يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى يەر شارىدا يۈز بەرگەن زور پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ھادىسىلىرى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، يەر شارىدا يۈز بەرگەن زور پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ھادىسىلىرى تۆۋەندىكىچە :
2005 –يىلىدىكى پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ھادىسىسى
2005–يىلى 2–ئاينىڭ 19– كۈنى ، باڭلادىشنىڭ «ماھاراج»ناملىق يولۇچىلار پاراخوتى داككادىن شەرقىي جەنۇبتىكى چاندىبور شەھىرىگە كېتىۋاتقاندا ، تروپىك بەلباغ بورىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ چۆكۈپ كەتكەن . بۇ قېتىمقى پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە 154 كىشى قازا قىلغان .
2006–يىلىدىكى پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ھادىسسى
2006–يىلى 2–ئاينىڭ 2–كۈنى ، مىسىرنىڭ 1400 يولۇچى ئولتۇرغان «سالام 98 ناملىق»يولۇچىلار پاراخوتى قىزىل دېڭىزدا چۆكۈپ كېتىپ ، 1000 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان ۋە يوقاپ كەتكەن .
3–ئاينىڭ 23– كۈنى ، كامىروننىڭ 150 يولۇچى ئولتۇرغان بىر پاراخوتى تاييو ئۆلكىسىنىڭ كېرىبى دېڭىز تەۋەلىكىدە چۆكۈپ كېتىپ ، 120 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان .
4–ئاينىڭ 9–كۈنى ، گانانىڭ نورمىدىن ئارتۇق يولۇچى سالغان بىر يولۇچىلار پاراخوتى گانادىكى ۋولتا دەرياسىغا چۆكۈپ كېتىپ ، پاراخوتتىكى 120 كىشى يوقاپ كەتكەن.
12–ئاينىڭ 30–كۈنى ، ھىندونېزىيىنىڭ بىر يولۇچىلار پاراخوتى جاۋا ئارىلى ۋە كالىنمانتان ئارىلى ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە كۈچلۈك بوراننىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكەن. پاراخوتتىكى يولۇچى ۋە پاراخوت خادىملىرى بولۇپ 605 كىشىدىن ئاران 247 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان .
2007–يىلىدىكى پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ھادىسسى
12–ئاينىڭ 15– ۋە 16–كۈنلىرى ، چېگرىدىن ئوغۇرلۇقچە ئۆتمەكچى بولغان ئىككى پاراخوت يەمەننىڭ ئەدەن قولتۇقىغا كەلگەندە ، ئىككىلا پاراخوت چۆكۈپ كېتىپ ، 200 كىشى ئۆلگەن ۋە يوقاپ كەتكەن.
2008–يىلىدىكى پاراخوت چۆكۈپ كىتىش ھادىسسى
1–ئاينىڭ 18– ، 19–كۈنلىرى ، سومالىنىڭ چېگرىدىن ئوغۇرلۇقچە ئۆتكۈچىلەرنى توشۇيدىغان ئىككى كېمىسى يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە چۆكۈپ كېتىپ ، 130 كىشى قازا قىلغان ، نۇرغۇن كىشى ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن .
6–ئاينىڭ 22–كۈنى ، فىلىپپىننىڭ «شاھزادە يۇلتۇز تۈركۈمى»ناملىق يولۇچىلار پاراخوتى فىلىپپىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى لاڭبۇلون ئۆلكسىىگە يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىدە تەيفېڭ بورىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ چۆكۈپ كەتكەن ، پاراخوتتىكى 747 يولۇچى ۋە پاراخوت خادىمىدىن ئاران 42 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان .
7–ئاينىڭ 22–كۈنى ، دېموكراتىك كونگونىڭ بىر يولۇچىلار پاراخوتى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى بىلەن چېگرىلىنىدىغان ۋۇبانجى دەرياسىدا خادا تاشقا سوقۇلۇپ كېتىپ ، دەرياغا چۆكۈپ كېتىپ ، ئاز دېگەندە 45 كىشى قازا قىلغان ، 100 دىن ئارتۇق كىشى يوقاپ كەتكەن.
12–ئاينىڭ 14– كۈنى ، فىلىپپىننىڭ بىر يولۇچىلار يۈك پاراخوتى فىلىپپىننىڭ شىمالىدىكى كاجاتىڭ ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە زور دولقۇننڭ زەربىسىگە ئۇچراپ چۆكۈپ كېتىپ ، ئاز دېگەندە 45 كىشى قازا قىلغان ، 8 كىشى يوقاپ كەتكەن.
2009 – يىلدىكى پاراخوت چۆكۈپ كېتىپ ۋەقەسى
1 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ، ھىندونېزىيىنىڭ بىر پاراخوتى سۇلاۋىس ئارىلىنىڭ ماجىنى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە دېڭىزغا چۆكۈپ كېتىپ ، پاراخوتتىكى 200 دىن ئارتۇق كىشى يوقاپ كەتكەن بولۇپ ، ھازىر پەقەت 18 كىشىلا قۇتقۇزىۋېلىنغان .
مەنبە : تەڭرىتاغ تورى