| 
			
			 ئاممىۋى ئاپتوبۇس :  1-ئامما قىستاڭچىلىقنى ئورتاق زىممىسىگە ئالىدىغان تۇرمۇش .  2-قانۇنغا خىلاپ ھىساپلانمايدىغان تېگىپ كىتىش سورۇنى .  ئامېرىكا :  1-ئەزەلدىن ھېچقانداق دۆلەت بۇنچە مەردلىك بىلەن ئۆز خەلقىگە شۇنچە كۆپ ئويۇنچۇقلارنى بېرىپ باققان ئەمەس ياكى بۇنچە كۆپ ئىقتىدارلىق كىشىلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بۇلۇڭ - پۇچقاقلارغا بېرىپ ۋەتىنىنى قوغداپ باققان ئەمەس . ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى شۇنداق بىر ئاددىي ساۋاتكى ، - قاراملىق بىلەن ئىش قىلغان كىشىلا ئىستىقباللىق بولالايدۇ .  2-ئەركىن كىشىلەرنىڭ دۆلىتى ، ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلۇنغۇچىلارنىڭ يۇرتى .  ئاۋىسترالىيە :  جەنۇبىي دېڭىزدىكى بىر مەملىكەت . بۇ مەملىكەتنىڭ بىر قۇرۇقلۇق ياكى بىر ئارال ئىكەنلىكى توغرىسىدا جۇغراپىيىشۇناسلار بىرمەيدان ئىنتايىن تېتىقسىز تالاش - تارتىش ئېلىپ بېرىپ ، ئاقىۋەتتە ئۇنىڭ سانائەت ۋە سودا تەرەققىياتىنى ئېغىر ھالدا كىچىكتۈرىۋەتكەن .  ئائىلە :  ھاراق ئىچىدىغان ئەر بىلەن ئاغزى بېسىلمايدىغان ئايالدىن تەركىب تاپىدۇ .  ئائىلە باشلىقى :  بالىلىق بولمىغۇچە ئېرىشكىلى بولمايدىغان مەنسەپ .  ئائىلە تاپشۇرۇقى :  ئاتا بىلەن ئانا ئوتتۇرىسىدىكى زېھىن سىناش مۇسابىقىسى .  ئائىلە جابدۇقى :  ئائىلە ئەزالىرى تەرىپىدىن باشقۇرىلىدىغان بىر مۇنچە ئىلمىي ماقالىلەر .  ئائىلە ھېسابات دەپتىرى :  1-ئەرنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىنى ، ئايالنىڭ ئەقىللىقلىقىنى ئىسپاتلايدىغان نۇقتا .  2-ئون يۈەن پۇل كەم بۇلۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن چوڭ باش ئاغرىقى تېپىپ بېرىدىغان دەپتەر .  ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى :  ناچار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىتىبار بېرىشىگە ئېرىشىدىغان نوپۇزسىز ئوقۇتقۇچى .  ئاياللارنىڭ دوستلۇقى :  ئىككى ئايالنىڭ قايتىدىن ئەپلىشىپ قالغانلىقى ، ئۈچىنچى ئايالنىڭ ئۇلارغا ئورتاق دۈشمەن بولۇپ قالغانلىقىنىڭ ئىسپاتى .  ئايالنىڭ جەلىپكارلىقى :  ئەرلەرنى نىمە قىلىشىنى بىلەلمەيدىغان قىلىپ قويالايدىغان قورال .  ئايالنىڭ قەلبى :  1-چەكسىز ھەسرەت .  2-ھېچكىم جاۋاپ بېرەلمەيدىغان ، ھەتتا ئۆزىمۇ جاۋاپ بېرەلمەيدىغان ئىمتىھان سۇئالى .  ئايروپىلان :  1-قىلچە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولمىغان تەسەۋۋۇر كۈچى .  2-جىمى ئىشنى كۆپۈككە ئايلاندۇرىدىغان پەلسەپە . قىمار خەتىرى ۋە سۈرئەتنىڭ تېزلىك مەنىسى ئارلاشتۇرۇپ قاچىلانغان ئۇزۇن ساندۇق .  تاقەت قىلالماسلىق ، ئايروپىلاندىكى بىر ئايال يولۇچىنىڭ ئىككى بالىسى بار ئىكەن .  بالىلار ئايروپىلان بۆلىمىدە ھېچكىم يوقتەك قىيغىتىپ ئويناپتۇ . بۇنىڭغا تاقەت قىلالمىغان بىر يولۇچى ئۇلارغا قاراپ سۆزلەپتۇ  _ بالىلار ، تالاغا چىقىپ ئوينىساڭلار قانداق ؟ 
  مەنبە ، شەيتان لوغەت   |