ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
ئالدىنقى قېتىم تىرىشچانلار تورىغا <<
بۇ ئادەمنى تونۇمسىز؟>> دېگەن تېمىنى يوللىغاندا، بەزى تورداشلىرىمىزىغا بۇ بىر ھېكايە، ئەپسانىدەك، ھەتتا سېھىرلىك ئالمىدەك بىلىنىپتۇ. ئەسلى مەنبەنى تاپتىم ۋە islamsoft ئەپەندىنىڭ كۆرسەتكەن
<< PDF نى تېكىسىتكە ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلى>> ئارقىلىق بۇنى مۇنبەرگە يوللىدىم. قېنى ئەمدى تولۇق مەزمۇن بىلەن كۆرۈپ بېقىڭلار:
مەن ئەما
ھىجرىيە بىرىنچى ئەسىردە، دۇنيا تىرىكچىلىكىدىن باش تارتىپ، ئىلىم كويىدا ئىزدەنگەن تەقۋا بىر ياش ئۆتكەنىكەن . قولىنىڭ قىسقىلىقىدىن يېگۈدەكمۇ بىر نەرسىسى قالمىغان بۇ يىگىت بىر كۈنى قورساققا دال بولغىدەك بىرەر نەرسە ئزدەپ چىقىدۇ ۋە مېڭىپ –مېڭىپ بىر ئالمىلىق باغدا ئاياغلاشقان خالتا كوچىدا توختاپ قالىدۇ .قارىسا، بىر شاخ ئالما يولغا ساڭگىلاپ تۇرغان،<< ھېچكىم كۆرمىگەندىكىن بۇ ئالمىدىن بىرەر تال يەپ قورسىقىمنى گوللاپ تۇرسام ھېچ گەپ بولماس، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرەر تال ئالمىغا بۇ باغنىڭ مېۋىسى كەملەپ كەتمەس>> دېگەنلەرنى ئويلىغان يىگىت ئالمىدىن بىر تال ئۈزۈپ يەيدۇ.
ئەمما، ئۆيىگە قايتقاندىن كېين، ئۆز – ئۆزىنى ئەيىپلەشكە باشلايدۇ: مۆئمىن كىشىمۇ مۇشۇندا قىلامدۇ ؟! مەن قانداقسىگە بىر مۇسۇلماننىڭ تەئەللۇقاتىدىن ھېچقانداق ئىزىن – ئىجازەتسىز ھالدا ئۆز نەپسىگە قول ئۇزاتتىم – ھە!؟
ئۇ شۇ خىياللار بىلەن باغنىڭ ئىگىسىنى ئىزدەپ بارىدۇ ۋە<< :تاغا، تۈنۈگۈن ماڭا ئاچلىق يىتىپ، بېغىڭىزدىن بىر تال ئالمىنى ئۈزۈپ يەپ سالغان ئىدىم . مانا بۈگۈن شۇنىڭ ئۈچۈن سىزدىن ئىزىن سوراپ كەلدىم>> دېگەندە، باغۋەن ئۇنىڭغا:«ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن سېنى ھەرگىز كەچۈرمەيمەن، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا سېنىڭ ئۈستۈڭدىن داۋا قىلىمەن ! »دەيدۇ.
مۆئمىن يىگىت ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراپ، يىغلاپ يالۋۇرىدۇ:<< مېنى كەچۈرىۋېتىدىغانلا بولسىڭىز، مەن ھەرقانداق ئىشقا تەييار، مېنى بۇ ئىشتىن خالاس قىلىۋېتىڭ>>. ئۇنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا پەرۋا قىلمىغان باغۋەن ئۇنى تاشلاپ ئۆيىگە كىرىپ كېتىدۇ . يىگىت ئۆينىڭ يېنىدا ئۇنىڭ ئەسىر نامىزىغا چىقىشىنى ساقلايدۇ.باغۋەن ئۆيىدىن چىقىپ، يىگىتنىڭ تېخىچە ئۆرە تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ ۋە ئۇنىڭ ساقاللىرى ئارقىلىق دومىلاپ چۈشىۋاتقان ياشلىرىدىن، چىرايدىن ئىلىم ۋە تائەت – ئىبادەتنىڭ نۇرلىرىدىن باشقا يەنە ئاللىقانداق بىر نۇرنىڭ پارلاپ تۇرغانلىقىنى بايقايدۇ.
