سىز بۇ تېمىنىڭ 754 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر – كەسىپ ئادەتلىرىدىن پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

sabiha
bbs.xabnam.com
ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 12131
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 1021
شۆھرەت: 1277 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10379 سوم
تۆھپە: 663 نۇمۇر
ياخشى باھا: 548 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 738(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

 ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر – كەسىپ ئادەتلىرىدىن

ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر – كەسىپ ئادەتلىرىدىن





ئۇيغۇرلاردا ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس لايىھلەپ ياسالغان ئالاھىدە بىر « كارۋات » بولۇپ ، ئۇ بۆشۈك دەپ ئاتىلىدۇ . بۆشۈك قەدىمدىن باشلاپ ئۇيغۇر ، قازاق ، قىرغىز ، ئۆزبېك ، تۈرك قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر  ئارىسدا ئىنتايىن كەڭ ئۇمۇملاشقان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر بۆشۈكى قۇرۇلما جەھەتتىكى پۇختىلىقى ، ھۈنەر – سەنئەت جەھەتتىكى نەپىسلىكى ، ئومۇملىشىش دائىرسىنىڭ كەڭلىكى  قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۆزگىچە گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ.
ئادەتتە بۆشۈكنىڭ ئېگىزلىكى 60 نەچچە سانتىمېتر ، ئۇزۇنلۇقى بىر مېتر ، كەڭلىكى 50 سانتىمېتر ئەتىراپىدا بولۇپ ، پۈتۈنلەي ياغاچتىن ياسىلىدۇ . بۆشۈك قۇرۇلمىسىغا ھەتتا بىر تال تۆمۈر مىخمۇ ئىشلىتىلمەيدۇ . بۆشۈكنىڭ  لاھىيلىنىشى جەھەتتىن ، بۇ ئىشلىتىش ئوبيېكتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە تولىمۇ مۇۋاپىق بولۇشتىن تاشقىرى ، ئۇنىڭ ھۈنەر – سەنئەت جەھەتتىكى كۆركەم ۋە نەپىسلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەچكە ، ئۇنى يەنە بىر خىل گۈزەل – سەنئەت بۇيۇمى دېيىشكىمۇ بولىدۇ .
ئۇيغۇرلار بۆشۈككە بىر خىل مۇقەددەس  ئېرىملىق نەرسە قاتارىدا مۇئامىلە قىلىدۇ . شۇڭا بوۋاقنى بۆشۈككە سېلىشتىن ئىلگىرى « بۆشۈك توي » مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ . بۇ مۇراسىم بالا تۇغۇلۇپ  قىرقى توشقىچە ئارىلىقتا بولىدۇ  . يەنى بوۋاق ھاياتقا كۆز ئاچقاندىن كېيىنلا « كىندىكئانىسى » بالىنىڭ كىندىكىنى  كېسىدۇ .

