ئۇيغۇر قىزى
ئاپتۇرى : روزى سايىت
كۆر،ئەنە بىر قىزكى،چىھرى،مىھرى نۇر،ئاتەش ئۈزى،
زىلۋا بوي سەرۋى بەدەن،چولپان كەبى پارلار كۈزى.
قاشلىرى قىيغان قەلەمدەك، كىرپىكى تال-تال يىپەك،
مەڭزى ئانار،لىۋى ياقۇت،خۇددى ئاي رۇخسار-يۈزى.
قاڭشىرى چىمداپ چىقارغاندەك گويا،چىشى سەدەپ،
ھەم ئۇزۇن،ھەم توم،قارا سۇمبۇل چېچىنىڭ ئەڭگىزى.
چامدىشى ئوخشار كىيىككە، كۈلكىسى بۇلبۇل مىسال،
شەرمى-ھايالىق باقمىشى، شۇنچە ئەدەپلىك گەپ-سۈزى.
سۆيگۈگە سادىق، ۋاپالىق، قەلبى ئاپتاپتەك تازا،
ئاچقۇزار خوش ھىد چېچەكنى گۈل قۇلى، باسقان ئىزى.
ناخشا ئېيىتسا، تاڭ ساباسى ئۇيقۇسىدىن ۋاز كېچەر،
چالسا دۇتتار، شوخ ئۇسۇلغا دەسسىگەي كۆك يۇلتۇزى.
كۆڭلى تۈزنىڭ قاناتى، دوپپىسى-رەڭدار چىمەن،
چەككىنى ياغلىق دېمەڭ، ئىپپەت -نۇمۇسىنىڭ ئەندىزى.
«پاھ، ئايالنى ئاي تۇغامدۇ ؟...» دەيدۇ كۆرگەنلەر ئۇنى،
جەننەتۇل-فىردەۋىسمۇ يوق بۇ كەبى ئۇزنىڭ ئۇزى!
«سىرىت سىياقى شۇنچە،ئەمما كۆڭلى قانداق ؟ » دەرسىلەر،
ئۇ- ئەقىل، ئەخلاق، لاتاپەتتە جاھاننىڭ يالغۇزى !
ئىچ-تېشى ئوخشاش گۈزەلنىڭ تەرىپى بولدى زىكىر،
كىم دېسەڭ ئۇ مەرد، غۇرۇرلۇق قاراقاش گۈلى-ئۇيغۇر قىزى!