سىز بۇ تېمىنىڭ 109 - كۆرۈرمىنى
باياۋان
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 69469
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 386
شۆھرەت: 410 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3900 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 354(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

 ئىمام بۇخارى

ئىمام بۇخارى






«سەھىھۇل بۇخارىي»نىڭ مۇئەللىپى ئىمام بۇخارىي. ئىمام بۇخارىينىڭ ئەسلى ئىسمى مۇھەممەد بىننى ئىسمائىل بىننى ئىبراھىم بىننى مۇغىيرە بىننى بەردىزبە بولۇپ، ئەسلى ئەجدادى پارس ئاتەشپەرەسلىرىدىن ئىدى. ئىمام بۇخارىينىڭ ئەجدادلىرى ئىچىدىن ئىسلامغا كىرگەن تۇنجى كىشى مۇغىيرە. ئۇ ئەينى دەۋردىكى بۇخارانىڭ ۋالىيسى يەمان جۇئفىنىڭ قولىدا مۇسۇلمان بولغان. مۇغىيرە ئەسلىدە مەزكۇر ۋالىينىڭ غۇلاملىرىدىن بىرى بولۇپ، كېيىنچە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى قولىغا ئۆتكەن، شۇڭلاشقا ئىمام بۇخارىي بەزى مەنبەلەردە مۇھەممەد بىننى ئىسمائىل ئەبۇ ئابدۇللا جۇئفى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىمام بۇخارىي 194-يىلى (ھ) بۇخارادا تۇغۇلغان. بۇخارىينىڭ دادىسىمۇ مۇھەددىس ( ھەدىسشۇناس) ئۆلىما بولۇپ، بۇخارىي كىچىك چېغىدىلا ئۆلۈپ كەتكەن. دادىسىدىن نۇرغۇن مال-دۇنيا مىراس قالغان بۇخارىي كىچىكىدىن تارتىپ ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدە ئۆسكەن ۋە ئىلىم سورۇنلىرىغا بېرىپ ئوقۇغان. ئون يېشىدا ھەدىس يادلاشقا كىرىشىپ ئون ئالتە يېشىغىچە ئىبنى مۇبارەك ۋە كىيئ قاتارلىق مەشھۇر ھەدىس ئۆلىمالىرىنىڭ كىتابلىرىنى يادقا ئېلىپ تۈگەتكەن.


بۇخارىي ھەدىس توپلاشقا يېڭىچە بىر ئۇسلۇبتا كىرىشكەن. ئەينى دەۋردىكى مۇھەددىسلەردىن گەرچە ئۆز يۇرتىدىن باشقا جايلارغا بېرىپ ھەدىس توپلىغانلار بولسىمۇ، ئاساسەن ھەممىسى ئۆز يۇرتى دائىرىسىدىكى ھەدىسلەرنى توپلىغان. مەسىلەن، ئىمام مالىك ھىجاز رايونىدىكى، خۇسۇسەن مەدىنىدىكى ھەدىسلەردىن توپلىغان، ئىبنى جۇرەيجمۇ ھىجار رايونىدىكى، خۇسۇسەن مەككىدىكى ھەدىسلەرنى توپلىغان. بۇخارىي بۇ دائىرە بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، كېيىنكى دەۋرمۇھەددىسلىرىنىڭ ئىلىم يولىدا، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ھەدىس توپلاش يولىدا كۆرسىتىدىغان تىرىشچانلىقلىرىنىڭ يۈكسەك ئۈلگىسىنى تىكلەپ چىققان. بۇخارىي ئۆز يۇرتىدىكى ھەدىس ئىلىملىرىنى ئۆگىنىپ تاماملىغاندىن كېيىن بەلخكە بېرىپ مۇھەددىسلەردىن تەلىم ئالغان. ئۇ يەرنى تاماملاپ مەرۋە، نىشاپۇر، رەي، باغداد، بەسرە، كۇۋفە، مەككە، مەدىنە، مىسىر، دەمەشىق، قەيسەرىيە، ئەسقالان،ھىمىس قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ھەدىستىن تېخىمۇ مۇكەممەل ئاساسقا ئىگە بولغان. ئىمام بۇخارىي بۇ جەرياندا پىلانلىق ھالدا ھەممە شەھەردىكى ھەدىسلەرنى تارقاق ھالەتتىن جەملەپ چىققان. ئۇنىڭ بۇ سەپىرى ئون ئالتە يىل سوزۇلغان بولۇپ،
بۇ جەرياندا مىسلىسىز جاپا-مۇشەققەتلەرگە باش ئەگمىگەن ھەمدە ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ 256-يىلى ۋاپات بولغان.


