ئامېرىكا بىلەن روسىيىنىڭ سۈنئى ھەمرايى ئۆز - ئارا سوقۇلۇپ كەتتى
شىنخۇا تورى چاقماق خەۋىرى . ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ 11 - فىۋرال ئېيتىشىچە ، ئامېرىكىنىڭ بىر دانە ئالاقىلىشىش سۈنئى ھەمرايى 10 - فىۋرال روسىيىنىڭ بىراك (كونا بولۇپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان)قىلىنغان بىر دانە سۈنئى ھەمرا بىلەن ئالەم بوشلۇقىدا ئۆز - ئارا سوقۇلۇپ كەتكەن . بۇ سوقۇلۇپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ئالەم بوشلۇقى ئەخلىتىنى پەيدا قىلغان .
ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق سۈنئى ھەمرا سوقۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، سوقۇلۇپ كەتكەن بۇ سۈنئى ھەمرالار ئامېرىكىنىڭ 1997 - يىلى قويۇپ بەرگەن سۈنئى ھەمرايى بىلەن روسىيىنىڭ 1993 - يىلى قويۇپ بەرگەن سۈنئى ھەمراسى ئىكەن . سۈرەتتە : سۈنئى ھەمرالارنىڭ سوقۇلۇپ كېتىشكە ئائىت سۈرەتلىرى .
http://news.sina.com.cn/w/p/2009-02-12/090617200051.shtml[ بۇ يازما ...yasir تەرپىدىن2009-02-12 16:04دە قايتا ]