« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 1130 - كۆرۈرمىنى
...yasir
ئۇزۇن قۇلاق
يازما يوللاش ئۇستىسى ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 31302
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 1143
شۆھرەت: 1349 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 5190 سوم
تۆھپە: 345 نۇمۇر
ياخشى باھا: 285 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1231(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

 ياسىرنىڭ دىل بايانلىرى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما xabnam تەرپىدىن ئىلگىرلىتىلدى(2009-02-14)
ياسىرنىڭ دىل بايانلىرى


ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! بارلىق ياخشى نىيەتلىك تورداشلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئاسايىشلىق بولۇشىنى ، ئەزىز تىنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى ، تېنىچ - ئامان بولۇشىنى ئۇلۇغ ئىگىمىزدىن تىلەيمەن !
بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى شەبنەم تورىدا «شەبنەم تۆھپىكارى» نى باھالاش قارار قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى تىمىنى كۆرۈپ ئۆزۈمنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشكەنلىكىمنى بىلدىم . ئۆزۈم جەنۇبى شىنجاڭدا سەپەر ، كاماندۇرۇپكىدا بولغاچقا تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن بۇ مۇكاپاتنى بىرسىدىن ماڭا ۋەكالىتەن تاپشۇرۇپ ئالدىم . شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ مۇكاپاتنى تەسىس قىلغان ھەم ماڭا بىرىشنى قارار قىلغان شەبنەم شىركىتىدىكى نىجات ئازات باشچىلىقىدىكى بارلىق خادىملارغا شۇنداقلا بۇ مۇكاپاتنى ئېرىشكەنلىكىمنى سەمىمى تەبرىكلىگەن ئەزىز قىرىنداشلارغا چىن دىلىمدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن ! سىلەرگە رەھمەت !!!


كۆڭلۈمدىكى راست گەپنى دىسەم بۇ مۇكاپاتنى ماڭا بىرىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلگىنىمدىن ۋۇجۇدۇمدا خۇشاللىق ۋە تەئەججۇپلىنىش تەڭلا ھۆكۈمران بولۇپ ئىككىلىنىپ قالدىم . تەئەججۈپلەنگەنلىكىم تۇنجى قېتىملىق بۇ مۇكاپاتنىڭ ماڭا بىرىشنى قارار قىلغانلىقى بولدى . چۈنكى مەن ئۇيغۇر تورچىلىقىدا جۈملىدىن شەبنەم تورىدا بۇ مۇكاپاتنى مەندىنمۇ بەكرەك ئىلىشى مۇۋاپىق كىشىلەر كۆپ دەپ قارىغانلىقىمدا بولدى . شۇنچىۋالار كۆپ خالىس تۆھپىكار تورداشلار ئىچىدىن مىنى بۇ مۇكاپاتنى ئىلىشنى قارار قىلغانلىقى راست گەپنى قىلسام ۋۇجۇمدا تەئەججۈپنىڭ ھۆكۈمران ئورۇنغا چىقىشىغا سەۋەب بولدى . ئەمدى خۇشال بولۇشۇمدىكى سەۋەب بۇ 100 يۈەنلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىش بولماستىن بەلكى ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ ھەقسىز ، خالىس ، پىدائى ھالدا ئاتام - ئانام كۆرۈپ باقمىغان بىرسىنىڭ يەنە ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان يەنە بىرسىگە مۇلازىمەت قىلىشىدىن ئەجىرنىڭ پۇلغا ئايلىنىشىدا بولدى . خۇشال بولۇشۇم ئۇيغۇر تورچىلىقىدىن 21 - ئەسىرگە ھەقىقى يوسۇندا كىرىپ ، بازار ئىگىلىكى شارائىتىغا ھەقىقى ماسلاشقانلىقى بولدى .

