« 1 234» Pages: ( 1/4 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 1812 - كۆرۈرمىنى
atabora
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 35769
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 183
شۆھرەت: 265 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1890 سوم
تۆھپە: 150 نۇمۇر
ياخشى باھا: 181 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 181(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

 [ ئاتا بۆرە ]    ئۇ شۇنداق ئەركەك ئىدى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما saadat تەرپىدىن (2009-02-11)دە نادىرلاندى
يىگىت قىسىسى


سائادەت ھەدەمنىڭ « ئەر كېرەك » دىگەن شېئرغا يىقىنقى بۇ يازمامنى يانداش قىلىشنى لايىق كۆردۈم

./read.php?tid-25355-keyword-.html


ئەي يىگىت بارمۇ سەندە نۇمۇس ئوتى ؟
بولسا گەر يىگىت ئىسمى ھەقىقىي سۆي !
تىز پۈكەر گاھ ئۆزگىلەر گۈلىستاندا ،
يىگىتسەن گۈلخان ئارا مەردانە كۆي .
شان نىمە ؟ شەرەپ نىمە ؟ ئەركەك نىمە ؟
ئۇ ئەمەس قاۋاقلاردىن ياڭرىغان كۈي .

ياڭرىغان بىر قىسسەدە يىگىت كۈيى ،
تۇلپىرى جەڭگاھ ئارا قىلىپ شوخلۇق .
ساي تېشى كەم قالسۇن ئەي ! باش ئالدىدا
تۆكۈلگەن ۋەتەن ئۈچۈن تۈمەن ئوتلۇق .
ئۇ سۆيگەچ ۋەتەننى كۆر ۋەتەن سۆيدى ،
ھەر قەبرە ئارا ئۈندى ئۆچمەس چوغلۇق .

مىڭ گۈزەل شەيدا بولۇپ باش ئەيلەبان ،
يىگىتلىك شان ئاتالغان ئەل ئالدىدا .
شەرەپتۇر ئات چاپتۇرۇپ ۋەتەن ئۈچۈن ،
جان ئۈچۈن ، جانان ئۈچۈن سەپ ئالدىدا .
قىلىچى يارار ئىدى قىلنى قىرىق ،
شامال ھەم ئات ئاتالغان ياۋ ئاغزىدا .

ئاتىسەن مۇشنى ئەينى مەس بۆرىدەك ،
كۆز يۇمۇپ قەۋمىڭ تامام ، بار سۆز " يوللۇق "
نە سەۋەپ بولسۇن ئۇندا يوللۇق سۆزى !؟
بىلسەڭ بۇ ئۆزدىن چىققان تۇزى كورلۇق .
دوسىت نىمە ؟ غەزەپ نىمە ؟ دۈشمەن نىمە ؟
بىلمىسەڭ ياۋ ئالدىدا بولۇر قۇللۇق ...

ئايرىماي ھەقنى ھارامدىن بەخىت ئىزلەپ ،
قەدەھلەر تولدى شاراپقا ھۆرمەت دېدىڭ .
سۇنغىنى گۈل بولسىمۇ ، ئارا خەنجەر
دۈشمىنىڭ كۆز ئالدىڭدا ئۈلپەت دېدىڭ .
قىسمىتىڭ كېلەر كۈننىڭ بار تامغىسى
سىلىسا يات بېشىڭنى شەپقەت دېدىڭ ! ...

سىڭىللار ماڭدى قايان ، ئىنىلەرچۇ ؟
غۇنچىسى توزىماقتا تۈن قوينىدا …
ئانىلار كۆزلىرى ياش بەك غېرىبان ،
پارىسى ئەپسۇس كەيىپ جام بوينىدا .
يىگىتلىك كۆر ماتەمدار نام چەيلەبان ،
ئاھ ! غۇنچە شەيتان ئۈچۈن دار بويىدا .

جامغا جام ئۇرۇلغان بۇ قارا كۈندە ،
ئەينى چاغ نەيزە ئارا تۆكۈلگەن قان .
قان ئەمەس ئۇ بىر ئېغىز ، تۈمەنمىڭ كۈي
ئارمانسىز ئىسسىق تەندىن پۈتكەن قالقان .
قان نىمە ؟ ئۆلۈم نىمە ؟ جان ھەم نىمە ؟
ۋەتەنچۈن جەڭگاھ ئارا يېقىلغان نان ...

قان ئىدى ، قاينام ئىدى ، ئۆلۈم بولۇپ
رەتمۇ – رەت ئۈنەر ئىدى ياۋ چۈشىدە .
ئوت ئىدى ئۇلار شۇنداق ۋەتەن ئۈچۈن ،
قۇياشنىڭ تەپتى يانار ھەم نەيزىدە ...
ئەزرائېل تەسۋىرىدە ھەر بىر قەدەم
شۇ دەقىق ، ھەر بىر سايە ياۋ كۆزىدە .