يىگىت يەنە يالۋۇرىدۇ :<< تاغا، مەن قېلىپ قالغان بۇ ئۆمرۈمدە بېغىڭىزدا ئىشلەپ ئۆتۈپ كېتىشكە، نېمىگە بۇيرىسىڭىز شۇنى قىلىشقا تەييارمەن، مېنى كەچۈرىۋەتكەن بولسىڭىز!>>
بۇ چاغدا، باغۋەن ئويلىنىپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭغا:<<ئى، ئوغلۇم مەن سېنى كەچۈرىۋېتىشكە تەييار، بىراق بىر شەرتىم بار>>دەيدۇ. بۇنى ئاڭلىغان يىگىت كۆزلىرىدىن ھاياجان ئۇچقۇنلىرىنى چاقنىتىپ تۇرۇپ سورايدۇ:« كۆڭلىڭىزگە كەلگەنلىكى شەرتنى قويۇڭ ، تاغا »
« شەرتىم شۇكى، مېنىڭ قىىزم بىلەن توي قىلىسەن » دەيدۇ باغۋەن.
يىگىت بۇ شەرتنى تازا چۈشىنەلمەي، ھاياجان ۋە ھەيرانلىقتا تېڭىرقاپ قالغاندا، باغۋەن سۆزىنى داۋاملاشتۇرىدۇ:<< ئەمما، ئوغلۇ م شۇنى بىلىپ قالغىنكى، مېنىڭ قىزىم كۆزى كۆرمەس، قۇلىقى ئىشتمەس، تىلى ئىشلىمەس، پۇتى باسماس بىر قىز .
مەن ھەم ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇ قىزىمنى لايىق كۆرگىدەك بىر ئەر ئىزدەۋاتقان ئىدىم. قىزىمنى لايق كۆرسەڭ گۇناھىڭدىن كەچتىم.>>
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان يىگىت ئۆزىگە كەلگەن يەنە بىر قېتىملىق مۇسىبەتتىن بېشى قاتقان، ھەيرانىلىك دېڭىزغا پاتقان ئىدى . ئون گۈلىنىڭ بىرسىمۇ ئېچىلمىغان بۇ بىتەلەي يىگىت ئەمدى ئۆمۈر بوي ئاشۇ مەجرۇھ قىزنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن پاي – پېتەك بولۇپ ئۆتسۈنمۇ!؟ ئۇنىڭ خىياللىرى قىزغا بېرىپ توختىغاندا << قىزغا دۇنيالىقىڭدا سەۋر قىلىسەن، ئەمما ئاخىرە تتىكى ئالما دەۋاسىدىن قۇتۇلىسەن>> دېگەنلەرنى ئويلىدى – دە، «تاغا، قىزىڭىزنى لايىق كۆردۈم، جانابى ھەقتىن نېيىتىمگە ئەجىر بېرىشىنى، ماڭا يەتكەن بۇ ئىشلاردىن ياخشىلىقنى ئىرادە قىلىشىنى سورايمەن>> دېگەن جاۋابنى بېرىدۇ.
<<ئەمىسە، شۇنداق بولسۇن، ئوغلۇم! ئالدىمىزدىكى پەيشەمبە توي زىياپىتڭلارنى بېرەي، قىزىمنىڭ مېھىر ھەققى مەندىن بولسۇن >> دەپ گەپنى ئۈزىدۇ، باغۋەن.
پەيشەمبە كۈنى كەلگەندە، توي بولىدىغان بۇ يىگىت توي بولىدىغاندەك ئەمەس، ئېغىر قەدەملىرىنى سۆرەپ - سۆرەپ، غەم دەرياسىدا لەيلەپ – لەيلەپ يېتىپ كېلىدۇ. قىزنىڭ دادىسى ئۇنى ئۆيىگە باشلاپ، سالام – سائەتتىن كېيىن<<ئايالىڭنىڭ قېشىغا كىرگىن ئوغلۇم، ئاللاھ تائالا ئىشىڭلارغا بەرىكەت ئاتا قىلسۇن،ئاراڭلارنى ياخشىلىق رىشتىسىدە يېقىن قىلسۇن!>> دەپ ئۇنى قىزنىڭ ھوجرىسىغا يىتىلەپ ئاپىرىپ قويىدۇ.