كەمىنە مىنى مۇكاپاتلاش توغرىسىدىكى تىما چىققاندىن كېيىن بۇ تىمىنى تەپسىلىي ئوقۇدۇم شۇنداقلا دەرھاللا ئۆزۈمنىڭ ھېسياتىمنى ئىپادىلىمەي ، تورداشلارنىڭ بۇ مۇكاپاتقا قارىتا كۆز قاراشلىرى ۋە باشقا تۈرلۈك جامائەت پىكىرىنى ئاڭلاپ بىقىشنى لايىق تاپتىم . شۇنداقلا مەزكۇر تىمىنى يوللىغان باشقۇرغۇچىغا ئۇچۇر قىلىپ مەزكۇر تىمىغا دۆلەتنىڭ قانۇن ۋە سىياسەتلىرىگە خىلاپ بولمىغان ھەر قانداق ئىنكاسنى ئۆچۈرمەسلىكىنى ئىيتتىم . بۇ تىمىنى تا تۈنۈگۈنگىچە چۈشكەن ئىنكاسلارنى تامام كۆرۈپ چىقتىم .

تورداشلارنىڭ بۇ تىمىغا قارىتا چۈشكەن ئىنكاسلىرىدىن مېنىڭ باشقا جايدا تۇرۇپ بۇ مۇكاپاتنى قانداق ئىلىۋالىدىغانلىقىمنى ، شۇنداقلا بۇ مۇكاپات سوممىسىنىڭ ئاز بولۇپ قالغانلىقى توغرىسىدىكى جامائەت پىكىرلىرى مىنى سۆيۈندۈردى . بۇ يەردىكى سۆيۈنۈش نوقۇل مىنى قوللىغانلىقىدىكى سۆيۈنۈش بولماستىن بەلكى شەبنەمدىكى تورداشلار «شەبنەم تورى» نى سۆيىدىكەن . «شەبنەم تورى» نىڭ تەرەققىياتىغا ئۈمىد بىلەن قارايدىكەن . «شەبنەم تورى» نىڭ ھەر بىر ھەركىتىگە تەپسىلىي دىققەت قىلىدىكەن . بۇ ئەلۋەتتە ياخشى ئىش !



بۇ قېتىملىق مۇكاپاتتا گەرچە مەن 100 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلانغان بولساممۇ بىراق بۇ قېتىملىق مۇكاپاتنى ئالماسلىقنىمۇ ئويلاشقانىدىم . بىراق ، بۇ مۇكاپاتتىن ۋاز كەچسەم كەڭ تورداشلارنىڭ بىرىنچىدىن بۇ مۇكاپات سوممىسىنى ئاز كۆرۈپ شەبنەم شىركىتى جۈملىدىن شەبنەم تورىدىن ئاغرىنىشىدىن ئەنسىرىدىم . ئىككىنچىدىن ، بۇ مۇكاپاتنى ئالمىسام تورداشلارنىڭ بۇ مۇكاپاتنىڭ راستلىقىغا قارىتا كۆڭلىدە چىگىش گۇمانلارنىڭ ساقلىنىپ قىلىشىدىن ئەنسىرىدىم . شۇڭا ئاخىرى ئۆزۈم سەپەر ، كاماندۇرۇپكىدا بولساممۇ بىراق بىرسىدىن بۇ مۇكاپاتنى ماڭا ۋەكالىتەن تاپشۇرۇپ ئىلىپ قويۇشىنى ئۆتۈندۈم . ھەم بۇ مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالدىم .

