« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 1084 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ماتىماتىكا قەھەتچىلىكى پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

ikin
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 10098
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 98
شۆھرەت: 108 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1020 سوم
تۆھپە: 30 نۇمۇر
ياخشى باھا: 25 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 623(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

 ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ماتىماتىكا قەھەتچىلىكى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما matimatika تەرپىدىن ئىلگىرلىتىلدى(2009-02-15)
نەزەر سالىدىغان بولساق دۇنيادىكى بۆگۈنكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ۋە تەرەققىيات مىۋىسى ھەممىزنىڭ دىقىقىتىنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرۇپتۇ. كۈندىن -كۈنگە تەرەققى قىلىۋاتقان بۇ جەمىيىتىمىزدە بىز نىمىنىڭ تەرەققىيات ۋە نىمىنىڭ ھەقىقى كۈچ ئىكەنلىكىنى خېلى ئۇبدانلا چۈشىنىپ قالدۇق. ھەر قايسى تەرەپلەردىن بولسۇن بىزنىڭ بۇ خىل چۈشەنچىمىز بىزگە يەنە بىر جەھەتتىن ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقى ئورنىنى بىر نۆۋەت كۆرسىتىپ قايتا ئويلىنىپ بىزدىكى نىمىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بولغان ساھە ئىكەنلىكىنى ناھايتى پاكىتلىق ھالدا ئىسپاتلاپ بىرىۋاتىدۇ.
كۆز ئالدىمىزدىكى كۆزگە مىختەك قادالغان ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بىزدىكى تەپەككۇر گادايلىقىنى ۋە مەنىۋىى نامىراتلىقنى مەسخىرە بىلەن ئىپادىلەپ بىرىۋاتىدۇ.
نۇرغۇنلىغان ئاڭ بۆھرانىغا ئۇچىرىغان ئۇيغۇر جەمىيتىدىكى ئادەملىرىمىز تۇرمۇش قانۇنيىتىنى ئىنتايىن ئاددىي ۋە يۈزەكى سۈپەتلەپ ھايات قىممىتىنى سۇسلاشتۇرىۋاتىدۇ.
ئىجتىمائىي ئاڭ فورماتسىيە بولسا شۇنچىلىك بىمەنە تۈسكە كىرگەنكى، ھاياتتىكى بەخىت چۈشەنچىسى پەقەت تەن بىلەنلا خۇلاسىلىنىپ ئۇنىڭ تاشقىرىسدىكى يەنە بىر مۇكەممەل روھى بەخىت  چۈشەنچىسى غۇۋالىشىپ كىتىۋاتىدۇ.
ھاياتتىكى ئاساسى قەدەمنى پەقەت پۇل تاپسام ،ياخشى يىسەم، ياخشى كېيسەم، ياخشى ئۆيلەرنى سېتىۋالسام ئىنتايىن بەخىتلىك بۇلىمەن دەپ قاراپ، تەن ئېھتىياجىنى ئۆزىنىڭ ياشاش ئىنتىلىشى قىلىپ تەسۋىرلىۋاتىدۇ.
مەن بۇ يەردە تەننىڭ بۇ خېل فىزولوگىيلىك ئىھتىياجىنى ئىنكار قىلماقچى ئەمەس. ئەلۋەتتە ساغلام ئەقىل ۋە ھايات ئۆچۈن يۇقۇرقى ئېھتىياج ئىنتايىن مۇھىم . لىكىن ئېھتىياجنىلا ياشاش مىزانى قىلىۋىلىش پەقەت ئاقىلانىلىق ئەمەس.
سۇبىكتىپ ھىس تۇيغۇنىڭ قالايمىقان جۆيلۈپ كىتىشى ،ھەقىقى تەپەككۇرىنى چۈشەپ قۇيىۋاتقان بۆگۈنكى كۈندە بىز ئىھتىياجنى كاللىمىزغا تۇماق قىلىپ كىيىۋېلىپ تەپەككۇرنى بۇغىۋېتىشىمىز كىرەك ئەمەستىغۇ؟
بۆگۈنكى ھەقىقى ئەھۋالىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق ئۇيغۇر جەمىيتىدە ئىنتايىن مۇھىم بولغان . لىكىن تاشلىۋېتىلگەن . قەھەتچىلىك يۈز بىرىۋاتقان بىر خىل ئەڭ مۇھىم ساھە بۇلۇپ ،ئۇ دەل ماتىماتىكا ساھەسىدۇر.
بەلكىم بۇنداق دىسەم ئارىمىزدىكى بىلىمنىڭ يۈكسەك چوققىسىغا يىتىپ بولغان ، خاسلا قۇسۇر سۈتىدە ناشتا قىلىۋالغان بىرقىسىم مىللىتىمىزنىڭ قەھىرىمانلىرى تەئەججۈپلىنىپ كىتىشى مۇمكىن . بىراق مەن شۇنچىلىك يۇقۇرى ئاۋازدا جاۋاپ بىرىمەنكى . ئىلىمنىڭ بىر خىل قائىدىسى بۇلۇپ ھەقىقەت ئالدىدا ھەر قانچە قاۋىغان بىلەن ئۇنىڭ ھېچقانداق تەرىپىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغان بىر خىل نەتىجە چىقىدۇ.
ياشاش يۇلىمىزدىكى ،تۇرمۇش كارتىنىلىرى قاتتىق چىقىراپ يىغلىمىغاچقا بۇ ھاياتىمىز ناھايتى خاتىرجەم بىلىنىۋاتىدۇ.
بۇ توغۇرلۇق كۆپ سۆزلەشنىڭ ئۆزىمۇ ھازىر باشقىچە بىر خىل ئىشتەك ھىسابلىنىدۇ.
شۇنىڭ ئۆچۈن مەن بۇ يەردە ئىلىمنىڭ قەدىر قىممىتىنى ھىس قىلغان دوسلىرىمىز بىلەن مەزكۇر تىما ئۆستىدە پىكىر قىلىشنى مۇۋاپىق كۈرۈپ،  ئۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۆتمەكچى . دوسلارنىڭ تەڭ تەپەككۇر قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
1- ماتىماتىكا ئىلمى ۋە ئۇنىڭ باشقا پەنلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى:
بىز ئاۋۋال بۇ تىما ئۆسىتىدە توختىلىشتىن بۇرۇن دەسلەپكى قەدەمدە  ماتىماتىكا ئىلمى توغىرىسىدا ئازىراق توختىلىپ ئۆتۈش مۇھىم. ماتىماتىكا ئىلمى ئالەم بىنا بولغاندىن تارتىپ، ئادەملەرنىڭ تەبىئەت بىلىملىرىنى چۈشىنىشكە باشلىغان ئىراسىدا شەكىللەنگەن بۇلۇپ ئۇنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان دائىرسى ئىنتايىن كەڭ ۋە ئىنتايىن مۇھىم سالماقنى ئىگەللەيدۇ.
بۇ ئىلىم قانداقتۇر بىرەر شەخىس . مىللەت. دۆلەت. سىياسەت، تەشكىلاتلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچىرىمايدىغان ، ھەرقانداق ئىزىم- پىزىم، ئېيتىملارنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان ، پەقەت پاكىتنى ئاساس قىلغان ئەمىلياتچانلىقى كۈچلۈك . بىر قەدەر قىيىن بولغان پەن. بۇ پەننىڭ ھازىرقى پۈتكۈل دۇنيادا تۇتقان ئورنىمۇ ئەڭ يۇقۇرى ۋە تەخىرىسىز.
