« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 2398 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ئامېرىكىدىكى تۈركلەر ئوباماغا خەت يازدى پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

ketmenbay
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 29066
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 302
شۆھرەت: 368 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3035 سوم
تۆھپە: 30 نۇمۇر
ياخشى باھا: 60 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 217(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

 ئامېرىكىدىكى تۈركلەر ئوباماغا خەت يازدى




ئامېرىكىدىكى تۈركلەر ئوباماغا مەكتۇب يوللىدى


Posted 14.02.2009 14:02:36 UTC
Updated 14.02.2009 14:02:36 UTC

تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى:
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا تۇرۇشلۇق تۈركلەر، پرېزىدېنت ئوباماغا مەكتۇپ يوللاپ، ئوبامانىڭ ئەرمەنلەر جەمئىيەتلىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.

تۈرك خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان 53 جەمئىيەتنىڭ مەكتۇبىدا، تاللاشلارغا بولغان ئانالىزلارنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ھالدا چىقىرىلغان بىر تەرەپلىمە تونۇتۇشلارنى قوبۇل قىلىشنىڭ، ھەم ئەڭ چوڭ ئادالەتسىزلىك بولىدىغانلىقى، ھەم رايوندا ياقتۇرۇلمايدىغان ئاقىۋەتلەرگە يول ئاچىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مەكتۇپتا، تۈركىيە ئوتتۇرىغا قويغان «تارىخچىلار ۋە مۇتەخەسىسىلەردىن تەركىپ تاپقان بىر كومىتېت قۇرۇپ چىقىش» تەكلىپىنىڭ تېخىچە ئەرمەنىستان تەرەپتىن ماقۇللانمىغانلىقى ئەسلىتىلىپ: «شۇ شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلەر ھەقىقەتنى مەيدانغا چىقىرالايدىغان ۋە مۇرەسسەلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان ئادىل چارە بولغان بولاتتى» دېيىلدى.

مەدەنىيەت جەھەتتىن بىر  بىرىگە يېقىن تۈركلەر بىلەن ئەرمەنلەرنىڭ قانچە يۈز يىللارغىچە تىنچلىق ئىچىدە بىرلىكتە ھايات كەچۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن مەكتۇپتا، مەسىلىگە تەرەپبازلىق بىلەن قارىمايدىغان پارلامېنت ياكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ سىياسىي مەقسەتنى كۆزدە تۇتقان ھالدا قارار چىقىرىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى.


********************************
تەۋسىيە: «قەھرىمان دۇنياغا كەلدى»
http://ketmenbay.blogbus.com/logs/34579751.html
********************************

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-15 00:06 |
rasimbulak
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 67115
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 133
شۆھرەت: 133 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1150 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 453(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

 

ئەرمەنىستان 亚美尼亚




  

basbas
./search.php?authorid-67115.html
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 00:29 |
PMA
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 73446
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 13
شۆھرەت: 13 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 130 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 11(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

 

تۇرۇكلەر ياشا تۇرۇكلەر.....بۇلار ناھايتى ئسىل خەلىق خۇددى بىزدەكلا .تۇرۇك مىللىتى .دۇنيا مىقياسىدا بىز ئۇيغۇر خەلقىگە ناھايتى يېقىن .ھەم بىر -بىرمىزگەئشەنچىلىك مىللەتدۇمىز. ئۇلار چۇقۇم ياخشى ئويلىيالايدۇ.شۇنداقلا ئۇبامامۇ بىر مۇسۇلمان جۇملىدىن دۇنيانىڭ غۇجىسى بولدى .بۇبىر مىنىڭچە مۆجىزە\\\\\\\\ ئۇ چۇقۇم بۇ مەسلىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدۇ.................................ASTANAMCOM

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 00:41 |
komandir
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 16977
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 780
شۆھرەت: 781 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 7418 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 23 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 896(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

 

ئوباما مۇسۇلمان ئەمەس

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 00:53 |
nur-zat
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 53195
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 287
شۆھرەت: 288 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2845 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 549(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

 

ئۇبانى كىم مۇسۇلمان دەيدۇ.........؟

ھەقىقىي مىسۋاك
http://bbsimg.qq.com/2005/01/16/008/558.jpg
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 01:10 |
taras
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 58470
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 150 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 45(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

 

تۈركلەرمۇ جان قايغۇسىدا،دوستۇم ئۇلارغا بەك ئىشنىپ كەتمەڭ.ئۇلار بىزگە پەقەت ھىسداشلىق قىلىدۇ،خالاس.جان ھەلقۇمغا كەلگەندە،بىز بىلەن قىلچە كارى بولمايدۇ. قورقايدۇ.......

