سىز بۇ تېمىنىڭ 807 - كۆرۈرمىنى
200888maxal
ئالاھىدە ئىلگىرلەش رەسىم يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 41486
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2030
شۆھرەت: 2057 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10298 سوم
تۆھپە: 65 نۇمۇر
ياخشى باھا: 145 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 833(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

 دادىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن بېيىغان ئوغۇل


دادىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن بېيىغان ئوغۇل
چىئاۋ بېي
لاۋۋاڭ ئىدارە باشلىغى بولىمەن دەپ خېلى كۆپ «دەسمايە» سالغان ئىدى. شۇڭا، ئۇ ئىدارە باشلىغى بولۇپلا سالغان بۇ «دەسمايە»سىنى ئۈندۈرىۋېلىشنىڭ كويىغا چۈشتى. لاۋۋاڭ ئىدارە باشلىغى بولغان بۇ ئورۇننىڭ پۇلى كۆپ بولسىمۇ، ئۇ بونىڭغا سوغۇق قول تەككۈزۈشكە بولمايدىغانلىغىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇ، بۇ ئورۇنغا نى-نى رىقابەتچىلىرىمنى يېڭىپ ئاران تەستە ئولتۇردۇم، ئۇلار چوقۇم يېڭىلغىنىغا تەن بەرمەي، ھەر ۋاقت مەندىن قوسۇر ئىزدەپ، مېنى غولىتىۋېتىشنىڭ كويىدا يۈرىدۇ، ئۇلارغا قۇيرۇغۇمنى تۇتقۇزۇپلا قۇيسام، ئۈستۈمدىن ئەرز قىلىپ، مېنى جايلىشى تۇرغانلا گەپ، دەپ ئويلايتتى.
شەنبە كۈنى ئىدى. ۋاڭ ئىدارە باشلىغى ئۆزىنى كېرىسلوغا تاشلاپ سالغان «دەسمايە»سىنى ئۈندۈرىۋېلىش ئۈستىدە باش قاتۇرىۋاتاتتى. ئىشىك قۇڭغۇرىغىنىڭ تويۇقسىز چېلىنىشى بىلەن ئۇنىڭ بۇ خىيالى چېچىلىپ كەتتى. ئۇ ئىشىكنى ئېچىۋېدى، ھاڭ- تاڭ قالدى. ئەسلىدە  دادىسى يېزىدىن ئۇنى يوقلاپ كەلگەن ئىدى. ئىككى يىل ئىلگىرى ئانىسى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ دادىسىنى يېنىغا ئەكىلىۋالماقچى بولىۋېدى، ئايالى لى سۈي باش لىڭشىتىپ تۇرىۋالدى. بۇنىڭ بىلەن ۋاڭ بوۋاي يېزىدا يالغۇز تۇرىۋەردى. ۋاڭ بوۋاينىڭ سالامەتلىگى تازا ياخشى بولمىغاچقا، ئېتىز- ئارەكنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماتتى. شۇڭا كەنتتىكىلەر ئۇنى باشلانغۇچ مەكتەپتە قوڭغۇراق چېلىشقا قويۇپ، ھەر ئايدا ئاز-تولا پۇل- پېچەك بېرىپ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىۋاتاتتى. ئايالى قېيىنئاتىسىنىڭ شەھەردە تورۇشىغا كۆنمىگەچكە، ئۇ كەنتتىكىلەرنىڭ گېپىدىن قورقۇپ، يىلدا بىرەر قېتىممۇ يېزىغا دادىسىنى يوقلاپ بارمايتتى. ۋاڭ بوۋاي ئوغلۇمنىڭ دىتى بولمىغاچقا، مېنى يېنىغا ئەكىلىۋالالماي، جەمەتىمىزنىڭ يۈزىنى تۆكتى دەپ، ئوغلىغا كۆڭلىدە غوم ساقلاپ يۈرەتتى، شەھەرگىمۇ بارمايتتى. شۇڭا، ئۇ ئېشىك ئالدىدا تۇرغان دادىسىنى كۆرۈپ ھاڭ- تاڭ قالغان ئىدى.
