ھېسام ئاكا ياشىغىن ئۇزاق ئاسان ئەمەس دۇنيادا دائىم كۈلۈپ ياشىماق، كۈلكە دېگەن ھاياتنى نۇرلاندۇرغان بىر چىراق. ئەل كۈلكىسى بىر جەننەت، كۈلۈپ ئۆتسۇن مىللىتىم، ھېسام ئاكام خەلقىمگە كۈلكە بەرگەن بىر بۇلاق. قىززىغانتى ئۇ بولغاچ قانچە توينىڭ مەشرىپى، ئۇنىڭ ھەربىر چاقچىقى ئانا تىلنىڭ شەرىپى، ئۇ بار يەردە يېغىمۇ ئايلىنىدۇ كۈلكىگە، باردۇر ھەر بىر چاقچاقتا ھېسامكامنىڭ تەرىپى. كۇلكە بىلەن ياشىدى بايراق قىلىپ چاقچاقنى، يادلىق قىلدى ،ئۆيلىدى قانچە تۇلنى ، بويتاقنى، رەزىللەرگە ئوت ئاچتى چاقچىقىنى ئوق قىلىپ ، مېھىر تۆكۈپ يۇرت يۇرتقا يېقىن قىلدى يىراقنى. ھېسامكامنىڭ ئىزىدىن چاقچاقچىلار يىتىلدى، سالى، لەتى،كامىللار بۇ قوشۇنغا قېتىلدى. تۇداخۇن ۋە ھېبىلار ھېسامكامدەك ئېچىلدى، راستنى ئېيتساق ئۇلارمۇ ھېسامكامدىن يېڭىلدى. ھەر بىر ئۇيغۇر قەلبىدە بار چاقچاققا ئىشتىياق، چاقچاق بىلەن دىللاردىن تۈگەيدىكەن دەرت پىراق. توي مەشرەپتە ياڭرىسۇن كۈلكە چاقچاق ساداسى ، ئەل بەختىگە ھېسامكام ياشاپ كەتسۇن بەك ئۇزاق. مەنبە:ئابرال قىزى _سۇمبۇلە
|