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 01:39 |
yuilgun
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 34528
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 669
شۆھرەت: 670 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4793 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 133(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

 

Quote:
بۇ مەزمون3قەۋەتتىكىkomandirنىڭ2009-02-15 00:53 دە يوللىغان يازمىسى   :
ئوباما مۇسۇلمان ئەمەس

مۇسۇلمان بولسا نىمە قىپبىردۇ ؟

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 02:04 |
ساراڭ11
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 71094
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 86
شۆھرەت: 86 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 860 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 30(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

 

باغدات كوچىلىرىدىكى توپا چىراي،ئەمما چىرايلىرىدىن كۈلكە جىلۋىلىنىپ بىر بىرىنى قوغلىشىپ ئويناۋاتقان بالىلارغا قاراپ ھەم ھەسرەت،ھەم چوڭقۇر خىيال بىلەن كوچا ئاپتۇبۇس بېكىتىگە كېلىپ قالدىم.ئاپتۇبۇستا كېتىپ بارماقتىمەن،خياللىرىم قايسى كۈنى مەندىن 100مېتىرمۇ كەلمەيدىغان بىر ماگىزىندا پارتىلىغان ئادەم بومبا،شۇچاغدىكى مەنزىرە،ئۆرۈلگەن ئۆيلەر،يىغا زارى قىلىۋاتقان ئىراقلىق قىز-ئاياللار،پۇتى ئۈزۈلۈپ كەتكەن ھېلىقى بالىنى كۆتۈرۈپ ئېسەدەپ يىغلاپ يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقان بىچارە ئاتا،بىرقولىدا ئارغامچىنىڭ بىر ئۇچىنى تۇتۇپ قىپقىزىل قانغا مېلىنىپ ياتقان 7ياشلار چامىسىدىكى ئىراقلىق ئەرەپ بالا،ئارغامچىسىنىڭ يەنە بىر ئۇچى بالىدىن 2مېتىر يىراقتا قانغا مىلىنىپ ياتقان ئالا كۈچۈكنىڭ بوينىدا ئىدى، يىغلاپ تۇرۇپ  خارابە تاملاردىكى كېسەكلەرنى بۇدرۇق قوللىرى بىلەن كولاۋاتقان 5ياشلىق بالا دادىسىنى قۇتقۇزماقتا،ئەتراپ ھەممە جىددىيچىلىك،يىغا-زار،توپا-تۇمان......
بىرچاغدا بىر بېكەتتە توختىدى دە،ئاپتۇبۇسقا ھەممە يېرىنى قاپقارا ئوراپ پەقەت بىر جۈپ   چىرايلىق كۆزىلا كۆرۈنۈپ تۇرغان بىر ئايال ئاپتۇبۇسقا چىقتى.بىزنىڭ جۇڭگودا خەنلەر ئاپتۇبۇستا ئاسانلىقچە بىرەر ئاجىز مېيىپ ياكى ياشانغانلارغا ئورۇن بەرمەيتتى،بولۇپمۇ ئىچكىرىدە،بەرسىمۇ شىنجاڭدا بېشىغا ياغلىق ئارتقانلارنى كۆرسە ياشانغان چېغى دەپ ئورۇن بېرەتتى.لېكىن بۇ ئايالغا قاراپ،بىر جۈپ نۇرلۇق قوي كۆزىدىن ئۇنىڭ ئەمدىلا 24ياشلار ئەتراپىدىكى قىز ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ بىلدىم.ۋە ئۇرۇن بېرىش خىيالىمدىن ۋاز كەچتىم.
  ئاپتۇبۇس باغدات كوچىلىرىنىڭ ئۇرۇشتا ۋەيران بولغان يەرلىرىدىن ئۆتۈشكە باشلىدى،كەينىمدە ئولتۇرغان بىر ئايال ماڭا:
