« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 4358 - كۆرۈرمىنى
tughrul
تۇغرۇل _ بۈركۈت سەردارى !
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىلغار باشقۇرغۇچى
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 48638
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3605
شۆھرەت: 71575 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 210874 سوم
تۆھپە: 145 نۇمۇر
ياخشى باھا: 44 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1753(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

 شىنجاڭدىكى يىشىلمىگەن سىرلار


شىنجاڭدىكى يىشىلمىگەن سىرلار

«چوڭ قىزىل بېلىق»نىڭ سىرى

     ئالتاي تاغلىرىدىكى قويۇق ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرى قىسمىدىكى قاناس كۆلىنىڭ مۇھىتى جىمجىت، مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، ئۇ تۈر بايلىقى مول، ئۆزگىچە تەبىئىي گېن ئامبىرى ھېسابلىنىدۇ. 1985 – يىلى 7 – ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىئولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلىرى قاناس كۆلىنى تەكشۈرۈۋاتقاندا «چوڭ قىزىل بېلىق»نى بايقىغان، شۇ چاغدا بۇ ئىش دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا غۇلغۇلا قوزغىغان. «چوڭ قىزىل بېلىق»قانداق قىلىپ دېڭىز يۈزىدىن 1370 مېتىر ئېگىز بولغان ئېگىز تاغ كۆلىدە پەيدا بولۇپ قالىدۇ؟ ئۇلار قانداق ياشايدۇ ھەم قانداق كۆپىيىدۇ؟ بۇ سىرلار نۇرغۇن كىشىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى. قاناس كۆلىنى تەكشۈرگۈچىلەر: «مۆلچەرىمىزچە، قاناس كۆلىدىكى <چوڭ قىزىل بېلىق>نىڭ ئۇزۇنلۇقى، ئادەتتە، ئۈچ – تۆت مېتىر، ئەڭ چوڭلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون مېتىر كېلىدۇ؛ قاناس كۆلىدە بۇنداق <چوڭ قىزىل بېلىق>تىن نەچچە يۈزى بولۇشى مۇمكىن»دېگەن. شۇ يەرلىكلەرنىڭ دېيىشىچە، 20 – ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرى بىرەيلەن شۇنداق بىر چوڭ بېلىقنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭ گۆشىنى 17 ئاتقا ئارتىپ ماڭغان ئىكەن، بېلىقنىڭ ساقاق قاپقىقى بىر چوڭ كورىنىڭ ئاغزىنى ياپالايدىكەن. يۇقىرىقى ئەھۋاللار قاناس كۆلىدىكى «چوڭ قىزىل بېلىق»نى تېخىمۇ سىرلىق تۈسكە ئىگە قىلغان.

     «قار ئادەم»نىڭ سىرى

     دۇنيادا «قار ئادەم»مەۋجۇتمۇ؟ ھازىر«قار ئادەم»رىۋايەت تۈسىدىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، «قار ئادەم»ھەققىدە ھېچكىم ئېنىق دەلىل –  ئىسپاتقا ئېرىشەلمىدى ياكى دەلىل – ئىسپاتنى ئوتتۇرىغا قويالمىدى. شىنجاڭدىمۇ «قار ئادەم»ھەققىدە رىۋايەتلەر تارالغان: ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، 20 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرى ئۇلانباي سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇش مەيدانىدا كىشىلەر «قار ئادەم»نى ئۇچراتقان؛ 60 – يىللاردا قاراقۇرۇم تېغىدا ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرى ئۆزلىرى بىلەن بىللە كېتىۋاتقان بىر نەچچە «قار ئادەم»نى ئۇچرىتىپ، ئۇلارغا ئوق ئاتقان بولسىمۇ، ئوق ئۆتمىگەن؛ 1984 – يىلى «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دە، بىرەيلەننىڭ قاراقۇرۇم تېغىدا «قار ئادەم»نىڭ ئىزىنى بايقىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن. شىنجاڭدا زادى «قار ئادەم»بارمۇ – يوق؟ ھازىرچە بۇ ئىشتىن خەۋەردار بىرمۇ ئادەم يوق، ئەمما بۇ كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا تارقىلىپ يۈرگەن سىرلىق تېمىغا ئايلاندى.

