بېشى :
./read.php?tid-95723.htmlئۈركۈپ كەتكەنلەر
1-بۆلۈم مۇھەببەت
1-قىسىم مۇھەببەت تۇتقىنى
3-نىڭ داۋامى
_رەھمەت پۇرسەت بەرگىنىڭىزگە.
مەكتەپ ئالدىدىكى بەنشىرخانىغا كىرىپ بەنشىر بۇرۇتۇپ يەپ يېنىپ مەكتەپ ئىچىگە كىرسەك كەچتە تانسا ئورۇنلاشتۇرغانلىق ئېلانىنى چاپلاپ قۇيۇپتۇ.
_كەچتە بىرگە تاسىغا كىرەيلى،باشقا ئىشىڭىز يوقتۇ؟
_يوق،بايىلا دىدىمغۇ بۈگۈن سىزنىڭ كەيپىڭىزنى ئۇچۇرماي دەپ!
_رەھمەت،ئەمىسە كەچتە نەدە ،نەچچىدە كۆرىشىمىز؟
_خىجالەت دوقمۇشىدا سائەت 6دە كۆرىشەيلى.
_ كەچۈرۈڭ،خىجالەت دوقمۇشى نەدە راسلا بىلمەيمەن.
_ ھە؟قىزلار ياتىقى ئالدىدىكى دوقمۇشنى شۇنداق ئاتايدىكەنغۇ،سىز بىلمەمسىز؟
_ راس بىلمەيتىم،ئەمدى بۈگۈندىن باشلاپ مەنمۇ تىزىملىتىپ قويسام بولغۇدەك!
بىز شۇنداق كىلىشىپ ئايرىلدۇق،راس دىسەم ئۆيدىن تېخى پۇل كەلمىگەچكە يېنىمدا قالغان 5يۇەن(ئۇ چاغلاردا5يۇەنگە بىر ئادەم 2كۈن جان باقالايتى)گە بايا ئىككىمىز تاماق يەپ بىر يۇەنلا قالغان ئىدى،تەكلىپ قىلغىنىم بىلەن بېلەت ئالغۇدەكمۇ پۇل يوق ،ئامال قانچە ،ياتاققا يېنىپ كىردىم،تەلىيىمگە ياتاقدىشىم ئابدۇراخمان باركەن پۇل سورىدىم ،ئۇنىڭدىمۇ 20يۇەلا باركەنتۇق 10يۇەننى بەردى،ئۇھ دىدىم ئىچىمدە.
كەچتە تانسىنى كۆڭۈللۈك ئاخىرلاشتۇرۇپ يېنىپ چىقىپ يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئۆزئارا ئائىلىمىز بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق(بىر يۇرتتىن بولغان بىلەن باشقا-باشقا يېزىدىن بولغاچقا ئىلگىرى تونۇشمايتۇق.)ئاندىن ئەتىسى چۈشتە بىرگە تاماق يەيدىغان بولۇپ خەيرىلەشتۇق.
_ياخشى چۇش كۆرۈڭ
_سىزمۇ ھەم
ئەتىسى چۈشلۈك تاماقنى بىرگە يىگەندىن كىيىن مەكتەپنىڭ بېغىدا مۇڭدىشىپ خېلىلا چۈشۈنىش ھاسىل قىلدۇق،ئۇچ كۈن ئەنە شۇنداق بىرگە تاماق يىيىش(3-كۈنى ئايجامال ئۇنىمىغىنىمغا قويماي تاماق پۇلىنى ئۈزى تۆلىدى)،ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئشلار توغرىسىدا ،قىزقىشىمىز،ئارزۇلىرىمىز توغرىسىدا ئەھۋاللىشىش بىلەن ئۆتتى.
