بۇ شىئىرىمنى باھارغا تەشنا بولىۋاتقان قەلبلەرگە كۆڭۈل سوۋغىسى سۈپىتىدە تەقدىم قىلماقچىمەن.
باھارنى سېغىنىپ.......
ۋاقىت ئۆتتى ئۇزاق كەتكەن قىش بىلەن، بەك قىينالدۇق بۇ دەھشەتلىك جۇت بىلەن. چارە بارمۇ بىلمەي قالدۇق زادىلا ، كۈنلەر ئۆتسە زىمىستانلىق تۈن بىلەن.
شىۋرىغاننىڭ بۇشىددەتلىك زوركۈچى، قىينىۋەتتى بۇ ئامالسىز تەنلەرنى. زىرىكتۈردى بۇ زىمىستان بىزلەرنى، تېزراق كەلسە كۈتىۋالساق باھارنى.
بەك سېغىندى ھەممە بىردەك باھارنى، كۈتتى بىردەك ئۈمۈدىمۇ بولغاچقا. تەشنا بولدى بۇ توڭلىغان يۈرەكلەر، باھاردىكى نۇرچاقناتقان قوياشقا.
كۈتمەكتەمىز توڭ ئىرىگەن باھارنى، تەييار بولدى بارچە بىردەك ھەممىسى. توپ-توپ بولۇپ ئەمگەكلەرگە چىققاندا، مول-ھوسۇلنىڭ گۈزەل بولار ئەتىسى.
قەلەم تەۋرەتكۈچى: ئېمران0908
|