قاراڭ ئوغلۇم،بۇ يەردە بۇرۇن ئېسىل مەسچىت بولغانىدى،مېنىڭ بالام بۇ مەسچىتنىڭ مەزىنى ئىدى.ئۇمۇ سىز بىلەن تەڭتۇش ئىدى.لېكىن شۇ قېتىمقى ئادەم بومبا ھەممىنى يوق قىلدى.-دەپ ئۈنسىز ياش تۆكتى.ئەمما مەن نېمە دەپ تەسەللىي بېرىشنى بىلەلمەي ئاخرى،-ھەدە،كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ،ئوغلىڭىز ئۇلۇغ يەردە قۇربان بوپتۇ،ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي،-دېدىم.
بۇ يەردە بۇنداق بالىسىدىن ئايرىلغان بىچارە ئانىلار،تىرىك يېتىم قالغان سەبىي بالىلار،يولدىشىدىن ئايرىلغانلار  كۈرمىڭ.مەن بۇلارنى ئويلاۋاتقاندا ئاپتۇبۇس تۇيۇقسىز تورمۇزلاندى،ھەممەيلەن بىسەرەمجان بولۇپ ئاپتۇبۇسنىڭ ئالدىغا باشلىرىنى سوزدى،ئەسلىدى بىركالا توسۇۋالغانىكەن.بۇ خىل تۇيۇقسىزلىقنى بۇ يەردىكىلەر <چوقۇم يەنە يات مەزھەپتىكىلەر قۇراللىق ئالدىمىز نى توسىدى>دەپ ئويلاييتتى.ئاپتۇبۇسنىڭ سىلكىنىشى بايا ئاپتۇبۇسقا چىققان ھېلىقى قارا <بويالغان>ئايالنى سەنتۈلدۈرىۋەتتى،تاس قالدى يىقىلغىلى،مەن چاققانلىق بىلەن ئۇنى يۆلىۋالدىم.لېكىن بەدەنلىرىمنى تىترەكلەر بېسىپ كەتتى.ئۇنىڭ بەدىنىدە قاتتىق قۇرۇق نەرسىلەر باردەك قىلاتتى،كاللامغا چاقماق تېزلىكىدە <ئادەم بومبا>دېگەن خىيال كەلدى.بۇ ۋاقىتتا ئۇ ماڭا كۈلۈمسىرەپ <رەھمەت>دېدى.ئەلۋەتتە كۈلۈمسىرىگىنىنى ئۇنىڭ بىز جۈپ شەھلا كۆزلىرىدىن كۆردۈم.لېكىن كاللامدا ئۇنىڭ كۈلۈمسىرىشى خۇددى ئەزرائىل ئالدىمدا ماڭا كۈلىۋاتقاندەك تۇيۇلدى.مەن ئاستا ئاستا كينىمگە ياندىم،كاللامدا دۇنيادا پەقەت مۇشۇ قىز بىلەن ئىككىمىز قالغاندەك سېزىم پەيدا بولدى...يولۇچىلارنىڭ بىزنىڭ چىراي ئىپادىمىزگە قاراپ بىر نەرسە ھېس قىلىشىنى شۇنچە ئۈمۈت قىلساممۇ،ئۇلار<بۇ دۆلەتتە ساڭا نېمە بارتى،سەنمۇ ئىتىپاقداش ئارمىيەنىڭ بىر ئەسكىرىمۇ تېخى>دەپ ئويلاۋاتقاندەك ماڭا پىسەنتمۇ قىلمىدى.ئۇ قىز بارا بارا مېنىڭ ئۆزىنىڭ نېمە ئادەملىكىنى سېزىپ قېلىۋاتقىنىمنى ھېس قىلدى بولغاي تۇيۇقسىز بەدىنىنى ئوراپ تۇرغان پەرەنجىسىنى ئاچتى ۋە قاتتىق ئاۋازدا:
ياشىسۇن داھىيىمىز سادام،ياشىسۇن ئىراق!!!!دەپ ۋارقىرىدى ۋە ئوڭ قولىدا تۇتۇپ تۇرغان بومبىنىڭ پىلىكىنى تارتتى.بۇچاغدا ئۇنىڭ ۋارقىرىشىدىن چىرايىغا تارتىۋالغان چۈمپەردىسى چۈشۈپ قالدى.ئۇنىڭ ھۆسنى جامالىنى مۇشۇنداق ۋاقىتتا بىر كۆردۈم،چىرايىدىن قەيسەرلىك،قەتئىيلىك،ھۆرلۈككە بولغان ئىنتىلىش،مۇسۇلمانغا خاس ئىمان،قىزلارغا خاس لاتاپەت،ياشلارغا خاس ئىشەنچ ...نۇرى ياغاتتى....ئاپتۇبۇستىكىلەر ئۇنىڭ ۋارقىرىشىدىن چۆچۈپ پاتپاراقچىلىققا تولدى،قىيا -چىيا ئىچىدە <گۇم!!!!!>قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ مەنمۇ چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتىم.........قارىسام كارۋېتىمدا چىلىق تەرگە مىلىنىپ يېتىپتىمەن....
سىرتتا پوجاڭزىنىڭ كىشىنى بىزار قىلىپ ئېتىلىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىنىۋېتىپتۇ......
ئاللاھ بارلىق مۈشكۈللەرنى ئاسان قىلغايسەن!

