ئەتتىرگۈلگە ئەگەشكەن شئېرلار
چوغلۇق
ئەنە
رەستىلەردە
گۈل كۆتۈرۈپ كېتىۋاتىدۇ قىزلار.
بىر بوۋاي
غېرىبانە ساتماقتا ئۈزۈم .
يەنە بىر ئايال
تىلەمچىلىك قىلماقتا يولنىڭ بۇيىدا.
تازلىق ئىشچىسى
سۈپۈرمەكتە
گۈلنىڭ چۈشكەن بەرگىلىرىنى .
بۈگۈن
2-ئاينىڭ 14-كۈنى ،
قارىماققا
ھەممە يەردە سۆيگۈ پورەكلەپ ئېچىلغاندەك ،
قۇياشمۇ
ھەممە ئادەمگە كۈلۈپ تۇرغاندەك .
بىر تال ئەتتىرگۈل پىچىرلىماقتا ،
خۇددى
«قەلبىمدە پەقەت سىزلا بار »دېگەندەك.
بەلكىم بۇ كۈن
گۈل سوۋغا قىلغۇچىمۇ ،
قۇبۇل قىلغۇچىمۇ،
سۆيگۈ ئىزدىگۈچى .
بەلكىم بۇ كۈن
مۇھاببەتنىڭ ئاخىرلاشقان كۈنى .
بەلكىم بۇ كۈن
سۆيگۈ ئۇتىنىڭ تۇتاشقان كۈنى.
بەلكىم
مۇھاببەتنىڭ ئۇنتۇلماس كۈنى .
ئەنە پىشىنگە ئەزان توۋلىدى ،
لىكىن
گۈل كۆتۈرۋالغان بىر جۈپلەر ،
بۇ ئەزاننى ئاڭلىمىدى ،
يۈرەك تۇنىمىدى .
بۇ ئەتتىرگۈل ئوخشايدۇ ،
غېرىب
سەنەمگە سۇنغان ئەتتىرگۈلگە،
بەلكىم
بۇ ئەتتىرگۈلنىڭ تىكىنى يوقتۇر ،
غېرىبنىڭ ئەتتىرگۈلى
چاقناپ قالدى قۇياش مەڭزىدە .
شۇ دەم ھەممە يەر گۈلگە تولسىمۇ ،
قالغاندىمۇ روھلار چۆلدەرەپ؟
ئەنە
رەستىلەردە قىز-يىگىتلەركىتىۋاتىدۇ،
بۈگۈن بايرام دەپ
ئۇيغۇر روھىدىن ئاستا يېراقلاپ.
شۇدەم
ئۇيغۇر روھى پارتىلاۋاتقاندۇ ،
بىرى تۇرمۇش دەپ ،
بىرى سۆيگۈ دەپ .
2009-يىلى 14-فېۋرال
[ بۇ يازما qogluk3.8 تەرپىدىن2009-02-14 19:50دە قايت ]