( تىنىمسىز تارىمدەك تۇرماس) مۇرشىدى
مۇرشىدى
ئۈمۈت - ئارزۇلىرىم كۆكتە ، قىلىپ پەرۋاز ئۇچار بولدى ،
دىلىم تاشقىنلىدى تىنماي ،بۈيۈك ئارمان قۇچار بولدى .
ۋۇجۇدۇم ۋادىسى تارىم ، تۇمۇر شۇندا ئېقىن -دەريا ،
ئەشۇ دەريادا ئىستەكلەر ، تۈمەن دەرىتكە دۇچار بولدى .
خيالىم ئۆكسىمەس ئەسلا ياسايمەن نەچچە يەرشارى ،
ئەشۇ مەنزىردىكى شاتلىق بىلەن ئامەتلە يار بولدى .
دىمەك ئۇ بىر خىيال شۇنداق ، يىراق ئۇندىن رىيال شۇنداق ،
رىياللىق ئىلكىدە ئارزۇ ، ۋىسالسىز تارۇ - مار بولدى .
تىرىشتىم تېرىدىم ياشلىق بېغىمغا لالە - رەيھاننى ،
ئېچىلغاندا گۈلۈم سۈرگۈن بۇلۇپمەن قايغۇ - زار بولدى .
تەئەججۇپ ئىلكىدە قەلبىم پىغانلىق نالە - پەرياتتا ،
گۇيا تەكلىماكان قۇمىدەك سۇ.ئال دىلغا ياغار بولدى .
تەسەۋۋۇر قىلمىدى ئەقلىم ،ياشاشنى ھىچ ئەجىر قىلماي ،
تۈكۈپ تەر باغ بىنا قىلسام ،قۇلۇم ياپىراققا زار بولدى .
ئۈزەم خالىس چىراقدۇرمەن ، ھەسەتلەردىن يىراقدۇرمەن ،
مىنى سۆيگەچكە پەرۋانە ، رەقىپتىن يۇلى تار بولدى .
كۈنۈم ئۆتمەكتە ھەيرەتتە ، ياشارمەن شۇنچە غەيرەتتە ،
ئېچىشقا سىرۇ - ھىكمەتنى ،كۈڭۈللەر ئىنتىزار بولدى .
تىلەپ ئالەمگە مەن ساخلىق ، ئۇلۇق ئارزۇغا ئورتاقلىق ،
جاھان كەزگەندە غايەمنىڭ . بېشىغا كۆپ ئازار بولدى .
ئەجەپ ئىش بۇ سەۋەپ نىمە ، گۈزەل ئەخلاق - ئەدەپ نىمە ؟
بۈيۈك ئىستەك سىرىتماقتا ،ئەقىللەر شۇنچە خار بولدى .
يىتىپ ئىنساپقا مەھرۇملۇق ، ھۈكۈم سۈرمەكتە مەشئۇملۇق ،
چىمەنزارنى بېسىپ قۇملۇق ،ئۈمۈت ئالدىدا دار بولدى .
ئۈمۈتلەر قان سىراپ نىمجان ،تىنىچلىق ئاچ تىلەيدۇ نان ،
ئەجەل بۇرنى پۇرايدۇ قان ،ئەقىدە زەپمۇ خار بولدى .
ئەسارەت ئىلكىدە پاكلىق ، ساداقەت بوينى باغلاقلىق .
ساراڭلىق تەختىدە ساقلىق ،رىزالەت ئىپتىخار بولدى .
قامالغاشقا نۇمۇس - ۋىجدان ، ھايا -ئىپپەت تىلەيدۇ جان ،
بۇغۇپ سۆيگۈنى شەھۋەت قان ،نېكاغا گۆر قازار بولدى .
رېھىم - شەپقەت بۇلۇپ سەرسان ،ئاداۋەتلەر سېلىپ غەليان ،
ھەقىقى پاك مۇھاببەتلەر ، ياشاشتىنمۇ بىزار بولدى .
ھۈكۈمراندۇر ھەسەتىورلۇق ،ۋەزىردۇر شۇندا دىل كورلۇق ،
ئېشىپ ئۆكتە -زۇلۇم- زورلۇق ،ئەجەپ مەشئۇم بازار بولدى .
