مەنغۇ ناخشا-ئۇسسۇل دىگەننى ئەڭ قىلىدىغان ئىش تاپالمىغاندا ئاڭلاپ كۆرۈپ قويىدىغان ئادەمتىم.مۇنبەرگە ناخشا يوللىمايتىم، ھەم يوللانغان ناخشىلارنىمۇ ئاساسەن ئاڭلىمايتىم.( شەخسى ئادەت). بۇگۈن مۇنبەرنى كۆرۈپ ئۆزۈم بىر قەدەر ياخشى كۆرىدىغان ئىككى سەنئەتكارىمىز ئۈستىدە بولۇۋاتقان «چىشلەپ تارتىش ھەركىتى» نى كۆرۈپ ئامالسىز مەنمۇ ناخشا سەھىپىسىگە «ئاۋاز قوشاي» دەپ بۇ تېمىنى يوللىدىم.
ئالدى بىلەن مىنى ئويلاندۇرۇپ قويغىنى ئەركىن شەبنەمنىڭ ئوبراز ئەلچىسمۇ ئىشقىلىپ بىر نىمىسى ئىدى. بۇ يىلقى چاغانلىق سەنئەت كىېچىلىكىدە ئەركىننىڭ كىرورەن قىزى دىگەن ناخشىنى ئورۇنداپ چىققانلىقىنى كۆرگەنتىم. مۇشۇ ناۋادىكى.... ... ، ناخشىلار يوللىنىدىغان مۇنبىرىمىزدە ھەجەپ مەركېزى تېلىۋىزىيە ئېستانسىسى چاغانلىق سەنئەت كىېچىلىكىدە بىر ئۇيغۇرنىڭ ئورۇنلاپ چىققان ناخشىسىنى شەبنەمدە ئۇچراتمىدىمغۇ! شۇنىڭ بىلەن توردىن ئىزدەپ بۇ ناخشىنى تېپىپ يوللىدىم. ئالدى بىلەن ناخشىغنى ئاڭلايلى:
ناخشا يوللاشنى بىلمەيدىكەنمەن، باشقۇرغۇچىلار ناخشا چىقمىغان بولسا ئادرىسى بويىچە تولۇقلاپ چىقىرىپ قويساڭلار بوپتىكەن( رەھمەت).
ئەمدى گەپكە كىلەيلى. شەبنەمدە يوللانغا ئەركىن توغرىسىدىكى تېمىدا تىللاپ سۆككۈچىلەر سىلەر ۋىجدانىڭلاردىن سوراپ بېقىڭلار، سىلەر 50-60 يات مىللەتنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرنى نامايەن قىلىپ باققانمۇ؟ ئەركىندەك دۆلەت رەھبەرلىرى بار سورۇندا سەھنىگە چىقىپ ئۇيغۇرنىڭ ئوغرى، يانچۇقچى، مايلامچى، كاۋاپچى ئەمەس باشقا ئىشلارنىمۇ قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ باققانمۇ؟ سىلەر ئۇيغۇر جەمىيتىگە قانچىلىك ئىئانە قىلىپ باققان؟( ئەركىن ئالدىنقى قىتىملىق 《五彩喀什噶尔》 سەنئەت كىچىلىكىدە تاپقان پۇللارنى باللىلار بىرنىمىسىگە ئېئانە قىپتۇ دەپ ئاڭلىغانتىم). سىلەرمۇ ياپونىيە، ئاۋستىرالىيە سەھنىللىرىدە ئۇيغۇرچە ناخشا توۋلاپ باققانمۇ؟ ...... دەپ كەلسەم بۇنداق گەپلەر بەك تولا! ئىشقىلىپ. ئىچكىرىگە بىرىپ باققانلار، ياكى ئىچكىرىدە تونۇشلىرى بارلار سوراپ بېقىڭلار، 70-80% ئۇيغۇر 12 مۇقامنىڭ ئىسمىنى (تېكىستىنى دىمەيلا قوياي) بىلمەيدۇ (ئىشەنمىسەڭلار ئېكران ئالدىدا ئولتۇرۇپ ساناپ بېقىڭلار) يۇ يەنە مۇقامنى ب د ت نىڭ بىرنىمى دەپ كۆككە كۆتىرىمىز. ئىچكىردىچۇ؟ بىز ب د ت نىڭ دەپ ماختىنىپ يۈرگەن مۇقامنىڭ ناخشىمۇ، مېۋىمۇ،....نىمىلىكىنى خەنزۇلار بىلمەيدۇ. لىكىن ئەركىن قاتارلىق ئاز بىر قىسىم تەرەققي تاپقان يەرلەردە تەرەققي تاپقان كاللىسى ئوچۇق ناخشىچىللىرىمىز ئىچكىرى ئۆلكە، چەتئەل سەھنىللىرىدە ئۆزىنى نامايەن قىلىۋاتىدۇ. ئەمدى تەھلىل قىلايلى.
