ئاپتۇرى ؛ ئوبۇل ئوغلى قەلەمىي
مۇھەببەتلىشۋاتقانلار قىلقى چەكتىن ئېشىپ كەتكەندە زامان شۇنداق ،زامانىۋى مۇھەببەت مۇنداق دەپ قويدىكەن ،ئۇلار دەۋەتقان زامانىۋى مۇھەببەت ..
....پىنھانلاردا كۆرۈشتىكەنمىز ،
...قۇچاقلىشىپ يۈرۈشتىكەنمىز ،
...چۈشلىرىمىزنى ئۆرۈشتىكەنمىز ...
...زامانىۋى مۇھەببەتمىش شۇ ؟؟؟
...سىناپ يۈرۈشۈپ بېقىشتىكەنمىز ،
...لەۋنى لەۋگە يېقىشتىكەنمىز .
بىر تەن بولۇپ يېتىشتىكەنمىز ...
...زامانىۋى مۇھەببەتمىش شۇ ؟؟؟
...نىكاھسىزئۆي ئېلىشتىكەنمىز .
بىر -بىرىمىزنى بىلىشتىكەنمىز .
بىرەر مەزگىل سىنىشتىكەنمىز ..
...زامانىۋى مۇھەببەتمىش شۇ ؟؟؟
...كېلىشەلىسەك تويلىشدىكەنمىز ،
...ئىستىقبالنى بويلىشدىكەنمىز .
...بىر كۈن تاللاپ تويلىشدىكەنمىز ...
...زامانىۋى مۇھەببەتمىش شۇ ؟؟؟
ئەجەبا ئۇلار دەۋاتقان ئاشۇ زامانىۋى مۇھەببەتكە بۇرىچ ، مەسئۇليەت ،ۋىجدان غۇرۇرنىڭ يارقىن ئىزنالىرى زەررىچىلىك بولسىمۇ سىڭگەنمىدۇ ؟؟؟