ھېچ گەپ ئەمەس باغرىڭغا بېسىپ،
سۆيەلمىسەڭ ئوتلۇق لېۋىمگە.
ئىشەنسەڭلا پەقەت كۇپايە،
ساڭا قىلغان ساداقىتىمگە.
* *
چىن يۈرەكتىن سېنى سۆيگەندەك،
باشقا بىرنى سۈيۈپ باقمىغان.
سېنىڭ بىلەن خۇشال يۈرگەندەك،
بۇنچە خۇشال يۈرۈپ باقمىغان.
* *
تاپتىم ئاخىر بەختىمنى سەندىن،
ئاتا قىلدىڭ سەن ماڭا شادلىق.
ھاياتىمغا بەردىڭسەن مەنا،
تاپتىم سەندىن چەكسىز خۇشاللىق.
* *
ئارلىقىمىز بولسىمۇ ئۇزاق،
مىنى تاشلاپ كەتمىگىن زىنھار.
قول تۇتۇشۇپ ئۆتەيلى مەڭگۈ،
خۇشال كۈنلەر بولسۇن بىزگە يار.
* *
ھەر ئەسلىسەم ئۆتكەن كۈنلەرنى،
سېنى شۇئان ئەسكە ئالىمەن.
تىمتاسقىنە ئايدىڭ كېچىلەر،
جەم بۇلۇشنى ئويلاپ قالىمەن.
* *
كۆزئالدىمدا غۇۋا سىيمايىڭ ،
بىر مىنۇتمۇ چىقمىدى ئەستىن.
ئاھ ، ئايرىلىش نىمانچە ئازاپ،
ئۈزەلمىدىم رىشتىمنى سەندىن.
* *
ئامالسىزلا خوشلاشتۇق يەنە،
يار سىيمايىڭ قالدى بەك ئۇزاق.
ئاھ،ئايرىلىش نىمانچە قىيىن،
كۆرۈشكىچە ئامان بول ھەر ۋاق.
* *
سۈرىتىڭنى قولۇمغا ئېلىپ،
جىمجىتقىنا قارىدىم ئۇزاق.
قەلبىم مەڭگۈ قەلبىڭگە تۇتاش،
ئارلىقىمىز بولسىمۇ يىراق،
* *
كۈتۈپ - كۈتۈپ بولدۇم بىتاقەت،
سېغىنىشىم ئاشار ھەسسىلەپ.
تارام- تارام ئاقار ياشلىرىم،
بىللە يۈرگەن كۈنلەرنى ئەسلەپ.
* *
يارسىز ئۆتكەن ھەربىر كۈنلىرىم،
غەم - قايغۇغا تۇتاش بۇلاركەن.
ھەر تۈنلىرى ئۇيقۇدىن بىدار،
يۈرەكلىرىم دەردكە تۇلاركەن.
* *
چۈشلىرىمدە ئىسمىڭنى توۋلاپ ،
چۆچۈپ تۇردۇم نەچچە رەت جېنىم.
كۆرەلمىدىم ئەمما ھۆسنۈڭنى،
قارا تۈنلەر ۋاپادار گۈلۈم.
* *
ئېغىر غەمگە بولدۇم مۇپتىلا،
سېنى كۈتۈش كەلدى بەكمۇ تەس.
جېنىم<< زۆھرە>> ئۆزۈڭ قەيەردە؟
ئوي-خىيالىم سەندە ھەرنەپەس.
* *
دىلىم غەمكىن ئۇزۇن كېچىلەر،
بەلكىم ئۆزۈڭ شېرىن ئۇيقۇدا.
يۈرەكلىرىم بولسا لەختە قان،
يۈرگەنسەنمۇ خۇشال تۇيغۇدا.
* *
ئايرىلساقمۇ ھەرقانچە ئۇزاق،
ۋەدىللىرىڭ چىقمىسۇن ئەستىن.
تەڭ ئىچىشكەن قەسەملىرمىزگە،
گۇۋاھ بولسۇن ئۇلۇغ يەر- زىمىن.
* *
ئارمىنىم يوق ئۈشبۇ ئالەمدە،
سېنىڭ بىلەن مەڭگۈگە ئۆتسەم.
بىللە كۈلۈپ، بىللە يىغلاپ،
تا ئۆلگىچە بىللە يۈرسەم.
* *
بۇ قەلبىمدە باشقا بىرى يوق،
پەقەت سېنى سۆيگەنلىكىم راس.
مەيلى ئىشەن ياكى ئىشەنمە،
بۇ ھاياتىم بىر ساڭىلا خاس.
.......................................
ۋاقىتلىق ئايرىلغان يالغۇز كۈنلەردە سىزسىز ياشاش مەن ئۈچۈن كىچىككىنە بىر سىناق. سىز ئۈچۈن قايغۇرۇش مەن ئۈچۈن ئەڭ زور بەخىت.
كۈتۈش ، يەنە كۈتۈش........ پەقەت كۈتۈشلا زىدە بولغان يۈركۈمگە ئاز- تۇلا مەلھەم بۇلالايدۇ خالاس! ئاشۇ كۈتۈشلەر ماڭا ئۈمۈد بېغىشلاپ مېنى ھايات ياشاشقا ، توختىماي ھەركەت قىلىشقا دەۋەت قىلىپ تۇرىدۇ.
كۈتۈشلەردىن بولمىدىم نېرى،
خيالىمدا پەقەت سەنلا بار.
سېنى ئويلاپ كۈتۈش پەسلىدە،
غەمكىن قەلبىم ئۇيقۇدىن بىدار....
شۇتاپ ئالدىڭىزدا تۇلىمۇ خېجىلمەن ،بۆگۈنكىدەك ئاشىق - مەشۇقلار جەم بۇلدىغان خۇشال - خۇرام بايرام كۈنىدە يېنڭىزدا بۇلالمىدىم. سىزگە ئاتاپ بەر دەستە گۈل سوۋغا قىلالمىدىم.... پەقەت سىزنى چەكسىز يىراقتا تۇرۇپ چوڭقۇر سېغىنىشتىن باشقا ھېچنىمە قىلىپ بىرەلمىدىم... سىزنى چىن يۈركۈمدىن سۆيسەممۇ ،<<سىزنى سۆيمەن>> دىگەن ئاشۇ بىر ئېغىز سۆزنى سىزگە دىيىشكە نائىل بۇلالمىدىم.... مېنى كەچۈرۈڭ ! << سىزنى مەڭگۈ سۆيمەن!>>
كۆرۈشكىچە ئامان بۇلۇڭ!
خەيىرلىك مىنۇتلاردا كۆرۈشكەيمىز!
2009-يىل 2-ئاي 14-كۈن ( تەڭ بازىرى)
[ بۇ يازما @otkax تەرپىدىن2009-02-13 15:39دە قايتا ت ]