گېرمانىيە كۇەينتېن(Quinten) ناملىق جۇدۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، زىيان بىر مىليون ياۋرودىن ئېشىپ كەتتى
جۇدۇندا كېتىۋاتقان كىشىلەر كۆزلىرىنى ئېچىشقىمۇ ئامالسىز قالدى بۇ يىل قىشتا قارا بوران ، قار ئاپىتى ، تاشقىن ئاپىتى ، ئېلېكتر كاشىلىسى قاتارلىقلار ياۋروپانى ناھايىتى پاراكەندە قىلدى . يېقىندا، گېرمانىيەمۇ بىر مەيدان قاتتىق سىناققا دۇچ كەلگەن بولۇپ، كۇەينتېن(Quinten) ناملىق جۇدۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
نۆۋەتتە، كۇەينتېن(Quinten) ناملىق جۇدۇن گېرمانىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىن بارا – بارا ئايرىلىۋاتقان بولۇپ، ستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، بادىن – ۋۇرتېمبېرگ قاتارلىق ئۈچ شتات ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان، بىر قىسىم رايونلاردا يەنە قاتتىق قار ياغغان.
بادىن – ۋۇرتېمبېرگ شتاتى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى بەش ئادەم يارىلاندى
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بادىن – ۋۇرتېمبېرگ شتاتى نۆۋەتتە ئەڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان شتاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، كۇەينتېن(Quinten) ناملىق جۇدۇننىڭ ھۇجۇمىدا بەش ئادەم يارىلانغان، ئىقتىسادىي زىيان بىر مىليون ياۋرودىن ئېشىپ كەتكەن. ئاۋىئاتسىيە ترانسپورتى كەسپى ۋە قۇرۇقلۇق قاتنىشى جۇدۇننىڭ تەسىرىگە ھەممىدىن بەك ئۇچرىغان.
ئەنگىلىيىدە قار ئاپىتى يۈز بېرىپ، قاتناش پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، ئىقتىسادىي زىيان 1 مىليارد 200 مىليون فوندستېرلىڭغا يەتتى
ئەنگىلىيىمۇ كۇەينتېن(Quinten) ناملىق جۇدۇننىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالمىدى. ناچار ھاۋارايىنىڭ داۋاملىق تەسىر كۆرسىتىشى ئاستىدا ئەنگىلىيىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق قار يېغىپ، قاتناش پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، ھەربىي تەرەپ قار ئاپىتى سەۋەبىدىن قاپسىلىپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇشقا ئادەم ئەۋەتتى. قىسمەن رايونلاردىكى قارنىڭ قېلىنلىقى 20 سانتىمېتىرغا يەتتى، ئىككى ئايرودروم تاقىلىشقا، 4000 دىن ئارتۇق مەكتەپ دەرس توختىتىشقا مەجبۇر بولدى، ئىككى چوڭ كۆۋرۈكتە قاتناش توختىتىلدى. مۆلچەرلىنىشىچە، قار ئاپىتىدە كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيان 1 مىليارد 200 مىليون فوندستېرلىڭغا يەتكەن.
گېرمانىيەنىڭ قىش پەسلى ئۇزىرايدىكەن
نۆۋەتتە، كۇەينتېن(Quinten) ناملىق جۇدۇن سۈرۈلۈپ، پولشا تەرەپكە يېقىنلاشقان. بىراق، جۇدۇندىن كېيىن گېرمانىيە قاتتىق سوغۇق بولۇپ كەتكەن بولۇپ، مېتېئورولوگلارنىڭ دېيىشىچە، جۇدۇننىڭ تەسىرى بىلەن گېرمانىيىنىڭ قىش پەسلى تېخىمۇ ئۇزىرايدىكەن. كۆپلىگەن رايونلاردا قاتتىق قار ياغقان، گېرمانىيىنىڭ جەنۇبىدىكى ئالپىس تاغلىرىدا قارنىڭ قېلىنلىقى 10 سانتىمېتىرغا يەتكەن.
جۇدۇندا زىيان – زەخمەتكە ئۇچرىغان ماشىنىلار
مەنبە : تەڭرىتاغ تورى