭ .
يازدىم نەچچە سەن ئۈچۈن شېئىر ،
يازغانلىرىم ئەمەستەك مېنىڭ .
تاتلىق – تاتلىق ھەر پاراڭلىرىڭ ،
ھالقىپ كەتتى تەپەككۇرىمدىن .
سۆز كۈتتۈم مەن ئىنتىلىشىمدە ،
مۇھەببەتكە مۇھتاجلىقىمدىن .
تونالمىدىم ئۆزۈمنى ئۆزۈم ،
سەن بولغاندىن ماڭا بەك يېقىن .
كۆرەڭلەيسەن ئالدىمدا بىر كۈن ،
جەسۇرلۇقۇم ئۆزگەرسە مىسكىن .
بۈگۈن كەلدىم يېنىڭغا باشقا ،
سوۋغام يوقتۇر ساڭا بەرگۈدەك .
ئېپ كەتكىنىم بىر قۇچاق ئازاپ ،
يۈرىكىمنى تىلغاپ يارغۇدەك .
تونۇۋالدىم ئۆزۈمنى بۈگۈن ،
يەم بولمايمەن جۇدۇنلىرىڭغا .
گىرە سېلىپ يۈرمەيمەن ئەمدى ،
تۈن نىسبىدە بويۇنلىرىڭغا .
(ئاپتور: ئاتۇش شەھەر ئازاق يېزىلىق مائارىپ ئىشخانىسىدا)