ئىمام بۇخارىي سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن غەيرى سەھىھ ھەدىسلەرنى ئايرىپ چىقىشتىمۇ ئۆزىگە خاس يول تۇتۇپ بۇ ساھەگە ئىنتايىن تەلەپچانلىق بىلەن ئەجىر سىڭدۈرگەن. ئىلگىرىكى ھەدىس كىتابلىرىدا بۇ نۇقتىغا كۆپ ئەھمىيەت بېرىلمىگەن بولۇپ، مەزكۇر كىتابلاردا مۇئەللىپلەر ئۆزىگەيەتكەن ھەدىسلەرنى بىردەك خاتىرىلەپ رىۋايەت قىلغان. ھەدىسنىڭ راۋىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھەدىس رىۋايەت قىلىش سالاھىيىتىنىڭ دەرىجىسى ئوقۇرمەنلەرگە قالدۇرۇپ قويۇلغان، ھەتتا مالىكنىڭ «مۇۋەتتا» ناملىق كىتابىمۇ ھەدىس ئۆلىمالىرى تەرىپىدىن يۇقىرىقى نۇقتىدىن تەنقىدلەنگەن.


سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن زەئىف ھەدىسلەرنى ئايرىپ چىقىش، يەنە كېلىپ بۇ ساھەدىكى تۇنجى قەدەمنى بېسىشنىڭ مىسلىسىز ئۇلۇغ ۋە قىيىن ئەمگەك ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان، چۈنكى بۇ ئەمگەك كىشىدىن راۋىلارنىڭ تارىخى، ھاياتى، ۋاپاتى، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى راۋى بىلەن ئۇچرىشىش ئېھتىماللىقىنىڭ بار-يوقلىقى قاتارلىق ئىنتايىن كەڭ ۋە ئىنچىكە مەلۇماتلارنى تەقەززا قىلاتتى. ئىمام بۇخارىيغا نىسبەتەن ئۆز دەۋرىدىكى راۋىلاردىن تارتىپ ساھابىلەر دەۋرىگىچە بولغان ھەر بىر شەخسنىڭ ئىخلاسى، ئىشەنچىلىكلىك دەرىجىسى، ئەستە ساقلاش قابىلىيىتى، راستچىل ياكى يالغانچى كىشى ئىكەنلىكى، ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ ئاۋامغا ئايان ياكى ئايان ئەمەسلىكى، راستچىل بولغان تەقدىردىمۇ، دەۋىتى قوبۇل قىلىنسىمۇ ھەدىس ساھەسىدە رىۋايىتى قوبۇل قىلىنمايدىغان ئۇنتۇغاق ياكى
بىپەرۋا كىشىلەردىن بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەپسىلىي بىلىش شەرت ھېسابلىناتتى. ھەر قايسى شەھەرلەردىن توپلىغان ھەدىسلەرنى بىرمۇ بىر سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئارىدىكى پەرق ۋە بىردەكلىكنى ھەمدە ئۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىش، راۋىلارنىڭ مەزھەپ تەۋەلىكىنىڭ خاۋارىج، مۇرجىئە، شىيئە، سۇننىي قاتارلىقلار ئىچىدىن قايسىسىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلىش ئارقىلىق مەزكۇر راۋىلار ئىچىدىن ئۆز مەزھىپىگە يان بېسىش مەقسىتىدە سەھىھ بولمىغان ھەدىسلەرنى ساقلاپ قېلىش ياكى سەھىھ ھەدىسلەرنى باشقىچە چۈشەندۈرۈش ئېھتىماللىقىنى چوقۇم كۆزدە تۇتۇپ تۇرۇپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىش تەلىپى دېمىسىمۇ مىسلىسىز جاپا – مۇشەققەتكە چىداش روھى بار كىشىلەرنى تەلەپ قىلاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ساھەدىكى ئەمگەكنىڭ سەھىھلىك دەرىجىسى كۆپىنچە ھاللاردا كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە بېرىپ تاقىلاتتى ( شۇڭا ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ھاياتى پائالىيىتى بىلەن بىرمۇ بىر تونۇشۇپ چىقىش ئارقىلىق بۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولاتتى.) چۈنكى ئىنسانلار ئارىسىدا قەلبى بىلەن ئېغىزى بىردەك ئەمەس كىشىلەر ھەر زامان، ھەر ماكان مەۋجۇد، تەقۋادارلىق تونىغا ئورىنىۋالغان رەزىللەر، پاسىقلار، كىشلەرگە ياخشى كۆرۈنمەي ئالەمدىن كەتكەن ئالىيجانابلار ھەممىلا دەۋردە مەۋجۇد ئىدى.


