http://www.ylmf.net/read.php?tid=1126039 تورى خەۋىرى
ساختا پۇل ياسغۇچىلار قايسى سۇرەت دېتالىنى ئشىلىتىلدۇ؟ بۇ بىزگە نائېنق . ئەمما بىز ھازىرقى ئەڭ كۈچلۈك سۈرەت تەھىرىرلەش يۇمشاق دېتالى Photoshop تا ساختا پۇلىنى بېسىپ چىقىرشقا بولمايدىغانلىغىنى بىلىمىز.
ناۋادا بىرسى Photoshop تا ساختا پۇل بېسىپ چقارماقچى بولسا ، Photoshop ساختا پۇلىنى بېسىپ چىقىرشىنى رەت قىلىپ بىر دىئالوگ رامىكىسىنى كۆرستىپ تۇرۋالىدۇ.
(قسقىچە تەرجىمىسى: بۇ پروگىرامما بانكا پۇلى رەسىمىنى بېسىپ چىقىرىشنى قوللىمايدۇ. سىز بۇ رەسىمنى ئاچىسىز ، تەھىرىرلىسىڭىز بولىدۇ. ئەمما ئۆز پىتى بېسىپ چىقرالمايسىز.ئنتېرنېتتا بانكا پۇلى رەسىمىنى بېسىپ چىقىرش چەكىلىمىسى توغرسىدا يەنمۇ كۆپ ئۈچۈرغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئادېرسىنى زىيارەت قىلىڭ )
بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى نۇرغۇنلىغان پۇللاردا EURion constellation دىگەن مەخپى سۇرەت بەلگە ئۆلچىمى ئشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ ئۆلچەمنى كۆپلىگەن سۈرەت يۇمشاق دېتالى ۋە پرنتېرلار تۇنۇيدۇ. بۇ ئۆلچەم ئىشلتىلگەن نەرسىلەرنى سۇرەت يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق پرنتېر بىلەن كۆپەيتىشكە بولمايدۇ.
دۇنيادىكى ئاساسلىق پۇللاردىن دوللار ، ياۋرو ، ياپۇنيە يىنىغا مۇشۇ تېخنىكا ئشلىتلگەن.
دۆلتىمىزنىڭ 2004-يىللىق باسمىسىدىكى 1يۈەن خەلق پۇلى ، 2005-يىللىق باسمىسدىكى 5يۈەن خەلق پۇلى ۋە شۇندىن كېيىنكى پۇللارنىڭ ھەممسىىگە EURion constellation تېخنىسىكى ئشلىتىلگەن.