ئەركىن، ئەسقەر قاتارلىقلار ئانچە مۇنچە خەنزۇچە ناخشا توۋلىسا نىمىشقا بولمايدۇ؟ مىنى تىللىساڭلارمۇ مەيلى، مەن دەۋىرەي: پاشا ئېشان، ئۆمەرجان ئالىم، ئابلىز شاكىر، ...... (جىقىنىڭ ئىسمىنى بىلمەيدىكەنمەن) لارنىڭ بىزگە قانچىلىك تۆھپىسى بولدى. ئاددىيلا ئويلىساق شۇ بىزگە ياخشى ناخشىلارنى ئېيتىپ بەردى، بىز ئازراق پۇل ۋە ۋاقتىمىزنى شۇلارنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاشقا سەرپ قىلدۇق. ئۇنداقتا ئەركىن، ئەسقەر لەرچۇ؟ ئۇلار خەنزۇچە ئېيتتى، ئىچكىردە ئېيىتتى، خەنلەرنىڭ پۇلىغا ، ۋاقتىغا ئىيىتتى.تاپقان پۇللىرىنىڭ ئاز بىر قىسمىنى بولسىمۇ ئۆز خەلقىمىزگە ئىشلەتتى. بىز ئۇلارنىڭ بىزنىڭ ۋاقتىمىز، پۇلىمىزنى ئىسراپ قىلمىغىنىغا ئاچچىقلىنىپ ئۇلارنىڭ چىچىنى، يەنە بىرنىمىسىنى غاجاپ ئولتۇرماقتىمىز. بۇ قېتىملىق چاغاندىن كىيىن ئىچكىردىكىلەر 12 مۇقامنى بىلمىسىمۇ ئەركىننى بىلىدۇ، بىزنىڭمۇ ئوغرىلا ئەمەسلىكىمىزنى بىلىدۇ. بەزىلەر نىمىشقا خەقنىڭ چىچىنى چىشلەپ تارتىدىغاندۇ. بۇرۇنقىللىرىمىزمۇ ئۇزۇن چاچ قويۇپتىكەن، ئەركىن ئۇزۇن چاچ قويغانغا قىز بالىغا ئايلىنىڭ قالامتى. بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە چاچنىڭ ئۇزۇن -قىسقىلىقى ئوغۇل بالىلىقنىڭ ئۆلچىمى ئوخشىمامدۇ؟ رامبونىڭ، قەيسەر يۈرەكتىكى گۇينىڭ كىنوسىنى كۆرگەندە ئۇلارمۇ ئۇزۇن چىچى بىلەن قىز بالىدەك كۆرۈنگەنمۇ؟ ئەلۋەتتە ياق، ھەممىمىز رامبو رامبو دەپ رەسىملىرىنى چاپلاپ يۈرۈيتۇققۇ بۇرۇنلاردا. ئويلاپ قالدىم رامبو (سىتاللون)، قەيسەر يۈرەكتىكى پىرسوناز ئەگەر ئۇيغۇر بولغان بولسا ئاشۇ چىچى بىلەن ئۆزىگە نۇرغۇن تىل-ھاقارەت تىپىۋالاتتى.
يەنە بەزىلەر كاپىر جوتۇن ئاپتۇ دىگەندەپ سەپسەتىلەرنى دەپتۇ، توردىن شۇنچە ئىزدەپمۇ ئەركىننىڭ توي قىلغىنى توغرىسىدا بىرەر خەۋەر تاپالىدىم، شۇنىڭدىن قارىغاندا پىكىتسىز بىلجىرلاريدىغانلار خېلىلا كۆپكەن.