يەنە ئالدىراش كۈنلەر باشلىنىپ كەتتى ،مەن ئۇچ كۈن كۆرۈشمىگەنگە خۇدىي بىر نەرسەم كامدەك ئەتراپىمغا قاراپ كىتەتتىم، ئايجامالنىڭ ئىنچىكە ئەگىم قاشلىرى، چىرايىغا شۇ قەدەر ماسلاشقان ئېقىپ چۈشۈپ كىتىدىغاندەك ئىنچىكە بۇرنى،ئويماقتەك ئاغزى،لەۋ بويقىسىز تەبىئىي قىپ-قىزىل لەۋلىرى،160سانتا ئەتىراپىدىكى زىلۋا بۇيى،دائىملا كۇلۈپ تۇرغاندەك تۇيغۇ بىرىدىغان قۇيۇق ھەم ئۇزۇن كىرپىكلەر ئارىسىدىكى خۇما كوزلىرى،سەل سۇزۇنچاق كەلگەن سېرىققا مايىل سۈزۈك يۈزلىرى ،ئشقىلىپ ھەممە،ھەممە تەرپى كوز ئالدىمدا پات-پات پەيدا بولۇپ قالاتتى.مۇھەببەت رىشتىسى مۇشۇ بولسا كېرەك دەيتىم ئىچىمدە.
دەرىس باشلىنىپ 4-كۈنى كەچلىك مۇزاكىردىن بالدۇراق يېنىپ ئايجامالنىڭ سىنىپىنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇردۇم،مۇزاكىرە ئاخىرلىشىپ بىرقانچە بالىلاردىن كىيىن ئۇمۇ چىقتى،مىنى كۈرۈپ دەقىقە تۇرۇپ قالدى-يۇ، تىزلا كۈلۈمسىرەپ تىچلىق سورىدى.
_تىچ تۇردىڭىزمۇ؟
_شۇكرى،ئۆزىڭىزچۇ؟
_ياخشى،چىقىپ قاپسىزغۇ؟
_ سىزنى سېغىنىپ -ئاغزىمدىن ئويلىمايلا چىكەتكەن بۇ سوزگە ھەم خىجىل بولدۇم ھەم خوشال بولدۇم.
_ سىز؟..._قىز قۇلاقلىرغىچە قىزىرىپ كەتتى.
بىز سوزسىزلا مەكتەپ قىرائەتخانىسى ئەتراپىدىكى چوڭ دەرەخلەر يېنىغا كىلىپ ئىختىيارىسىز توختاپ قالدۇق ،چۇنكى بۇ يەر ئاشىقلار مۇڭدىشىدىغان ياخشى جاي بولسا كېرەك ،بىرقانچە جۇپتەكلەر كىنولاردىكىدەك دەرەخكە يۆلىنىپ بىر بىرنىڭ قولىنى تۇتۇشۇپ ئۆز قىسسىنى يىزىۋېتىپتۇ ،شۇنداقلا ئەمدى يەنە ماڭساق قىزلار ياتىقىغا بېرىپ قالاتتۇق.مەن ئاستا دىدىم-بىردەم پاراڭلىشايلى-چۇ؟
_ گىپىڭىز بولسا ئەتە كۈندىزى دەڭ-چۇ؟
_ ياق ھازىر دىمىسەم كېچېچە ئۇيقۇم كەلمەيدۇ!
_ ئەمىسە تىزراق دەڭ.
_ مەن ئىختىيارىسىز قىزنڭ قولىنى چىڭ تۇتىۋالدىم،بىر يۇرەكنى ئىرىتكۈچى ھارارەت پۈتۈن بەدىنىمگە تاراپ كەتتى،ئەتىمالىم قىزمۇ شۇنداق بولغان بولسا كېرەك ،گەۋدىسى سەل سىلكىنگەندەك،مەن تۇتقان قولى تىتىرگەندەك بولدى،بىرخىل ئەسەبى تۇيغۇنىڭ تۈرۈتكىسىدە قىزنىڭ قولىدىن تارتىپلا چىڭڭىدە قۇچاقلۋالدىم.قىز راسلا قاتتىق سىلكىنىپ تىزلا ئۈزىگە كىلىپ باغرىمدىن يۇلقۇندى،تىنىقلىرى جىددىي خۇددىي نەپەس يىتىشمەيۋاتقاندەك ئىدى،تىنىقىدىن تارالغان مەس قىلغۇچى ھارارەت مىنى مەس قىلماقتا ...