ماتىماتىكا ئىلمى ئۆز ئالدىغا بىر خىل پەن بۇلۇش سۆپىتى بىلەن باشقا پەنلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتكە ئىگە ۋە مۇئەييەن باغلىنىشى مەۋجۇد.
ماتىماتىكا ئىلمىنىڭ تەبىئى پەنلەر بىلەن بولغان مۇناسېۋىتىنى مەن دىمىسەممۇ ئۆزىنى نۇرمال چاغلايدىغان ئەقىل ئىگىلىرى ھىس قىلالايدۇ. ماتىماتىكا ئىلمىي تەبىئى پەننىڭ ھەرقانداق بىر ساھەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇلۇشتىن سىرىت يەنە ھەممە تەبىئى پەنلەرنىڭ ئاساسى ۋە ئانىسى ھىسابلىنىدۇ. تەبىئى پەن ساھەسىنى ماتىماتىكىدىن ئايرىپ قاراش مۇمكىنچىلىكى قەتئىي يوق . ۋە پەقەت مۇمكىن بولمايدۇ. ھەر قانداق بىر خىل تەبىئى پەن نەتىجىلىرىنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلمىسى ماتىماتىكىنىڭ ئەڭ ئىنچىكە قىسىملىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ. قىسقىسى تەبىئى پەن ئىلمى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇلۇش بىلەن بىرگە زور باغلىنىشقا ئىگە.
ماتىماتىكا ئىلمىنىڭ ئىجىتىمائىي پەنلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋېتى : ماتىماتىكا ئىلمى ئۆز نۆۋىتىدە ئىجتىمائىي پەنلەر بىلەن مۇئەييەن باغلىنىشقا ۋە قۇيۇق مۇناسىۋەتكە ئىگە . يەنى بىز ئىجتىمائىي ھاياتىمىزدا قارىماققا ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپ بۇيىنچە ياشىغاندەك قىلمىساقمۇ . يەنى ئۆزىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ياشاش قارىشىمىز بۇيىنچە پائالىيەت ئېلىپ بىرىۋاتقان بولساقمۇ . ئۆزىمىز سەزمىگەن ھالدا ماتىماتىكىلىق قانۇنيەتكە كىرىمىز.
مەسىلەن مەن ئاددىي بىر مىسال ئېلىپ ئۆتەي  . بىزنىڭ ئىجتىمائىي ياشاش قانۇيىتىمىزدە مۇنداق بىر ھىكمەت بار . يەنى -
گاچىمۇ چۈچۈر يىسە ساناپ يەيدۇ. بىز بۇ ھىكمەتكە قارايدىغان بولساق بۇنىڭدىن يەنە ماتىماتىكا ئىلمىنىڭ پۇرىقى كىلىپ تۇرغىنىنى ھىس قىلالايمىز . بۇنداق مىساللاردىن ئىزدىسەك تۇرمۇشىمىزدا ئىنتايىن كۆپ.
شۇنىڭ ئۆچۈن ماتىماتىكا ئىلمى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئورتاق ئۆگىنىدىغان چوڭ تۈرى . بۇنىسى ھەممىزگە ئىنىق.
2- ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى دەۋىرىدىكى ماتىماتىكا ساھەسىدىكى ئورنى.
دەۋىرىمىزگە نەزەر سالىدىغان بولساق بىزنىڭ ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە ماتىماتىكا ئىلمىدە تۇتقان ئورنىمىز  خەلىقئارانى دىمەي قۇيايلى مەملىكەت ئىچىدىمۇ پەقەت ياخشى ئەمەس. ئادەمنىڭ كۆڭلىنى بەكمۇ بىئارام قىلىدۇ. بۇ ساھەدە زادى ئادەمنى قايىل قىلغۇدەك دەرىجىدە بىرەر نەتىجە پەقەت يوق دىسەك ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز.
بۇ يەردە بەلكىم بەزى بالىلار ئالىم ئەركىن سېدىق ۋە شۆھرەت مۇتەللىپ ھەمدە  شۇنىڭغا مۇناسىپ نۇرغۇن ئىزدىنىۋاتقان  ئوغلانلىرىمىزنى مىسال قىلىشى مۇمكىن . توغرا بۇلارغا كۆز يۇممايمىز .لىكىن مىليۇن نۇپۇسقا ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە بىر خەلىق تۇپىنىڭ نەتىجىسىنىڭ ئىنتايىن ساناغلىقلا بۇلىشى بىزنى قايتا ئويغا سالغىنى تۈزۈك.
بىزنىڭ مەنىۋىيتىمىزدە پارىتلاش خارەكتىرلىك ئىنقىلاپ يۈز بەرمىگەچكە ئىددىيىمىزدىكى مەنىۋىي گادايلىق ، تەپەككۇر نامىراتچىلىقى تېخىمۇ ئەۋىج ئىلىپ كەتتى. قىسىقىسى ئىلىمنى تۇنۇماسلىقتىن ئىبارەت ئەڭ يىرگىنىشلىك ئەھۋال بىزدىن يىراقلاپ كەتمىدى .
شۇ سەۋەبتىن ئىلىمنىڭ سەرخىلى بولغان ماتىماتىكا ساھەسىدىمۇ بىزنىڭ ئورنىمىز تۈۋەن ئۇرۇندا تۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ.
مەسىلەن ئاددىي بىر مىسال ئېلىپ ئۆتسەم بىزنىڭ ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىش ئىمتاھانىدا ئۆلچەم ئىككى خىل . يەنى ئۇمۇمى نۇمۇردىن سىرىت ماتىماتىكا پېنىىنىڭ ئۆلچىمى بۇلۇپ بۇ پەننىڭ يىللاردىن بىرى ئۆلچىمى 30بىلەن 40 ئارىسىدا بۇلىۋاتىدۇ.
ھەممەيلەنگە ئايان بۇ پەننىڭ ئۇمۇمى نۇمۇرى 150 بۇلۇپ چىقىۋاتقان ئۆلچىمى ئاران 5دىن 1ىگە توغرا كىلىدۇ.
بۇنداق دىسەم بەلكى ئىمتاھان سۇ ئالى بەك قىيىن ياكى ئىنتاھان ئادەمنىڭ ھەقىقى سەۋىيەسىنى ئىسپاتلاپ بىرەلمەيدۇ . دەيدىغان قاراش چىقىش مۇمكىن . بۇ تەرىپىمۇ قىسمەن سەۋەب . ئەمما مەيلى ئىمتاھان مائارىپى بولسۇن ياكى باشقا ھەرقانداق سىناق بولسۇن ياكى ھەر قانچە قىيىن سۇئال بولسۇن ئەگەر ھەقىقى سەۋىيە بولسا چۇقۇم ھەر قانداق جايدا ئۆز ئورنىنى تېپىشىمۇ ناھايتى ئىنىق ھەقىقەت .
يۇقارقىدەك نەتىجە چىققان بولغاچقا بىزنىڭ مەركەزدىكى تەتىقاتچىلىرىمىز مىللىي رايۇنلاردىكى بالىلارنىڭ ماتىماتىكا سەۋىيەسى تۆۋەن دىگەن قاراشنى بىزگە سوۋغا سۆپىتىدە ھەدىيە قىلدى . بىز بۇ سوۋغىنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن بۇ ساھەنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۇنۇشنى بىزگە سوۋغا بەرگۈچىلەرنىڭ چىھىرىدىن ئىزدىدۇق. ئادەمنىڭ ئەڭ نۇمۇسىنى كەلتۈرىدىغان يەنە بىر خىل قاراش ماتىماتىكا ئۆگىنىشنىڭ ياخشى چارىسى خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش. خەنزۇتىلىنى ياخشى بىلگەن بالا ماتىماتىكىنى ياخشى بىلىدۇ دەيدىغان ئېچىنىشلىق خاتا ھۆكۈمنى چىقىرىپ قويدۇق.  خەنزۇتىلى بىر قۇرال . ماتىماتىكا بولسا بىر پەن . ئويلاپ باقايلى قۇرال بىلەن پەننى مۇشۇنداق باغلامدۇق؟
