Photoshop نىڭ قەلەم ۋە ھەرخىل ئۈنۈملىرىدىن پايدىلىنىپ راست ئالما سىزىش
(رەسىملەر كۆرۇنمىگەن بولسا
http://umidblog.cn بلوگىمدىن كۆرۇڭ رەسىملەر بلوگقا يوللانغان)
سىزىلىپ پۇتكەن ئالما
1. Photoshop نىڭ قەلەم قورالىدىن پايدىلىنىپ ئالمىنىڭ تەكشىلىكتىكى شەكلىنى سىزىۋالىمىز تولۇق چەمبەر شەكىلدە سىزىۋالماي ئەمىلىيەتتە ئالما پۇتۇنلەي چەمبەر شەكلىدىمۇ ئەمەس ئۆزىڭىز
مۇۋاپىق شەكىلدە سىزىڭ (سىزالمىسىڭىز تۆۋەندىكى رەسىمنى Photoshop قا ئەكىرىپ بۇ شەكىلنى بويلاپ قەلەمدە سىزسىڭىزمۇ بۇلىدۇ)
2. بۇ سۈرەت قەۋەت ئۇسلۇبىدىن تەدەرىجى رەڭ (渐变) بىرىش ئۈنۈمىنى بىرىمىز (رەڭ: fbb367 b91a05)
3. رەڭ بىرىشتىن ھاسىل بولغان ئۈنۈم
4. بۇ سۈرەت قەۋىتىدىن بىرنى كۆپەيتىمىز (تىزلەتمە كۇنۇپكا Ctrl+jنى بىسىپ كۆپەيتسەكمۇ بولىدۇ) ۋە بارلىق سۈرەت قەۋەت پاسۇنىنى چىقىرۋىتىمىز. 透明度 نى %0 گە
تەڭشەيمىز (تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك)
5. بۇ سۈرەت قەۋىتىگە سۈرەت قەۋەت پاسۇنىدىن تەدىرىجى رەڭ بىرىش (渐变) ئۈنۈمىنى بىرىمىز (رەڭ: fe5677) بۇلۇڭ ۋە باشقا تەڭشەكلىرىنى تۆۋەندىكى رەسىم بىلەن ئوخشاش
تەڭشەيمىز. (دىققەت: جەزىملەشنى باسماي تۇرۇڭ)
6. مائۇسنى ئالما شەكلىنىڭ سول ئۇستى تەرىپىگە يۆتكەيمىز. بۇ چاغدا تەدىرىجى رەڭ بىرىش ئۈنۈمىمۇ پۈتۈن سۈرەت قەۋىتىدىن ئاجىزلىشىپ ئۈستىگە قاراپ سۈرۈلىدۇ. (رەسىمگە قاراڭ)
7. Ctrl+jنى بىسىپ بۇ رەسىم قەۋىتىدىن يەنە بىرنى قۇرىمىز، بۇ سۈرەت قەۋىتىدىكى بارلىق پاسۇننى چىقىرۋىتىمىز. ئاۋال بۇ سۈرەت قەۋىتىنىڭ 透明度 نى %0 گە تەڭشەيمىز.
سۈرەت پاسۇن قەۋىتىدىن ئىچىگە سايە چۈشۈرۈش ئۈنۈمىنى بىرىمىز. (ئىچىگە سايە چۈشۈرۈش ئۈنۈمىنى تۆۋەندىكى رەسىمدەك تەڭشىسەك بولىدۇ)
8. تەڭشەلگەندىن كىيىنكى ئۈنۈمى
9. Ctrl+jنى بىسىپ بۇ رەسىم قەۋىتىدىن يەنە بىرنى قۇرىمىز، بۇ سۈرەت قەۋىتىدىكى بارلىق پاسۇننى چىقىرۋىتىمىز. ئاۋال بۇ سۈرەت قەۋىتىنىڭ 透明度 نى %0 گە تەڭشەيمىز.
سۈرەت پاسۇن قەۋىتىدىن تەدىرىجى رەڭ بىرىش (渐变) ئۈنۈمىنى بىرىمىز (رەڭ: قارا رەڭ) بۇلۇڭ ۋە باشقا تەڭشەكلىرىنى تۆۋەندىكى رەسىم بىلەن ئوخشاش تەڭشەيمىز. (دىققەت:
جەزىملەشنى باسماي تۇرۇڭ)
10. مائۇسنى ئالما شەكلىنىڭ ئوڭ ئاستى تەرىپىگە يۆتكەيمىز. بۇ چاغدا تەدىرىجى رەڭ بىرىش ئۈنۈمىمۇ پۈتۈن سۈرەت قەۋىتىدىن ئاجىزلىشىپ ئۈستىگە قاراپ سۈرۈلىدۇ. (رەسىمگە قاراڭ)
11. تەگ تىن باشقا بارلىق سۈرەت قەۋىتىنى گۇرۇپپىلايمىز. (بۇنداق قىلىشتىكى مەخسەت سۈرەت قەۋىتىنىڭ يۆتكىلىپ ئۈنۈملەرنى يوقۇتۇپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن)
12. يىڭى سۈرەت قەۋىتىدىن بىرنى قۇرۇپ قەلەم بىلەن ئالما بىغى ئەتراپىنىڭ ئىگىز پەس شەكلىنى سىزىۋالىمىز. (سىزىدىغان شەكىلنى تۆۋەندىكى رەسىمدىن كۆرۇڭ)
13. شەكىلنى سىزىپ بولغاندىن كىيىن بۇ سۈرەت قەۋىتىنىڭ 透明度 نى %0 گە تەڭشەيمىز. سۈرەت پاسۇن قەۋىتىدىن تەدىرىجى رەڭ بىرىش (渐变) ئۈنۈمىنى بىرىمىز. (رەڭ:
b7380f، تەدىرىجى رەڭنى 径向 چەمبەر شەكىلنى تاللايمىز) بۇلۇڭ ۋە باشقا تەڭشەكلەرنى تۆۋەندىكى رەسىمدىن كۆرۇڭ
14. جەزىملەشنى باسماي تۇرۇپ مائۇسنى باياتتىن سىزىلغان شەكلنىڭ ئاستىغا سۇرىمىز. ئۇنۇمىنى ۋە سۈرۇش ئورنىنى (رەسىمدىكى كۆك چەمبەر) تۆۋەندىكى رەسىمدىن كۆرۇڭ
15. يىڭى بىر سۈرەت قەۋىتى قۇرۇپ رەسىمدىكىدەك ئورۇنغا قىزغۇچ رەسىم قەلىمى بىلەن رەڭ بىرىمىز
16. يىڭى بىر سۈرەت قەۋىتى قۇرۇپ ئالما بىغى ئەتراپىغا رەسىم قەلىمى بىلەن ئاق رەڭدە (رەڭنىڭ مىقدارى ۋە قىنىقلىقىنى %50 ئەتراپىدا تەڭشەپ ۋە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەنرەڭ تەڭشەپ)
پاقىراق رەڭ بىرىمىز. ئۈنۈمى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك
17. يىڭى بىر سۈرەت قەۋىتى قۇرۇپ رەسىم قەلىمى بىلەن 2~3 پىكسىل ئەتراپىدا ئالما ئۇستىگە ئاق رەڭدە چىكىت سىزىمىز
18. بۇ سۈرەت قەۋىتىگە سۈرەت قەۋەت پاسۇنىدىن سىرىتقا نۇر چاچقۇزۇش ئۈنۈمىنى سۈرەت قەۋىتىنى 叠加 غا ۋە باشقا تەڭشەكلىرىنى رەسىمدىكىدەك تەڭشەيمىز. 透明度 نى %40
گە تەڭشەيمىز
19. يىڭى بىر 640*480 بىر ھۆججەت قۇرۇپ (ئۇستى ۋە ئاستى رىڭىنى ئاق ۋە قارا رەڭگە تەڭشەيمىز) Photoshop ئۈنۈمى ئىچىدىن تالالاشتۇرۇش (纤维) ئۈنۈمىنى بىرىپ
پۇتۇن سۈرەت قەۋىتىنى تاللاپ كۆچۈرۈپ ئەسلىدىكى ھۆججەتكە چاپلايمىز
20. تالالاشتۇرۇش ئۈنۈمى بىرىلگەن سۈرەت قەۋىتىنى چاپلاپ بولغاندىن كىيىن بۇ سۈرەت قەۋىتىنى Ctrl+t نى بىسىپ مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چىكىپ چىققان تىزىملىكتىن شەكىلنى
ئۆزگەرتىش (warp ،变形 ئادەتتە بۇ ئىقتىدار Photoshop 9.0 دىن تۆۋەن نەشىرلىرىدە يوق) نى تاللاپ مائۇس بىلەن بۇ سۈرەت قەۋىتىنى ئىگىپ ئالما ئۇستىگە كەيدۇرىمىز.