ئات ! دېسە ئۇل بۆرىدۇر سەپ ئالدىدا ،
قايتۇرغان ئەر ئەمەستۇر ئاياغىنى .
چاپ ! دېسە شەمشەر ئىدى كۆر ، ئۆلۈممۇ
جان تىلەپ ئېگەر ئىدى مىڭ باشىنى .
قىسمىتى كەلگەندە گەر ئەل باشىگە
كېچەردى ۋەتەن ئۈچۈن مال ، جانىنى ...

ئۇ شۇنداق ئەركەك ئىدى كۆپ خىسلىتى ،
تۆت ئىقلىم چىن روھىدىن ھەيرانە لال .
ئۇ شۇنداق ئەركەك ئىدى ھەر نەرىدىن ،
زىمىنىڭ تەنلىرىنى ئالار غال – غال .
ھەق نىمە ؟ ۋىجدان نىمە ؟غۇرۇر نىمە ؟
ئۇ ئەمەس يەڭ ئىچىدە ساتارغا مال .

يىگىتلىك مۇقامىغا يەتمەك يىراق ،
قۇرۇق سۆز ئالالماستۇر بىل شەھەرنى .
چۆللەرنى بوستان قىلىش نە تۇرۇپتۇ !؟
باغلىماي بەلگە راۋرۇس چىڭ كەمەرنى .
تاغلاردىن ئېشىش ئۆزى ، ھايات – مامات
باشلىماي ئاداققى مۈشكۈل سەپەرنى ...

ھاياتنىڭ نە مەناسى ياشلا تۆكسەڭ ؟
سۈكۈتتە ئۆچۈش ئۈچۈن تۆرەلمىدىڭ ...
قان يۇتۇپ تۇرار مەغرۇر ئايال تېنى ،
گۈللەرنى توزۇش ئۈچۈن تۆرەلمىدىڭ .
ئانا ! دەپ ، ئاغزى قانار ! ... ھەر بۆشۈكنىڭ
پىغاننى قورۇش ئۈچۈن تۆرەلمىدىڭ ...


خاتىمە

1

ياشاپ باق سەنمۇ يىگىت مەردانە مەرد
باسقىنىڭ ئاتا ئىزى ، يىگىت سۈپەت .
كەلمىكىڭ ئەمدى يوقتۇر بۇ ھاياتقا ،
يىگىتلىك سېنىڭ ئۈچۈن ياخشى نىمەت .
قەۋمىڭدىن سوۋغا بولسۇن كۆز يۇمساڭ گەر
ئوردىن قىپ ئېسىپ ماڭغىن ،« ئۇ بىر ئەزمەت » ...

2

يىگىت دەپ ئاتالدىڭمۇ ؟ ، ۋەتەن نىمە ؟
ۋەتەنسىز قۇشلار ئۈچۈن ماتەم نىمە ؟
قۇملاردىن ئاڭلىدىڭمۇ بىر سادانى : -
« مەشرەبان ئاشىق ئۈچۈن قىسمەت نىمە ؟ »
بىر غېرىچ يەرلىك ئۈچۈن ياشار ئىنسان ،
ئۆلۈمنىڭ لەۋلىرىگە سۆيۈش نىمە ؟


./read.php?tid-25355-keyword-.html

ئاپتۇر : ئاتا بۆرە 2008 - نويابىر ( روخسەتسىز كۆچۈرمەڭ )
[ بۇ يازما atabora تەرپىدىن2009-02-13 16:14دە قايتا ]

تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com001
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-02-11, 02:42

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ياخشى باھا:+10(judun)
  • ياخشى باھا:+10(mehrigiya) ئىجادىي ئەسە ..
  • شۆھرەت:+10(qumqazi) ئىجادىي ئەسە ..
  • تۆھپە:+10(saadat) نادىر ئەسەر
  • ۋاقىت - رەھىمسىز زوراۋان !
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-11 09:22 |
    muhtar1
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 60701
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 5
    شۆھرەت: 6 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 50 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-11

     

    ئەسسا لامۇ ئەلەيكۇم بەك ياخشى يېزىپسىز داۋاملىق يېزىڭ.

    basbas
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 11:18 |
    uzmakanim
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 40648
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 102
    شۆھرەت: 354 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 370 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

     

    ئاڭلىنار يىراقتا تۇلپار كىشنىشى،
    يىراقلاپ بارماقتا ۋاق قالغانسېرى.
    بولمىغاچ كۈچ،قوش مۇشتتەك سېسىق گۆشتە،
    قالدىممەن گاڭگىراپ،كۈن ئۆتكەنسېرى.
    چىرىدى غورۇر-ۋىجدان نومۇسلىرىم.
    گويا مەن قامغاق،ئۆمۈر ئۆتكەنسېرى.
    [ بۇ يازما uzmakanim تەرپىدىن2009-02-11 16:07دە قايت ]

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 13:03 |
    tanha50
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 73076
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 13
    شۆھرەت: 13 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 130 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 20(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

     

    بەك ياخشى يېزىپسىز داۋاملىق يېزىڭ.

