يىگىت قانداق قىزغا ئۆيلىنەي دەيسىز؟
-چىرايلىق ئايال ،شوخ ئايال،پۇلدار ئايال،ئىقتىدارلىق ئايال...يىگىت ئاشۇنداق ئۆزگىچىلىكلەرگە ئىگە ئاياللار ئىچىدە قايسىىىنى ئۆزىڭىزگە مۇۋاپىق دەپ ئويلايسىز؟
-چىرايلىققۇ ياخشى،لېكىن چىرايلىق ئايالغا كۆز تاشلايدىغانلار كۆپ،چىرايلىق خوتۇن ئالسا كۈنىدە دەككە-دۈككىدىلا يۈرۈيدىغان گەپ.بىراق خوتۇن دېگەن بەك سەت بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدۇ،ئۇنىڭىدىن ئەنسىرەش ھاجەتىسىز،لېكىن كۈندە سەت تەلەتىگە قاراپ ياشاش ئازاب ئەمەسمۇ؟
-ئۇنداقتا ئۆزى شوخ ،ئوچۇق-يورۇق ئايالغا ئۆيلىنىڭ،شاد-خورام ياشايسىز.
-ياق،ياق!ئۇنداق ئاياللار سورۇنغا يارىغان بىلەن ئۆي تۇتۇشقا لايىق كەلمەيدۇ،تۇرمۇش دېگەن كۈلكە-چاقچاق بىلەنلا ئوخشايدىغان نەرسە ئەمەستە!
-پۇلدار ئايالغا ئۆيلىنەمسىز يا؟
-پۇلمۇ ياخشى نەرسە ،بىراق پۇلى بار خوتۇننىڭ گېپىمۇ يوغان بولىدۇ،مېھنىتى ئاندىن يامان دەڭە.
-ئەمىسە قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئايالغا ئۆيلىنىڭ،كۆپ غەم تارتمايسىز،سىز پۈتتۈرىدىغان ئىشلارنىڭ كۆپىنى ئۇ ئۆزى بىر قوللۇق بېجىرىۋېتىدۇ،كۈنلىرىڭىز پاراغەتتە ئۆتىدۇ.
-دېگىنىڭىزغۇ راسىت،بۇنداق ئايالغا ئۆيلەنسە كۆپ غەم يېمەيدىغان گەپ.لېكىن «ئائىلە ئەركىكى»بولۇپ قالدىغان گەپ.بۇخىل ئاياللار كەسىپكە ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن بولغاچقا ،ئۆي ئىشلىرىغا تاز چولىسى تەگمەيدۇ.تالانىڭ غېمىنى قىلمىغان بىلەن ئۆي ئىشى دېگەن ئادەمنىڭ ئىچىنى پىشۇردىغان بىر ئىشتە!
-بولمىسا ئىشچان،ساددا،يۈزى تۆۋەن بىرەر سەھرا قىزىغا ئۆيلىنىڭە!
-بۇنداق قىزلارمۇ كىشىنى ھەرجەھەتتىن خاتىرجەم قىلىدۇ،لېكىن شۇ يۈرۈش-تۇرۇشىزە!....
-ماڭا قاراڭ يىگىت،مۇشۇنداق تاللاۋېرىدىغان بولسىڭىز ،بىر ئۆمۈر بويتاق قېلىشىڭىز مۇمكىن.جاھاندا ھېچقانداق ئەيىبى يوق مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ.ئاياللار گۈزەل بولغىنى ئۈچۈن سۆيۈملۈك ئەمەس بەلكى سۆيۈملۈك بولغىنى ئۈچۈن گۈزەلدۇر.ئۇنداقتا سۆيۈملۈك قىلغان نەرسە نېمە؟مۇھەببەت.ئۇنىڭىغا مۇھەببىتىڭىز بولسا ،ئۇنىڭ كەمچىلىكلىرىمۇ سىزگە ئارتۇقچىلىق بولۇپ تۇيۇلۇشى مۇمكىن .ئۆزىڭىز سۆيگەن قىزغا ئۆيلەنسىڭىز ،پۇشايمان قىلمايسىز.بۇ نۇرغۇن ئەمەلىيەتلەر جەريانىدا ئىسپاتلانغان بىر ھەقىقەت .بىراق ئالدىنىقى شەرت شۇكى ئۇ قىزىدىمۇ سىزگە نىسبەتەن قىزىقىش ۋە سەمىمىيەت بۇلۇش كېرەك .ناۋادا ئۇمۇ سىزنى سۆيسە بەختىڭىزنىڭ كۈلگىنى شۇ!
مەنبە-قانۇنچىلىق گېزىتى.