ئەگەر بەك خەنزۇ تىلىغا باغلىغۇمىز كەلسە خەنزۇتىلىنى ئۆگەنگەندىن كىيىن ماتىماتىكا ئۆگىنىشكە يەنە بىر خىل شارائىت چىقىدۇ .
يەنە خەنزۇچە ماتىرياللاردىن پايدىلانغىلى بۇلىدۇ . شۇڭلاشقا تىلنىمۇ ياخشى ئۆگىنىش كىرەك دەپ چۈشەندۈرسەك بۇلىدۇ. لىكىن ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ ماتىماتىكا ساھەسىنى پەقەت ئۇيغۇرچە تەپەككۇر بىلەن گۆللەندۈرگىلى بۇلىدۇ . بۇ تەرەپ ئىنىق بۇلۇش كىرەك.
مەن ئادەتتە نۇرغۇن نۇپۇزلۇق ئەربابلارنىڭ ئۇيغۇرلانىڭ ئەقلىي تەپەككۇرىنى ئۆلچەپ خۇلاسىلىگەن قاراشلىرىنى كۈرىمەن. يەنى ئۇيغۇرلار ئەقىلىقمۇ ؟ دىگەن سۇئال بۇلۇپ . ئۇنىڭ يەكۈنىنى ئەربابلىرىمىز ئەقىللىق دەپ خۇلاسە چىقىرىپ بولدى.
بۇنى مەنمۇ ئىتىراپ قىلىمەن. لىكىن بۇ ساھەگە كەلگەندە بىزنىڭ ئەقلىمىز نەگە كەتتى؟ بىزنىڭ ئەقلىمىزنى نىمە لال قىلىۋالدى.؟
ھەدىسىلا بىزنى مۇشۇ كۈنگە قويغان باشقىلار دەپ يۈرەمدۇق ؟  ئەجىبا سىياسىيسيغا ياتمايدىغان بۇ تۈردىكى نەتىجىنىڭ بولماسلىقىنىمۇ باشقىلاردىن كۈرەمدۇق؟
دىمەك ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى دەۋىردىكى ماتىماتىكا ساھەسىدىكى ئەھۋالى ئادەمنى خېلى ئويغا سالىدۇ.
3- ئۇيغۇرلار يۆزلىنەلمەيۋاتقان ماتىماتىكا ساھەسى :
بىزنىڭ تارىخىمىزدا ئەزەلدىن ئىلىمنىڭ كۇرىسى يۇقرى ئۇرۇندا تۇرۇپ كەلگەن ھەم ئەلمىساقتىن تارتىپ ئىلىمخۇمار پەرزەنىتلەر ئۆزىنىڭ ئورنىنى تېپىپ نام قازانغان. لىكىن بۆگۈنكى كۈنگە كەلگەندە نىمىشقىكىن بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىلىم ساھەيىمىز ئىتىلىپ تۇرىۋاتىدۇ. بىر ياقتىن ئىزدىنىپ نەتىجە يارىتىش ئۇقۇمى بىزدىن ئايرىلىپ كىتىۋاتىدۇ.
بالىلارنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ ياخشى ئۆگىنىشى كىرەك بولغان ئىلىم بولسا تاشلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ خەلىقىمىزنىڭ نۇرغۇن كۆپچىلىكى بۇرۇندىن ئۇششاق تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن ياشاپ كەلگەن خەلىق تۇپى كۆپ قىسمى يىپەك يۇلىنىڭ خاراب بۇلىشى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىكى بىكىنمىچىلىك ھالەتنىڭ ھۆكۈم سۈرىشى بىلەن جاھان رەپتارىدىكى ئەڭ يىڭى ئۇچۇردىن مەھرۇم بولغان تارقاق ياشاش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن بىر توپ . يۇقارقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلى قاششاقلىقمۇ بىر قەدەر يۇقۇرى پەللىگە چىقىپ پەقەت يەپ -ئىچىپ ياشاش دائىرىسىدىن چىقىپ كىتەلمەي كىلىۋاتىدۇ.
بىرەر ئىلىمنى ئۆگىنىپ ئۇنىڭدىن نەتىجە قازىنىش ئۆچۈن  ئاۋۋال ئۇنىڭغا يۈزلىنىش ئىنتايىن مۇھىم لىكىن بىز دەل مۇشۇ ماتىماتىكا ساھەسىدە ئىلمىي بولغان ، توغرا يۈزلىنىش ئەندىزىسىنى تاپالمىدۇق.
بۇ خىل ھادىسە ئاساسى مائارىپ ، جەمىئەت، ئالىي مائارىپ ۋە پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمىيىتىدە مەۋجۇد. ئىشەنمىسىڭىز ئۇبدان نەزەر سېلىپ بىقىڭ . بىزنىڭ جەمىيتىمىزدە ماتىماتىكا ئىلمىنى ياقتۇرىدغان ۋە تەھسىل قىلىدىغان 20 پىرسەنىت ئادەم چىقامدىكەن . قەتئىي چىقمايدۇ.
مەكتەپلەردىكى بالىلارنىڭ ئىچكى قىزىقىشىنى ھەقىقى تەكشۈرۈپ باقىدىغان بولساق ماتىماتىكىغا ئىشتىراك ئەتكەن ئۇقۇغۇچىنىڭ ناھايتى ئازلىقىنى بايقىيالايمىز.
بۇ سەۋەپ شۇ بالىدىمۇ؟ بۇ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس . بۇ شۇ بالا ئۆسۈپ يىتىلگەن ئائىلە ، مەكتەپ ۋە جەمىئەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ سۆز تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت .
ئەگەر بىز ماتىماتىكا ئىلمىنىڭ پۈتۈن تەرەققىيات بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغان بولساق بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئىز باسارلارمۇ مۇشۇ تۈرگە ياخشى يۈزلەنگەن بۇلاتتى. قىسىقىسى بىزنىڭ جەمىيتىمىز تېىخى بۇ خىل يۈزلىنىشتىن مۇستەسنا.
4- ئۇيغۇر جەمىيتىدە كۈرۈلگەن ۋە كۈرلىۋاتقان ماتماتىكا قەھەتچىلىكى  .
بۇ يەردە قەھەتچىلىك دەپ ئاتىساق بەزىلەر بەلكى تازا قۇبۇل قىلالماسلىقى مۇمكىن بىراق بۇ مەسىلىدە بىز قۇبۇل قىلمىغان بىلەن ئەمىليىتىمىز بۇنى راسىت دەپ گۇۋاھلىق بىرىدۇ .
مەلۇم بىر مەكتەپتە 100نەپەر ئۇقۇتقۇچى بۇلۇپ دەسلەپكى قارارلىق ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆلچەيدىغان ئىمتاھانغا 26 نەپەر ئۇقۇتقۇچى تىزىملاتقان . بىراق ئىمتاھانغا قاتناشقاندىن كىيىن نەتىجىسى چىققان ئۇقۇتقۇچىلار پەقەت 4نەپەر بولغان . يەنى 4نەپەر ئۇقۇتقۇچى لاياقەتلىك بولغان . شۇنىڭ بىلەن ئىككىنجى قىتىملىق ئۇقۇتقۇچىلىق كەسپىي ئىمتاھانىسىدا بۇ ئۇقۇتقۇچىلاردىن 21 نەپىرى ئۆزىنىڭ كەسپىنى ئەدىبىيات ، ئەخلاققا ئۆزگەرىتكەن .
بىر قىتىملىق ئىمتاھان سىنىقى شۇ ئۇقۇتقۇچىلارنى ماتىماتىكا پېنىدىن ۋاز كەچتۈرگەن. سىزنىڭچە بۇ قانداق كەسىپ تاللاش؟