ئاھ مۇھەببەت نەقەدەر ئۇلۇغ كۇچ ھە!
مەن قىزنىڭ قولىقىغا پىچچىرلىدىم-مەن سىزنى ياخشى كۈرۈپ قالدىم،مىنى نائۈمۈت قويماڭ!
قىز سىلكىنىپ ،يۇلقىنىپ جېنىنىڭ بارىچە تىركەشمەكتە،مەن قۇيۋەتتىم،قىز ئالدى كەينىگە قارىماي يۈگۈرگەن پېتى كىتىپ قالدى!
_ ھۇ ساراڭ ،ھىچنىمىدىن ھىچنىمە يوق قىلغان ئىشىڭنى قارا؟!ئەمدى ھەممە يوق بولدى،ئالدىرغانغا توي!-ئىچىمدىكى مەن ئەنە شۇنداق ئەيىپلىگىلى تۇردى مىنى.
مەن يەكشەنبىگىچە خامۇش يۈردۈم،يەكشەنبە كۈنى چۈشكە يېقىن خىجالەت دوقمۇشىغا كىلىپ ئەتراپقا قارىدىم،ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي بىر قارار كەلگەن،ئەدەبىيات كەسپىدەئوقۇيدىغان بىر يۇرتلۇق ئادىلە دىگەن قىز كىلىپ قالدى،تارتىنىپراق تىچلىق سوراشقاندىن كىيىن -خاپا بولماي ئايجامالنى چاقىرىپ بەرسىڭىز -دىدىم.«نىمىشقا خاپا بولىمەن مۇھەببەت ئەلچىسى بولۇش ساۋاپلىق ئىش تۇرسا»دىدى ئۇ كۈلۈپ ۋە كىرىپ كەتتى.20مىنوت ئەتراپىدا تۈرلۈك قىياسلار بىلەن خۇدۈكسىرەپ تۇردۇم،بۇ يەر ھەقىقەتەن «خىجالەت دوقمۇشى»دىگەن نامغا لايىق جاي ئىكەن،گەرچە ئۈتۈپ تۇرغانلار ھەيران بولۇپ قاراشمىغان بولسىمۇ ئادەم ئۆزىدىن ئۆزى ئۈركىيدىكەن بۇ يەردە!؟
ئايجامال 20مىنوتتىن كىيىن گۈلدەك ياسىنىپ ئالدىمغا كەلدى ،يەر ئاستىدىن ئارانلا قارىيالىدىم.ئۇ ئاۋالقىدىنمۇ نەچچە ھەسسە چىرايلىق،نەچچە ھەسسە يېقىملىق كۈرىندى كۈزۈمگە.
_تىچلىقمۇ؟ دەرھال ئىسىمنى يىغىپ جاۋاپ بەردىم.
_رەھمەت،ئۆزىڭىزچۇ؟
_مەنمۇ تىچلىق،بۈگۈنكى پىلانىڭىز نىمە؟
_ بىرگە بازار ئايلىنىمىكىن دەپ ئويلىغان-ئۇنىڭدا قىلچىلىكرەنجىش ئالامىتىنى سەزمىگەندىن كىيىلا يۈركىم ئىزىغا چۈشتى. بىز بىر كۇننى بازار ئايلىنىش،كىنو كۈرۈش،باغچىنى سەيلى قىلىش بىلەن كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈپ ،كەچتە مۇزاكىرگە ئۈلگىرىپ ئارانلا يېنىپ كەلدۇق،مەن كىرىپ كىتىدىغاندا «كەچلىك مۇزاكىردىن كىيىن ئىزلەپ چىقىمەن»دەپلا جاۋاپمۇ كۈتمەي كىرىپ كەتتىم.
(داۋامى بار)