(غەزەل) ئاپتۇر :كامىلجان ناسىر (دىلداش)
بىر سىنى سۆيمەك نىشانىم ،ئىختىيار ئەتتىم سىنى . زور ئۈمۈدلىك تەلمۈرۈشتە، بىقارار كۈتتىم سىنى .
ئارمىنىم ئىشقىڭدا گۈلخان ،چوغلۇنار قەلبىم ئارا. شۇ سەۋەپتىن خاتىرەمگە زوقلۇنۇپ پۈتتىم سىنى.
سۆي مىنى سۆيمە منى ،سۆيمەك نىشانىم بىر ئۆزۈڭ. چىن يۈرەكتىن كۈيلىرىمدە، مەن تالاي چەكتىم سنى.
كۈنلىرىم ھەم تۈنلىرىمدە، سەن خىيالىمدا ھامان . ئايرىيالماس ئويلۇرۇمدىن،بىل ھامان ھېچكىم سنى.
گۈل تېرىپ سۆيگۈ بىغىمغا،چىن ئەقىدە زوق بىلەن. پەرۋىش ئەيلەپ ئىچىلدۇردۇم، كەلسە دەپ بەلىكىم سىنى.
بۇ مىنىڭ ئەھدۇ -قارارىم ،ھەرقاچان بولسۇن ئايان . ياقتۇرمايمەن ئۆزگىنى ھېچ، تارتىدۇ كۆڭلىم سنى.
ئىككى ئالەمدە پەخىرلىك ،ئىپتىخارىم دەپ داۋام. تەستىق ئەتتى دىل قارارىم،سۆيمەك ئۈچۈن مەيلىم سىنى.
ئاپتۇر :كامىلجان ناسىر (دىلداش) قەشقەر يېڭىشەھەر ناھيېسىدە شىپاگەر.
|