مەلۇم بىر ئۇقۇغۇچى چۈشىنەلمىگەن ھىسابتىن بىرنى ئۇقۇتقۇچىغا كۆرسىتىپ چۈشەندۈرۈپ قۇيۇشنى تەلەپ قىلغان . بىراق ئۇقۇتقۇچى بۇ ئۇقۇغۇچىغا بۇ دىگەن تاللاپ ئۆگىنىش دەرىسى . ئىمتاھانغا چۈشمەيدۇ . سەن ئۆگەنمىسەڭمۇ بۇلىدۇ دەپ جاۋاپ بەرگەن . بۇ قانداق جاۋاپ؟

مەلۇم ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇيدىغان بىر نەپەر مودا ئۇقۇغۇچى سىنىپقا كىرگەندە بىر قانچە ساۋاقداشلىرى ماتىماتىكا تاپشۇرۇقى ئىشلەپ تۇرىۋاتقان يەرگە كىلىپ قالىدۇ . ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئەھۋالىنى كۆرگەن بۇ ئۇقۇغۇچى شۇنچىلىك زەردە بىلەن مەن تېخى بىرەر ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ كىلىپ قاراپتىمەن . نىمانچە قالاق نىمىلەر . جاھاندا ئىككى ئۆچ ئىشىمنىڭ بىرىنچىسىمۇ ماتىماتىكا . ئىككىنجىسىمۇ ماتىماتىكا . بۇ پەنگە خۇشۇمنىڭ يوقلۇقى. ھۇ بىر توپ ساراڭلار دەپ بۇ يەردىن ئايرىلغان.
بۇ قانداق ئۆچ بۇلۇپ قىلىش ھادىسىسى ؟