ئىمام بۇخارىيدىكى ئىككى خىل پەۋقۇلئاددە ئىستېدات ئۇنىڭ بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىنى تاماملىشىغا ياردەم بەرگەن. ئۇنى بىرى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى بولۇپ، تارىخىي مەنبەلەردە بۇخارىينىڭ ھەدىسلەرنى سەنەدى بىلەن قوشۇق تولۇق يادا بىلىدىغانلىقى ئالاھىدە زىكىر قىلىنىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇخارىي كىچىك چېغىدىلا يەتمىش مىڭدىن ئارتۇق ھەدىسنى يادقا ئېلىپ تاماملىغان بولۇپ، ساھابە ياكى تابىئىنلاردىن رىۋايەت قىلىنغان ھەر قانداق ھەدىس تىلغا ئېلىنغان ھامان راۋىلارنىڭ تۇغۇلۇپ ۋاپات بولغان ۋاقتى ۋە ياشىغان ئورنىنى ئېيتىپ بېرەلىگەن.



;بەزىلەر ئۇ يادقا بىلىدىغان ھەدىسلەرنىڭ سانى ئىككى يۈزمىڭ دەپ قارىغان. نۇرغۇنلىغان ئالىملار بۇ پىكىرگە قوشۇلغان.


بۇلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇخارىينىڭ ئەستە ساقلاش قابىلىيىتى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يادلىغان ھەدىسلەرنىمۇ خاتىرىلەپ ماڭغان ۋە كۆپ تەكرارلاپ شۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزگەن. بۇخارىي بۇ ھەقتە:« مەن بەسرەدىكى ھەممە ھەدىسلەرنى خاتىرىلەپ ئالدىم»دېگەن.


ۋەرراقە ئىمام بۇخارىينىڭ: «ئۆز كىتابلىرىمغا پۈتكەن ھەدىسلىرىمنى ساناپ چىقتىم، ھەممىسى ئىككى يۈز مىڭ ئىكەن» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلسا، باشتا تارىخىي مەنبەلەردە ئۇنىڭ ھەر كېچىسى بىر نەچچە قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ چىراغ يورۇقىدا ھەدىسلەرنى تۈرگە ئايرىپ، ھەر بىر ھەدىسكە بەلگە ئۇرۇپ بولۇپ ئاندىن ئۇخلايدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ.


ئىككىنچىسى بۇخارىينىڭ راۋىلارنى پەرقلەندۈرۈش، ئۇلارغا ئۆز لايىقىدا باھا بېرىش ماھارىتى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ تارىخ كىتابىنى شۇ مەقسەتتە يازغان. بۇ ھەقتە ئۇ : «تارىختىكى ھەر قانداق بىر ئىسىم تىلغا ئېلىنسا ئۇنىڭ قىسسىسىنىمۇ بىلەلەيمەن»دېگەن.


بىر قېتىم ئۇنىڭ يېنىدا ئەتا كەيخارانى ئىسىملىك بىرەيلەن رىۋايەت قىلغان مەلۇم ھەدىس زىكىر قىلىنغان، سورۇندىكىلار ئۇنىڭدىن كەيخاران سۆزىنىڭ مەنىسىنى سورىغاندا، ئۇ دەرھاللا: بۇ ئەسلىدە يەمەندىكى بىر يېزىنىڭ نامى بولۇپ، مۇئاۋىيە رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرىدىن بولغان بۇ كىشىنى يەمەنگە ئەۋەتكەن. ئەتا يەنە ئۇنىڭدىن ( مۇئاۋىيەدىن دېمەكچى بولسا كېرەك-ت) ئىككى ھەدىس رىۋايەت قىلغان» دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇخارىي راۋىلارنىڭ تەرجىمىھالىنى پىششىق بىلىش بىلەن بىرگە ئۇلارغا باھا بېرىشتە ناھايىتى سىپايە بولغان ھەمدە ئۆزى گۇمانلىق دەپ قارىغان ياكى يالغانچىلىق بىلەن تۇتۇلۇپ قالغان راۋىلارغا: « بۇ كىشى ھەققىدە بەزى پىكىرلەر بار» ياكى «مۇھەددىسلەر بۇ كىشى ھەققىدە بىر نەرسە دېمىگەن» دېگەندەك ئىبارىلەرنى قوللانغان. راۋىلاردىن پالانى كاززاپ، يالغانچى ياكى ھەدىس توقۇشقا ئۇستا دېگەندەك ئىبارىلەرنى ئاز ئىشلەتكەن ياكى ئۇلارغا باھا بېرىشتە : « ئۇنى پالانى ئالىم يالغانچى دەپ قارىغان» دەپ ئىزاھ بەرگەن.