بۇ 100 يۈەن خەلق پۇلى چوڭ شەھەرلەردىكى يۇقىرى ئىستىمال سەۋىيىسىدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىمال تاللا بازىرىدىكى بىر قېتىملىق تۇرمۇش ئىستىمالى بولۇشى مۇمكىن . چەت يىراق يېزىدىكى نامرات دېھقان ئائىلىسىنىڭ بىر نەچچە ئايلىق تۇرمۇش ئىستىمالى بولۇشىمۇ مۇمكىن .
بۇ يەردىكى مۇھىم نوقتا مېنىڭچە بۇ 100 يۈەنلىك مۇكاپاتتا بولماستىن بەلكى چوڭقۇرراق قىلىپ ئېيتقاندا شەبنەم تورىنىڭ تورداشلارنىڭ ئەجىر مېھنىتىنىڭ ھەقلىق يوسۇندا ئىشلىتىشكە قاراپ يۈزلەنگەنلىكىدە دەپ قارىساق بولىدۇ ، دىمەكچىمەن . ئۆزۈم ئۇيغۇر تور مەدەنىيىتىنىڭ قىزىقۇچىسى بولغانلىقىم ئۈچۈن ئادەتتە بىر نەچچە ئۇيغۇر تور بىكەتلىرىنى زىيارەت قىلىپ تۇرىمەن . تور ئىشلىرىدا بەلگىلىك مۇۋەپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن قىرىنداش مىللەتلەرنىڭ تور بىكەتلىرىگىمۇ كىرىپ ئارىمىزدىكى پەرققە يېقىدىن دىققەت قىلىمەن . شۇنداق زىيارەت قىلىش داۋامىدا بەزى ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەردىكى ئەخلاقسىز قىلمىشلىرىنى ئۇققىنىمدا چىۋىن يەۋالغاندەك بولىمەن . قايسىدۇر بىر تور بىكەتنىڭ مەلۇم بىر باشقۇرغۇچىسىنىڭ تورداشلارنى ئالداپ كىتاب چىقىرىش باھانىسىدە نۇرغۇن تورداشلاردىن پۇل توپلاپ كېيىن بۇ كىتابنى نەشىريات چىقىرىۋاتىدۇ ، دىگەننى باھانە قىلىپ بۇ ئىشنى بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇنتۇلدۇرۇپ تورداشلارنىڭ شۇ ساپدىل ، ئاقكۆڭۈلىكىدىن پايدىلىنىپ كەتكەنلىكىنى ، يەنە بىر تور بىكەت قۇرغۇچىسىنىڭ تور بىكەتنى مەخسۇس «قىز كەلتۈرۈپ» ئۈچۈن قۇرۇپ چىقىپ تېخى باسقۇنچىلىق قىلغانلىقىنىمۇ ئاڭلاپ قالدىم . بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىغىنىمدا ۋۇجۇدۇمدا ئاچچىق  تىترەك ئولىشىپ كەتتى . يەنە بەزى تور بىكەتلەرنىڭ شۇ تور بىكەت ئۈچۈن ھەقسىز ، خالىس تۆھپە قوشۇۋاتقانلارنى مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئەرزىمەس باھانىلەر بىلەن قوغلىغانلىقىنى ، ھەتتا يوق بەتناملارنى چاپلاپ ئۇلارنىڭ كىشىلىك ئىززەت - ئابرويىغا قارىتا زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى ئاڭلىغىنىمدا يەنىلا ئاچچىق يۈتۈۋىلىمەن . مانا شەبنەم تورىنىڭ جۈملىدىن نىجاتنىڭ ئۆزى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بىرسىنى ئۆز يىنىدىن پۇل چىقىرىپ مۇكاپاتلىشى يۇقارقى ئىشلار بىلەن روشەن سىلىشتۇرما بولۇپ مىنى مەمنۇنىيەت تۇيغۇسىغا چۆمدۈردى . شۇڭا بۇ يەردە «شەبنەم تورى» غا يەنە بىر قېتىم رەھمىتمنى ئىيتماقچىمەن !



شەبنەم تورىنىڭ بۇ قېتىملىق مۇكاپاتنى شۇنچە كۆپ سەمەرىيلىك ، خالىس تۆھپىكار ئەزالار ئىچىدىن ماڭا بىرىشى مىنىڭ ئويلىغىنمدا نوقۇل ماڭا بەرگەن مۇكاپات بولماستىن مىنى ۋەكىل قىلىپ بارلىق سەمەرىيلىك ، خالىس مېھنەت قىلىۋاتقان تورداشلارغا سىگنال تەرىقىسىدە سۇنغان مۇكاپاتنى ، سوۋغىسى دەپ قارىدىم . ئۇيغۇر تورچىلىقىدا جۈملىدىن شەبنەم تورىدا جاپاكەش شۇنداقلا مېھنەتسۆيەر تورداشلار ھەقىقەتەن تولا ! گەرچە بۇ دادىل قەدەم ئەمدىلەتىن باشلانغان بولسىمۇ بىراق كېيىنكى قەدەملەر تېخىمۇ چوڭ ، بەردەم بىسىلىشى مۇمكىن . ئەلۋەتتە بۇنىڭغا نىجات باشچىلقىدىكى شەبنەم تورى خادىملىرىنىڭ ئەمگىكىدىن باشقا كەڭ تورداشلارنىڭ شەبنەم تورىنى ئىجادى قوللىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . «شەبنەم تورى» مۇشۇ تەرىقىسىدە تورداشلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ مېڭىۋەرسە ئىشىنىمەنكى چوقۇم تېخىمۇ مۇنەۋەر نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ .

تورداشلارنىڭ بۇ قېتىملىق مۇكاپاتلار پائالىيىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ ، مىنى تەبرىكلىگەنلىكى چوڭقۇرراق ئويلىغىنىمىزدا «شەبنەم تورى» نىڭ تەرەققىياتىنى تەبرىكلىشى دىسەم خاتالاشمايمىز دەپ قارايمەن . «شەبنەم تورى» نىڭ قۇرۇلۇپ كېيىنچە تور ئىشلىرىنى كەسىپلەشتۈرۈپ زامانىۋى جەمئىيەتكە ماسلاشتۇرۇپ شىركەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى شەبنەمنىڭ تەرەققىياتى ، ئۇتۇقى دىسەك توغرا بولىدۇ !



شۇڭا ئاخىرىدا «شەبنەم تورى» ئارقىلىق شەبنەم شىركىتىدىكى بارلىق خادىملارغا شۇنداقلا بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ ئىشتىراك قىلىپ بەرگەن ھەر بىر تور ئىشتىراكچىسىغا سەمىمى رەھمىتىمنى ئىيتىپ تەشەككۈر سۆزۈمنىڭ ئاخىرلاشتۇرىمەن !

كۆپچىلىكنىڭ ۋاقتىنى ئىلىپ قويدۇم ، كۆپچىلىككە رەھمەت !!!

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ياخشى باھا:+10(دۇنيا)
  • ياخشى باھا:+10(xabnam.com003) ياخشى يېزىل ..
  • فارابى ، ئىبىن سىنا قاتارلىق ئىسلام پەيلاسوپلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ غەلبىسى يۇنان پەلسەپە مىراسلىرىنى ئەسلى ھالىتى بويىچە ئىسلام دۇنياسىغا تونۇشتۇرىدىغان  «تەرجىمانى» بولغانلىقىدا ، ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيىتى پەقەت «تەرجىمان» بوپقالغانلىقىدا ئىدى . ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيىتى يۇنان پەلسەپىسىنى «تەنقىدىي» مەيداندا ئەمەس «تەقلىدىي» مەيداندا تۇرۇپ كۈزەتكەنلىكىدە ئىدى . ئۇلار ھەتتا يۇنانلىقلاردىنمۇ بەكرەك يۇنانلىشىپ كەتكەنىدى .
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-14 12:49 |
    باياۋان
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 69469
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 393
    شۆھرەت: 417 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3970 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 366(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

     

    ياسىر ئەپەندىگە رەھمەت ، شەبنەم مۇنبىرى بىزنىڭ كۆكلىشىمىزدىكى ئانا بۆشۈكىمىز .

    basbas
    ...دۇنيانىڭ كەلگۈسى ئۆتمۈشتىن كۆپراق.
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-14 13:04 |
    naxtarjan
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 72456
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 40
    شۆھرەت: 45 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 400 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

     

    مەن دائىملا مۇنبەردىكى دوستلاردىن قۇسۇر ئىزدەپ، تېمىنىڭ مەزمۇننى باشقا ياققا بۇراپ ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەن ئىدىم. جۈملىدىن مۇنبەر سورنى مەن ئۈچۈن بىلىم ئالىدىغان، يىڭىلىقلاردىن خەۋەردار بۇلۇش ئەمەس بەلكى پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇپ بىردەملىك كۆڭۈل خۇشلىقىمنى قاندۇردىغان سورۇن بۇلۇپ قالغان. بۈگۈن سىزنىڭ يۈرەك سۆزلىرڭىزنى ئاڭلاپ ئۆزۈمدىن نەقەدەر سەسكىنىپ كەتكىنىمدە ئۆزۈمدە بىرخىل خىجىللىق تۇيغۇسنى ھىس قىلدىم. بۇ مۇنبەرگە ئەزا بۇلۇپ كىرگەن بىر يىلنىڭ يانى نۇرغۇنلىغان دوستلارنىڭ دىلىنى ئاغرىتتىم. لىكىن ئاخىرقى ھىساپتا ئۆزۈم زىيان تارتتىم. شۇڭا مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇنبەردىكى دوستلاردىن سەمىيمى كەچۈرۈم سورايمەن ھەم بۇندىن كىيىن ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۈچۈن بىر نىيەت بىر مەخسەتتە سىلەر بىلەن بىرگە كۈچ چىقىرىشقا تىرشىمەن.

