سەئۇدىي ئەرەبىستانىدا تۇنجى قېتىم بىر ئايال مۇئاۋىن مىنىستىر بولدى
پادىشاھ ئابدۇللاھ، ھۆكۈمەتنى يېڭىلاش دائىرىسىدە تۇنجى قېتىم بىر ئايالنى مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلىدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇنجى قېتىم بىر ئايال ھۆكۈمەتكە كىردى.
سەئۇدى ئەرەبىستانى دۆلەت تېلېۋىزىيىسى، پادىشاھ ئابدۇللاھنىڭ ھۆكۈمەتنى يېڭىلاش دائىرىسىدە تۇنجى قېتىم بىر ئايالنى مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
2005- يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا تەختتىن ئولتۇرغاندىن بېرى، تۇنجى قېتىم ھۆكۈمەتنى يېڭىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان پادىشاھ ئابدۇللاھنىڭ مائارىپ، ئەدلىيە، ئاخبارات ۋە سەھىيە مىنىستىرلىرىنىمۇ يېڭىدىن تەيىنلىگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.
پادىشاھ ئابدۇللاھنىڭ بۇنىڭدىن باشقا يەنە سوتچىلار ئالىي كومىتېتى ۋە كېڭەش مەجلىسى باشلىقلىرىنىمۇ قايتىدىن تەيىنلىگەنلىكى، دىنى ساقچىلار ئورگىنىدىمۇ يېڭى بىر كىشىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.
پادىشاھ ئابدۇللاھ تەرىپىدىن ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلانغان، دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ سوتچىلار (قازىلار) ئالىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى شەيخ سالىھ ئەللۇھەيداننىڭ ئۆتكەن سېنتەبىر ئېيىدا بەرگەن ‹ئەخلاقسىز مەزمۇندا تارقىتىش بېرىدىغان سۇنئىي ھەمرا تېلېۋىزىيىلىرىنىڭ ساھىپلىرىنى ئۆلتۈرسە بولىدىغانلىقى› شەكلىدىكى پەتىۋاسى پۈتۈن ئەرەب دۇنياسىدا ئەيىپلەشلەرگە ئۇچرىغان ئىدى.