مەلۇم بىر زىيالىي ئائىلىسىدە ئۆسۈپ چوڭ بولغان بىر پەرزەنىت تاپشۇرۇق ئىشلەش جەريانىدا چۈشىنەلمىگەن تەرىپىنى تېلىۋېزور كۈرۈپ تۇرغان ئاتا-ئانىسىدىن سورايدۇ. بىراق كىنوغا كىرىپ كەتكەن ئاتا-ئانا ۋاي بۇ سۇئالىڭنى مۇئەللىمىڭدىن سۇرا. بىشىمنى ئاغىرىتماي دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ نىمە سەۋەبتىن ئاغىرىغان باش؟

مەلۇم بىر ئىتۇت چولپىنى مىنىڭ ئەڭ ياقتۇرمايدىغىنىم ماتىماتىماتىكىغا ئائىت تېپىشماق . شۇڭا سەن سورىمادەپ ئۆز ئىتوتىنىڭ قىزىقارلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرغان . بۇ قانداق ئۇسۇلدىكى چاقچاق ياكى ئىتوت؟

مەلۇم ئابىرويلۇق بىر شەخىس ئادەم كۆپ يېغىلغان سورۇندا ئۆزىنىڭ ماتىماتىكىدىن قورقىدىغانلىقىنى ئىختىيارسىز نۇرغۇن ئادەملەر ئالدىدا ئاشكارلىۋەتكەن . بۇ قانداق قورقۇش ھادىسىسى؟

ئۇيغۇر جەمىيتىدىكى تاراتقۇلارنىڭ . ئاخبارات ساھەسىنىڭ ھەم ئىز قوغلاپ چولپانلارنى زىيارەت قىلىۋاتقان تور مۇنبەرلىرىنىڭ ھېچقانداق سانىدا بۇ خىل ئىلىمنىڭ ئىشتىراكچىلىرى مەۋجۇد ئەمەس . پەقەت يوق . بۇ خىل ھادىسە نىمە مەۋقەنى چىقىش قىلغان ؟

ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۇپ ئاسپىرانتۇرلۇققا تەييارلىق قىلىۋاتقان 10نەپەر سىتۇدىنىتنىڭ 9 نەپىرى ئىجتىمائىي پەننى تاللاپ تەييارلىق قىلغان . بۇ خىل رىئاللىق نىمە سەۋەبتىن؟

ئۇيغۇر جەمىيتىدىكى ھەر قانداق بىر مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسى ياكى ئادىمىدىن بۇ ئىلىمگە ئىشتىراك قىلىدىغىنى قىزىقىدىغىنى 20 پىرسەنىكىمۇ يەتمەيدۇ . ئىشەنمىسىڭىز تەكشۈرۈپ بىقىڭ . بۇ خىل ئەھۋالنىڭ تۈپ نىگىزى نەدە؟
يۇقارقى ئەھۋاللارنى مەن ئۆزۈمنىڭ ھىسياتىغا تاينىپ تۇقۇپ چىققان مەسىلىلەر بولماستىن بەلكى ئۆز كۈزۈم بىلەن ئەمىلىي كۆرگەن پاكىت ۋە ھەقىقەت . يۇقارقىدەك پاكىتلار ناھايتى كۆپ بۇلۇپ قەدەمدەبىر ئۇچىراپ تۇرىدۇ.
مۇشۇ ئەھۋاللار يۈز بەرسە بۇ قەھەتچىلىك بۇلىدۇ دەپ قارايمەن . ھەم يۈز بىرىدۇ.
شۇنىڭ ئۆچۈن بىزنىڭ ئارمانلىرىمىزغا بىۋاستە يول ئېچىپ بىرەلەيدىغان پەننىمۇ ئويلاپ قۇيايلى . ھەممەيلەننى تۇنۇشتىكى ھەقىقى بىر خىل تۈسنى يارىتايلى.
بۇ ماقالە مۇنبىرىمىزدىكى ئىنتايىن بىلىملىك، مىللتىمىزنىڭ تەقدىرىنى ئويلىشىۋاتقان ئىززەت ئىكىرامغا ئىگە ھۆرمەتلىك زاتلارنىڭ تەلىۋىگە ئانچە ئۇيغۇن كىلەلمەسلىكى مۇمكىن . لىكىن ئىلىمنىڭ بىر خىل قائىدسى بۇلۇپ ھەقىقى نەرسىلەر  قاۋاشنىڭ ئالدىدا ئىنتايىن جەسۇر كۈچ . شۇڭلاشقا بۇ خىل تۇنۇشقا ئىشتىراك ئەتكەن دوسلارنىڭ ئۆز تەپەككۇرىنى ئايىماسلىقىنى ئۆمىد قىلىمەن.
مەنبە: ئىكىن

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+10(tim0998) ئەھمىيەتلىك
  • تۆھپە:+20(matimatika) تەشەككۇر!
  • شەبنەم ئۈچۈن
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-15 03:56 |
    matimatika
    ئىلغار باشقۇرغۇچى ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 11327
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 1944
    شۆھرەت: 8284 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 13280 سوم
    تۆھپە: 300 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 153 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1332(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

     

    بۇ تېمىڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم!
    بۇنى مەن تولۇق ئوقۇپ چىققاندىن كىيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقەللىي ماتېماتىكىلىق تەربىيلىنىشكە ئىتىبار بەرمەسلىك سەۋەپلىك تارتىۋاتقان نۇرغۇن زىيانلىرى كۆز ئالدىمغا كەلدى.سىز ئۆتتۇرغا قويغان مەسىلىلەرمۇ تامامەن ئەمەلىيەت، بۇلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن مىساللارنى ئىلىشقا بولىدۇ.ئەمما سىز بۇلارنى تۆت نوقتىدىن ئىزچىللىققا ئىگە قىلىپ ياخشى خۇلاسە قىلىپسىز. پىكىر يولىڭىز بەك نىشانلىق بولاپتۇ. شۇڭا ئارتۇق سۆزلەپ ئولتۇرمىدىم.
         تېمىنى كۆرگەن ھەر بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئانالىز قىلىپ بىقىشىنى مەنمۇ تەۋسىيە قىلىمەن .
    مىللەتنىڭ ئىستىقپالى ئۇچۇن باش قاتۇرغان ئەمگىكىڭىزگە تەشەككۇر!

    راس، ئېمزايىمدىكى سۆز « دۇنيانىڭ سىرىنى ئىچىش ئۈچۈن ماتېماتىكا ۋە تەبىئى پەن ئۆگىنىەيلى» ئېنگلىسنىڭ سۆزى.

    basbas
    دۇنيانىڭ سىرىنى ئېچىش ئۇچۇن ماتېماتىكا ۋە تەبىئى پەن ئۆگىنەيلى
    بلوگىمغا مەرھەممەت قىلىڭ:http://matimatik.blogbus.com
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 04:18 |
    abdul
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 2105
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 276
    شۆھرەت: 276 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2614 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 118(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

     

    مانا ماۋۇ نەق جايىدىكى تېما بوپتۇ، رەخمەت.