شىنجاڭ تور مەكتىپى
جىنازامنى كۆتۈرگۈدەك ئىمانىڭ بارمۇ؟
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 02:15 |
ساراڭ11
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 71094
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 86
شۆھرەت: 86 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 860 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 30(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

 

مۇشۇ تېمامنى تەستىقلىماپتۇ،ئاران ئىجادىيەتكە تۇتۇش قىلسام ئەجەپ سۇ سەپتا!!

ھەقىقىي مىسۋاك
جىنازامنى كۆتۈرگۈدەك ئىمانىڭ بارمۇ؟
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 02:16 |
JUXKUN844114
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 70626
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 31
شۆھرەت: 31 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 310 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

 

Quote:
بۇ مەزمون5قەۋەتتىكىtarasنىڭ2009-02-15 01:39 دە يوللىغان يازمىسى   :
تۈركلەرمۇ جان قايغۇسىدا،دوستۇم ئۇلارغا بەك ئىشنىپ كەتمەڭ.ئۇلار بىزگە پەقەت ھىسداشلىق قىلىدۇ،خالاس.جان ھەلقۇمغا كەلگەندە،بىز بىلەن قىلچە كارى بولمايدۇ. قورقايدۇ.......

ھىسداشلىق دىگەنمۇ چوڭ ئىش  .پەلەستىنلىكلەرگە قىلغاننى كورمەيۋاتامسىز . بىز ديشكە پىتىنالمايۋاتقان گەپلەرنەى دەۋاتىدۇ ، يەنە نىمىش قىلەپبەرسە بولاتتى خىجىل بولمايدىكەنمىز،  توۋا توۋا

چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 02:36 |
il-erdem
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 31859
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 414
شۆھرەت: 415 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4110 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 872(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

 

بۇ خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى ماڭا مەلۇم بولمىغاچقا ، بەزى نەرسىلەرنى ئانچە چۈشىنەلمىدىم ، بىلىدىغانلار قارىشىڭلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ  بېقىڭلا.

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 02:41 |
0991sumruh
مۇنبەر قىززىقچىسى
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 27435
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1751
شۆھرەت: 1752 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10534 سوم
تۆھپە: 40 نۇمۇر
ياخشى باھا: 72 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1598(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

 

Quote:
بۇ مەزمون10قەۋەتتىكىil-erdemنىڭ2009-02-15 02:41 دە يوللىغان يازمىسى :
بۇ خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى ماڭا مەلۇم بولمىغاچقا ، بەزى نەرسىلەرنى ئانچە چۈشىنەلمىدىم ، بىلىدىغانلار قارىشىڭلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ  بېقىڭلا.

مەن تېخى مەنلا چۈشەنمىدىممىكىن دەپتىمەنغۇ؟

./?u=27435
قايغۇرماڭ!باتۇرلارچە ياشاڭ!
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 03:02 |
abdul
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 2105
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 276
شۆھرەت: 276 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2614 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 118(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-03-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

 

بىزمۇ يېزىپ باقامدۇق يە ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟|

ھەقىقىي مىسۋاك
ھەممىسى ھەممىمىز ئۈچۈن
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 08:30 |
qqopp
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 21610
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 490
شۆھرەت: 511 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4895 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 769(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

 

ئەرمەنلەربىلەن تۈرۈكلەرنىڭ ئوتتۇرسىدا نىمە ئىش بولغان؟
  نىمىشقا ئامىرىكا بۇ ئىشقا قول تىقىپ يۈرىدۇ ؟

چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 10:05 |
چاق3
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 72765
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرەت: 7 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 70 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 43(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

 

«مەدەنىيەتلەرتوقۇنۇشى» دىگەن كىتاپتائازراق ئۇچۇربارغۇدەيمان

چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 11:39 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
XabnamBBS » جاھاندىكى ئىشلار
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:02-16 10:49, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