كاساتلىق ئىلكىدە ئخلاس ،پاساتنىڭ بازىرى باس- باس ،
قىيامەت ھارپىغا تەققاس ، ئۈمۈت مۇردا - مازار بولدى .
بۇلۇپ مودا جىنايەتلەر ، سۈكۈلدى پاك دىيانەتلەر ،
كۆرەڭلەپ تەلۋە - نامەرتلەر ،ئىلىمگە مۇشت ئاتار بولدى .
تالانتلىق قارىلانماقتا ، مۇكاپاتلاندىلەر ساختا ،
غۇرۇر لۇقنىڭ غېرىپ ھالى ، خوشامەت بەختىيار بولدى .
تەبىلىك يوق گىرىم قاشلىق ،يوقاپ چىن سۆيگۈ -سىرداشلىق ،
ھەۋەس - شەيتان بۇلۇپ باشلىق ،مىكىر ھەر جايدا بار بولدى .
تامام كۆزلەيدۇ پۇل- پايدا ، قېنى خالىس نىيەت قايدا ،
زەھەر يامرايدۇ ھەر جايدا ، غەزەپ ئۇتى يانار بولدى .
تەكەببۇر لۇق بالاسىدىن ، كۈڭۈللەرنىڭ ئالاسىدىن ،
نىيەتلەرنىڭ قاراسىدىن ، دىلىم شۇنداق بىزار بولدى .
نەسىھەت كۆپ قۇلاق كەمچىل ،ھەقىقى گۈل پۇراق كەمچىل ،
سۈزۈك سۇ -ساپ بۇلاق كەمچىل ،ياشاش نۇمۇسۇ -ئار بولدى .
بالا سۇلتان ئانا غېرىپ ،نادانلار شاھ ، دانا غېرىپ ،
يەنە ھەمدۇ سانا غېرىپ ، ئەجەپ تەتۈر جازا بولدى .
بۈۋۈم بولدى قېرى دەللە ، چېقىمچى باشىدا سەللە ،
بۇنى كۆرگەچكە مەن رەللە دىلىم قانلىق يارا بولدى .
چىكىپ دەت پاك قەلىبداشلار ، سۇقۇلدى قان قېرىنداشلار ،
يۈرۈپ غاپىل چىرىپ ياشلار ،زەھەر -مەيگە خۇمار بولدى .
ئېشىپ يۇرىتۋاز -تەرپ بازلىق ، يېرىم يالىڭاچ يۈرۈپ يازلىق ،
تاۋار لاشتى چىراي - قىزلىق ، بۇزۇلماق تىل- تۇمار بولدى .
بۇلۇپ مەغرۇر پۇچۇق ناندىن ،چۈشۈپ روھلار كېسەل قاندىن ،
ھەقىقى پەن -شەرەپ - شاندىن ، تېنىشلار دىل بۇزار بولدى .
تېنىپ دۇيادا بارلىققا .........، كۈنۈپتۇ روھى خارلىققا ،
ئالايدى ئەركى...... يارلىققا زەۋال تەختىدە بار بولدى .
ئادالەت چۈشمىگەچ تىلدىن ،رىزالەت ئۆچمىگەچ دىلدىن ،
يامانلاشماقتا يىل - يىلدىن ، ئانا تۇپراق بىزار بولدى .
ئۇمۇملاشماقتا بۇ ئىللەت ،ھۇرۇنلاشماقتا بۇمىللەت ،
شەرەپنىڭ ئورنىغا زىللەت ،تېپىشقا تۆھپەكار بولدى .
تۈزەلمەي ئەلدىكى ياشلار ، يىتەلمەس بەختىگە باشلار ،
نىجاتلىق يولغا كىم باشلار ، بۇ يولغا كىم ماڭار بولدى .
ئەزىز خەلقىم ئناق بىرلەش ، ئۇمۇم ئەھۋالدا ئىلگىرلەش ،
يوقالسۇن مەنىۋى كىرلەش ،يۇرۇق دىلدا قارار بولدى .
ئەقىل ھەيرەتتىدۇر شۇنداق ئۈمۈت غەيرەتتىدۇر مۇنداق .
نىجاتلىققا ئامال قانداق ؟ بۇنى تارىخ يازار بولدى .
مەنبە ئۈزەم مۇرشىدى
[ بۇ يازما murxidi تەرپىدىن2009-02-18 11:01دە قايتا ]