سىز بۇ تېمىنىڭ 3658 - كۆرۈرمىنى
tvnxah
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 70014
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 29
شۆھرەت: 29 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 240 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 60(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

 دالاي لاما تەھدىد سالماقتا !

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما tughrul تەرپىدىن تاقالدى(2009-02-13)
جۇڭگو ئوبزورچىلىق ئاگىنىتلىقى خەۋىرى:
    شىزاڭ بۈلگۈنچى كۈچلىرى 2009-يىلىنى<<قارا يىل>>دەپ سۈپەتلىدى.شىزاڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن.دالاي لاما تەھدىد پەرمانى  چىقىرىپ،شىزاڭدا ھەر ۋاقىت ۋەزىيەتتە پارتلاش بولۇشى مۇمكىن دىدى.ئەمىلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى دالاي لامانىڭ ھەر قېتىمقى  پەرىزى  بىرمۇ بىر رىئاللىققا ئايلانغان،شۇڭا كەسكىن ۋەزىيەت شىزاڭنىڭ بۇ يىلقى ئەھۋالى بولىشى مۇمكىن.
     دالاي لاما يېقىندا ئاگاھلاندۇرۇپ شىزاڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن، ھەر ۋاقىت قارشىلىشىش يۈز بېرىشى مۇمكىن دىدى. دالاي يېقىندا گىرمانىيىدە زىيارەتتە بولغاندا:ھازىر  كۆپچىلىكنىڭ غەزىپى  تاشتى،ۋەزىيەت ئىنتايىن كەسكىن، ۋەزىيەتتە ھەر ۋاقىت پارتلاش يۈز  بېرىشى مۇمكىن،دىدى.
    دالاينىڭ بۇ سۆزلىرى شىزاڭ مۇستەقىللىقى كۈچلىرىنىڭ  ھەرىكىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن چىقىرىلغان.خەۋەر قىلىنىشچە،شىزاڭ مۇستەقىللىقى كۈچلىرى  يېقىندا بايانات ئىلان قىلىپ بۇ يىلنى قارا يىل دەپ ئاتىغان. چۈنكى بۇ يىل دالاي لاما شىزاڭدىن قېچىپ چىققانلىقىنىڭ 50يىللىقى.شۇڭا شىزاڭ ياشلىرى جەمىيىتى قاتارلىق شىزاڭ مۇستەقىللىقى تەشكىلاتلىرى  بۇيىل 1-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاشكارا تەھدىد چىقىرىپ،2009-يىلى بىيجىڭ مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن  يېڭى بىر نۆۋەتلىك قارشىلىشىش ھەرىكىتى ئىلىپ بارىدىغان قارا يىل ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.
   ئۇنداقتا شىزاڭ مۇستەقىللىقى كۈچلىرى بۇ يىل قانداق كونكىرت تەدبىرلەرنى  قوللىنىدۇ، دەسلەپكى  ئۇچۇرغا قارىغاندا ئۇلار تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى  قوللانماقچى:  
1،تىبەت خەلقىنى ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلاشماسلىققا  ئەڭ زور دەرىجىدە سەپەرۋەر قىلىپ،مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ  ئىناۋىتىگە زەربە بېرىش،كىشىلەرنىڭ قەلبىنى مەركىزى ھۆكۈمەتتىن يېراقلاشتۇرۇش. 1-ئاينىڭ 30-كۈنى شىزاڭ مۇستەقىللىقى تەشكىلاتى بولغان شىزاڭ ياشلىرى جەمىيىتى ھىندسىتاندا ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. بۇ جەمىيەتنىڭ كاتتىبىشى سىۋاڭ رىنزىڭ مۇنداق دىدى:2009-يىلى جۇڭگو شىزاڭنى بېسىۋالغانلىقىنىڭ 50يىللىقى،بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىزاڭ ياشلىرى جەمىيىتى  2009-يىلىنى قارا يىل  دەپ جاكارلايدۇ ھەمدە تىبەت كالىندارى بويىچە يېڭى يىل يەنى 25-فېۋرالدىكى بارلىق تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.  
    باشقا خەۋەرگە قارىغاندا،شىزاڭ ئاياللار جەمىيىتى،ئەركىن شىزاڭ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى قاتارلىق 4شىزاڭ مۇستەقىللىقى تەشكىلاتىمۇ يېقىندا بايانات ئىلان قىلىپ تىبەت كالىندارى بىلەن يېڭى يىلنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ،بىرلىكتە ئىتىراز بىلدۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. شىزاڭ سەرگەردان ھۆكۈمىتى 7-فېۋرال ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ،بۇيىلقى ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى يىلنى تەبرىكلەش پائالىيىدە دىنى پائالىيەتلەردىن باشقا پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ شىزاڭ سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ تۈنجى قېتىم رەسمى ئىپادە بىلدۈرۈشى.  
2،خەلقئارا جەمىيەتتە  چوڭ قالايمىقانچىلىق،چوڭ ئاۋارىچىلىق،چوڭ ئىش تېرىپ،خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى  قوزغاش. شىزاڭ ياشلىرى جەمىيىتى مۇنداق دىدى:قارا يىل مەزگىلىدە بىز دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى قوزغايمىز بۇ  ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاشلىق ئىلان قىلىش پائالىيىتى ۋە چوڭ كۆلەملىك نامايىشنى  ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  
3،بارلىق كۈچ بىلەن جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ چەتئەللەردە زىيارەتتە بولىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش،ھەتتا ئەسەبى  ۋاستىلەرنى  قوللىنىشنى يوققا چىقارماسلىق.زۇڭلى ۋىن جاباۋ يېقىندا ياۋرۇپادا زىيارەتتە بولغاندا شىزاڭ مۇستەقىللىقى كۈچلىرى بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇندى.ۋىن جاباۋ 2-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭگونىڭ ئەنگىلىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى زىيارەت قىلغاندا،شىزاڭ مۇستەقىللىقى كۈچلىرى ئۇنىڭ ماشىنا  ئەترىتىگە ئۆزلىرىنى ئېتىشقا ئۇرۇندى. 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 50دىن ئارتۇق شىزاڭ مۇستەقىللىقى كۈچلىرى ئەنگىلىيىنىڭ باش ۋەزىر مەھكىمىسىدە ئىش چىقاردى.
4،شىزاڭدا داۋاملىق زوراۋانلىق توقۇنۇش پەيدا قىلىشقا تەشكىللىشى مۇمكىن. شىزاڭ ياشلىرى جەمىيىتى  قاتارلىق ئەسەبىي 5تەشكىلات بۇيىلقى  نازۇك يىلدا  ئىش چىقىرىشى مۇمكىن.
      شىزاڭ  ياشلىرى جەمىيىتى دالاي گوروھىدىكى ئاساسلىق كۈچلەرنىڭ بىرى بولۇپ،شىزاڭ ياشلىرى جەمىيىتى قاتارلىق  زوراۋان تەشكىلاتلار ئەزەلدىن مۇستەھكەم شىزاڭ مۇستەقىللىقى مەيدانى بىلەن نام چىقارغان،ئۇلار ھەر قانداق ۋاسىتە  قوللىنىشتىن، ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئى نەزەر شىزاڭنى مۇستەقىل قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
http://www.stnn.cc/ed_china/200902/t20090213_978540.html
تەرجىمە مەنبەسى

تېما تەستىقلىغۇچى : tughrul
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-02-13, 15:16

 

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-13 22:32 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » جاھاندىكى ئىشلار
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:02-16 17:06, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