    ھەقىقىي مىسۋاك
    ھەممىسى ھەممىمىز ئۈچۈن
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 04:59 |
    ozhan1991
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 38710
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 27
    شۆھرەت: 28 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 249 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 41(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

     

    مەن  ماتىماتىكىنى چۈشەنمىگەنگە ياقمايمەن

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 05:12 |
    ozhan1991
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 38710
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 27
    شۆھرەت: 28 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 249 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 41(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

     

    ھەتتا بەزىلەر بىلمەيدۇ گۇگۇ تىئورمىسىنى
    مەسىلەن : 3،4،5  ئۇقۇمى. يەنى: 3نىڭ كۇۋادىراتى 9غا قوشۇمىز 4نىڭ كۇۋادىراتى 16 تىنى تەڭ بولىدۇ  5نىڭ كۇۋادىراتى 25 كە ، بۇ  بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان ماتىماتىكىلىق سانلىق مەلۇماتتۇر....
    ئەڭ ئاددىسى ئۆيىڭىزنىڭ ئۆلچەملىك چاسا ياكى چاسا ئەمەسلىگىنى  مۇشۇ ئۇقۇم بىلەن بىلەتىڭىز ئەمەسمۇ؟

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 05:26 |
    ozhan1991
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 38710
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 27
    شۆھرەت: 28 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 249 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 41(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

     

    ھازىرغىچە بۇ تىمىنى كۆرگەنلەر 75  نەپەر كەن. ئىنكاس يازغانلار 3نەپەر .
    مەنچە  باشقىلارنى دىمەي مۇنبەردىكىلەردىمۇ بۇ ساھەدىكى قەھەدچىلىك خېلى كۆپتەك قىلىدۇ.......

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 05:36 |
    美国总统
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 64057
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 259
    شۆھرەت: 260 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2590 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 267(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

     

    تۇغرا دۇنيانى بۇگۇنكىدەك تەرەققىياتلارغا  ئىرىشتۇرگەن دەل شۇ ماتىماتىكا.1957-يىلى سوۋىت ئىتىپاقى دۇنيا بۇيۇچە تۇنجى سۇنئى ھەمرانى ئاسمانغا چىقارغاندا پۇتۇن دۇنيا ھەيران قالغان بۇلۇپمۇ ئامىركىلىقلار ،شۇنىڭ بىلەن ھەممىگە سەۋەپ ئىزلەشكە قىزىقىدىغان بۇ ئامىركىلىقلار  «نىمە ئۇچۇن روسلارنىڭ  بۇ خىل كەشپىياتى بىزدىن يۇقىرى تۇرىدۇ؟»دىگەن مەسىلە ئۇستىدە مەخسۇس تەكشۇرۇش ئېلىپ بېرىپ ئاخىرى «روسلارنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ماتىماتىكا،فىزىكا ئۇقۇتۇش سۇپىتى بىزنىڭكىدىن يۇقۇرىكەن»دىگەن خۇلاسىگە ئىرىشكەن  نەتىجىدە ئامىركىمۇ  ماتىماتىكا،فىزىكا پەنلىرىگە بۇلغان ئۇقۇتۇشنى كۇچەيتىپ ئاخىرى 1964-يىلى ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئاي شارىغا چىقىپ  روسسىيىلىكلەرنى ھەم پۇتۇن دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان.
    [ بۇ يازما 美国总统 تەرپىدىن2009-02-15 09:21دە قايتا تەھ ]

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 09:10 |
    $$ECW$$
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 30162
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 117
    شۆھرەت: 118 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1110 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 278(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

     

    Quote:
    بۇ مەزمون5قەۋەتتىكىozhan1991نىڭ2009-02-15 05:36 دە يوللىغان يازمىسى   :
    ھازىرغىچە بۇ تىمىنى كۆرگەنلەر 75  نەپەر كەن. ئىنكاس يازغانلار 3نەپەر .
    مەنچە  باشقىلارنى دىمەي مۇنبەردىكىلەردىمۇ بۇ ساھەدىكى قەھەدچىلىك خېلى كۆپتەك قىلىدۇ.......

    بەلكىم سىزنىڭ دىگىنىڭىز توغرىدۇ ، بىراق بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسىمىمىز نامرات ، بىز ئالدى بىلەن نامراتلىقنى تۇگىتىشىمىز كېرەك . راس سىز دىگەندەك بىز ماتىماتىكىنى بىلمەسلىك سەۋەبى بىلەن نۇرغۇن جايدا كەتكۈزۈپ قويغان بۇلىشىمىز مۇمكىن بىزنىڭ كۆپ قىسىمىمىزدا ياخشى تەربىيلىنىش پۇرسىتى بەكلا ئاز ، ھەممىمىز شۇ تىرىكچىلىق كويىدا ، چۈنكى بايلىق ، خىزمەت ۋاھاكازالار ، ئۇلاردىن ئېشىپ بىزگە تىگىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ .
    ئەگەر گىپىم خاتا بۇلۇپ قالسا ، چىرايلىق ئىنكاس قايتۇراسىلەر

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 09:23 |
    ayturk
    رەسىم يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 10286
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 599
    شۆھرەت: 613 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1425 سوم
    تۆھپە: 38 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 947(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

     

    ماتىماتىكىغا باشلانغۇچ مەكتەپتىلا قىزىقسا  ئاخىرغىچە  قىزىققىلى بولىدۇ.(ياخشى ئۆگىنىش)ئوتتۇرا مەكتەپتىكى  ماتىماتىكىنى تۇلۇق ئۆگەنسە  چەتئەللەردىكىلەرنىڭ  ئالى مەكتەپتە ئۆگەنگىنىچىلىك  ماتىماتىكا بىلىمىنى ئىگىلىلىۋالغىلى بولىدۇ.شۇڭا بالىلارنى كىچىكىدىنلا ماتىماتىكىغا قىزىقتۇرۇش كېرەك.ماتىماتىكىنى ياخشى ئۆگەنگەنلەرنىڭ تەپەككۇرى ئوچۇق ،پىكىرىنىڭ لوگىكىلىغى كۈچلۈك بولىدۇ.....مەن ماتىماتىكىغا بەك ئامراق........ماتىماتىكا ئاكاشنىڭ تېپىشماقلىرىنى تېپىشقا ئامراقتىم..................

