« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 2783 - كۆرۈرمىنى
negar
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 53795
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 102
شۆھرەت: 109 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1065 سوم
تۆھپە: 40 نۇمۇر
ياخشى باھا: 50 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 210(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

 ئاپا بىز ئۇيغۇر ئەمەسمۇ؟(نىگار)

ئاپا بىز ئۇيغۇر ئەمەسمۇ؟؟

تىلىۋۇزۇردىن بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلىشىپ چىقىۋاتقان ئېلانلاردىن بىزار بولۇپ ئاكامنىڭ ئوغلى بىلەن بىردەم بالىلارچە ئويۇن ئوينىغىم كەلدى-دە،دادامنىڭ بۇ ئەتىۋالىق نەۋرىسىگە ئاتاپ تۇرلۈك ئويۇنچۇقلار ۋە بالىلار كىتاپلىرى بىلەن تولدۇرۇۋەتكەن كىچىك ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلدىم.ئىشىكنى ئەندى ئاچاي دىيىشىم بىلەن ئۆي ئىچىدىن ئاكامنىڭ ئوغلىنىڭ شۇنداق غەزەپلىنىپ ۋارقىراۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم:
_ مەن دىگەن ئۇيغۇي،شىژ ئەشكىكەنشىژ، بىژ ئۇيغۇي...
_مەنمۇ سېنى ئۇيغۇي ئەمەسكەن دىمىدىم،ئۇيغۇر ئەمەسكەن دىدىمغۇ،ئۇيغۇر بولساڭ ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى بىلمەيدىكەنسەنغۇ؟؟
_شىژ ئەشكى، شىژ بىلەن ئوينىمايمەن،كىچىك ئاپا،كىچىك ئاپا...
  _نىمە بولدۇڭ قوزام؟_ئۇنىڭ تىپچەكلەپ ۋارقىرىغىنىنى ئاڭلاپ تاقەت قىلالماي دەرھال ئۆيگە كىردىم.
_بۇ قىژنى كەتكۈژۈڭ،ئۇ ئەشكى ئەشكى قىژ،بىژنى ئۇيغۇي ئەمەش دەيدۇ،_ئۇ ئۈمچەرىگەن ھالدا كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ دەرھال ئالدىمغا يۈگىرەپ كەلدى.ئۇنىڭ چەك قويۇلمىغان بالىلارچە تاتلىق  گەپ قىلغىنىدىن كۆڭلۈم ئېرىپ ئۇنى دەرھال قۇچىقىمغا ئالدىم.
  _ئىككىڭلار ئالدىرىماي سۆزلەڭلار،ھە زۇلپىقار ساقام،سەن ئالدىدا دەمسەن ياكى بۇ قىزچاق دىسۇنمۇ؟
  بىر سائەتنىڭ ئالدىدا بىرىنجى قەۋەتتىكى خوشنىمىز ئەر-ئايال ئىككىسى بىر جىددى ئىش بىلەن سىرىتقا چىقىدىغان بولۇپ قېلىپ  كەلگەندە ئاچىقىپ كېتىمىز دەپ قىزىنى قويۇپ ئەكىرگەندە شەنبە-يەكشەنبە دەم ئېلىش بىلەن بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەن ئاكامنىڭ ئوغلى شۇنداق خوش بولۇپ سەكرەپ،ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ھېلى ئويۇنچۇق بېرىپ ھېلى يەيدىغان نەرسە بېرىپ قىلىدىغان قىلىق تاپالماي قالغان ئىدى.ئارىدىن بىرەر سائەت ئۆتمەيلا ئىككىسىنىڭ رەنجىشىپ قالغىنىنى كۆرمەمدىغان؟؟....
