50-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ دۆلىتىمىزدە قويۇلۇشقا باشلىغان ھىندىستان ھېكايە فىلىمى«سەرگەردان»بەدىئىيلىكنىڭ يۇقىرىلىقى، ۋەقەلىكىنىڭ قىزىقارلىقى ۋە تەربىيىۋى ئەھمىيىتىنىڭ چوڭقۇرلىقى بىلەن ئېلىمىزدىكى ھەرمىللەت تاماشىبىنلارنىڭ زور ئالقىشىغا، يۈكسەك دەرىجىدىكى يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلدى. بۇ فىلىمنىڭ ئاساسىي ناخشىلىرىدىن بولغان«سەرگەردان ناخشىسى»،«رىتا ناخشىسى»مۇ خەلق ئىچىگە كەڭ تارقالدى. كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالغان بۇ بۇ نادىر فىلىمنىڭ ئىجتىمائىي تەسىرى، زوقلاندۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاددىي سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بولمايدۇ. بۇ فىلىمنى ھاياتىدا 40-50 قېتىم كۆرەرمەن تاماشىبىنلارنىڭ سانىنى سىتاتسىتىسكا قىلىشمۇ قىيىن.
«سەرگەردان» فىلىمىنىڭ باش قەھرىمانى راجنىڭ رولنى مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان ئارتىس-ھىندىستان كىنو مۇنبىرى، شۇنداقلا دۇنيا كىنوچىلىقىدىكى گىگانت چولپان، ھىندىستان كىنوچىلىقى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان كۆزگە كۆرۈنگەن رېژىسسور، كىنو سەنئەتكارى، كۆزگە كۆرۈنگەن فىلىم ئىشلىگۈچى، نومۇر رىياسەتچىسى، كىنوشۇناس راجى كاپور ئەپەندى.
راجى كاپور1988-يىلى5-ئاينىڭ2-كۈنى ھىندىستان كىنوچىلىقىنىڭ 75يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەش مۇراسىمىدا ھىندىستاننىڭ ئەينى يىللاردىكى زۇڭتۇڭى ۋىنكا تاراماننىڭ ئۇنىڭغا ئۆز قولى بىلەن ھىندىستان كىنوچىلىقىدىكى ئەڭ ئالىي شەرەپ مۇكاپاتى-پاركىي مۇكاپاتىنى تارقىتىشى جاكارلانغاندا، راجىنىڭ زىققى كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ، ئورۇندۇقتىن تۇرالمايدۇ. زۇڭتۇڭ شەھنىدىن پەسكە چۈشۈپ مېدالنى ئۇنىڭ كۆكسىگە ئۆزقولى بىلەن تاقاپ قويىدۇ. شۇنىڭدىن كېين ئۇقايتا ئورنىدىن تۇرالماي، شۇيىلى2-ئىيۇن 64يېشىدا ۋاپات بولىدۇ.
راجى كاپور1924-يىلى14-دىكابىردا ھازىرقى پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرىدە بىر كىنو سەنئەتكارى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى بابا، بورتىۋى، راجى-ھىندىستاننىڭ دراما ئارتىسى بولۇپ، «سەرگەردان»فىلىمىدە راجىنىڭ دادىسى، سوتچى راگوناتنىڭ رولىنى ئالغان. راجى كاپورنىڭ ئۈچ ئوغلى ھازىر كىنو ساھەسىدە ئالاھىسە كۆزگە كۆرۈندى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىككىنچى ئوغلى رۇيشى كاپور ھازىر ھىندىستاندا ئالاھىدە تەسىرگە ئىگە داڭلىق كىنو چولپىنى، ئۇبىزگە تونۇشلۇق بولغان ھىندىستان ھېكايە فىلىمى«گاچا قىزنىڭ مۇھەببىتى»دە ياش داپچى يىگىتنىڭ رولىنى ئالغان. ھازىر راجى كاپور ئائىلىسىنىڭ 4-ئەۋلادى-رۇيشى كاپورنىڭ ئوغلى گۇلان كاپورمۇ كىنو ساھەسىگە كىرىپ كەلدى. ھازىر ئۇنىڭ ئەۋلادى ئىچىدە 18كىشى ھىندىستاننىڭ مەشھۇر كىنو ئارتىسلىرى بولۇپ تونۇلدى.