« كىندىكئانىسى » نىڭ قولى يەڭگىل بولسا بەش كۈندىن يەتتە كۈنگىچە كىندىك يارىسى ساقىيىپ كېتىدۇ . بۇ « كىندىكى چۈشتى » دەپ ئاتىلىدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن بالىنى بۆشۈككە سالىدۇ . ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قارىشىدا ، بالىنى بۆشۈككە سېلىش بىر خىل ئېرىملىق ئادەت تۈسىنى ئالغاچقا ، بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا بۆشۈك ۋە ئۇنىڭ بىر يۈرۈش يېڭى جابدۇقلىرى  تەييارلىنىدۇ . بوۋاقنى تۇنجى بۆشۈككە سېلىشتا ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن پېشقەدەم  « بۆشۈكئانىسى » تەكلىپ  قىلىنىدۇ . بۇنىڭدىن مەقسەت – بالىنىڭ  « بۆشۈكئانىسى » نىڭ ئۇدۇمىنى ئېلىپ ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىگە  تىلەكداشلىق  بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت . خەلق ئارىسىدا « بۆشۈكئانىسى » ، «ئېرىمچى» دەپ ئاتىلىدۇ  ۋە  ئۇنىڭغا ئەقىدە قىلىنىدۇ . « بۆشۈكئانىسى » بالىغا تەييارلىغان بۆشۈكنى قىبلە تەرەپكە قويۇپ ، دۇئا – تەكبىر قىلغاندىن كېيىن ، بۆشۈكنى رەت تەرتىپى بويىچە راسلاشقا باشلايدۇ . ئالدى بىلەن  بۆشۈكنىڭ ئاستىدىكى ئويۇقچىغا جاك ( كۈلتۈك ) نى ئورنىتىدۇ . جاكنىڭ تۆشۈككە تۇتاشقان يېرىگە جاك تۇمىقىنى كىيدۈرىدۇ .  ئۇنىڭ تۆت تەرىپىگە 15 سانتىمېتر كۋادرات چوڭلۇقتا تۆت دانە تېز ياستۇق قويۇلىدۇ . ئۈستىگە بۆشۈكنىڭ چوڭلۇقىدا « ئودا » ( جاكقا ئۇدۇل قىلىپ تۆشۈككە  قويۇپ تىكىلگەن پاختىلىق كۆرپە ) قويۇلىدۇ . ئودىنىڭ ئۈستىگە يۇمشاق پاختىلىق كۆرپە ( بۇ ئادەتتە ئىككى پارچە بولىدۇ ) سېلىنىدۇ ۋە زاكا ( كىرلىك ) بىلەن ئورىلىدۇ . باش تەرىپىگە  بوۋاققاماس كېلىدىغان كىچىك ياستۇق قويۇلىدۇ . ئاستى تەرەپ تەكشى بولغاندىن كېيىن  « بۆشۈكئانىسى » بوۋاقنى يالىڭاچلاپ ، بەدەنلىرىنى يۇمشاق سىيلاپ ئېرىم قىلىدۇ ۋە ئاۋايلاپ بۆشۈككە سالىدۇ . ئاندىن جاكقا توغرىلاپ شۈمەك ( ياغاچتىن نەيچە قىلىپ ياسالغان سۈيدۈك يولى ئېغىزى ) سالغاندىن كېيىن ، ئىككى پۇتىنى  تۈزلەيدۇ ۋە يۆگەك بىلەن مەھكەم ئورايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىدىن  ئىككى تىزىغا « تىزلىق » كۆرپە قويۇپ ، پۇت تارتقۇ ( بىر سويام كەڭلىكتە ئەستەرلىك قىلىپ تىكىلگەن رەخىت كاشا ) بىلەن بۆشۈكنىڭ ئاستىدىن ئايلاندۇرۇپ چىگىلىدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىن ، بالىنىڭ قورساق ۋە كۆكرەك تەرىپىمۇ يۆگەك بىلەن چۈمكىلىدۇ . ئىككى قولىنى بالىنىڭ بىقىنىغا تەكشى رۇسلاپ ،  ئىككى  جەينىكىگىچە جەينەكلىك  قويۇپ  « قولتارتقۇ » ( پۇتتارتقۇغا ئوخشىشدۇ ) بىلەن تېڭىلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بالىنى بۆشۈككە بۆلەش ئاخىرلىشىدۇ . بۆشۈكنىڭ باش تەرىپىگە بوۋاققا دائىم ھەمراھ بولسۇن دەپ بۆرە ئوشۇقى ياكى  بىر پارچە نان ئېسىپ قويۇلىدۇ . قاپارتما نەقىشلىك قىلىپ ياسالغان بۆشۈكنىڭ ئۈستىدىكى گورىزونتال ياغاچ ( بۆشۈك تۈرمىلى ) گە بالىنى يامان كۆزدىن ساقلاش ئۈچۈن ئېرىملىق تۇمار ئېسىلىدۇ ۋە بەزىدە كۆز مۇنچاق مارجان بېكىتىلىدۇ . بۆشۈكنىڭ ئۈستىگە رەڭلىك ئېسىل رەختلەردىن ياسالغان « بۆشۈك ياپقۇ » يېپىلىدۇ . بۆشۈكنىڭ باش تەرىپىگە ئوغۇل بالا بولسا تىغ ( پىچاق ) ، ئەگەر قىز بولسا ئەينەك قىستۇرۇپ قويۇلىدۇ . بۇ بالىنى « قارا بېسىپ قالماسلىق » نىڭ ئېرىمىدۇر . تۇنجى قېتىم بالىنى بۆشۈككە بۆلەپ بولغاندىن كېيىن ، « بۆشۈكئانىسى » ئادراسمان ياكى ئالما قېقى ( بىر چىمدىم يىرىك تۇز قوشۇلىدۇ ) بىلەن ئىسرىق سېلىپ ، بۆشۈكنىڭ ئۈستىدىن  توققۇز قېتىم  ئايلاندۇرىدۇ  .  بۇ ئارقىلىق  بالىغا  چاپلىشىۋالغان  « يامان روھ » لارنى قوغلايدۇ . شۇنىڭ بىلەن بۆشۈككە سېلىش مۇراسىمى ئاياغلىشىدۇ .
بۆشۈكنىڭ  ياسىلىش شەكلى ۋە ئۇنىڭغا بالىنى بۆلەش  مۇئەييەن ئىلمىي قائىدىگە ئاساسلانغاچقا ، ئۇ مەلۇم ئەۋزەللىككە ئىگە :
بىرىنچىدىن ، بالىنىڭ ياتقان ئورنى پاكىز بولىدۇ . چۈنكى ، بالىنى ھەر قېتىم بۆشۈككە سېلىشتىن بۇرۇن ، بۆشۈك كۆرپىلىرى ئاپتاپقا سېلىنىدۇ ياكى ھاۋالاندۇرۇلىدۇ  . بالىنىڭ ئاستى ھۆل بولۇپ قالىدىغان ئەھۋال سادىر بولمايدۇ . بالىنىڭ چوڭ – كىچىك تەرىتى خۇددىي يەر ئاستى پاسكىنا سۇ تۇربىسىدەك تەبىي ھالدا جاكقا قويۇلىدۇ ؛ ئىككىنچىدىن ، بالا ئېچىلىپ قېلىپ سوغۇق تېگىپ قالىدىغان ئەھۋال يۈز بەرمەيدۇ ؛  ئۈچىنچىدىن ، كېچىلىرى ئانىنىڭ خاتىرجەم ئۇخلىشىغا ۋە دەم ئېلىشىغا پايدىلىق پۇرسەت يارىتىلىدۇ ؛ تۆتىنچىدىن ، بالىنىڭ فىزىنومىيە جەھەتتىن ساغلام ئۆسىشىگە پايدىلىق . چۈنكى ، ئادەمنىڭ بوۋاق مەزگىلى خۇددى يۇمران نوتىغا ئوخشىشىدۇ  ، بۆشۈككە بۆلەشتە بالىلارنىڭ مۇشۇ ئالاھىدىلىكى نەزەرگە ئېلىنىپ ، قول – پۇت ۋە بەدەن رۇسلاپ قائىدىلىك تېڭىلغاچقا ، بەدەن قۇرۇلمىسى ئۆلچەملىك ئۆسىدۇ . ئۇمۇمەن ئالغاندا ، بۆشۈك ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئەنئەنىۋى بۇيۇم بولۇپ ، مەيلى يېزا ياكى شەھەرلەردە بولسۇن ، بۆشۈك تەۋرەتمىگەن ئانىلارنى تېپىش تەس . ئۇيغۇرلار ئارىسىغا ئەڭ كەڭ تارقالغان « ئەللەي ناخشىسى » ( بۆشۈك ناخشىسى)  ئەمەلىيەتتە خەلقىمىزنىڭ بۆشۈككە بولغان قەسىسىدىسىدۇر .

مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

بىلىم قىمىتىنى بىلىملىك بېلۇر،
ئەقىلنى قەدىرلەش بىلىمدىن كىلۇر.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-15 01:41 |
saadat
قار~لەيلىسى
ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئۆمۈرلۈك شەرەپ
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 10093
نادىر تېما : 11
يازما سانى : 3060
شۆھرەت: 3530 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 102690 سوم
تۆھپە: 786 نۇمۇر
ياخشى باھا: 997 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 2545(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

 

ئىلمىيلىككەيات بولمىغان ئىسىل ئۆرنەكلىرىمىزمۇ ھەقىقەتەن كۆپ.بەزىلىرى گەرچە ئۇنتۇلۇش گىرداۋىغا بېرىپ قېلىنىۋاتقان بولسىمۇ...
ئەجرىڭىزگە رەھمەت سەبىخە.

basbas
ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك.بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!

شۈمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت،
قايغۇغا ھامىلدار بىردەملىك غەپلەت.

تېمىلىرىم:./search.php?authorid-10093.html
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 01:49 |
tim0998
گۈزەللىك ئىزدىمە،ئۇ سەندە.
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 61829
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1026
شۆھرەت: 1132 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 990 سوم
تۆھپە: 81 نۇمۇر
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 409(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

 

مانا مەنمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئەشۇ بۆشۈكتە چوڭ بولغان ئەمەسمۇ . . .
ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىل پاراسەت جەۋھەرلىرىدىن بولىمىش قول ھۈنەرۋەنچىلىكىمىزنىڭ خاسىيتىنى ئىيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ . . .

ھەقىقىي مىسۋاك
تۈنۈگۈننى ئۇنۇتما!بۈگۈننى چىڭ تۇت!ئەتىنى ئويلا!
تۈنۈگۈندىن جەۋھەرلەر توپلىشىڭ مومكىن؛
بۈگۈننى چىڭ تۇتساڭ،كېيىن پۇشايمان قىلمايسەن؛
ئەتىكى توغرا نىشاننى كۆزلەپ ماڭساڭ،تاپتىن چىقىپ كەتمەيسەن!

./?u=61829

چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 02:15 |
arkhon
ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 9172
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 1176
شۆھرەت: 1252 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 11410 سوم
تۆھپە: 215 نۇمۇر
ياخشى باھا: 254 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 4565(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

 

مەنمۇ ئاشۇ  بۈشۈكتە تەۋرىنىۋىرىپ چوڭ مىڭەم بىلەن كىچىك مىڭەم ئېلىشىپ كىتىپتىكەن ،  مەن تېخى سەل يىنىكراق ئېلىشىپ  قالغىنى..باشقا  قېرىنداشلىرىمغا قارىغاندا ...ھى  ھى ھى

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 03:50 |
abdul
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 2105
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 276
شۆھرەت: 276 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2614 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 118(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

 

يەنە كىتاپ ماتېرىياللاردا مۇنداق مەزمۇندىكى نەرسىلەر كۆپ، كۆپرەك ئىزدىنىپ مۇۋاپىق كۆرسىڭىز يوللاپ تۇرسىڭىز، پۈتۈن خەلقئارادىكى كىشىلەر پايدىلانسا.

ھەقىقىي مىسۋاك
ھەممىسى ھەممىمىز ئۈچۈن
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 08:26 |
hankiz76
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 63777
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 292
شۆھرەت: 293 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2910 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 685(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

 

مەنمۇ ئەشۇ بۆشۈكتە چوڭ بولغان ئەمەسمۇ .

شىنجاڭ تور مەكتىپى
ياشلىق سۇدەك ئوتەر،ھەسرەت تاشتەك چوكەر.
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 08:35 |
zakira
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 55203
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1538
شۆھرەت: 1604 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 5325 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 80 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1580(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

 

بىزنىڭ ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىزنىڭ ياخشىلىقىنى بىلگەن باشقا مىللەتلەرمۇ ھازىر  بالىلىرىنى بۆشۈككە بۆلەپ چوڭ قىلىۋاتىدۇ ...

ھەقىقىي مىسۋاك
دۇنيادا ھەققىي مۇھاببەت،ئاننىڭ بالىغا بۇلغان مۇھاببىتىدۇر.
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 10:28 |
qqopp
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 21610
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 490
شۆھرەت: 511 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4895 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 769(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

 

بۆشۈك ھازىر تەرەققى  قىلىپ  تەۋىرەتسە داق-دۇق قىلمايدىغان بوپ كەتتى .ھازىز كەشپىياتچىلا توك بىلەن  تەۋىتنىدىغان بۆشۈكنى ئەشلەپ چىقىرىپ بازارغا سىلىشنى مەسلەھەت قىلىۋاتامدىىكىن .
مەنمۇ بۆشۈكتە چوڭ بولغان .
  ئارىمىزدە بۆشۈكتە يىتىپ باققانلار 99% قۇ   دەيمەن  .

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 10:52 |
Ra~NA
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 13132
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 454
شۆھرەت: 465 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4490 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 953(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

 

ھەممىمىز ئەشۇ بۆشۈكتە چوڭ بولغان ئەمەسمۇ ... ...

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 13:20 |
man213
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 60279
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 121
شۆھرەت: 122 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1210 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 308(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

 

、ئۇيغۇر لارنىڭ قۇلى گۈل دە      رەخمەت يوللىغان  تىمىڭز غا  توختاپ قالمىغاي سىز

چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 18:23 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:02-16 10:54, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