بۇ ئىككىسى تەڭ دىمەت  بىر يىلنىڭ بالىلىرى ئىدى. زۇلپىقار ئوغۇل بولغاچقىمۇ قىزچاقتىن بىر لىك ئىگىز ئىدى،بىراق ئىككىسى سۆز قىلسا قىزچاقنىڭ شۇنداق تولۇق ،پىششىق گەپلىرى بىزنىڭ بۇ ئەركە نەۋرىنىڭ ھەممىنىڭ ئەركىلىتىشى بىلەن ئەركىلەپ سۆزلەپ كۆنۈپ قالغان گەپلىرى ئالدىدا ئۇنى ھەدىسىدەك كۆرسىتەتتى.
  _نىمە بولدى؟ قېنى سەن دىگىنە زۇلپىقار؟
  _مەن بوۋام موماملارنىڭ ئۆيىدىكى دەنشىدىكى دوڭخۇاپىيەن ياخشى ئەمەس دىيەنناۋدىن يوۋشىجى ئوينايلى دىسەم بۇ قىز ئۇنىمىدى.
  _ئۇنداق ئەمەس،مەن سەن ئوينىساڭ ئوينا،مەن موماڭلارنىڭ ئۇخلايدىغان ئۆيىدىكى تېلىۋۇزۇردا كارتۇن فىلىمنى كۆرىۋىرەي دىسەم ئۇ تىزگىنەكنى بەرمىدى.
  _يالغان،مەن ئۇ نەرسىنى ئالمىدىم.مېنىڭ ئالغىنىم ياۋكوڭ تۇرسا،ئۇ قىز تىزگىنەكنى بەر ،بەر دەيدۇ..
  _سەن شۇ تىزگىنەكنى بەرمىدىڭغۇ؟؟
  _ئۇ قىز يەنە مېنى ئۇيغۇي ئەمەس دىدى،
  _ھوي بۇ قانداق گەپ ،نىمىشكە ئۇنداق دىدىڭىز؟
  _ئۇ ئۇيغۇر ئەمەسكەن،ساپما كەشنى توشى دەپ تۇرۇۋالدى،مەن ئۇنى كەش دىگىن دىسەم مېنى ئورۇس دىدى_قىزچاق بىردىنلا كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ چۇڭۇلداشقا باشلىدى،_ئۇ يەنە  تىزگىنەكنى قولىدا تۇتۇۋىلىپ ماڭا بەر دىسەم،بۇ دىگەن ياۋكوڭ تىزگىنەك دىگەن نىمە دەپ تۇرۇۋالدى.ئاپام دادام ماڭا ئۆزىمىزنىڭ تىلىنى،ئۆزىمىزنىڭ گېپىنى دىيەلمىسەك بىز ئۇيغۇر بولالمايمىز دىگەن،ئۇ ئۇيغۇرچە گەپلەرنى بىلمىسە قانداق ئۇيغۇر بولىدۇ ھەدە؟؟
  _ھە؟؟.....
  كىچىككىنە تېخى بەش ياشقىمۇ توشمىغان قىزچاقنىڭ سۇئالى بىلەن بېشىمدىن بىر چېلەك سۇ قۇيۇۋەتكەندەك بولۇپ كەتتىم.نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي،مىھمانخانىدا دادام-ئاپاملار بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ئاكام يەڭگەمنى چاقىردىم:
  _ئاكا،يەڭگە،بۇ ياققا كىرىڭلار....
  مەن بۇ ئىككىسىنىڭ دەۋاسىنى ئۇلارغا ئىتتىرىپ قويۇپ ئىشىك يوچۇغىدىن قاراپ تۇردۇم.
  كىچىككىنە قىزچاق نىمىلەرنىدۇ دەپ ئۇلارغا سۇئال قوياتتى،ئاكام بىلەن يەڭگەمنىڭ گاھ تاتىرىپ،گاھ قىزىرىپ مىللەتنىڭ چوڭ بىر ئوقۇتقىچىسى ئالدىدا تۇرغاندەك تەرلەپ-پىشىپ تۇرغان ھالىتى..ماڭا ئۆز ئانا تىلىمىزنى قەدىرلىيەلمەيۋاتقان،ئانا تىلىمىزنىڭ قەدرىنى قىلالمايۋاتقان،بالىلارغا ئالدى بىلەن ئانا تىل،ئاندىن يات مىللەت تىلى ئۈگىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى«ئۆزىنى بىلگەندە ئۆزگىنى بىلگىلى بولىدۇ»دىگەن قىممەتلىك تەپەككۇر مىۋىلىرىنىڭ قىممىتىنى ھىس قىلىپ يەتمىگەن، ئويلىنالمايۋاتقان ئەر-ئاياللىرىمىزنىڭ ئايانىچلىق قىياپىتىنى كۆرسىتىۋاتقاندەك قىلاتتى...(بۇ قاتاردا قىزچاقنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بېرەلمەي ئۆزۈمنى دالدىغا ئالغان مەنمۇ بار ئىدىم ئەلۋەتتە)