---... دادا! ... كەپقاپسىزغۇ؟... --- دېدى ئالدىراپلا، دادىسىنى ئۆيىگە باشلاپ.
--- ئاڭلىسام ئىدارە باشلىغى بوپسەن، شۇنداقمۇ؟--- دىدى، ۋاڭ بوۋاي ئوغلىغا قاراپ.
--- ھە، شۇنداق--- دىدى، ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ.
--- كەنت باشلىغى ئوغلىڭىز ئىدارە باشلىغى بوپتۇ، كەنتىمىزدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنى رېمونت قىلىشقا 20 مىڭ يۈەن كاملايدۇ، ئوغلىڭىز ئامال قىلىپ بەرسۇن، دەپ مىنى يېنىڭغا ئەۋەتتى.
--- مەن پۇل باشقۇرامدىكەنمەن! بۇنى ئۆزۈممۇ بىلمەيدىغان تۇرسام--- دىدى، ئوغلى بۇنى ئاڭلاپ تەنە بىلەن.
--- كەنت باشلىغىنىڭ دېيىشىچە، ئۆلكىدىن ئىدارەڭلەرگە كەنت مەكتەپ قۇرۇلىشىغا ياردەم قىلىشقا پۇل بېرىپتۇ، كەنت باشلىغى 20 مىڭ يۈەن ھەل قىلىپ كەلسىڭىز دېگەن ئىدى.
ۋاڭ ئىدارە باشلىغى كاللىسىغا «پاققىدە» بىرنى سالدى- دە، ئۆتكەندە ئۆلكىدىن كەنت مەكتەپ قۇرۇلىشىغا ياردەم بىرىشكە نەچچە يۈز مىڭ يۈەن چۈشۈرۈپ بەرگەنلىگى، بۇنى تېخى مۇزاكىرە قىلمىغانلىغى ئېسىگە كەلدى. ئۇ كۈن بويى ئەمەل ئۈچۈن سالغان «دەسمايە»لىرىنى ئۈندۈرىۋېلىش كۇيىدا يۈرسە، بۇ ئىشلار قانداقمۇ ئېسىدە تۇرسۇن!
«توغرا، بۇ ئوبدان بىر پۇرسەت ئەمەسمۇ!» ئۇنىڭ كۆڭلى «پاللىدە» يۇرىغاندەك بولدى- دە:
--- ھە راست، پۇلنىڭ گېپىنى قىلمىغان بولسىڭىز ئۇنتۇپ قالىدىكەنمەن--- دىدى، دادىسىغا ھېجىيىپ--- شۇنداق ئىشقۇ بولغان، مۇنداق قىلايلى، كەنت باشلىغى 20 مىڭ يۈەن دىگەن بولسا، 50 مىڭ يۈەن بىرەي. قايتىپ بېرىپ كەنت باشلىغىغا ئېيتىڭ، 30 مىڭ يۈەننى ئىشلىتىپ، قالغان 20 مىڭ يۈەننى ماڭا ئەكىلىپ بەرسۇن.
--- كەنت باشلىغى 20 مىڭ يۈەن بولسا يېتىدۇ دىگەن، ئۇنچە كۆپ پۇلنى نىمىگە ئىشلىتەتتۇق. ساڭا يەنە 20 مىڭ يۈەننى قايتۇرۇپ بىرەمدىمىز؟--- ۋاڭ بوۋاي بۇنىڭدىن گاڭگىراپ قالدى.
--- دادا، نىمانداق غەرەز ئۇقمايدىغانسىز!--- دىدى، ئۇ دادىسىغا قاراپ ھېجىيىپ --- سىلەرگە 50 مىڭ يۈەن بېرەي دەۋاتىمەن، بۇ دىگىنىڭلاردىن 10 مىڭ يۈەن كۆپ دىگەن گەپ، ماڭا قايتۇرۇپ بېرىڭ دىگەن 20 مىڭ يۈەن تاپان ھەققىم بولمامدۇ. سىز قايتىپ بېرىپ كەنت باشلىغىغا ئېيتىڭ، ئۇ چوقۇم قۇشىلىدۇ.
--- نىمە!--- ئۇ ئورنىدىن چاچراپ تۇردى- دە --- سەن ئومۇمنىڭ پۇلىنى چۆنتىگىڭگە سالماقچىما!
