ئەزەربەيجان شائىرى بەختىيار ۋاھاپزادە ۋاپات بولدىتۈرك دۇنياسى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىسى مەشھۇر شائىر، ئەدەبىياتچى بەختىيار ۋاھاپزادە ۋاپات بولدى
Posted 14.02.2009 11:36:01 UTC
Updated 14.02.2009 11:37:55 UTC
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى:
تۈرك دۇنياسى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىسى ئەزەربەيجانلىق مەشھۇر شائىر، ئەدەبىياتچى ۋە مۇستەقىل ئەزەربەيجاننىڭ مەنىۋىي تايانچلىرىدىن بىرى بولغان بەختىيار ۋاھاپزادە بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى.
ۋاھاپزادىنىڭ تۈركىيىدە نەشىر قىلىنغان ‹ئۆمۈردىن سەھىپىلەر›، ‹ۋەتەن›، ‹مىللەت› ‹ئانا تىل› ‹سوئال بەلگىسى› دېگەندەك ئەسەرلىرى بار.
ئەسەرلىرى 8 دىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغان ئاتاقلىق شائىرنىڭ 40 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر كىتابى، 11 پارچە ئىلمى ئەسىرى، 2 پارچە مەخسۇس ماقالىسى ۋە ھەر خىل ژانىردىكى يۈزلەرچە ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. ۋاھاپزادە ئەسەرلىرى ئاساسەن ئەركىنلىك، ۋەتەن سۆيگۈسى ۋە دىنىي نۇقتىلارغا مەركىزى ئىدىيە قىلغان.
ئۇزۇنغا سوزۇلغان داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 84 يېشىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان شائىر بەختىيار ۋاھاپزادە، بۈگۈن باكۇ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمدىن كېيىن، دەپنە قىلىنىدىكەن.
شائىر بەختىيار ۋاھاپزادەنىڭ رەسىم ۋە ئەسەرلىرىنى مەنبەدىن كۆرۈڭ:
مەنبە: http://asrim.cn/ShowPost.asp?ThreadID=1441[ بۇ يازما ketmenbay تەرپىدىن2009-02-15 02:18دە قايت ]