سىز نامراتلارنىڭ باي بولۇپ روناق تېپىشىدىكى ئەڭ چوڭ مەخپىيەتلىكىنى بىلەمسىز؟
سىز نامراتلارنىڭ باي بولۇپ روناق تېپىشىدىكى ئەڭ چوڭ مەخپىيەتلىكىنى بىلەمسىز؟مۇۋاپىقىيەت قازىنىپ باي بولۇش تورى ھەر ساھە دوسلار ئۈچۈن ھەقىقىي يۇز بەرگەن بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بەرمەكچى،مەخپىيەتلىك مانا مۇشۇ ھېكايىنىڭ ئىچىدە ،ئەستايىدىللىق بىلەن ئاستا-ئاستا كۆرۇپ بېقىڭ.
فىرانسىيەدە بىر ياش ناھايتىمۇ نامرات،ناھايتىمۇ جاپالىق تۇرمۇش كەچۇرىدىكەن.كېيىن ئۇ زىننەتلەش رەسىم بويۇملىرىنى سېتىپ ئىگىلىك تىكلەپ ،ئون يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ،تېز سۇرئەتتە باش كۆتۇرۇپ فىرانسىيەدىكى 50چوڭ باينىڭ بىرى بولۇپ،ياش بىر ئىگىلىك تىكلىگۇچىگە ئايلىنىپتۇ.كۈتۇلمىگەندە ئۇ مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇپ،1998-يىلى دوختۇرخانىدا ئالەمدىن ئۆتۇپتۇ.ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن فىرانسىيەنىڭ بىر گېزىتىدە،ئۇنىڭ بىر پارچە ۋەسىيەتنامىسى بېسىلىپتۇ.ۋەسىيەتنامىدە ئۇ<<مەن ئىلگىرى بىر نامرات ئىدىم.ھازىر باي ئادەملىك سالاھىتىم بىلەن جەننەتكە كىرىش ئىشىكى ئالدىدا تۇرۋاتىمەن،مەن ئۆزۇمنىڭ قانداق قىلىپ باي ئادەمگە ئايلانغانلىدىكى مەخپىيەتلىكىمنى قالدۇرۇپ قوياي،ناۋادا كىم <<نامراتلاردا ئەڭ كەم بولىدىغان نەرسە نىمە؟>>دىگەن سۇئالغا پەرەز قىلىپ جاۋاپ تاپالىسا ،مەن ئۇنى تەبرىكلەيمەن ھەمدە ئۇنىڭغا بانكا شەخسىي بىخەتەر ساندۇقۇمنىڭ ئىچىدىكى 100تۇمەن فىرانىك پۇلۇمنى قالدۇرىمەن.بۇ بولسا ئەقىل پاراسەت ئىشلىتىپ ،شۇ مەخپىيەتلىكنى ئاچقان ئادەمگە بېرىلگەن مۇكاپات،يەنە مېنىڭ جەننەتتە تۇرۇپ ئۇنىڭغا بەرگەن ئالقىش ۋە مەدىتىم بولسۇن>>دەپ يېزىپتۇ.
ۋەسىيەتنامە بېسىلغاندىن كېيىن ،48561ئادەم ئۆزلىرىنىڭ ئارخىپىنى ئەۋەتىپتۇ.بۇ ئارخىپلار خىلمۇ- خىل ،نېمە دېسە شۇ بار ئىكەن .مۇتلەق زور قىسىم كىشىلەرنىڭ قارىشىچە،نامراتلاردا ئەڭ كەم بولىدىغىنى ئەلۋەتتە پۇل ، پۇل بولسىلا ئۇ يەنە قايتا نامرات بولىۋەرمەيدۇ دەپ قارىغان.يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كۆز قارىشىچە ،نامرات ئادەملەردە ئەڭ كەم بولىدىغىنى پۇرسەت،شۇڭا نامرات بولۇپ قالغان، نامراتلىق ئۇلارنىڭ ئارقا كۆرنىشى دەپ قارىغان.يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كۆز قارىشىچە نامراتلاردا ئەڭ كەم بولىدىغىنى تېخنىكا ،ھېچقانداق ئارتۇقچىلىق يوق شۇڭلاشقا نامرات ،تېىخنىكىسى بىلەن ئارتۇقچىلىقى بولسىلا ئاندىن تېز سۇرئەتتە بېيىپ كېتىدۇ دەپ قارىغان.شۇ باينىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۇنى ،ئۇنىڭ ئادۇۋكاتى ۋە ۋاكالەتچىسى ھەققانىي ئىش قىلىپ ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكىدە ،بانكىدىكى شەخسىي بىخەتەرلىك ساندۇقىنى ئېچىپ .ئۇنىڭ باي ئادەمگە ئايلانغانلىق مەخپىيەتلىكىنى ئېچىپتۇ.بارلىق جاۋاپ بەرگەنلەرنىڭ ئىچىدە پەقەت بىر ئەمدىلا 9ياشقا كىرگەن قىزچاق توغرا پەرەز قىلىپ تاپالاپتۇ.
نىمىشقا پەقەت ئەمدىلا 9ياشقا كىرگەن قىزچاق نامراتلاردا ئەڭ كەم بولىدىغىنىنىڭ شۆھرەتپەرەسلىك ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ تاپالايدۇ؟قىزچاق 100تۇمەن فىرانىك مۇكاپاتنى ئالغان كۇنى مۇنداق دەيدۇ<<ھەر قېتىم ئاچام . 11ياشلىق ئوغۇل دۇستۇم مېنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويغان چاغدا ھەمىشە ئاگاھلاندۇرۇپ مېنى شۆھرەتپەرەسلىك قىلما ،سەندە شۆھرەتپەرەسلىك بولمىسۇن!دەيىتتى.شۇڭلاشقا مەن بەلكىم شۆھرەتپەرەسلىك ئادەمگە ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلەرنى ئېرىشتۇرەلەيدۇ.دەپ ئويلىدىم.>> دەپتۇ .