غەزەپتىن ئۇنىڭ كۆزلىرى چانىقىدىن چاچراپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى.
--- شۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ! ھازىر ھەممەيلەن شۇنداق قىلىۋاتمامدۇ--- دېدى، ئوغلى دادىسىنىڭ گېپىگە پەرۋا قىلمىغان قىياپەتتە.
--- بولمايدۇ! بۇ دىگەن قانۇنغا خىلاپ ئىش، سەن ئۇنداق قىلساڭ ھەرگىز بولمايدۇ! --- ۋاڭ بوۋاي ئاچچىقتىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايۋاتاتتى.
--- مۇشۇنداق قىلمىسام خەجلىگەن پۇللىرىمنى قانداق قايتۇرۇۋالالايمەن؟ ئۇنداقتا ئىدارە باشلىغى بۇلۇپ زىيان تارتقان بولمامدىمەن؟
ۋاڭ بوۋاي ئاچچىقتىن تىترەۋاتاتتى.
--- ھۇ نەسلى قۇرىغۇ! پۇل خەجلەپ باشلىق بوپسەندە! ھامىنى بىر كۈنى بېشىڭنى يېگۈدەكسەن! -- ئۇ سۆزلىگەنسېرى تىترەۋاتاتتى. تۇساتتىن كۆزىنى بىر ئالايتتى-دە، ئارقىسىغا «گۇپ» قىلىپ يېقىلدى.
بۇنى كۆرگەن ئوغلى ئالاقزادىلىك بىلەن دادىسىنى دەرھال يۆلەپ، قۇلىنى بۇرنىغا تەككۈزىۋىدى، يۈرىكى «قارت» قىلىپ كەتتى. ۋاڭ بوۋاي ئاچچىق دەستىدىن نەپەستىن قالغان ئىدى. بىر ھازادىن كېيىن ئۇ «دادا!...» دىگىنىچە ھۆركىرەپ يىغلاشقا باشلىدى.
ۋاڭ بوۋاي پۇتىنى بۇسىغىدىن ئالا-ئالمايلا ئىچكىرى ئۆيگە كىرىۋالغان لى سۈي يولدىشىنىڭ يېغىسىدىن ئالدىراپلا چىقتى-دە، يەردە ياتقان ۋاڭ بوۋاينى كۆرۈپ، بىر دەم تۇرغاندىن كېيىن:
--- نېمىگە يىغلايسىز، پۇلنىڭ غېمىنى قىلىۋاتمامتىڭىز، پۇل دىگەن مانا ئالدىڭىزدا تۇرمامدۇ! --- دىدى.
ۋاڭ ئىدارە باشلىغى پۇلنىڭ گېپى چىقىشى بىلەن يېغىسىنى دەرھال توختۇتۇپ، بېشىنى كۆتۈردى-دە، ھېچنىمىنى چۈشەنمىگەندەك ئايالىغا قارىدى.
--- مېيتنى ئۆيدىن چىقارمىساق، پۇل دىگەن ئۆزلىگىدىن كېلىدۇ ئەمەسمۇ!--- دىدى، لى سۈي يەردە ئوڭدىسىغا ياتقان ۋاڭ بوۋايغا قاراپ قۇيۇپ--- ھە راست، ئىدارىدىكىلەرگە دەرھال تېلىفۇن قىلىۋېتىڭ، باشقا ئورۇندىكىلەرگىمۇ خەۋەر بېرىۋەتسۇن. بولغۇلۇق بولدى، ئەتە مەرھۇمنىڭ مېيىتىنى ئۇزۇتۇۋېتەيلى. قاراپ تۇرۇڭ ھە، ھايال ئۆتمەي چۆنتىگىمىز پۇلغا تۇلۇپ كېتىدۇ.
ۋاڭ ئىدارە باشلىغى ئۇيقۇدىن ئەمدىلا ئويغانغاندەك بولدى - دە، يېشىنى سۈرتۈپ، ئورنىدىن تۇرۇپلا تېلىفۇننى قۇلىغا ئالدى. خەۋەر بىرىدىغانلار تۈگىگەندىن كېيىن، دادىسىنىڭ جەستىگە قاراپ قۇيۇپ ئايالىغا:
--دادامنى يەردە ياتقۇزۇپ قويساق باشقىلار بىزنى نىمە دەيدۇ!--- دېدى.
-- بىز ياتىدىغان ھېلىقى ئالى دەرىجىلىك راھەت كارۋاتقا ياتقۇزۇپ قۇيايلى، كېيىن باشقىدىن سېتىۋالارمىز--- دىدى لى سۈي بىردەم تۇرۇپ قالغاندىن كىيىن، لېۋىنى چىشلەپ.