يىگىت قارىغۇدەك بولسا، غۇنچە بويلۇق، ئاي يۈزلۈك، چولپان كۆزلۈك،سۇمبۇل ساچلىق بىر ساھىبجامال قىز:<< ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۆمۈر يولدىشىم! » دېگىنىچە سالام بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى.
جەننەتتىن زېمىنغا چۈشۈرۈلگەن پەرى كەبى بۇ قىزنى كۆرگەن يىگىت، دادىسىنىڭ قىز ھەققىدىكى سۈپەتلىرىنى ئەسلەپ گاڭگىراپ، قاققان قوزۇقتەكلا تۇرۇپ قالغان ئىدى.يىگىتنىڭ خىيالىدىن نېمىلەر كېچىۋاتقانلىقىنى سەزگەن قىز، ئېرىنىڭ يېنىغا كېلىپ، قولىغا مېھىر بىلەن سۆيىدۈ – دە، ئېيتىدۇ : شۈبھىسىزكى، ھارام ئۈچۈن كۆزۈم كور، ھارام سۆزلەر ئۈچۈن تىلىم تۇتۇق، ھارام پاراڭ ئۈچۈن قۇلىقىم پاڭ، قەدەملىرىم ھارام ئۇچۈن
پالەچتۇر، مەن دادامنىڭ ئەتىۋارلىق يالغۇز قىزى، دادام ماڭا بىر نەچچە يىلدىن بىرى لايىق ئىزدەۋاتقان ئىدى، سىز ئۇنىڭ يېنىغا بىر ئالما ئۈچۈن ئىزىن سوراپ كېلىپ، ياش تۆكتىڭىز . دادام دېدى ، <شۈبھىزكى، بىر ئالما چاغلىق كىشىنىڭ ھەققىنى يېيىشتىن قورققان كىشى،ئەلۋەتتە، ئاللاھتىن قورقۇپ قىزىمغا ھەقسىزلىك قىلشتىن ھەزەر ئەيلەيدۇ.> مېنىڭ سىزگە ئۆمۈر ھەمراھى بولغانلىقىم ۋە سىزنىڭ دادامغا ئوغۇل بولغانلىقىڭىزغا بەرىكەت ياغسۇن! >>
يىل ئۆرۈلۈپ، ئۇ قىز بىر ئوغۇل يەڭگىيدۇ. ھالبۇكى، بۇ ئوغۇل ئىسلام ئۈممىتى تارىخىدا ئاز ئۇچرايدىغانلاردىن بىرى ئىدى . سىز ئۇ ئوغۇلنىڭ كىملىكىنى بىلەمسىز؟
ئۇ مەشھۇر فقھىيشۇناس (ئىسلامى قانۇنشۇناس )، ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ ئىمامى ئەبۇ ھەنىيفەدۇر. ①
(قىسسە تامام)
*****************************
① ئىمام ئەبۇ ھەنىفە – مۇجتەھىد، فىقھىشۇناس، مەشھۇر تۆت مەزھەبنىڭ بىرى بولغان ھەنەفىي
مەزھىبىنىڭ ئىمامى، ئىراقنىڭ كۇفە شەھرىدە ياشىغان، دەسلەپكى ئۆمرىدە گەزمال تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىلىم تەھسىل قىلغان، كېيىن، ئوقۇتۇش، پەتىۋا بېرىش بىلەن شۇغۇللانغان . تەقۋا، كۈچلۈك ناتىق، سېخى ۋە كېلىشكەن كىشى ئىدى – ت
تەۋبە قىلغۇچىلار جەننىتى ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى. شۇكىتاپنىڭ 61-64- بەتكىچە
ئەسلى مەنبە: تىرىشچانلار تورى---پايدىلىق ئىلىم تارقىتىڭ!!!