دۇنيادىكى تىرنىقى ئەڭ ئۇزۇن ئايالنىڭ تىرنىقى قاتناش ھادىسىسىدە سۇنۇپ كەتتى
دۇنيادىكى تىرنىقى ئەڭ ئۇزۇن ئايال خەۋەرلەردە ئېيتىلىشچە ، جىننېس رېكورتىدا «دۇنيادىكى تىرنىقى ئەڭ ئۇزۇن ئايال»دەپ خاتىرىلەنگەن ۋە بۇ رېكورتنى ئىزچىل ساقلاپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىلىق ئايال لېي مېڭ(Lei Meng) يېقىندا قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ ، ئۇزۇن تىرناقلىرى ھادىسىدە سۇنۇپ كەتكەن .
ئامېرىكىنىڭ يۇكا شتاتىدا ئولتۇرۇشلۇق بۇ ئايال قاتناش ھادىسىسىدە ، ساياھەت ماشىنىسىنىڭ ئىچىدىن سىرتىغا قاڭقىپ كېتىپ ، ئېغىر يارىلانغان ، خەۋەرلەردە ئۇنىڭ قانچە تال بارمىقىدىكى تىرناقنىڭ سۇنۇپ كەتكەنلىكى دېيىلمىگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتمىگەن .
ئىگىلىنىشىچە ، لېي مېڭ 1979 – يىلدىن باشلاپ ، قول تىرنىقىنى ئالمىغان بولۇپ ، بۇلتۇر ئۇنىڭ ئون بارمىقىنىڭ تىرنىقىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 853 سانتىمېتىرغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، ئوڭ قول باش بارمىقىنىڭ تىرنىقى ئەڭ ئۇزۇن بولۇپ ، 89 سانتىمېتىر كېلىدىكەن.
مەنبە : تەڭرىتاغ تورى