--- بۇلىدۇ--- دىدى ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ بىر ئاز ئازاپلانغان ھالدا--- دادام ئۆمۈر بۇيى كاڭ بېشىدا يېتىپ كەلگەن ئىدى، ئۆلگەندە بولسىمۇ بىر كېچە راھەت يېتىۋالسۇن.
ئىككەيلەن ۋاڭ بوۋاينىڭ جەسىدىنى كۆتۈرۈپ، كارۋاتقا ئەمدىلا قۇيىشىغا ئىشىك قوڭغۇرىغى چېلىندى.
بىردەمدىلا ئۆي ھازىدارلار بىلەن تۇلۇپ كەتتى. ھازىدىن كىيىن، كەلگەنلەر ئەلۋەتتە ئۇلارغا كۆڭلنى ئىزھار قىلىشتى. يېرىم كېچە بولغاندا ئۆي ئىچى بىر ئاز جىمىدى. ئەڭ ئاخىرقى بىر مېھمان ئۇزۇتۇلغاندىن كېيىن، ئۇلار پۇللارنى سانىۋىدى، 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق چىقتى. لى سۈي ئالدىدا تۇرغان دۆۋە- دۆۋە پۇللارغا قاراپ خۇشاللىغىدىن گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ، ئېغىزىنى يۇمالماي قالدى. ئۇ كارۋاتتا يېتىۋاتقان ۋاڭ بوۋايغا قاراپ قۇيۇپ يولدىشىغا:
--- دادىڭىزنىڭ ئۆلۈمى شۇنچە كۆپ پۇلغا يارايدىغانلىغىنى ئويلاپمۇ باقمامتىكەنمەن! --- دىدى.
ۋاڭ ئىدارە باشلىغى ئايالىنىڭ گېپىدىن دادىسىنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالالمىغانلىغىنى ئويلىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى قېزىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ پۇللارنى سىقىمدىغىنىچە دادىسىنىڭ يېنىغا كەلدى-دە، يۈكۈنۈپ، ئۈچ قېتىم باش ئۇرغاندىن كېيىن:
--- دادا، ماڭا شۇنچە كۆپ پۇل تېپىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت! خاتىرجەم يېتىڭ، ھەر يىلى چاغاندا روھىڭىزغا ئاتاپ كۆپرەك پۇل كۆيدۈرىمەن--- دىدى.
ئەتىسى «كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ» دىگەندەك ئىش بولدى. ئەر- ئايال ئىككەيلەن جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنىدىن قايتىپ كېلىپ ھېلىقى پۇللارنىڭ يوقالغانلىغىنى سەزدى. ئۆينى ئوڭتەي- توڭتەي قىلىۋەتكەن بولسىمۇ پۇل تېپىلمىدى. ئۇلار ئوغرى دادىسى ئۆلۈپ كېتىپ چوقۇم نۇرغۇن پۇلغا ئېرىشتى دەپ ئويلاپ، چۈشتىن كېيىن ئۆيدە يوق ۋاقتىمىزدىن پايدىلىنىپ ئوغرىلاپ كەتكەن ئوخشايدۇ دېيىشىپ، لېۋىنى چىشلەپلا قالدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ساقچىغا مەلۇم قىلالماي، ئۆزىنىڭ بىتەلەيلىگىدىن كۆردى.
ئەتىسى لى سۈي يولدىشىغا:
--- دادىڭىز ئۆلۈپ كېتىپ يېزىدىكى ئۆيىگە قارايدىغان ئادەم قالمىدى. يېزىغا بېرىپ ئۆينى سېتىۋېتڭ، ھېچ بولمىغاندا 10، 20 مىڭغا ياراپ قالسا ئەجەپ ئەمەس--- دىدى.
