ساقچىلار مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ يېڭى ئورنىدىكى ئىش مەيدانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى دېلوسىغا چېتىشلىق گۇماندار ۋە ماددىي ئىسپاتلارنى كونترول قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – فېۋرال تېلېگراممىسى. بېيجىڭ شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى 10 – فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە 9 – فېۋرال كەچتە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قارىمىقىدىكى مەدەنىيەت مەركىزى ئىش مەيدانىدا يۈز بەرگەن ئېغىر ئوت ئاپىتىنىڭ قانۇنسىز پوجاڭزا ئېتىشتىن كېلىپ چىققانلىقىنى، دېلوغا چېتىشلىق گۇماندار ۋە ماددىي ئىسپاتلارنى ساقچىلارنىڭ كونترول قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاخبارات باياناتچىسى لو يۈەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئوت كەتكەن مەدەنىيەت مەركىزى بىناسى تېخى رەسمىي ئىشلىتىلمىگەن، شۇنداقلا ئوت مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنمىغان. ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بىناغا ئوت كېتىشكە چاغانلىق ئېتىلغان ساليۇت سەۋەب بولغان. 9 – فېۋرال كەچتە مۈلۈك ئىگىسى ئورۇن خۇنەندىكى مەلۇم ساليۇت – پوجاڭزا شىركىتىنىڭ خادىمىنى تەكلىپ قىلىپ، بىنانىڭ غەربىي جەنۇب بۇلۇڭىدىكى بوش يەردە چاغانلىق ساليۇت ئاتقۇزغان. نەق مەيداندا نەچچە يۈز ساليۇت قېپى ۋە ئەينەك پولات قاپ قالغان.
لو يۈەن: ‹‹قېپقالغان نەرسىلەردىن قارىغاندا، بۇ ساليۇتلار A تۈرىدىكى ساليۇت بولۇپ، بېيجىڭ شەھىرى رەسمىي بۇيرۇق چىقىرىپ ئېتىشنى چەكلىگەن مەھسۇلات. ھازىر ئالاقىدار خادىم ۋە ماددىي ئىسپاتلارنى ساقچىلار كونترول قىلدى››، دېدى.
9 – فېۋرال بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 20دىن 27 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭ شەھەرلىك ‹‹119›› قوماندانلىق مەركىزى ئوت كەتكەنلىك مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال 85 ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، 595 ئوت ئۆچۈرۈش كوماندىر – جەڭچىسىنى ئوت ئۆچۈرۈشكە ئەۋەتتى. ئۇلار دەرھال ئوت ئۆچۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇشنى باشلاپ، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 23تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە 1 – قەۋەت ۋە 8 – قەۋەتكە قاپسېلىپ قېلىپ يارىلانغان يەتتە كوماندىر – جەڭچىنى قۇتقۇزۇپ چىقىپ، ‹‹چاۋياڭ›› دوختۇرخانىسىغا جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئاپاردى. لېكىن، جاڭ جيەنيۇڭ كۆپ مىقداردا زەھەرلىك گاز سۈمۈرۈۋالغاچقا، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئەتىسى ئەتىگەن سائەت ئۈچتە بەختكە قارشى قۇربان بولدى.
بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتىدە جەمئىي يەتتە كىشى يارىلاندى، ئۇنىڭ ئىچىدە ئالتىسى ئوت ئۆچۈرۈش جەڭچىسى، بىرى ئىش مەيدانىدىكى ئىشچى. ھازىر يارىدارلار خەۋپتىن قۇتۇلدى.
ئوت ئۆچۈرۈش كوماندىر – جەڭچىلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆچۈرۈشى نەتىجىسىدە، سەھەر سائەت 2 لەردە ئوت تولۇق ئۆچۈرۈۋېلىندى.
مەنبە : تەڭرىتاغ تورى