    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+5(molla pok-pok) بارىكاللا
  • ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-14 13:57 |
    zakira
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 55203
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1550
    شۆھرەت: 1616 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 5445 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 80 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1598(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

     

    مەن ياسىرنىڭ تېمىلىرىنى قالدۇرماي كۆرىمەن .....

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    دۇنيادا ھەققىي مۇھاببەت،ئاننىڭ بالىغا بۇلغان مۇھاببىتىدۇر.
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-14 14:42 |
    kuyhumar0998
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22010
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1431
    شۆھرەت: 1506 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 21410 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 43 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 822(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

     

    ياسىر ئەپەندى، پۇلنى ئاپسىز، بۈگۈن بولسىمۇ رەڭلىك سورۇنغا بىللە بارارمىز ؟؟؟

    ھەقىقىي مىسۋاك
    مەن سېنىڭ مېنى ياخشى كۆرمىگەنلىكىڭدىن ئەمەس بەلكى ياخشىراق كۆرەلمىگەنلىكىڭدىن ئەپسۇسلىنىمەن.
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-14 14:52 |
    ئۇيغۇرئاي
    دىل ئازاردىن خۇدا بىزار
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە رەسىم يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 22655
    نادىر تېما : 8
    يازما سانى : 2586
    شۆھرەت: 2812 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 26160 سوم
    تۆھپە: 668 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 483 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 750(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-09

     

    سىزگە  پەقەت رەھمەت دىيەلەيمەن
    ئىسىل تىمىلىرىڭىز مۇنبەردىن ئۈزۈلمىسۇن

    شىنجاڭ تور مەكتىپى



                    ھەسرەت چىكىۋاتقان ۋاقتىڭىزدىمۇ قاپاق تۈرمەڭ. چۈنكى، سىز كۈلۈمسىرىشىڭىزگە كىمنىڭ ئامراقلىقىنى بىلمەيسىز

    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-14 15:22 |
    -tulpar-
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 10978
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1042
    شۆھرەت: 1043 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4965 سوم
    تۆھپە: 5 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 46 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 627(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

     

    ياسىر خەۋەرلەر توپلىمى نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرىدۇ. (چاخچاق)
    سىز ئۇزۇن قۇلاقلىرىڭىز بىلەن كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىڭىزنى بىزگە يەتكۈزۈپ تۇرۇپ شەبنەمگە يېڭى ھاياتى كۈچ ئاتا قىلدىڭىز . بۇنى تورداشلارلا ئەمەس شەبنەم شاھلىرىمۇ بايقاپتۇ. ئاز بولسىمۇ كۆپكە تاۋاپ قىلىڭ. كىيىن شەبنەم شىركىتى مەخسۇس مۇنبەر مۇكاپاتى تەسىس قىلىشى مۇمكىن.........

    ھەقىقىي مىسۋاك
    كۆڭۈل خەزىنىسىنىڭ قولۇپى تىلدۇر،
    ۋو ئول خەزىنىنىڭ ئاچقۇچى تىلدۇر.

    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-14 16:00 |
    nargiza18
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 28366
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1624
    شۆھرەت: 1625 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 6985 سوم
    تۆھپە: 1 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 267(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

     

    ئۇزۇن قۇلاق ياسىر ئەپەندىنىڭ بىزنى ئۈزلۈكسىز يېڭى خەۋەرلەر بىلەن تەمىن ئېتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. جاپا چەكتىڭىز .تېنىڭىز سالامەت بولغاي...