بۇنىڭ بىلەن ۋاڭ ئىدارە باشلىغى يېزىغا ھاپىلا- شاپىلا چاپتى. ئىشىك ئالدىغا بېرىۋىدى، ئىشىك ئۇچۇق تۇراتتى. ئۇ دادام شەھەرگە مىنى ئىزدەپ بېرىپ، ئۆلىدىغانلىغىنى بىلىدىغاندەك ئىشىكنىمۇ قۇلۇپلىماكتىكەنغۇ دىگەنلەرنى ئويلىدى- دە، ئىشىكتىن كىرىپلا ھاڭ-تاڭ قالدى. ئوچاق يېنىدا بىرسى ئولتۇرۇراتتى. ئۇ سىنچىلاپ قارىۋىدى، قورققىنىدىن يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كەتكىلى تاسلا قالدى. ئوچاق يېنىدا ئولتۇرۇۋاتقان كىشى دەل ئۇنىڭ «ئۆلۈپ» كەتكەن دادىسى بۇلۇپ، تاماكا چېكىۋاتاتتى. ئۇ يېقىنراق بېرىپ قارىماقچى بۇلۇۋىدى، ۋاڭ بوۋاي بېشىنى كۆتۈرۈپ:
--- ئۈلۈمۈمدىن بېيىغان تۇرساڭ، بۇ يەرگە يەنە نىمە دەپ كەلدىڭ؟--- دىدى.
ۋاڭ ئىدارە باشلىغى ۋارقىرىغىنىچە بۇرۇلۇپلا ئۈزىنى سىرتقا ئېتىۋېدى، سىرتتىن كىرىۋاتقان كەنت باشلىغىغا سوقۇلۇپ كەتتى. كەنت باشلىغى ئۇنى كۆرۈپ كۈلۈمسىرىگىنىچە ئۇنىڭ قۇلىنى چىڭ سىقىمداپ:
--- ۋاڭ ئىدارە باشلىغى، يۇرتىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماي مەكتەپ سېلىشىمىزغا 40 مىڭ يۈەن ياردەم قىپسىز، سىزگە كۆپتىن- كۆپ رەھمەت!--- دىدى، ھاياجاندىن ئۆزىنى بېسىۋالالماي.
قورقۇپ ھۇشۇدىن كېتەي دەپ قالغان ئىدارە باشلىغى ئۇنىڭ قۇلىغا چىڭ ئېسىلىۋېلىپ:
-- كەنت باشلىغى... ، ئالۋاستى!....، ئالۋاشتى بار ئىكەن!... --- دېگىنىچە ۋارقىراشقا باشلىدى.
-- باشلىق بولسىڭىزمۇ بىز سەھرالىقلارنى يات كۆرمەيۋاتىسىز-ھە، ھەقىقەتەن ئۆز زاتىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماپسىز! -- دېدى كەنت باشلىغى ئۇنىڭ ۋارقىرىغىنىغا پەرۋا قىلماي،-- قىلغان ياخشى ئىشىمنى باشقىلار بىلمىسۇن دەپسىز-دە! دادىڭىز ماڭا ھەممىنى دىدى، يۇقىرىدىن بەرگەن پۇل چەكلىك بولغاچقا، بىزنىڭ بۇ مەكتەپكە يېتىشمەيدىكەن. مەكتەپ سېلىشىمىزغا يېنىڭىزدىن 40 مىڭ يۈەن ياردەم قىلدىڭىز، سىزگە كۆپتىن- كۆپ رەھمەت!
كەنت باشلىغىنىڭ قىلغان سۆزلىرىدىن ئۇ سەل ھۇشىغا كەلگەندەك بولدى-دە:
--- نىمە دەۋاتىسىز؟ دادام سىلەرگە 40 مىڭ يۈەن بەردىما!
--- شۇنداق، دادىڭىز تۈنۈگۈن شەھەردىن كېلىپلا بەرگەن ئىدى، پۇلنى ھىساپقا كىرگۈزۈپ بولدۇق.
ئاستا- ئاستا ھۇشىغا كەلگەن ۋاڭ ئىدارە باشلىغى كەنت باشلىغىنىڭ سۆزىدىن تېخىمۇ قورقۇشقا باشلىدى.
--كەنت باشلىغى، ئادەمنى قورقۇتمىسىڭىز قانداق! دادام ئۈلۈپ كەتكەن، تۈنۈگۈن جەسىتىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن تۇرساق، قانداقسىگە سىزگە پۇل ئەكىلىپ بەرسۇن؟--- دىدى ئۇ تىترىگىنىچە.
