سىز بۇ تېمىنىڭ 299 - كۆرۈرمىنى
tanha218
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 73426
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 1 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-14

 مەھبۇبەمگە يېزىلغان خەت

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
باشقۇرغۇچى tughrul بۇ تېمىنى شېئىرىيەت گۈلزارى دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى .(2009-02-14)
                                              مەھبۇبەمگە يېزىلغان خەت
         ئەسلى سىزنى سەن دېمەي دېگەن بولساممۇ،كۆڭلۈم ئۇنىمىغان ،تىللىرىم قېتىۋالغان بولسىمۇ،ئۇلارنى مەجبۇرلاپ،«سىز»نى«سەن»دېيىشكە كۆندۈردۈم.

                                                          بىلەمسەن
        بىلەمسەن؟...مۇشۇماكاندا ساڭا ئاشىق بىقارار بولۇپ،ئۈمىدسىز مۇھەببەتنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتقان بىر نىمجاننىڭ بارلىقىنى بىلەمسەن؟قاقاقلاپ كۈلىۋاتقىنىڭدا،غەمسىز يۈرىۋاتقىنىڭدا...تەشنالىقتا يولۇڭغا تەلمۈرگەن خۇمار كۆزلەردىن ياشلار تۆكۈلىۋاتقىنىنى...
قامىغان يۈرەكتىن قانلار ئېقىۋاتقانلىقىنى بىلەمسەن؟...قەلبىمدىكى جاراھەت كۈنسېرى
چوڭايماقتا،دەدلىرىم كۆپەيمەكتە،سەنسىز ئالەم قاراڭغۇ ماڭا ،سەنسىز ياشىماق ئەلەمدۇر ماڭا..
بۇنى  بىلەمسەن؟؟؟.....



         بىر كۈنى سەن مەندىن :
       _مېنى ياخشى كۆرگىنىڭىزگە پۇشايمان قىلامسىز ؟،_دەپ سورىدىڭ.
         مەن:
       _ياق،_دەپ جاۋاپ بەردىم ھەم سەۋەبىنىمۇ دەپ بەرگەن ئىدىم .
         ئەمدى ساڭا ھەقىقىي جاۋابىنى بېرەي،مەن ھەم پۇشايمان قىلىمەن ھەم پۇشايمان قىلمايمەن.


                                                   پۇشايمان قىلدىم
       ئۇلار كۈلدى.بۇ مەسخىرە كۈلكىسى ئىدى.ئۇلار كۈلۈشكە ھەقلىق....مەن ئۆزۈمگە
تەئەللۇق بولمىغان قەدىرسىز مۇھەببەتنىڭ رىشتىگە باغلانغان ئىدىم.ئۆزىدىن باشقىنى
سۆيمەيدىغان....دۇنيادا پاك ئەقىدە،ساپ مۇھەببەتنىڭ بارلىقىنى قىلچە چۈشەنمەيدىغان
بىر نادانغا كۆيگەنىدىم ...ھەقىقەتەن سۆيۈشنى بىلمىگەن ئادەم ،قانداقمۇ سۆيۈلسۇن؟...
ساپ ھەم پاك سۆيگۈمنى بىر نادانغا ئاتىغىنىم ئۈچۈن چەكسىز  پۇشايمان قىلدىم......

                                                   پۇشايمان قىلمايمەن
       ئەمدى بىلدىم ،ئۆكۈنۈشكە ،ئازابلىنىشقا ،زارلىنىشقا تېگىشلىك ئىنسان مەن ئەمەس،بەلكى سەن ...
      سەن پۈتۈن ھاياتىمنى ،ساپ مۇھەببىتىمنى ئاتا قىلىشقا تەييار تۇرغان بىر كۆيۈملۈك ھەمراھتىن ئايرىلدىڭ!...مەنىلىك تۈس ئېلىپ ،رەڭگارەڭ گۈللەرگە پۈركىنىش ئالدىدا
تۇرغان مەنىۋى دۇنيايىڭ قۇرۇپ قاقشال بولۇپ قالدى...
      سەن سۆيۈلۈشنى سۆيۈشتىن ئۈستىن كۆرۈشۈڭ كېرەك ئىدى.بۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئۆمۈر نادامەت
ئىچىدە ياشايسەن !...
       سېنىڭدىن ئايرىلغىنىمغا مەڭگۈ پۇشايمان قىلمايمەن!