مەنبە؛ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار
[/color

تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com001
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-02-12, 04:10

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+10(Biperwa) ئەھمىيەتلىك ..
  • ئىجادىيىتىم،ئۆز قەلىمىم،
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-12 12:07 |
    selkin
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 73120
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 54
    شۆھرەت: 54 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 540 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

     

    يەنە  5 يىلدىن كىيىن نىمىش  بوپ كىتە ...

    basbas
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-12 12:19 |
    独立客人
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 73133
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 55
    شۆھرەت: 55 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 550 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 45(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

     

    بەكمۇ ئەھمىيەتلېك تېما ئېكەن ! كۇندېلىك تۇرمۇسېمېزدا نۇرغۇن سوزلەر بار بىز باشقا تېلدا ئاتاپ كېلېۋاتقان........ بۇ توغۇرلۇق نۇرغۇن ئەسەرلەر يېزېلېپ، نۇرغۇن پىكېرلەر بىرېلگەن بولسېمۇ، يەنىلا ساپ ئۇيغۇر تېلېدا سوزلەش تېخى تولۇق ئەمېللىيەتلەشمېدى، ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئېچېدە مەنمۇ بار.

    ھەقىقىي مىسۋاك
    机会不是等来的而赶来的!
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-12 12:20 |
    HENRY
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش رەسىم يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 26768
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 3132
    شۆھرەت: 3155 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 550 سوم
    تۆھپە: 68 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 107 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 955(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

     

    Quote:
    بۇ مەزمون1قەۋەتتىكىselkinنىڭ2009-02-12 12:19 دە يوللىغان يازمىسى   :
    يەنە  5 يىلدىن كىيىن نىمىش  بوپ كىتە ...

    خۇدا بىلىدۇ،،

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
                                                        
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-12 12:24 |
    xjaks
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 63866
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 393
    شۆھرەت: 894 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3236 سوم
    تۆھپە: 18 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 621(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

     

    ھەي بۇ ئاكىلىرىمىز كىىلىپ تىلىمنىزنى ئۇزگەرتىۋەتىغۇ ،،،،ئەمدى ..بۇنىڭغانىمە دىگۇلۇك ....

    ھەقىقىي مىسۋاك
    ياخشى ئادەم ئولسىمۇ ياخشى نامى ئۆچمىگەي
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-12 12:29 |
    ylkun
    يالقۇن
    يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 10858
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2705
    شۆھرەت: 2748 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 410 سوم
    تۆھپە: 47 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 21 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1073(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

     

    ادەم تەرەققى قىلىشى كىرەك ! ئۆزىنى يۈكسەلدۈرشى كىرەك !
    لىكىن_ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭكىنى قەدىرلىشى كىرەك !!!  شۇندىلا باشقىلارنىڭ قەدىرلىشىگە ئىرشەلەيدۇ ...    
                      رەخمەت يوللىغان تىمىڭىزغا !!!        

    شىنجاڭ تور مەكتىپى

    سەمىمىيتىڭىز ئەڭ ئاخىرىدا سىزنىڭ بارلىقىڭىزغا ئايلىنىدۇ
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-12 12:32 |
    zulhumar0908
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 58060
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 129
    شۆھرەت: 135 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1290 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 988(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

     

    بەزى تاماق تۇرلىرىمىزنىمۇ ،باشقا مىللەت تىلىدا ئاتاۋاتساق ،،، ئۆز تىلىمىزنى ئىشلەتمەي ،،،،،،،،،
    شۇڭا بالىلارغا كىچىكىدىنلا باشلاپ ئانا تىلنىڭ قانچىلەك مۇھىملىغى ئۇستىدە تەربىيە ئېلىپ بېرىپ ،ئانا تىلنى پۇختا ئىگەللەشكە تۇرۇتكە بولايلى،،،،

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-12 12:35 |
    nazakat5
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 72486
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 254
    شۆھرەت: 254 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2540 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 33(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

     

    ياخشى تېما بوپتۇ ...............

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-12 12:35 |
    تۇمارىس
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 72969
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 16
    شۆھرەت: 16 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 160 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 51(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

     

      تىلدا بىر خەلقنىڭ بارلىقى ،ئۇنىڭ پۈتۈن ۋەتىنى گەۋدىلىنىدۇ.تىل خەلقنىڭ ئۆتمۈشى،ھازىرى ھەم كېلەچەك ئەۋلادىنى مۇستەھكەم بىر پۈتۈنلۈككە،تارىخىيلىق ۋە جانلىقلىق جەھەتتە جىپسىلىققا ئىگەقىلغۇچى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە،ئەڭ باي،ئەڭ مۇستەھكەم ۋاسىتىدۇر.ئانا تىلنى قەدىرلەش ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى،كەلگۈسى ئەۋلادلارنى ئۆز ئانا تىل-يېزىقىنى بىلىدىغان قىلىپ تەربىيىلەش ناھايىتى زۆرۈر دە،ئەلۋەتتە.

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-12 12:40 |
    @ARMAN@
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 43038
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 55
    شۆھرەت: 56 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 500 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 125(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

     

    ھەي..................................................... ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا !!!!!!!!