مەخپىيەتلىكنىڭ سىرى ئاشكارلانغاندىن كېيىن ،پۇتۇن فىرانسىيەنى زىلزىلىگە سېلىپ،يەنە ئامىرىكا ئەنگىلىيەلەرگىمۇ تارقىلىپتۇ.بىر قانچە ئېسىلزادە بايلار مۇشۇ تېما توغرىسىدا مۇنازىرە ئىلىپ بېرىپ،ھەممىسى قىلچە يۇشۇرماستىن ئېتراپ قىلىپ:شۆھرەتپەرەسلىك بولسا مەڭگۈ<<نامراتلىقنى داۋالايدىغان >>ئالاھىدە دورا دەپتۇ.شۇڭلاشقا مۆجىزىلىك بىخلىنىش نۇقتىسى ؛ نامراتلار نامرات بولغانلىقى ئۈچۈن نامرات ئەمەس بەلكى ،كۆپىنچە ئۇلاردا تۇزەلمەس بىر كەمچىلىك بار بولغانلىقى ئۈچۈن،يەنى باي بولۇشقا بولغان شۆھرەتپەرەسلىكى كەمچىل بولغانلىقى ئۈچۈن .ھەممىگە ئايان نامرات كىشىلەردە كەم بولىدىغىنى پۇل ۋە مال مۇلۇك،بىراق نامراتلاردا ھەقىقىي كەم بولىدىغىنى شۆھرەتپەرەسلىك. باي بولۇشقا بولغان شۆھرەتپەرەسلىكتىن ئىبارەت.نىمىشقا مۇشۇنداق دەيمىز. چۇنكى نامرات كىشىلەر نامرات بولغانلىقى ئۈچۈن نامرات ئەمەس بەلكى ئۇلار ھازىرقى ئەھۋالىدىن قانائەتلىنىش ئىدىيسىدە توختاپ قالغان.پەقەتلا ۋاقىتلىق قانائەتلىنىشنى دەپ ،كەلگۇسىگە كۆزىنى ئېچىپ قارىمىغان،ئۇنىڭ ئۇستىگە باي بولۇشقا بولغان شۆھرەتپەرەسلىك يوق.بەلكىم ئۇلار ئۇخلىغاندا باي بولۇپ تۇرمۇش كەچۇررۇپ شېرىن چۇش كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن،بىراق بۇ رىئاللىق ئەمەس.چۇش قانداقلا بولمىسۇن يەنىلا چۇش،ئەمەلىي ئەھۋال يەنىلا ئۆزگەرمىگەن.
كۆرۇنۇشتە ئەڭ كەم بولىدىغىنى بولسا-------------پۇل
ماھىيەتتە ئەڭ كەم بولىدىغىنى بولسا-------------شۆھرەتپەرەسلىك
كاللىدا ئەڭ كەم بولىدىغىنى بولسا --------------ئىدىيە،قاراش
پۇرسەتكە قارىتا ئەڭ كەم بولىدىغىنى بولسا-------------چۇشىنىش
تەقدىر ئىچىدە ئەڭ كەم بولىدىغىنى بولسا-------------تاللاش
ۋۇجۇدىدا ئەڭ كەم بولىدىغىنى بولسا ---------------جاسارەت
ئۆزگەرتىشتە ئەڭ كەم بولىدىغىنى بولسا-----------------ھەرىكەت
قورساقتا ئەڭ كەم بولىدىغىنى بولسا----------------بىلىم
كەسىپتە ئەڭ كەم بولىدىغىنى بولسا --------------جەلىپ قىلىش كۈچى
زور كۆپچىلىك كىشىلەرنىڭ قارىشىدا ،نامراتلاردا ئەڭ كەم بولىدىغىنى ئەلۋەتتە پۇل ،پۇل بولسىلا يەنە نامرات بولىۋەرمەيدۇ دەپ قارايدۇ.يەنە بىر قىسىم كىشىلەر نامراتلاردا ئەڭ كەم بولىدىغىنى پۇرسەت ،نامراتلىق ئۇلارنىڭ ئارقا كۆرنۇشى دەپ قارايدۇ. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر نامراتلاردا ئەڭ كەم بولىدىغىنى تېخنىكا ،ھېچقانداق ئارتۇقچىلىق يوق .تېخنىكا ۋە ئارتۇقچىلىق بولسىلا تېز سۇرئەتتە بېيىپ كېتەلەيدۇ دەپ قارايدۇ.يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قارىشىدا نامراتلاردا ئەڭ كەم بولىدىغىنى ياردەم ۋە غەمخورلۇق ،ئېسىل چىرايلىق داڭلىق ماركىلىق كىيىملەر پەقەتلا زۇڭتۇڭلۇق خىزمىتىگە مۇناسىپ دەپ قارايدۇ.ئەمەلىيەتتە نامراتلاردا ئەڭ كەم بولىدىغىنى شۆھرەتپەرەسلىك!!
كۆڭۇل قويۇپ ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلىش ھەمدە شۆھرەتپەرەس بولۇش كەم بولسا بولمايدۇ.ئىدىينى ئۆزگەرتىش بىرىنچى قەدەم،ھەرىكەت قىلىش بولسا بىزنىڭ باي ئادەمگە ئايلىنىشمىزنىڭ ئالدىنقى شەرتى!!! توربەت يېڭى قۇرۇلدى تورداشلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز ئادىرسىمىز:
http://www.milyunir.cn/