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 13:44 |
    atabora
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 35769
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 183
    شۆھرەت: 265 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1890 سوم
    تۆھپە: 150 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 181 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 181(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

     

      ئۆزماكانىم ، ئىنسان ئۆزىنى تونۇش ئۈچۈن چوقۇم تارىخىنى بىلىش كېرەك ...

    ھەقىقىي مىسۋاك
    ۋاقىت - رەھىمسىز زوراۋان !
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 15:26 |
    uzmakanim
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 40648
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 102
    شۆھرەت: 354 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 370 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

     

    Quote:
    بۇ مەزمون4قەۋەتتىكىataboraنىڭ2009-02-11 15:26 دە يوللىغان يازمىسى   :
      ئۆزماكانىم ، ئىنسان ئۆزىنى تونۇش ئۈچۈن چوقۇم تارىخىنى بىلىش كېرەك ...

    شۇنداق.
    ئىنسان ئۆز ئەسلىنى بىلمەي تۇرۇپ،باشقا ئىشلاردىن قانداقمۇ سۆز ئېچىش مۇمكىن بولسۇن؟!
    بىر تارىخشۇناس«ئۆزىنىڭ تارىخنى بىلمىگەن مىللەت، باشقىلار ئالدىدا ئەڭ بىچارە مىللەت»دەپ ئېيتقان ئىكەن.

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 16:06 |
    atabora
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 35769
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 183
    شۆھرەت: 265 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1890 سوم
    تۆھپە: 150 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 181 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 181(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

     

    Quote:
    بۇ مەزمون5قەۋەتتىكىuzmakanimنىڭ2009-02-11 16:06 دە يوللىغان يازمىسى   :

    شۇنداق.
    ئىنسان ئۆز ئەسلىنى بىلمەي تۇرۇپ،باشقا ئىشلاردىن قانداقمۇ سۆز ئېچىش مۇمكىن بولسۇن؟!
    بىر تارىخشۇناس«ئۆزىنىڭ تارىخنى بىلمىگەن مىللەت، باشقىلار ئالدىدا ئەڭ بىچارە مىللەت»دەپ ئېيتقان ئىكەن.


      بىچارىلىك - ئۇنداق مىللەتنى كەلگۈسىنى ئۆز قولىدا دەپنە قىلغۇچى مىللەتكە ئايلاندۇرىدۇ .

    ھەقىقىي مىسۋاك
    ۋاقىت - رەھىمسىز زوراۋان !
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 16:20 |
    saadat
    قار~لەيلىسى
    ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئۆمۈرلۈك شەرەپ
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 10093
    نادىر تېما : 11
    يازما سانى : 3060
    شۆھرەت: 3530 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 102690 سوم
    تۆھپە: 786 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 997 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2548(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

     

    بۇ تېمىغا كىرگەن ئەركەكلەرنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈپ تۇراي......
    ئۆزماكان،ئاتا بۆرە ياخشى پىكىرلىشىۋاتىسىلەر،داۋاملىق ھە....
    ئاتا بۆرە ئۇكام قەلەم تۇتقان بىلەكلىرىڭىز ھارمىغاي!تاس قالىمەن گاھىدا يەنە سىزنى بۇرۇنقىدەك(ئاكا)دەپ سالغىلى...       

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك.بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!

    شۈمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت،
    قايغۇغا ھامىلدار بىردەملىك غەپلەت.

    تېمىلىرىم:./search.php?authorid-10093.html
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 18:03 |
    atabora
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 35769
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 183
    شۆھرەت: 265 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1890 سوم
    تۆھپە: 150 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 181 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 181(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

     

       چاقىرغىڭىز كەلسە تۇنجى قىتىمدەك چاقىرىۋىرىڭ . ھې ھې ...  

