يار مىنى ئازادى قىل،
(مۇرشىدى)
ئىشقى ئۇتۇڭغا ئەسىرمەن كەل مىنى ئازادى قىل،
ھىس قىلاي ئازادىلىك ،ئەھلى ۋاپانىڭ زادى قىل .
ھىجرى دەشتىدە قۇرۇپ باغىمدا يوقدۇر گۈل-گىياھ ،
كەل مىنى قاندۇر يەنە سەن گۈلگىنە..ئابادى قىل .
سۆيگۈدىن ئالەم ۋۇجۇد ،بەلكى تامام ئادەم ۋۇجۇد ،
ئىلتىپاتىڭ تەنگە قۇت،سۇنغان كۈڭۈلنى شادى قىل .
قاقمايىن كىرپىك تۈنۈم بىدار، كۈنۈمدە ئاھۇ-زار ،
كەل نىگار جان تەندە بار ،قۇچقىن مىنى شاھزادى قىل.
ئوتلۇرۇڭ قەلبىمنى يالماپ ،تەنلىرىمنى كۈل ئىتەر ،
سەنچە شىرىن ئاشىقى، ئەلنى سۈيەر پەرھادى قىل .
تۆرىلىپ ئادەم بۇلۇپ يار سىز ئۈتۈشتىن قىل ھەزەر ،
يار ۋىسالىڭچۈن كۈرەش دەپ،ئوق يىگەننىڭ دادى قىل .
كىمدە بولسا يارغا ئىستەك ،قەلبىدە ئۆچمەس چىراق ،
ئەھلى زۇلىمەتتىن يىراق ،ئاشىقلىنىڭ ئەس-يادى قىل.
ئەي نىگار تاشلا نەزەر ،شۆھرەت پەرەستىن قىل ھەزەر ،
شۆھرەت تىگىدە مىڭ خەتەر ،كەمتەرلىنىڭ ئەۋلادى قىل .
پەخرى ئەيلەپ ئۆز ئۈزەمگە ،شادلىنىپ بۇ كەپىدە ،
سەن بىلەن بىر مەپىدە ،قىلغان سەپەرنىڭ زادى قىل.
سەنچەيارئىشقىدا كۆيمەك مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ شەرەپ ،
ئىزدىنەرمەن ھەرتەرەپ ،كۆرسەت يۈزۈڭنى <1 >ئادى قىل.
ئىشقى سەۋداسىدا ئەقلىمدىن ئاداشتىم قىل نەزەر ...،
ياندۇرۇپ چولپان كۈزۈڭنى،چۆلدە مەشئەل<2>ھادى قىل.
گۈر كىرەپ يانماقتا گۇيا، ئاھۇ -ئەپغانىم ...مىنىڭ ،
سەن بۇلۇپ تاڭ غونچىسى چاشقىن پۇراق خۇش بادى قىل.
دىلدا ۋۇلقان ،قولدا قالقان، بەلدە تالقانىم مىنىڭ ،
بۇسەپەر دەردىنى تارتقانىمغا ،بىر خۇش <3 >نادى قىل .
مەن ساڭا يار بىل نىگار ، تىتىرەيمە ياپراقتىن بەتەر ،
رەھمە قىل ھالىم خەتەر دۈشمەننى باغلاپ جادۇ قىل .
مەن كۈتەرمەن مىھرى شەپقەت، بارمىدۇ شەربەتلىرىڭ ؟
ھەر قۇرۇڭ ھەر بەتلىرىڭدىن سوغا قىل ،زىيادە قىل .
مەنبە ئۈزەم مۇرشىدى
<1 >تەكرار كۆرسەت
<2 >يول باشلىغۇچى
<3 >توۋلىغۇچى.
[ بۇ يازما murxidi تەرپىدىن2009-02-14 23:36دە قايتا ]