       مەھبۇبەم،«بۇ جاھان ئۆتنە جاھان »ئىشەنمەمسەن؟ئىشەنمىسەڭ كۆڭۈل ئەينىكىڭگە
قاراپ باق،بىر چاغلاردا مەن زار -زار يىغلاپ ،سېنىڭ ئاياغلىرىڭغا باش قويغانىدىم.
بۇندىن كېيىنكى ھالىتىڭ مەن ئاشىقنىڭ تەقدىرى بولۇپ قالغۇسى.

      خەير،مەھبۇبەم،ساڭا يازغان خەتلىرىمنى مۇشۇ جايدا ئاخىرلاشتۇراي!
      

        مەنبە:ئۆز خاتىرەمدىن

       ئاپتورى:مەمەتجان يۈسۈپ                                            

تېما تەستىقلىغۇچى : tughrul
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-02-14, 12:56

 

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-14 20:53 |
维族姑娘
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 62731
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 159
شۆھرەت: 160 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1590 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 221(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

 

مۇھەببەت ئۇلۇغدۇر ۋاپاسى بىلەن،
زارلانما ھەر قانچە قىينىسا ھىجران.
ھىجراندا تاۋلانغان سۆيگىگە پەقەت،
ئاچىدۇ كەڭ قۇچاق ۋىسال ھەر زامان.

basbas
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-14 21:13 |
@kultigin@
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 55364
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 130
شۆھرەت: 131 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1300 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 289(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

 

خېلى زەربىگە ئۇچىراپسىز ھە!!!بۇ بوپتۇ ئۆكۈنمەڭدە!!!ئوغۇل بالىغا ئۈچ قېتىم بېرىدۇ دەيدۇ!!!يەنە ئىككى قېتىمى بار!!!چاق-چاق،ياخشى يېزىپسىز!!!مۇھەببەت دىگەن شۇنداق نەرسە،ئىككىلى تەرەپ ياخشى كۆرمىسە روياپقا چىقىشىغا بىرنىمە دېمەك تەس!!!

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-14 23:49 |
dawer123
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 61271
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 3 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 123(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

 

بۇ سۆزنى مەن دوستىمدىن ئاڭلىغاندەك قىلىمەنغۇ  بۇ سەن ئەمەستۇ.
مۇھاببەت دىگەن ؟.....ھەي

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 00:06 |
layli614
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 69915
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 103
شۆھرەت: 103 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1030 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 206(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

 

مۇھەببىتىڭىزدىن ناھايىتى تەسىرلەندىم، ئەمما مەڭگۈ پۇشايمان قىلماڭ. چۈنكى ئۇنى ياخشى كۆرۈپ مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى ھېس قىلدىڭىز. بەلكىم ئۇنىڭدىن ئايرىلىشىڭىز سىزنىڭ بەختلىك كۈنلىرىڭىز باشلىنىشى بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ، ئۈمىدۋار بولۇڭ. كەلگۈسىدە چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بىر قىزغا ئۇچىرايدىغانلىڭىزغا ئىشىنىڭ...

ھەقىقىي مىسۋاك
قەدرىنى قىل ،قەدرىڭ بىلگەننىڭ...
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 11:58 |
safawi
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 64455
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 66
شۆھرەت: 67 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 660 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 51(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

 

جىڭ لاتا نىمىكەنسە نەگە بىرىپ دىسەڭ دىيە ئاداش ماندا ئوسۇرۇق گەپللىرىڭنى          

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-15 12:40 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:02-16 15:13, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