تۇرمۇشتىكى مۇۋاپىق ئېگىزلىك ....
شىرە ؛ بەدەننى رۇس تۇتۇپ ، ئىككى قولنى شىرەنىڭ ئۇستىگە قويغاندا ، بەل ياكى جەينەك ئىگىلمىسە ئىگىزلىك مۇۋاپىق بولغان بولىدۇ .
يورۇقلۇق ؛ ئادەتتىكى لامپۇچكىلارنىڭ شىرە بىلەن بولغان ئىگىزلىكى 60ۋاتلىقنىڭ 1 مىتىر ، 25 ۋاتلىقنىڭ 50سانتىمىتىر ، 15 ۋاتلىقنىڭ 15 سانتىمىتىر بولسا ئەڭ مۇۋاپىق . نوغۇچ چىراغنىڭ شىرە يۇزى بىلەن بولغان ئىگىزلىكى 40ۋاتلىقنىڭ 1.5 مىتىر ، 30 ۋاتلىقنىڭ 1.4مىتىر ، 20ۋاتلىقنىڭ 1.1 مىتىر ، 8 ۋاتلىقنىڭ 55 سانتىمىتىر بولسا ئەڭ مۇۋاپىق ....
ياستۇق ؛ بىر مۇرە ئىگىزلىكىدە بولسا بولىدۇ . بۇنداق بوغاندا ، باش ئالدىغا ئازراق ئىگىلىپ ، بويۇن مۇسكۇللىرى ئازراق بوشىشىدۇ . نەپەس راۋانلىشىدۇ . كۆرەك قىسمىمۇ قان بىلەن نورمال تەمىنلىنىدۇ . ئادەتتە 15 سانتىمىتىر بولسا مۇۋاپىق . بالىلارنىڭ 6 سانتىمىتىردىن ئىشىپ كەتمەسلىكى كىرەك ..
ئاياغ پاشنىسى ؛ ياش يىگىتلەرنىڭ 3 سانتىمىتىردىن ئىشىپ كەتمەسلىكى . ئايالچە ئاياغلارنىڭ 4-6 سانتىمىتىرغىچە بولىشى . ياشانغانلارنىڭ 2سانتىمىتىر ئەتراپىدا بولىشى كىرەك ، ئۆسمۇر بالىلار ئەڭ ياخشىسى پانىلىق ئاياغ كەيمەسلىكى كىرەك .....
ئورۇندۇق ؛ ئورۇندۇقنىڭ يۇزى بىلەن يەر يۇزىگىچە بولغان ئارىلىقى پاقالچاقنىڭ ئۇزۇنلىقىدىن بىر سانتىمىتىر قىسقا بولسا بولىدۇ...
كارىۋات ( سۇپا) ؛ ئادەمنىڭ تىزىدىن سەل ئىگىز بولسا ئەڭ مۇۋاپىق .
ئوچاق سۇپىسى ؛ ئادەتتە 65-70 سانتىمىتىرغىچە بولسا بولىدۇ .
يۇيۇنۇش جۇمىكى ؛ يەر يۇزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 2 - 2.2 مىتىرغىچە بولسا بولىدۇ ....
مەنبە ؛ بىزنىڭ ئۆيدىكى بىر كىتاپ |