پەيغەمبەر ( س ئە ۋ ) ئەلەيھىسسالام توسقان توغرا بولمىغان نىكاھلار تۈۋەندىكىچە
1- ۋاقىتلىق نىكاھلىنشتۇر،
مەسىلەن؛ بىر ئەر بەر ئايالنى بىر ئاي بىر يىلدەك مۇئەييەن مۇددەت خۇتۇن قىلىشقا ئوخشاش. بۇ توغرىدا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىرلككە كىلىنگەن ھەدىس بار < پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەيبەردە تۇرغان ۋاقىتتا ۋاقىتلىق نىكاھ قىلىشتىن، ئائىلىدە باقىدىغان ئىشەكنىڭ گۆشىنى يىيىشتىن توسقان> (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) بۇ نىكاھنىڭ ھۆكىمى ئۇنداق نىكاھ كۈچكە ئىگە ئەمەس. قاچانلا بولسا بو نىكاھنى بۇزۇش ۋاجىپ. بۇ نىكاھتا ئەگەر ئەر-ئايال بىلەن بىر تۈشەكتە يېتىپ بولغان بولسا مەھرى كۈچكە ئىگە . مەھرى ئايالغا قالىدۇ ھەم ئىككىسىنى ئاجرىتىۋېتىدۇ
2-مەھرىسىز ئۆز-ئارا قىز ئالماشتۇرۇپ نىكاھىغا ئېلىش
بۇ ۋەلى ئۆزىنىڭ قىزىنى باشقا بىر ئادەمگە ، بۇ ئادەممۇ قىزىنى تويلاپ بىرىش شەرتى بىلەن نىكاھلا بىرىشتۇر. مەيلى ئۇ ئىككىسى
مەھرى دىيىشكەن ياكى دىيىشمىگەن بولسۇن . بۇ توغرىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن؛ < ئىسلامدا ئالماشتۇرۇپ نىكاھىغا ئېلىش يۇق>ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ،< پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىز ئالماشتۇرۇپ نىكاھىغا ئېلىشتىن توستى> بۇ بىر ئادەمنىڭ، قىزىڭنى ماڭا بەرگىن، مەن قىزىمنى ساڭا بىرىمەن، ياكى سەن قىز بىر تۇققىنىڭنى ماڭا بەرگىن، مەنمۇ قىز بىر تۇققىنىمنى ساڭا بىرىمەن دىيىشىدۇر. ئبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دىگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىز ئالماشتۇرۇپ نىكاھىغا ئېلىشتىن توستى بۇ بىر ئادەم باشقا بىر ئادەمگە ئۇنىڭ قىزىنى ئېلىش بەدلىگە قىزىنى تويلاپ بىرىدۇ ئۇ ئىككىسى ئوتتۇردا مەھرى بولمايدۇ (بىرلىككە كىلىنگەن ھەدىس) بۇ نىكاھنىڭ ھۆكىمى، ئەر ئايال بىلەن بىر تۈشەكتە يېتىشتىن بۇرۇن بۇزۇش كىرەك. ئەگەر يېتىپ بولغان بولسا مەھرىدىن باشقىسى ئەمەلدىن قالدىرۇلدۇ. ئايالغا بىرىلگەن مەھرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايدۇ ( ئايالغا قالىدۇ)
3-ھالال قىلىش نىكاھى
بىر ئايال ئۈچ تالاق قىلىنسا يولدىشىغا ھارام بۇلۇدۇ. ئاللاھ مۇنداق دىگەن؛ { ئەگەر ئۇ ( ئەر ) ئۇنى (ئايالىنى) ئۈچ قېتىم تالاق قىلسا ( ئۇ ئايال ) باشقا ئەرگە تەگمىگۈچە ئۇنىڭغا دۇرۇس بولمايدۇ (بەقەرە سۆرىسى230-ئايەت) ئۇ ئايالنى تۇنجى ئىرىگە ھالال قىلىپ بىرىش مەخسىتىدە يەنە بىرىگە بىر كۈنلۇك ياكى مەلۇم ۋاقىت بەلگىلەپ نىكاھلاپ قۇيۇشتۇر ، مانا بۇ نىكاھ باتىل . ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دىگەن؛ رەسۇلۇللاھ ، ھالال قىلغۇچى ۋە ھالال قىلىنغۇچىغا لەنەت قىلدى ( تىرمىزى رىۋايتى)بۇ نىكاھنىڭ ھۆكىمى؛ بۇنداق نىكاھ ( تەھلىل نىكاسى) قەتئى خاتا. ئۇ ئايال ئۈچ تالاق قىلىنغان ئادەمگە ھالال بولمايدۇ . ئەگر بىر يەردە بولغان بولسا ، مەھرى ئايالغا ھىساپ بۇلۇدۇ. ئاندىن ئۇ ئككىسىنى ئايرىۋېتىلدۇ
4- ئىھرام باغلىغۇچىنىڭ نىكاھى
بىر ئادەم ھەجگە ياكى ئۆمرىگە ئىھرام باغلاپ، ئىھرامدىن چىقىشتىن بۇرۇن توي قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ نىكاھنىڭ ھۆكمى. باتىلدۇر. ئۇندىن كىيىن ئەگەر ئۇ ئايال بىلەن توي قىلماقچى بولسا ، ھەج، ياكى ئۆمرىنى تۈگىتىپ بولغاندىن كىيىن يېڭىدىن نىكاھ قىلىندۇ. پەيغەمبەر ( س ئە ۋ ) مۇنداق دىگەن؛ < ئىھرام باغلىغۇچى نىكاھىغا ئالمايدۇ ۋە نىكاھمۇ قىلىنمايدۇ > يەنى ئۇنىڭغا نىكاھ قىلىنمايدۇ. باشقىسى ئۈچۈنمۇ نىكاھ قىلىپ قويمايدۇ. بۇيەردىكى تۇسۇش ھارام بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.
5- ئىددەت ئىچىدە تۇرۇپ نىكاھلىنىش ئۇ . بىر ئادەم ئاجىرشىش سەەۋەبىدىن ياكى ئىرى ئۈلۈپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئىددەت تۇتىۋاتقان ئايال بىلەن توي قىلىشتۇر. بۇ نىكاھ باتىلدۇر. بۇنىڭ ھۆكىمى. نىكاھ باتىل بولغانلىغى ئۈچۈن ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسى ئايرىۋېتىلدۇ. ئەگەر ئەر ، ئايال بىلەن بىرگە بولغان بولسا، تويلۇق ئايالغا ھىساپ بۇلۇدۇ. ئۇ ئادەمنىڭ، ئايالنىڭ ئىددىتى چىقىپ بولغاندىن كىيىن نىكاھىغا ئېلىش ھارام. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇنى جازالاشتۇر. بۇ توغۇرلۇق قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دىيىلگەن
{ ئىددىتى توشمىغۇچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغائېلىشقا بەل باغلىماڭلار} (بەقەرە 235- ئايەت )
6-ۋەلىسىز نىكاھ
بۇ ئەرنىڭ ئايالىنى ۋەلىسىنىڭ رۇخسىتىسىز نىكاھىغا ئېلىشىدۇر. بۇ نىكاھتا ۋەلىنىڭ بۇلىشىدىن ئىبارەت مۇھىم بىر ئاساس كەم بولغانلىغى ئۈچۈن باتىلدۇر. پەيغەمبەر ( س ئە ۋ ) ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن ؛ ۋەلىسىز نىكاھ نىكاھ بولمايدۇ ( ئەسھابۇل سۈنەنى رىۋايەت قىلغان )بۇنىڭ ھۆكمى. ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسى ئايرىۋېتىلدۇ. ئەگەر بىر يەردە بولغان بولسا مەھرى ئايالغا ھىساپ بۇلۇدۇ. كىيىن ئۇ ئايالنىڭ ۋەلىسى رازى بولسا نىكاھ ۋە تويلۇق بىلەن ئۇ ئايالنى نىكاھىغا ئالسا بۇلۇدۇ.
7- ئەھلى كىتاپ بولمىغان كاپىر ئايالنى نىكاھىغا ئېلىش.