يەنە بىر تېما ئابدۇكىرەم ئابلىزنىڭ سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزمەكچى بولغانلىقى توغرىسىدا بولغان پاراڭ بولۇپ ئېلان ئىشلەش ۋە ئېتوتلىرى توغرىسىدا يۈزەكى دىيىلگەن بىر قانچە ئېنكاس بار ئىدى. شۇلاردىن سورىغۇم كىلىدۇ: ئابدۇكىرەم ئابلىز ئېلانغا چىقسا نىمىشقا بولمايدۇ؟ ئۇمۇ شۇ ئېلانغا چىققان پۇلغا شىركەت ئىچىپ نەچچە ئۇيغۇرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردىغۇ؟ ئوغۇتنى، ماينى ماختىسا، ئەيدىزنى توسۇش تەشۋىقاتىغا چىقسا بولمامدۇ؟ ئەمسە دوختۇرخانىلارنىڭ مەزى بېزى ياللۇغى، قىزلىق پەردىسى سىلىش، ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش......، ...تازىلىق قەغىزى........... قاتارلىق ئېلانلىرىنى نىمە دەيسىز؟ ئابدۇكىرەم ئابلىز سەنئەت كېچىلىكىدە تاپقان پۇلنىڭ بىر قىسمىنى يېتىم يېسىرلارغا ئىئانە قىلدى. سىزچۇ؟ چوڭقۇرچاق، ئوپال.... لاردا يەر تەۋرىگەندە نەچچە پۇل ئىئانە قىلدىڭىز؟( تېخى قاقشاپ مەجبۇري پۇل بەرگەنلەرمۇ يوق ئەمەس). سىزمۇ شىركەت ئېچىپ 4 ئۇيغۇرنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، 4 ئائىلىنىڭ تاماق مەسلىسىنى ھەل قىلىپ باققانمۇ؟
بەزىلەر تېخى «ئىتوتىغا ئادەم زورلاپ كۈلىدۇ...» دىگەندەك ئىنكاسلارنى يىزىپتۇ. سىز قانچە ئۇيغۇرنى كۈلدۈرگەن؟ قانچىنى خاپا قىلغان؟ سىزنىڭ ئۆزىڭىز باشقۇرالمايدىغان ئاغزىڭىزدىن تارتىپ زورلاپ كۈلدۈرۈپتىمۇ ؟ شۇ زالدىكى ئىچ-ئىچىدىن كۈلۈپ كەتكەن ئادەملەر ساراڭمىدۇ؟
بولدىلا جىق سۆزلىمەي، مەنغۇ سەنئەتنى ھەرگەز تەۋسىيە قىلمايمەن، لىكىن ئاز بىر قىسىم قۇتراتقۇ، ئىچى تار .... ... كىشىللىرىمىزنىڭ باشقىلارنى غاجىماسلىقىنى، ھەممە ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ساھەسىدە تەرەققي قىلىشىنى قوللىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. سىز غاجىغان ئادەم ھەقىقي تالانتلىق بولمىغان بولسا سىز ئۇنىڭ ئۈستىدە «پىكىر يۈرگۈزۈپ» ، ئىنى غاچاپ،چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنمىغان بولاتتى.
يىغىپ ئېيىتقاندا، يۇقارقىدەك تالاشنى قىلىشمىساق. ئۇلارنىڭ تۆھپىسىنى، ياخشى تەرىپىنى كۆرسەك. بولمىسا غىت قىسىپ كىتاپ كۆرسەك، بىلىم ئىگەللىسەك دەيمەن. بۇنىڭدىن باشقىسى نۆل.
ئۆتكەندە ئوقۇتقۇچۇم ماڭا مۇنداق دىگەن:« بىز ھازىر ئۆزىمىزگە باھا بىرەلمىگەن بىلەن خەققە بەك باھا بىرەلەيمىز»
يۇقارقىلار شەخشى كۆز قاراشلىرىم. ماڭا رەددىيە بەرمەكچى بولغانلار يازىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭلار، چۈكى شەبنەمدە باشقىلارنىڭ توغرا پىكىرلىرىنىمۇ قوبۇل قىلغانلارنى كۆرۈپ باقمىدىم. شۇڭا ۋاقتىڭىزنۇ ئۇپراتماي، باشقا تېما ياكى كىتاپ كۆرۈڭ.