     «كۆچمە كۆل»نىڭ سىرى

     كىشىلەر ھالاكەت رايونى، دەپ قارايدىغان لوپنۇر چۆللۈكىنىڭ مەركىزىي قىسمىدا سىرلىق بىر كۆل بولۇپ، ئۇ دۇنياغا مەشھۇر لوپنۇر كۆلىدۇر. لوپنۇر كۆلى جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامانلىرىدا «كىچىك سازلىق»، «شورلۇق»، «پىچان دېڭىزى»ۋە «كروران دېڭىزى»دەپ ئاتالغان، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىن «لوپنۇر»دەپ ئاتالغان. نۇرغۇن دەريانىڭ گىرەلىشىشىدىن ھاسىل بولغان بۇ چوڭ كۆلنىڭ كونكرېت جۇغراپىيىلىك ئورنى ھەققىدە خەلقئارا جۇغراپىيە ئىلمى ساھەسىدىكىلەر يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت تالاش – تارتىش قىلدى. 20 –  ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، شۋېتسىيىلىك ئېكسپېدىتسىيىچى سىۋېن ھېدىن (SvenHedin ) لوپنۇر كۆلىنىڭ ئېنىق ئورنىنى بىلگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭغا «كۆچمە كۆل»دەپ نام بەرگەن. لوپنۇر كۆلى زادى كۆچۈپ تۇرىدىغان كۆلمۇ؟ ئۇ نېمىشقا كۆچۈپ تۇرىدۇ؟ بۇ مەسىلىگە ئىلىم ئەھلى ھازىرغىچە ئېنىق جاۋاب بېرەلمىدى.

    قۇملۇقتىكى قەدىمىي شەھەر خارابىسىنىڭ سىرى

     غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە، لوپنۇر كۆلى رايونىدىكى كروران خانلىقىنىڭ پايتەختى — كروران ئەتراپى سېپىل بىلەن قورشالغان شەھەر بولۇپ، ئۇ كارۋان يولىدىكى سودا، ئىقتىساد گۈللەنگەن مۇھىم قاتناش تۈگۈنى ئىدى. ئەمما مىلادىدىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى مەزگىللەردە نەچچە ئەسىر گۈللەنگەن مۇشۇنداق بىر ئاۋات شەھەر مىلادى 4 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تارىخ سەھىپىسىدىن پۈتۈنلەي ئۆچۈپ، چۆللىشىپ تاشلىنىپ كەتكەن. قۇملۇقنىڭ ئىچكىرى قىسمىدا بىر قەدىمكى شەھەر خارابىسى بولۇپ، قۇرۇپ كەتكەن نىيە دەرياسى قېنى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئارخېئولوگلار بۇ خارابىنى بايقىغاندا، ئېچىلىپ قالغان خارابىلىكتىكى رەتلىك كوچىلار، بۇزۇلماي مۇكەممەل تۇرغان تۇرالغۇلار، ياغاچ – تاشلاردىن ياسالغان توسمىلار ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولغان؛ ئۆيدىكى سەرامجانلار،  دېھقانچىلىق سايمانلىرى، ھەتتا ئاشلىق ساقلايدىغان ئىدىشلار، ئىدىشتىكى زىرائەت ئۇرۇقلىرى ئۆز پېتى ساقلىنىپ قالغان.  ياۋروپالىق ئېكسپېدىتسىيىچىلەر بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ھەيران قالغان: بۇ، كىشىگە خۇددى تۇيۇقسىز ئاپەت يۈز بېرىپ، كىشىلەر كۆچۈشكە ياكى قېچىشقا ئۈلگۈرەلمەي، كۆمۈلۈپ قالغاندەك تۇيغۇ بەرگەن. ھالبۇكى، ئارخېئولوگلار نەق مەيداندىن بىرمۇ ئادەم سۆڭىكىنى بايقىمىغان. بۇنىڭغا ئوخشاش قۇملۇقنىڭ ئىچكىرى قىسمىدا كۆمۈلۈپ قالغان شەھەر خارابىلىرى ئاز ئەمەس. بۇ جايلارنىڭ بۇنداق زور كۆلەمدە خارابىلىككە ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ سىرى ھازىرغىچە يېشىلمىدى. ئىلىم  – پەن خادىملىرى كۆپ خىل پەن نۇقتىسىدىن ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ «قۇملۇقنىڭ جەنۇبقا تاجاۋۇز قىلىشى»، «يات مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇز قىلىشى»، «يىپەك يولى يۆنىلىشىنىڭ ئۆزگىرىشى»، «تۇپراقنىڭ شورلىشىشى»، «دەريا ئېقىنىنىڭ ئۆزگىرىشى»ۋە «كىلىماتنىڭ قۇرغاقلىشىشى»قاتارلىق قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ سەۋەبىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىشكە توغرا كېلىۋاتىدۇ.

مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-13 18:30 |
ئۇيغۇرئاي
دىل ئازاردىن خۇدا بىزار
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە رەسىم يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 22655
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 2586
شۆھرەت: 2812 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 26160 سوم
تۆھپە: 668 نۇمۇر
ياخشى باھا: 483 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 750(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-09

 

بۇنى <ئارخولۇگلار> ئىچىۋالسا بولمايدۇ
ھىلىمۇ شۇلار سىر پىتى قاپتۇ
خۇداغا شۈكرى

basbas



                ھەسرەت چىكىۋاتقان ۋاقتىڭىزدىمۇ قاپاق تۈرمەڭ. چۈنكى، سىز كۈلۈمسىرىشىڭىزگە كىمنىڭ ئامراقلىقىنى بىلمەيسىز

چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-13 18:40 |
KAROL402
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 73214
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 55
شۆھرەت: 55 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 550 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 35(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

 

دىيارىمىز ھەقىقەتەن سىرلىق جاي جۇمۇ .........

ھەقىقىي مىسۋاك
We are in the same boats
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-13 18:43 |
uqurlar.com
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 71107
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 32
شۆھرەت: 32 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 320 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 250(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

 

تېمىڭىزغا رەھمەت...........................

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-13 18:43 |
nurohli1013
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 16559
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 507
شۆھرەت: 508 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 24 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 654(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

 

شۇنداق ،بۇنداق يىشىلمىگەن سىرلار تىخى نۇرغۇن....
تىما ئىگىسىگە رەھمەت...

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-13 18:51 |
kumbah
يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 55168
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2891
شۆھرەت: 334050 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1030 سوم
تۆھپە: 70 نۇمۇر
ياخشى باھا: 101 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1051(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

 

دىيارىمىز دا سىرلار بەك كۆپ.

شىنجاڭ تور مەكتىپى
ئىنسان بۇدۇنيادا نىمە ئۈچۈن ياشايدىغنىنى بىلشى كېرەك. ياشاش ئۈچۈن يەمدۇ ياكى يىيىش ئۈچۈن ياشامدۇ.
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-13 19:10 |
raila
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 73074
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 21
شۆھرەت: 21 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 210 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 26(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

 

بۇسىرلارنى كىملەرمۇ ئاچار- ھە؟

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-13 19:17 |
palta
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 13316
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 674
شۆھرەت: 675 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 6319 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 473(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

 

بۇنى ئۇيغۇرلھر ئۆزى ئاچسا بولامىكىن دەيمەن

شىنجاڭ تور مەكتىپى
52522
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-13 19:40 |
axwai
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 20442
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 107
شۆھرەت: 108 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1050 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 34(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13

 

يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ ئاچقىنىمىز ياخشى،يات مىللەتلەر،بولۇپمۇ مۇشۇ خەنلەر ئاچسا تۈزىگىنىدىن بۇزغىنى جىق بولۇپ قالارمىكىن دەيمەن..................

ھەقىقىي مىسۋاك
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-13 19:45 |
OZKALAM
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 73022
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 66
شۆھرەت: 376 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 360 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 98(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

 

بۇ سىرلار سىر پېتى كىيىنكىلەرگە  قالسۇن جومۇ ،بولمىسا -ئاتىمىز بىزگە ھىچنىمە قالدۇرماپتۇ دەپ بىزدىن  رەنجىپ قالىدۇ باللىرمىز!

چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-13 19:57 |
sertlan
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 34211
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 710
شۆھرەت: 1977 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 5710 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 222(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

 

سىرلىق ئىشلار جىق.1994-يىلى تەكلىماكان قۇملىغىدا گىئوگىلىك       قىدىرىپ تەكشۇرۇش ئىلىپ بارغان ئىدۇق. قۇملۇقتا ئۈستى قىزىرىپ كەتكەن پەس تەرىپى قۇم بىسىپ كەتكەن بىر تاغنى كۆردۇق.  شۇنچە ئۇزۇن يىل قۇملۇقتا ئىشلەپ تاغنى كۆرۈپ باقمىغان.  ئەڭ غەلىتە يىرى مازارلىق بار ئىككەن. يىنىدىلا يوغان بىر توغراق بار ئىككەن سىنجىلاپ قارايدىغان بولساق يىلتىزى قۇرام تاشنىڭ ئىچىدىكەن. خەنزۇ يولداشلار ئىشەنمەي كولاپ باققانتى راسلا تاشنىڭ ئىچىدىكەن يىلتىزى.  مۇشۇ يەردە چىدىر تىكىپ نەچچە كۈن ياتتۇق. كىچىلىرى بەك سۈرلۈك بولۇپ كىتىدىكەن.
بۇ قىتىم ئىشقا چىقىنىمدا سىن ئاپىراتنى ئىلىۋالسام بولغىدەك. قىرىنداشلىرىمۇ كۆرۈپ باقسۇن. لوپنۇر ئاساسلىق يادىرو قورال سىناق قىلدىغان يەر. ئاساسەن چەكلەنگەن رايۇن. بىزنىڭ ئىدارىدىكى بىر تايىپ شۇپۇر يولداش مۇشۇ ئەتىراپىدا يوقاپ كەتكەن. خىلى ئىزدەپمۇ تاپالمىغان.  كىيىن يۇقۇردىن  خەۋەر كىلىپ ئادىمىڭلارنى ئەكىتىڭلار دىگەن ئوخشايدۇ. كىيىن ئۇقساق بۇ يولداش مەخپىي بولغان ھەربىي بازىغا  كىلىپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەربىيلەر ئۇنى تۇتۇپ سولاپ قۇيۇپتۇ. قاتتىق سوراقلارنى قىلىپتۇ. بۇ يولداش مەن نىفىت ئىدارىنىڭ خىزمەتچىسى دىسىمۇ ئىشەنمەپتۇ كىيىن قانداق بولدى سۈرۈشتۈرگەن ئوخشايدۇ. بىر ھەربىي بۇ يولداشقا بۇ يەرگە كىرگىلى بولىدۇ، بىراق چىققىلى بولمايدۇ دىگەن ئوخشايدۇ. نەچچە كۈنگىچە گىلىدىن تاماق ئۆتمىگەن گەپ. ئۆزىنىڭ دىيىشىچە بەك قورقۇپ كىتىپتۇ. بۇ يولداش بىز ئۇيغۇرلارغا قاراپ ئەگەر سىلەر بولساڭلار مەڭگۇ چىقالمايسىلەر ئۇ يەردىن. باشقا گەپلەرنى دىگىلى ئۇنمىدى.

ھەقىقىي مىسۋاك
     
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-13 21:56 |
umedlik2008
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 36412
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 100 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 111(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

 

سىرىتلان ،مالەن دەپ يەر بارمۇ ئۇ يەردە؟

چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-13 22:10 |
sertlan
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 34211
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 710
شۆھرەت: 1977 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 5710 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 222(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

 

ئۇششاقتال  دەڭ، ئۇ يەر سىناق رايۇنى ئەمەس
[ بۇ يازما sertlan تەرپىدىن2009-02-13 22:51دە قايتا ]

ھەقىقىي مىسۋاك
     
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-13 22:26 |
umedlik2008
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 36412
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 100 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 111(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

 

ئۇششاقتالنى بىلىمەن،ئۇششاقتالنىڭمۇ خەنزۇچە تەرجىمىسىمى باشقىچە ئىكەندە؟
بىلىكتكى ئىنسانىيەتنىڭ قايغۇسى دىگەن تەرجىمە ماقالىدا بۇ توغۇرلۇق بار ئىدى،

چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-13 22:32 |
0991sumruh
مۇنبەر قىززىقچىسى
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 27435
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1751
شۆھرەت: 1752 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 10534 سوم
تۆھپە: 40 نۇمۇر
ياخشى باھا: 72 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1601(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

 

مۇشۇ يادرو سىنىقىنىڭ جۇغراپىيەمىزگە كەلتۈرگەن زىيىنىنى دىمەيلا قويايلى، مەدىنىيەت ئىزنالىرىمىزنىمۇ  ۋەيران قىلىۋەتتىدە  

./?u=27435
قايغۇرماڭ!باتۇرلارچە ياشاڭ!
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-13 23:09 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
XabnamBBS » خەۋەر-ئۇچۇرلار
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:02-17 18:25, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