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 10:06 |
    باياۋان
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 69469
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 386
    شۆھرەت: 410 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3900 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 354(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

     

    بىزدە ئىجتىمائى پەن ئالىملىرى ، يازغۇچى شائىرلار خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ ، ئەمما تەبىئى پەن ساھەسىدە بولسا ساناقلىقلا ، مۇشۇنىڭدىنمۇ بىزنىڭ ماتىماتىكىغا ئاجىز ئىكەنلىكىمزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ، ئىجتىمائى پەنلەر بىزنىڭ دۇنيانى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم قىلسا تەبىئى پەنلەر بىزنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتىشىمىزگە ، ئۆز مەۋجۇتلىقىمىزنى ساقلاپ قېلىشقا ئەدناسى بىزنىڭ سجىل تەرەققىياتلىق يولىمىزنى يۇرۇتاتتى .
    دوستۇم تەپەككۇرىڭىزغا قايىلمەن ، ئەگەر بالام تۇغۇلىدىغان بولسا ئۇنى چۇقۇم تەبىئى پەنلەر بۇيىچە ياخشى تەربىيلەيمەن.

    باشقۇرغۇچىلار ماۋۇتىمىنى نادىرلىساق قانداق ،

    ...دۇنيانىڭ كەلگۈسى ئۆتمۈشتىن كۆپراق.
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 10:20 |
    qqopp
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21610
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 490
    شۆھرەت: 511 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4895 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 769(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

     

    ماتىماتىكا - ھىساباتتا مۇھىم رول ئوينايدۇ .
      كوچىدا مال سىتىۋالغاندا  پۈتۈن پۇل بەرسەم قانچە پۇل قايتۇرىشى كىرەكلىكىنى مەندىن سورىغان ئادەملەرنى خىلى ئۇچىراتقان مەن .
      ماقۇل دۇنياۋى سەۋىيەگە يەتمىسىمۇ مەيلى ، تۇرمۇشىدىكى ئاددى
    ھىساباتلانى جايىدا قىلىپ كۈنىنى ياخشى ئالالىسا ھەممىمىز خوش بولىمىز ئەمەسمۇ ؟
       بىزدە تەبىئىي پەنلەردە تەربىيەلىنىش ھەقىقەتەن ئاجىز .
      ئىشەنمىسەڭلا تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە ئاساسەن تىل تەربىيەلەيدۇ .
      ماتىماتىكا بىلمىگەچكە نۇرغۇن ئىشلاردا ھىسابنى توغرا قىلالماي ، پايدا زىياننى توغرا ھىسابلىيالماي ئەلەمسە يۈرگەنلەر ئاز ئەمەس .

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 10:26 |
    416003374
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 12040
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 201
    شۆھرەت: 202 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1374 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 518(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

     

    ناھايىتى ياخشى تېمىدىن بىرى يېزىلىپتۇ.
    ئالىي مەكتەپتە بىزنىڭ بالىلار ئاران 30~40يوقىرى دېگەندىمۇ 100ئالىدۇ
    ئەمما خەنزۇلاردا 130دىن يوقىرى ئالىدىغانلار ناھايىتى تولا.

    مەن چىمپىيون
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 10:31 |
    dreamer
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 72976
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3
    شۆھرەت: 3 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 30 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 36(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

     

    ھازىر مۇتلەق كۆپ ساندىكى ماتىرياللار خەنزۇچىدا ،شۇڭا خەنزۇچىنى ياخشى بىلسەك ماتىماتىكىنى تېخىمۇ ياخشى بىلەلەيمىز.

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 11:02 |
    atuxboy526
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15983
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 720
    شۆھرەت: 721 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 6979 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 600(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

     

    ماتماتكا ئۈگەئۈگەنگەن كىشى ئىككى يىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللانمىسا ھەممىنى ئۇنتۇپ كىتدىكەن

    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 11:40 |
    komandir
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 16977
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 780
    شۆھرەت: 781 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 7418 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 23 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 896(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

     

    ماتىماتكا بىلمەسلىك يالغۇز بىزدىلا ئەمەس پۇتكۇل مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا ئورتاق ئىش بولسا كىرەك ،بىزنىڭ ئىزدىنىشكە قارىغاندا مۇنازىرىگە ، داغدۇغا قوزغاشقا سەرىپ قىلىدىغان ۋاقتىمىز كۆپراق ،ئجتىمائى پەنچلەر ،يازغۇچى ئەدىپلىرىمىز مۇ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ ،ئەپسۇسكى بۇ لار ئارسىدىكى تۇگمەس مۇنازىرە ،داغدۇغىلۇق پىكىرلەر بىزنىڭ دىققىتىمىزنى ئاشۇ تەرەپكە تارتىپ قۇيۇۋاتىدۇ

    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 11:43 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    XabnamBBS » ئۆزىمىزگە نەزەر
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:02-16 10:50, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