-- سىزگە بىر ئىش بولمىغاندۇ؟-- دىدى، كەنت باشلىغى چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ۋاڭ ئىدارە باشلىغىغا قاراپ ئەجەپلەنگەن ھالدا --  ئوچاق يېنىدا ئولتۇرۇۋاتقان سىزنىڭ دادىڭىز ئەمەسمۇ؟ ۋاڭ بوۋا، سىلەر نىمە ئۇيۇن ئويناۋاتىسىلەر؟ بۇياققا تىز چۈشمەمسىز!
ۋاڭ بوۋاي ئوچاق يېنىدىن «گۈپ» قىلىپ سەكرەپ چۈشۈۋىدى، ۋاڭ ئىدارە باشلىغىنىڭ پۇت- قۇلى بۇشۇشۇپ، تۇرغان يېرىدىلا ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇ ئوغلىنىڭ يېنىغا كەلدى- دە:
--- مەن ئۆلمىدىم! ئۆلگەن بۇلىۋېلىپ ئىت يەپ كەتكەن بۇ ۋىجدانىڭنى قۇتۇلدۇرىۋالدىم!--- دىدى، ئوغلىغا زەردە بىلەن.
ئەسلىدە ۋاڭ بوۋاي ئاچچىقتىن نەپەس يېتىشمەي، ھۇشىدىن كەتكەن ئىدى. كەچتە ئوغلى ئۇنىڭغا باش ئۇرىۋاتقاندا ھۇشىغا كەلگەن ئىدى. ئۇ ئوغلىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، ئىشنىڭ تىگىگە يىتىپ، ئۆلگەن بۇلۇپ يېتىۋالغان. ئۇلار ئۇيقۇغا كەتكەندىن كېيىن ھېلىقى پۇللارنى چاندۇرماي ئېلىۋالغان ئىدى. ئۇ جەسەت كۆيدۈرۈش ئۆيىگە ئەكىرىلگەندىن كېيىن «تېرىلىپ»، جەسەت كۆيدۈرگۈچىنى قورقۇتىۋەتكەن. ۋاڭ بوۋاي دەرھال ئۇنىڭغا ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، ئۆلگەن بۇلۇۋېلىپ، ئوغلى قۇبۇل قىلغان پۇللارنى مەكتەپ سېلىشقا ياردەم قىلماقچى بولغانلىغىنى ئېيتقان ئىدى. جەسەت كۆيدۈرگۈچى بۇنىڭدىن تەسرلىنىپ، ۋاڭ بوۋاينىڭ دىگىنى بۇيىچە قالدۇق جەسەت كۈللىرىدىن بىر ئاز يىغىپ ئوغلىغا بەرگەن، ئوغلى جەسەت كۈلىنى ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇمۇ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن ئىدى. كېيىن ۋاڭ بوۋاي ئۇيان ئويلاپ- بۇيان ئويلاپ، كەنت باشلىقىغا ئۆزىنىڭ ئاچچىقتىن ئۈلۈۋالغانلىق ئىشىنى دىمەي، ئەكەلگەن پۇلنى «ئوغلۇم يېنىدىن بەردى» دىگەن ئىدى.
ۋاڭ ئىدارە باشلىغى بىر ھازادىن كېيىن ھۇشىغا كېلىپ، ئورنىدىن ئۆمىلەپ تۇردى-دە، دادىسىغا ئېسىلغىنىچە:
-- دادا، ... سىز ئۆلمىگىنىڭىز بىلەن مىنى ئۆلتۈردىڭىز ئەمەسمۇ! باشقىلار مىنى پۇل ئۈچۈن دادىسىنىڭ ساختا ئۆلۈمىدىن پايدىلىنىپتۇ دىمەمدۇ! ... مەن ئەمدى ئىدارە باشلىقلىقىنى قانداقمۇ قىلالايمەن!... -- دېدى دات-پەريات چېكىپ.  
«تاللانغان ھىكايىلەر» ژورنىلىنىڭ 2007- يىللىق 2- سانىدىن تەرجىمە قىلغۇچى ئا• ئابدۇللا
مەنبە:مەشئەل بلىگوگى