    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-12 12:41 |
    komurqibala
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 13341
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 480
    شۆھرەت: 481 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4750 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 583(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

     

    Quote:
    بۇ مەزمون4قەۋەتتىكىxjaksنىڭ2009-02-12 12:29 دە يوللىغان يازمىسى   :
    ھەي بۇ ئاكىلىرىمىز كىىلىپ تىلىمنىزنى ئۇزگەرتىۋەتىغۇ ،،،،ئەمدى ..بۇنىڭغانىمە دىگۇلۇك ....

    مۇشۇنداق كالىۋاش گۇيلارنى ئاپىرىپلا بىر تەرەپ قىلىۋەتسە دەيمەن،كىمنى كىم ساڭا <ئاكا>قىلىپ بەردى ھوي بالا،كاللاڭنى سىلكىۋېتىپ سۆزلە ھىچقانداق بىر مىللەتنىڭ ئاكا ئىنىسى يوق،ھېچ يەردە بۇنداق قانۇن تۈزۈممۇ يوق،كىمۇ سېنىڭ ئاكاڭ زادى،نىمىدىگەن ئىشلىمىگەن كاللا دەيمەن،مۇشۇنداق ئۆزىنى ئۆزخ چۆكۈرىدىغانلارنى قانداق قىلىۋەتسە بۇلار دەيمەن،ھـــــــــــــــــەيييييييييييييييييييييييييييييييييي بولدىلا كۆپ سۆزلىمەي  

    ھەقىقىي مىسۋاك
    ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قۇيارمەن ئوغلۇمنى.
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-12 12:51 |
    ylkun
    يالقۇن
    يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 10858
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2705
    شۆھرەت: 2748 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 410 سوم
    تۆھپە: 47 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 21 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1073(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

     

    Quote:
    بۇ مەزمون9قەۋەتتىكى@ARMAN@نىڭ2009-02-12 12:41 دە يوللىغان يازمىسى :
    ھەي..................................................... ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا !!!!!!!!

    توۋا دەڭ ھەي !!!!


    سەمىمىيتىڭىز ئەڭ ئاخىرىدا سىزنىڭ بارلىقىڭىزغا ئايلىنىدۇ
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-12 13:06 |
    @sukut
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 58554
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 96
    شۆھرەت: 97 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 960 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 60 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 253(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

     

    ئاتا-ئانا بالىلارنىڭ ئەينىكى. ئائىلە - بالا تەربىيلەيدىغان تۇنجى مەكتەپ.

    قېنى ئەمسە ھەممە ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى!

    ھەقىقىي مىسۋاك
    مەڭگۈلۈك سۈكۈت!
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-12 13:57 |
    gitarqi
    ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : تېما چولپىنى


    UID نۇمۇرى : 1480
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2792
    شۆھرەت: 2869 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 17838 سوم
    تۆھپە: 5 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 52 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1005(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-02-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-17

     

    ~~~  قېرىنداشلىرىم  سىز بار مەن بار  بالىلىرمىزغا ياخشى ئۆگەتسەك  بۇنداق بولمايدۇ   لىكىن  گەپ ئەمدى ئەڭ ئاخىرقى بىز بىر ئەۋلادتا قالدى  ،،، چۈنكى بىز يەنە بىر ئەۋلادنى ياخشى تەربىلىمىسەك ئەمدى يەرشارىدىن يوقىلىمىز  كاللىمىزنى سىلكىمىسەك بولمايدۇ ........... قۇڭامدا ئىشتان قالمىسىمۇ چۇقۇم ياخشى دادا بولىمەن چۇقۇم !!!! بۇ مىنىڭ مەجبۇرىيىتىم ،بۇ مىنىڭ ئېتقادىم ...

    ئاللا پەقەت سەنلا چۈشەنسەڭ بىزنىڭ كۆڭۈلنى ،
    پەقەت سەنلا سەنلا بىرەرسەن بىزنىڭ بەخىتنى .
    ئەسقەر كۆكبۈرە <<تىلەگ>> دىن .............
    [ بۇ يازما gitarqi تەرپىدىن2009-02-12 14:50دە قايتا ]

    مەن ئۆزۈمنى يوقاتتىم ،تاپالمىدىم ئاختۇرۇپ .
    تەبئەتتىن ئىزدىدىم ،پىغان چىكىپ ئاھ ئۇرۇپ .
    ---------بۆرە _________
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-12 14:03 |
    ظةلزات
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 61315
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 153
    شۆھرەت: 214 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1460 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 249(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

     

    ياخشى تېما بوپتۇ دەي،يەنە نىمە دەيتىم، ئۆزىمىزنى يەنىمۇ دەڭسەپ باقساق بولىدۇ شۇ

    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-12 14:47 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 23» Pages: ( 1/3 total )
    XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:02-17 18:25, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