مەكىت ناھىيسىنى تېخىمۇ تولۇق چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن بىر قانچە پارچە سۈرەتنىمۇ قوشۇپ يوللاپ قويدۇم...
.
مەكىت ناھىيسى- شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ غەرىبى جەنۇب، قەشقەر ۋىلايتىنىڭ شەرىق، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەرىبى، زەرەپشان دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمى بىلەن تىزناپ دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمى كېسىشكەن قىسمىغا جايلاشقان.
ناھىينىڭ غەرىب تەرىپى يەركەن ناھىيسى بىلەن، شىمالى تەرىپى زەرپشان دەرياسىنى چىگرا قىلىپ مارالبېشى ناھىيسى بىلەن چىگرىلىنىپ تۇرىدۇ. جەنۇپ تەرىپى قاغىلىق ناھىيسىگە تۇتشىدۇ، شەرىق تەرىپى خوتەن گۇما ناھىيسى قۇم بەلبىغى بىلەن تۇتشىپ تۇرىدۇ. شەرىقتىن غەرىبكە 160 كىلومىتىر، جەنۇبتىن شىمالغا 136 كىلومىتىر بۇلۇپ، ئۇمۇمى يەر كۆلۈمى 15200 كۇۋادىرات كىلومىتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلۈمى 530 مىڭ مۇ.
ناھىيىدە 9 يىزا، 1 بازار، 4 دىھقانچىلىق مەيدانى 4 بىڭتۈەن بار بۇلۇپ، ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۆزبىك قاتارلىق 13 مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇمۇمى نۇپۇسى 174 مىڭ، ئاھالىسى ئىچىدە %90 ى ئۇيغۇرلاردۇ.
ناھىينىڭ تۆت پەسلى ئىنىق، تىپىك قۇرۇقلۇق كېلىماتىغا تەۋە. پاختا، بۇغداي، قۇناق، قۇغۇن، قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى تېرىشقا ماس كىلىدۇ. چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ‹دولان قۇيى› ئاپتۇنۇم رايۇن ئىچى-سىرتىغا داڭلىق بۇلۇپ، قوينىڭ تېنى چوڭ، جۈپ قوزىلاش نىسپىتى يۇقىرى، گۆشى يىيىشلىك بۇلۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.
ناھىيىدە جەمئىي 20 مىڭ مودىن كۆپرەك تەبىئي توغراقلىق، 6700 مودىن كۆپرەك بەرپا قىلىنغان ئورمانلىق بار بۇلۇپ ‹قۇملۇقتىكى بوستانلىق› دەپ تەرىپلىنىدۇ.
ناھىينىڭ قاتنىشى قۇلايلىق، ھەر تەرەپكە تۇتىشىدۇ. مەكىت زەرەپشان كۆۋرىكى ناھىيىدىن 6 كىلومىتىر يىراقلىقتا بۇلۇپ، ئۇزۇنلىقى 936 مىتىر ، ئۆلكە 2962 نۇمۇرلۇق قاتناش يۇلىدىكى ئەڭ ئۇزۇن تاش يول كۆۋرۈكى ھىساپلىندۇ. بۇ كۆۋرۈك مارالبىشى بىلەن يەركەن تاشيۇلىنىڭ تۇتۇشۇش تۈگۈنىگە جايلاشقان.
2003 -يىلى 10-ئايدا سېلىنغان مەكىت مەدەنىيەت مەيدانى ناھىيە مەركىزىگە جايلاشقان بۇلۇپ، كۆلىمى 102 مو، تۆت تەرەپلىك شەكىلدە. مەيداننىڭ ئوتتۇرسىغا ئادىللىقنىڭ سىموۋلى بۇلغان تۈۋرۈك تۇرغۇزۇلغان، خەلىق مەيدانىغا قۇيۇلغان چاسا داڭقاننىڭ ئىگىزلىكى 2.6 مىتىر، ھەر بىرىنىڭ ئېغىرلىقى 2 توننا كىلىدۇ. مەيداننىڭ ئىككى تەرىپىدە ئارام ئېلىش ئورنى، مۇزىكىلىق فونتان، ئالتۇن بېلىق كۆلچىكى ۋە كۆكەرتلگەن يىشىللىق بەلبىغى بار.
ناھىينىڭ مەدەنىيەت، ساياھەت بايلىقى مول بۇلۇپ، ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇلىنىڭ ئانىسى ‹12 مۇقام› نى رەتلىگۈچى ئاماننىساخاننىڭ يۇرتى. بۇ يەردە بارلىققا كەلگەن ‹دولان مەدەنيتى› بىر تۈركۈم تەتقىقاتچى، مۇتەخەسىس ۋە ئىكىسپىدىتسىيچىلەرنى جەلىپ قىلدى.
مەدەنىيەت پائالىيتنىڭ موللىقى، كەڭ تارقىلىشى بۇ ناھىيسىنى ‹مەدەنىيەت خىزمىتىدە ئىلغار ناھىيە› دىگەن گۈزەل نامغا ئىرىشتۈردى. بۇ يەردە قۇيۇق مىللىي پۇراققا ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بۇلۇپ، ناھىيىنى ‹مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت تەنتەربىيسىدە ئىلغار ناھىيە› ۋە ‹ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيىچە تەنتەربىيىدە ئىلغار ناھىيە› دىگەن شەرەپلىك ناملارغا ئىرىشتۈردى.
ناھىينىڭ يانتاق (3-يىزا) ، قۇمقىسار (7-يىزا)، تۆمەنتال (4-يىزا)، غازكۆل (5-يىزا) يىزىللىرى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مەدەنىيەت نازارىتى تەرىپىدىن ‹دولان ئۇسۇل ماكانى› ، ‹مىللىي رەسساملار يېزىسى› ، مىللىي سەنئەت يىزىسى› قاتارلىق ناملارغا ئىرىشىتى.
مەكىت قۇمقىسار يىزىسى تەكلىماكان قۇملۇقىغا 13 كىلومىتىر ئارلىقتا بۇلۇپ، 1993-يىلى جۇڭگۇ ئەنگىلىيە بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئەتىرىتى مۇشۇ يەردىن قۇملۇققا كىرگەن. قۇملۇق ئەتراپىدا پارچە-پارچە ئىتىدائي توغراقلىق، سۆگەتلىك ۋە يۇلغۇنلۇق بار بۇلۇپ، ئىكىسپىدىتسىيچىلەرنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىغا سەپەر قىلىشىنىڭ باشلىنىش نوقتىسى ھىساپلىنىدۇ. ھازىرغىچە نۇرغۇن تەكشۈرۈش ئەتىرىتى مۇشۇ يەردىن قۇملۇققا كىرىپ قەدىمي توغراقلىق، قەدىمي دەريا قېنى ۋە قەدىمىي شەھەر ئىزلىرنى تاپقان.
مەنبە:
http://www.dolanlik.com/