تېما تەستىقلىغۇچى : saadat
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-02-14, 11:50

 

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-14 19:29 |
555rikabatqi
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 59451
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 463
شۆھرەت: 464 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 4630 سوم
تۆھپە: 775 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 753(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

 

بىچارە باشلىققا ھەجەپ ئىچىم ئاغرىدا   ئاۋۇ پۇلنىڭ دەردىدە نىمە بولۇپ كەتكەندۇ بىچارە  

basbas
قۇياش مەڭگۈ زىمىننىڭ بىر تەرىپىنىلا يۇرۇتمايدۇ
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-14 21:18 |
saadat
قار~لەيلىسى
ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئۆمۈرلۈك شەرەپ
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 10093
نادىر تېما : 11
يازما سانى : 3060
شۆھرەت: 3530 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 102690 سوم
تۆھپە: 786 نۇمۇر
ياخشى باھا: 997 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 2548(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

 

ئەمەل-ھوقۇق،مەنپەئەت.......ھەي....   

ھەقىقىي مىسۋاك
ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك.بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!

شۈمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت،
قايغۇغا ھامىلدار بىردەملىك غەپلەت.

تېمىلىرىم:./search.php?authorid-10093.html
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-14 21:33 |
hankiz76
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 63777
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 292
شۆھرەت: 293 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2910 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 687(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

 

          

شىنجاڭ تور مەكتىپى
ياشلىق سۇدەك ئوتەر،ھەسرەت تاشتەك چوكەر.
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-14 22:14 |
MuglaNi
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 68956
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 99
شۆھرەت: 99 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 990 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 110(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

 

تەربىۋىي ئەھمىيىتى چوڭكەن رەھمەت سىزگە

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-14 23:25 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » تەرمىلەر
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:02-16 15:13, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