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    سەمىمىيلىك ئىسىل خىسلەت.
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-14 16:00 |
    UYGHURAAA
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 62532
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 475
    شۆھرەت: 995 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3940 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 246(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

     

      
    ئالدى بىلەن شەبنەم شىركىتىنىڭ ياسىر(توردىكى قوللىنىش) ئەپەندىنىڭ تورغا قوشقان تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئازبولسىمۇ،ئىقتىسادبىلەن مۇكاپاتلىغانلىغىغا ئالاھىدە رەھمەت.
    ياسىر ئەپەندىنىڭ تورغا قۇشقان تۆھپىسى:                                                                    يا سىر ئەپەندى ئىزچىل تۈردەشەبنەم مۇنازىرە مۇنبىرىنى ھەرخىل ھەم سەرخىل بولغان تەرجىمە،خەۋەر،پارچىلار،بىلدۈرگىلەر.........قاتارلىق چېتىشلىق دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولغان،
    ئاۋامغا يىقىن،تۇرمۇشقاپايدىلىق بولغان تىمىلار بىلەن تەمىنلەپ ،نىسبەتەن تورتىمىسىنى بېيىتتى.
    شۇنداقلا مۇنەۋۋەر نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
    قېرىنداش توربەتلىرىدىكى پايدىسى زۇر بولغان داۋالىنىش،سۇغۇرتىغامۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى
    ۋاقتىدا تەرجىمە قىلىپ.تورداشلارغا يەتكۇزدى.
    مۇھىم خەلقئارا خەۋەرلەرنى ،يېڭى ئۇچۇرلارنى يەتكۈزدى........

    ھەقىقىي مىسۋاك
        گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ .
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-14 16:17 |
    qinmodan
    ئەخلاق-مەقسەت، قانۇن-ۋاستە.
    ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 7886
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1305
    شۆھرەت: 1399 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 12171 سوم
    تۆھپە: 188 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 165 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2060(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-09-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

     

    ياسىر ئەپەندى شەبنەم «مۇنبەر تۆھبىكارى» مۇكاپاتىنىڭ تۇنجى سايلىنغۇچىسى بولغانلىقىنىڭىزنى تەبرىكلەيمەن.

    قانۇن پاكىتنى، ئادالەت ۋىجداننى ئۆلچەم قىلىدۇ.  قانۇن بىلەن ئادالەتنىڭ توقۇنىشى دەل ئۆلچەمدىكى بىردەكسىزلىكتىن كېلىپ چىققانلىقىدا كۆرۈلىدۇ.
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-14 17:29 |
    0991sumruh
    مۇنبەر قىززىقچىسى
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 27435
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1751
    شۆھرەت: 1752 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 10534 سوم
    تۆھپە: 40 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 72 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1601(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

     

    ياسىر ئەپەندىمنىڭ تېمىلىرى بىلەن شەبنەم بەك ئاۋات،مۇشۇ دىل باياننى بايان قىلغان ئاغزىغا ناۋات!

    ھەقىقىي مىسۋاك
    ./?u=27435
    قايغۇرماڭ!باتۇرلارچە ياشاڭ!
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-14 17:31 |
    Saltenet
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 73399
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 7
    شۆھرەت: 7 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 70 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

     

    ئالدى بىلەن شەبنەم شىركىتىنىڭ ياسىر(توردىكى قوللىنىش) ئەپەندىنىڭ تورغا قوشقان تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئازبولسىمۇ،ئىقتىسادبىلەن مۇكاپاتلىغانلىغىغا ئالاھىدە رەھمەت.

    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-14 17:39 |
    dil-pak
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 54077
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 106
    شۆھرەت: 107 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1004 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 234(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

     

