بالام تونوكۈن، دادا ئەتە ئاشىق مەشۇقلار بايرىمىكەن پۇل بەرسىڭىز گۈل سېتىپ باقاي دىگەنتىم ؟دىگەن ئىدى مەن بالام بۇ بايرام بىزنىڭ بايرىمىمىز ئەمەس دىسىسەم باشقا ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئاتا ئانىسى بالىلىرىغا گۈل ئېلىپ بىرىپتۇ ،گۈل سېتىپ تاپقان پۇلىغا ئۇقۇش ماتىرىياللىرى ئالىدىكەن مەنمۇ شۇلاربىلەن بىرگە ساتاي دىگەن ئىدىم دەپتى ،مەن بالام پۇل لازىم بولسا مەن بىرەي مۇنداق گەپلەرنى قىلغىچى بولماڭ دىگەن ئىدىم ،مانا بۈگۈن شىركەتكە كېتىپ بارىمەن ئەتراپىمغا قاراپ ھەيران قېلىۋاتىمەن ،كىچىكى 7-8ياش چوڭلىرى 25-30ياشلاردىكى ئوغۇل- قىزلار دوقمۇش دوقمۇشنى ئىگەللەپ ،قوچىقىدىكى گۈلگە خېرىدا ئىزلەپ يۈرۈشەتتى ،بۇلار غا نىمە بولغاندۇ بۇ بايرام بىز ئۈچۈن شۇنچىۋالا مۇيىم مىدۇ؟ ئاشۇ بالىلار كۈتۈرۈپ يۈرگەن بۇنچىلا جىق گۈلگە خېرىدار شۇنچىلىك جىقمىدۇ ؟ بىزنىڭ نورۇز بايرىمىزدا كۇچىدا ھىچقانچە ئادەم يوق، بۈگۈن بولسا كوچىلاردا باشقىچە ئادەم جىق ئىدى ھەي.............بولۇپمۇ دېققان لىرىمىز كوپراق ساننى ئىگەللەيتى ، بالام دادا ئەتە ئاشىق -مەشىقلار بايرىمىكەن ،دىگەندە ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمەپتىكەنمەن بۈگۈن بولسا ........................ بۇبايرام كىمنىڭ ؟نىمە سەۋەپتىن ئۆتكىزىلىدۇ ؟بۇنىڭدىن زادى نەپ ئالىدىغانلار كىم ؟بۇ بايرامنى ئۆتكۈزسەك بولامدۇ ؟ ئويلاپ باققانلار بارمۇدۇ ؟بۇ بايرامنى مۇشۇ گۈل سېتى ۋاتقان بالىلار قانچىلىك چۈشىنىدىغاندۇ ؟ بىزنىڭ نۇرۇز بايرىمىزنىچۇ ؟ ئاكا گۈل ئالامسىز ؟ئالدىمدا 10ياشلاردىكى بىربالا بىرتال گۈلنى تەڭلەپ تۇراتتى ، قارىماي ماڭدىم ،-ئېلىپ قۇيۇڭ مۇھەببىتىڭىزگە بېرەسىز؟نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم لېكىن ئىچىمدە ئاچچىق بىر ئەلەم ...................... مەنبە قەلەم |