راجى كاپور دادىسىنىڭ تەسىرىۋە تەربىيىسى بىلەن1935-يىلى بالا ئارتىس بولۇپ، تۇنجى قېتىم «يەر تەۋرەشتىن كېيىن»دە رول ئالغان. 1941-يىلىدىن باشلاپ بومبايدىكى بىر كىنو شىركىتىدە مەيدان خاتىرىلىگۈچى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە 1943-يىلىدىن ئېتىبارەن رەسمىي كىنو ئارتىسى بولۇپ رول ئېلىشقا باشلىغان ھەمدە 1947-يىلى بومبايدا ئۆزىنىڭ نامىدىكى راجى كاپور كىنو فىلىم ئىشلەش شىركىتىنى قورۇپ تۇنجى قېتىم مۇستەقىل ھالدا بىر سەنئەتكارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ قىز بىلەن مۇھەببەت قۇرغانلىقى تەسۋىرلەنگەن ھېكايە فىلىم«ئوت»قا رېژىسسورلۇق قىلغان ھەم ئۆزى باش رول ئالغان ھەم ئۆزى باش رول ئالغان. «ئوت»ناملىق فىلىمى گەرچە قۇرۇلما جەھەتتە دېگەندەك مۇكەممەل بولۇپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن راجى كاپورنىڭ مەيدانغا چىققانلىقى-ھىندىستاندا يېڭى بىر ئەۋلاد كىنو رېژىسسورلىرى، كىنو ئارتىسلىرىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدىن دىرەك بەردى. راجى كاپور1949-يىلى مۇھەببەت ئاساسىي تېما قىلىنغان ئىككىنچى فىلىمى«يامغۇر»غا رېژىسسورلۇق قىلغان. بۇ فىلىم مەيدنغا چىقىپلا ھىندىستاننىڭ كىنو تارىخىدا تاماشىبىنلار سانى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمى جەھەتتە ئەڭ يۇقىرى رېكورد ياراتقان. ئۇ1950-يىلى«سەرگەردان»فىلىمىغا رېژىسسورلۇق قىلغان ۋە ئۆزى باش رول ئالغان. بۇ فىلىم ھىندىستان كىنو مۇنبىرىنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈپلا قالماي، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىمۇ دېققىتىنى قوزغىغان. ئۇ «سەرگەردان»فىلىمىدىكى زور مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن خەلقئارا كىنو مۇنبىرىدىكى چولپانلار قاتارىغا كىرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ ئۆزى ئارقا-ئارقىدىن رېژىسسورلۇق قىلىپ باش رول ئالغان«ھەسرەت»،«مەن بىر قىزىقچى»،«كۈن پەردىسى ئېتەك ياپقاندا»،«ئاياغ مايلىغۇچى بالا»،«ئىتتىپاق»،«420-نومۇرلۇق ئەپەندى»(يەنە بىر ئىسمى«ئوغرى ئەپەندى»)، «ئويغان!»قاتارلىق فىلىملەرمۇ خەلقئارا كىنو مۇنبىرىنى زىلزىلىگە سېلىپ زور تەسىر قوزغىغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى «ئىتتىپاق»(1964-يىلى ئىشلەنگەن)ناملىق ھېكايە فىلىم تاماشىبىنلارنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
راجى كاپور ئىشلىگەن فىلىملەر ئىچىدە يۇقىرى فىلىملەردىن باشقا يەنە «ئۈمىد»،«گانگ دەرياسى ئېقىپ ئۆتكەن جاي»،«كۆك نىلۇپەر»،«قىزچاق بوبې»،«مۇھەببەت ھەققىدە ھېكايە»،«قىزچاق ھەننا»،«قوشۇلغان ئېقىن»،«بىزنىڭ ئىشلىرىمىز»،«ۋارمىكىي»،«جىتورنىڭ غەلبىسى»،«قاماپ قويۇش»،«يالقۇن»،«ھەقىقەتەن پاكلىق ۋە گۈلچېھرە»،»سېغىنىش»،«ساڭكەن»،«تازىلىق ئىشچىسى»،«ھازىر دېھلى يېنىمىزدىكىدەكلا تۇرىدۇ»،«ئۆتمۈش»،«ھازىر ۋە كەلگۈسى»،«قىساس قانۇن-قائىدىسى»قاتارلىق ھېكايە فىلىملەر بولۇپ، ئۇ ئۆمرىدە 14فىلىمگە رېژىسسورلۇق قىلىپ، 57فىلىمدە باش رول ئالغان.
راجى كاپور ئىجادىيەتكە قاتتىق ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، جەمئىيەتكە بولغان كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن ئىجادىيەتكە كىرىشىپ، دەۋرگە يېقىندىن ئەگىشىپ، تۆۋەن تەبىقىدىكى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى، ھاياتىي كەچۈرمىشلىرىنى، ياشلارنىڭ مۇھەببىتى، نامرات خەلقلەرنىڭ ئوبرازىنى ئىجادىيەت يولىنى تېپىپ، مەزمۇنى سەرخىل، تېمىسى رەڭدار، مول، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە، مەلۇم ئىدىيىۋى مەنىگە ۋە بەدىئىي زوقلىنىش قىممىتىگە ئىگە نادىر ئەسەرلەرنى ياراتتى.
راجى كاپور مۇنداق دېگەنىدى:«خەلق ماڭا كۈچ بەخش ئەتتى. ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى بولمىغان بولسا، مېنىڭ ھېچقانداق ئىشىم ۋۇجۇتقا چىقمىغان بولاتتى، داڭلىق كىنو ئارتىسى ۋە كىنو رېژىسسورى بولۇشۇم تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى».