ئاياللارنىڭ چېچى چۈشۈشتىكى سەۋەپلەر1. روھى جەھەتتىكى بېسىم.چاچ ئاسراش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولماسلىق ۋە چاچنى بۈدۈر قىلىش قېتىم سانى كۆپ بولۇشتەك ئامىللار چاچنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.
2.ئاغرىقتىن ، بولۇپمۇ قىزىتما ئۆرلەپ تارقىلىشچان زۇكام بولغاندىن ، مەلۇم تۈردىكى
دورىلارنى ئستىمال قىلىش ، مەلۇم تۇردىكى داۋالاشنى قوبۇل قىلىش ۋە پۇتۇن بەدەننى
ھۇشسىزلاندۇرىدۇ ، باش قىسمىنى رېنتىگىن نۇرى ئارقىلىق داۋالاش قاتارلىق ئەھۋاللاردا
چاچ شالاڭلىشىپ كېتىدۇ . بىراق ،بۇ خىلدىكى چاچ چۈشۈش ۋاقىتلىق بولىدۇ.
3.تۇغۇتتىن كېيىنكى چاچ چۈشۈش. بۇنداق ئەھۋال ھورمۇننىڭ تەسىرىدىن بولىدۇ.
4.روھى ۋە فىزىئولوگىيىلىك ئامىللاردىن باشقا يەنە ، بەزىبىر مېخانىكىلىق ئامىللارنىڭ
تەسىرىدىنمۇ چاچ چۈشۈدۇ.مەسىلەن، بەك چىڭ ئۆرۈۋېلىش،ئات قۇيرۇقى كىلىپ بوغۇۋېلىش
ياكى دائىم چازا بىلەن قىسىۋېلىش قاتارلىقلار.
5.چاچانى ئۇزۇن ۋاقىت ئارقا قايرىپ تارىسا ،پىشانىسىدىكى چاچلار بېسىمغا ئۇچراپ
ئۈزلۈپ كېتىدۇ.چاچنى دائىم بىر جايدىن ئايرىپ تارىسا شۇ جايدىكى چاچ چۈشۈدۇ.
6.چاچنى دائىم بويىسا ھەم سۈپىتى ناچار ئېلىكتىر ئەسۋاپلىرىنى چاچ ياساشتا ئىشلەتسە
،چاچنى قۇرغاق ھەم جانسىز ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ ھەمدە چاچنى چۈشۈرۋېتىدۇ.
چاچ چۈشۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن ئاياللار يىمەكلىككە دىققەت قىلىشى، ئىمكان قەدەر
نورمال ئوزۇقلىنىپ ، دورىلارنى مۇۋاپىق ئىچىشى لازىم.ئاقسىل ماددىلىرى مول بولغان
چاچ ئۆستۈرۈش دورىلىرىنى ، چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ۋە چاچ ئاسراش مەلھىمىنى تاللاپ
ئشلەتكەندە چاچ ئۆسىدۇ.
مەنبە:«ئاياللار سىردىشى»دىن ئېلىندى.