رەسىمدىكىدەك
21. بۇ سۈرەت قەۋىتىنىڭ 透明度 نى %40 گە سۈرەت قەۋىتىنى 叠加 تەڭشەيمىز. ئاندىن بۇ سۈرەت قەۋىتىنى ماسكىلاپ (ماسكىدىن سۈرەت قەۋىتىنى يۇشۇرۇش) تەدىرىجى رەڭ
بىرىش قورالى بىلەن (ئاق رەڭگە تەڭشەپ) سول ئۇستى تەرەپتىن ئوڭ ئاستى تەرەپكە قاراپ سۈرەتنى سۈزىمىز رەسىمدىكىدەك
22. تالالاشتۇرۇلغان سۈرەت قەۋىتىدىن يەنە بىرنى چاپلاپ يۇقارقى مەشغۇلات بىلەن ئوخشاش مەشغۇلاپ (شەكلىنى رەسىمدىكىدەك) قىلىپ ئالمىنىڭ ئۇستى تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرىمىز. بۇ سۈرەت
قەۋىتىنى ئالدىدىكى سۈرەت قەۋىتىنىڭ ئاستىغا سۈرىمىز رەسىمدىكىدەك
23. بۇ سۈرەت قەۋىتىنىڭ 透明度 نى %40 گە سۈرەت قەۋىتىنى 柔光 تەڭشەيمىز. رەسىمدىكىدەك
24. يىڭى بىر سۈرەت قەۋىتى قۇرۇپ ئالمىنىڭ بىغىنى سىزىمىز
25. بۇ سۈرەت قەۋىتىگە ئىچىگە سايە چۈشۈرۈش ئۈنۈمىنى بىرىمىز باشقا تەڭشەكلىرىنى رەسىمدىكىدەك تەڭشەيمىز
26. يىڭى بىر سۈرەت قەۋىتى قۇرۇپ ئالما بىغىنىڭ كىسىلگەن يىرىنى سىزىمىز
شۇنداق قىلىپ بۇ ئالما سىزىلىپ بولدى بۇنىڭغا سايە ئۈنۈمىنى بەرسەك چىنلىقى تىخىمۇ ئاشىدۇ. (سۈرەت قەۋەت ئۈنۈمىنىڭ سانلىق قىممەتلىرىنى سۈرەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ ماس ھالدا
تەڭشىسىڭىز بولىدۇ)
بۇ ئالمىنى سىزىپ چىقالمىغان بولسىڭىز ياكى تەڭشەكلىرىنى مۇۋاپىق تەڭشىيەلمىگەن بولسىڭىز ئەسلى ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ كۆرۇپ بىقىڭ!
ئەسلى ھۆججەتنى بۇ يەردىن
چۈشۈرۈشبلوگىمدا photoshop نى ئۈگىنىش جەريانىدىكى ئەمىلى مەشىقلىرىم سۆزلىنىدۇ مەنزىل:
http://umidblog.cn