    ياسىركامنىڭ مۇنۇ دىلبايانلىرى ئوقۇغاندىن كىيىن قانچىلىك ھاياجان ۋە قانچىلىك پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ھېس قىلغانلىقىنى  ئاز تولا بايقىغاندەك بولدۇم .  
       دۇنيادا مۇكەممەل نەرسە بولمىغاندەك تور دۇنياسىدىمۇ كەمچىلىكلەت كۈرمىڭ .  توربەت توغۇرلۇق كەلتۈرگەن بىرنەچچە مىساللىرىڭىز ئارقىلىق شەبنەم تورىغا قانچىلىك  مىھرىڭىز ۋە ھۆرمىتىڭىز بارلىقىنى ئازراقچە بولسىمۇ بىلدۈرۈشكە ئۇرۇنۇپسىز .   بۇنىڭدىن سۈيۈندۈم  . «ئۆز يۇرتىنى سۆيمىگەن ھەرقانداق بىر ئىنساندىن باشقا سۈيۈشلەرنى كۈتكىلى بولمايدۇ » دەپ ئاڭلاپتىكەنمەن .
        سىزنىڭ شەبنەم تورى ۋە  ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۈچۈن  خالىس تۆھپە قوشىۋەتقانلىقىڭىز ھەممىمىىزگە ئايان .  
        شەبنەم شىركىتى گەرچە ماددىي جەھەتتىن ئاز بولسىمۇ سوۋغات بىرىپ  ئەزالارنىڭ قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ  مۇنبەر تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تۈرتكىلىك رول ئويناش جەھەتتە ئۇل ھازىرلاۋاتقان بولسىمۇ يەنىلا نۇرغۇنلىغان كەمچىلىكلەردىن  ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . مۇشۇ جەھەتتىن شەبنەم تورىنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ ئويغۇر توربەتچىلىكى ئىچىدە سەردار ئورۇننى قولدىن بەرمەي ساقلاپ تۇرىشىغا  تىلەكداشمەن .
    [ بۇ يازما dil-pak تەرپىدىن2009-02-14 19:07دە قايتا ]

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-14 18:59 |
    OZKALAM
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 73022
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 66
    شۆھرەت: 376 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 360 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 98(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

     

    مۇكاپاتىڭىزنى ئېلىپلا يېڭى تېما سېتىۋېلىشقا كىتىپ،بۇ مۇنبەر بوش قېلىپ غېرىپ بولۇپ قالمىسۇن يەنە(چاخ-چاق)

    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-14 19:47 |
    ئۇيغۇرجان
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش تەشۋىقات ئەلچىسى
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 27071
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 372
    شۆھرەت: 423 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 7099 سوم
    تۆھپە: 31 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 49 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1075(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-29

     

    مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى ۋە مۇنبەردىكى تۆھپىكار ئەزالار ئۆزىنىڭ مىننەتسىز ئەجرى ئارقىلىق نىمىگە ئىرىشىدۇ، نېمە ئۈچۈن جاپا چىكىپ تېما يوللاش ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى سەرپ قىلىدۇ.....؟
    مىنىڭچە بولغاندا جاۋابىي ناھايىتى ئاددىي...بەش قول تەڭ بولمىغاندەك مۇنبەرلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىۋاتقانلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمسى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن ياسىرغا ئوخشاش تورداشلىرىمىز ئۆزىنىڭ مىننەتسىز ئەجىر ئارقىلىق باشقىلارغا قولىدىن كىلىشچە نەپ يەتكۈزۈشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ بىلىدۇ.بىر مۇنبەر ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق ئوت يۈرەك ئەزالىرىنىڭ بولۇشى بىلەن گۈللەنسە بىر مىللەتمۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق نام-مەنپەئەت قوغلاشمايدىغان خالىسانە روھقا ئىگە ئوغلانلىرى بىلەن گۈللەپ ياشنايدۇ... مۇنبەرلەردە ئۆزىنى باشقىلار ئۈچۈن بىغىشلىيالايدىغانلار جەمىئەتتىمۇ باشقىلار ئۈچۈن ھاردىم تالدىم دىمەي تۆھپە قوشالايدۇ...

    مەن بارلىق ئۇيغۇر تور مۇنبەرلىرىدە ياسىرغا ئوخشاش خالىسانە روھقا ئىگە تىرىشچان تورداشلىرىمىزنىڭ تىخىمۇ كۆپىيشىنى ،  كەڭ تورداشلار ئۈچۈن قولىدىن كىلىشىچە خىزمەتتە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن..

    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-14 21:30 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 23» Pages: ( 1/3 total )
    XabnamBBS » كۆڭلۈمدىكى سۆزلەر
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:02-17 18:11, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