ئاللاھ مۇنداق دىگەن؛ { مۇشرىك ئاياللار ئىيمان ئېيتمىغۇچە، ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار}(بەقەرە سۆرىسى 221- ئايەت) مۇسۇلماننىڭ ، مەيلى مەجۈسى بولسۇن، ياكى كومىنىست بولسۇن، ياكى بۇددىست بولسۇن، كاپىر ئايالنى نىكاھىغا ئېلىش ھارام. شۇنداقلا مۇسۇلمان ئايالنىڭ مەيلى ئەھلى كىتاپ بولسۇن ، ياكى غەيرى كىتاپ بولسۇن كاپىرغا تىگىشى مۇتلەق ھارامدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دىگەن؛ { ئۇلار كاپىرلارغا ھالال ئەمەس. كاپىرلارمۇ ئۇلارغا ھالال ئەمەس} ( سۆرە مۇمتەھنە 10- ئايەت ) بۇ مەسىلىنىڭ ھۆكىملىرى تۈۋەندىكىچە؛
(1) كاپىر ئەر-ئايالنىڭ ئىككىسىنىڭ بىرسى مۇسۇلمان بولسا نىكاھى بۇزۇلىدۇ. ئەگەر ئىككىسنىڭ ئىددەت تۈگەشتىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولسا ئەسلىدىكى نىكاھى بۇيىچە بۇلۇدۇ. ئەگەر ئىددەت تۈگەپ بولغاندىن كىيىن مۇسۇلمان بولسا، ئۇمۇمى ئالىملارنىڭ كۆز قارشى بۇيىچە يېڭىدىن نىكاھ مەجبۇرىيەتلىرى ئۆتەش لازىم.
(2) ئەگەر ئايال تۇرمۇش قۇرۇشتىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولغان بولسا ئۇنىڭغا مەھرىدىن ھىچنىمە تەگمەيدۇ. چۈنكى ئايرىلىش ئايالدىن بۇلۇدۇ. ئەگەر ئەر كىشى مۇسۇلمان بولسا ئايالغا مەھرىنىڭ يېرىمى بىرىلدۇ. ئەگەر ئايال تۇرمۇش قۇرۇپ بولغاندىن كىيىن مۇسۇلمان بولغان بولسا مەھرىنىڭ ھەممىسى ئايالغا بۇلۇدۇ.
ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ بىرنىڭ مۇرتەد بۇلۇشنىڭ ھۆكىمى بولسا، ئىككىسىنىڭ بىرىنىڭ مۇسۇلمان بۇلۇشنىڭ ھۆكىمىگە ئوخشاش.
(3) مۇسۇلمان بولغان ئادەمنىڭ نىكاھىدا مۇسۇلمان بولغان، ياكى مۇسۇلمان بولمىسىمۇ ئەھلى كىتاپ بولغان تۆتتىن ئارتۇق ئايالى بولسا، ئۇلاردىن توتنى تاللاپ قالغىنىدىن ئايرىلىپ كىتىدۇ. پەيغەمبەر ( س ئە ۋ ) ئەلەيھىسسالام، ئون ئايالىنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان بولغان بىر ئادەمگە < ئۇلاردىن تۆتنى تاللىغىن >(ئىمام ئەھمەد، تىرمىزى رىۋايتى) شۇنداقلا مۇسۇلمان بولغان بىر كىشىنىڭ نىكاھىدا ئاچا- سىڭىل بولسا خالىغان بىرىدىن ئايرىلدۇ. چۈنكى ئاچا-سىڭىلنىڭ بىر ئادەمنىڭ نىكاھىدا بۇلۇشى دۇرۇس ئەمەس. بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دىگەن؛ ]{ئىككى ھەمشىرنى بىرلا ۋاقىتتا ئەمرىڭلاردا ساقلىشىڭلار ھارام قىلىندى ] (سۆرە نىسا 23-ئايەت )
پەيغەمبەر ( س ئە ۋ ) ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمان بولغان ۋە نىكاھىدا ئىككى ھەمشىرنى نىكاھىدا ساقلىغان ئادەمگە مۇنداق دىگەن
ئىككىسىدىن قايسىسنى خالىساڭ بىرىنى تالاق قىلغىن >[(ئىمام ئەھمەد رىۋايتى)
مەنبە ' "مۇسۇلمانلار يۇلى " دىن ئېلىندى 587، 588، 589- بەتلەر
ئاپتور ' ئەبۇ بەكرى جابىرىل جەزائىرى
[ بۇ يازما bizakqi0997 تەرپىدىن2009-02-12 21:21دە قا ]