بۇخارىينىڭ باشقىلارغا ئاشكارا بەرگەن ئەڭ يامان باھاسى پەقەت: « ئۇنىڭ ھەدىسلىرى ئېتىراپ قىلىنمايدۇ» دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئىبارىنىمۇ ناھايىتى ئاز ئىشلەتكەن.



«ئىسلامىيەتنىڭ ياشلىق دەۋرى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
http://www.berqi.com/bbs/viewthread.php?tid=2711

تېما تەستىقلىغۇچى : alxarap
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-02-14, 16:44

 

...دۇنيانىڭ كەلگۈسى ئۆتمۈشتىن كۆپراق.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-14 22:45 |
kasam505
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 61388
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 478
شۆھرەت: 479 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4775 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 645(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

 

پايدىلىق بىلمكەن . كۆپ رەھمەت !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

basbas
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 10:40 |
EnglishFan
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 72483
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 55
شۆھرەت: 55 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 550 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 113(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

 

دىمەك پەيغەمبەر ۋاپاتدىن كېينكى 200يىلدا ئاندىن ھەدس يىغىپ توپلىنىپتىكەندە!
نىمشقا دەسلەپتىلا قۇرئانغا ئوخشاش يېزىپ قالدۇرۇلمىغان بولغىتى!!!!

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 11:22 |
باياۋان
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 69469
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 386
شۆھرەت: 410 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3900 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 354(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

 

Quote:
بۇ مەزمون2قەۋەتتىكىEnglishFanنىڭ2009-02-15 11:22 دە يوللىغان يازمىسى   :
دىمەك پەيغەمبەر ۋاپاتدىن كېينكى 200يىلدا ئاندىن ھەدس يىغىپ توپلىنىپتىكەندە!
نىمشقا دەسلەپتىلا قۇرئانغا ئوخشاش يېزىپ قالدۇرۇلمىغان بولغىتى!!!!

قۇرئاننى توپلاپ رەتلەش خىزمىتى ھەزرىتى ئوسمان ئىبنى ئەففان ۋاقتىدا ئاندىن ھەقىقى ئىشقا ئاشۇرۇلغان .
پەيغەمبەر ئەليھىسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن ئاساسەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىلەن بىرگە پائالىيەت ئېلىپ بارغان ساھابىلەرنىڭ سانى كۆپ ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ھەدىسلىرىنىڭ تۇلۇق سانىنى ، مەزمۇنىنى بىلىدىغان ساھابىلەرمۇ كۆپ ئىدى .ئىسلام دۇنياسىدا ئىمام بۇخارىدىن باشقا ئەھلى ئىسلام ۋەلجامائە ئەقىدىسىگە مەنسۇپ بولغان تۆت ئۇلۇغ زات (ئىمام ئەزەم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ، ئىمام شاپىئى ، ئىمام ئەھمەد ھەنبەل ، ئىمام مالىك ) ئەلۋەتتە ئىمام بۇخارىدىن بۇرۇنراق پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى توپلاپ رەتلەپ ، ئۈگەنگەن . ئىمام بۇخارى بولسا ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ھەدىسلرىرىنىڭ پۈتۈن قىسىمىنى يىغىپ بۇلۇپ ، ئەڭ ئىشەنىچلىكرىنى تاللاپ ئېلىپ ئاندىن كىتاب قىلىپ يېزىپ قالدۇرغان ، دىمەك ،ھەدىس توپلاش ، قۇرئان رەتلەشتىن كىيىنلا باشلانغان . قۇرئان چاھاريارلىرىمىزدىن ئوسماننىڭ دەۋرىدە رەتلىنىپ پۈتكەن بولسا ، ھەدىس ئىلمى ئىمام بۇخارىنىڭ ۋاقتىدا ئاندىن مۇكەممەللەشكەن .
ئىلمى چوڭقۇر تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە بىلگەنلىرىنى ئايىماسلىقىنى سورايمەن.

شىنجاڭ تور مەكتىپى
...دۇنيانىڭ كەلگۈسى ئۆتمۈشتىن كۆپراق.
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 11:52 |
arkhon
ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 9172
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 1176
شۆھرەت: 1252 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 11410 سوم
تۆھپە: 215 نۇمۇر
ياخشى باھا: 254 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 4574(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-10-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

 

باياۋان قېرىندىشىم ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن ..رەھمەت

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 12:19 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » مەشھۇر شەخىسلەر
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:02-16 15:14, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