    ھەقىقىي مىسۋاك
    ۋاقىت - رەھىمسىز زوراۋان !
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 18:13 |
    totem
    توتېم
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22030
    نادىر تېما : 6
    يازما سانى : 312
    شۆھرەت: 464 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3150 سوم
    تۆھپە: 240 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 132 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1694(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

     

    Quote:
    بۇ مەزمون4قەۋەتتىكىataboraنىڭ2009-02-11 15:26 دە يوللىغان يازمىسى   :
      ئۆزماكانىم ، ئىنسان ئۆزىنى تونۇش ئۈچۈن چوقۇم تارىخىنى بىلىش كېرەك ...


    يىلنامىلەر دۆۋىسىدىن تارىخ ئۆگىنىش بەك ساددا قاراش بولسا كېرەك.تارىخىنى زادى قايسى يۇسۇندا ئۆگەنسە ئەڭ مۇۋاپىق بۇلىدۇ؟ ...
    قايسى بىر شائىېرنىڭ مىسرالېرى ئىسىمگە كىلىپ قالدى.

    ھاياتتا ئەسلىتەر مىنىڭ سۆيگۈملا،
    قىلىچنىڭ بىسىدا كۈلگەن رەيھاننى.

    روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۈللەندۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى!
    (ئا.مۇھەممەت ئىمىن)
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 20:13 |
    atabora
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 35769
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 183
    شۆھرەت: 265 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1890 سوم
    تۆھپە: 150 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 181 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 181(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

     

      تۇتىم ، مىنىڭ ئىنكاسىم سىزگە شۇنداق مەنە ئاتا قىلغان بولسا بۇنىڭغا مەن ھەيران .
      تارىخنى قانداق يۇسۇندا ئۆگىنىشكە كەلسەك ، ئەلۋەتتە تەتۈر قۇيۇنغا ئەگەشمەيمەن . مېغىزىنى ئىلغىۋىلىپ شاكىلىنى چىقىرىپ تاشلاش بۇ ئەزەل - ئەزەلدىن كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ . سىزنىڭ تارىخقا بولغان كۆز قارىشىڭىز قانداق ؟ تارىخنى ئۈگەنمەسلىك ، بىلمەسلىك كىرەكمۇ ؟

    ھەقىقىي مىسۋاك
    ۋاقىت - رەھىمسىز زوراۋان !
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 20:50 |
    totem
    توتېم
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22030
    نادىر تېما : 6
    يازما سانى : 312
    شۆھرەت: 464 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 3150 سوم
    تۆھپە: 240 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 132 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1694(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

     

    مەن ئۇنداق مەنە بەردى دىمىدىم،پەقەت ئىسىل شېئىرنى تەۋەللۇت قىلغان كىشىنىڭ تارىخ تۇغرىسىدا بەكلا يۈزەكى بىر جۈملە ئىنكاسنى كۆرۇپ«ئەركەك»تۇغرىسىدا يەنىمۇ كەڭلىككە ئىگە بىر مەيدان مۇنازىرە بۇلىشىنى ئۈمىد قىلدىم،خالاس!
    تارىخ ئۇگىنىش ئۈچۈن موزىيخانىلەردىن،قەدىمى قەبرە-مازارلاردىن،تارىخى شەخىسلەرنىڭ ياشىغان دەۋرى،ماكان-زامان،مەدەنيەت چەمبىرەك....جەھەتلەردىن ئىزدىنىش  كىشىگە پەقەت تەسەللىلا ئىلىپلا كىلەلەيدىكەن. چۈنكى ئۆتكەن يىلى بىر نەچچە تارىخى ئورۇنغا بېرىپ ساياھەت يىتەكچىلېرىنىڭ پەخىرلەنگەن ئاساستا سۆزلىگەن تارىخى بايانلېرىنى ئاڭلىدىم.لىكىن مەن كىتاپلاردا كۆرگەن،ئۆزەم ئويلىغان نۇقتىلاردىن قەتئىي رازى بولمۇدۇم .شۇنىڭدىن ھېس قىلىشىمچە،ئۆز تارىخىغا قىزىقىش ياخشى ئەھۋال.ئەمما ئۆتمۇشى،ھازىرىنى موزىيخانىلارغا تىزىپ قۇيۇپ كەلگۈسى تۇغرىسىدا پىلان-خەرىتە سىزماسلىق ئەڭ ئىچىنىشلىقتۇر. ئەركەكلىك دىگەن سۆزىنىڭ ۋەزىنى بەكمۇ ئېغىردۇر.جىنس ئايرىمىسىدىكى پەرىقتىنلا«ئەركەك»چۈشەنچىسگە ئىگە كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسى ماڭا نىسپەتەن ھاماقەتلىك. بۇرۇن مۇشۇ«ئەركەك»تۇغرىسىدا بىر ماقالە ۋە تارىخ تۇغرىسىدا بىر تېما يوللىغان ئىدىم.كۆپچىلىكنىڭ كۆرۇپ بېقىشىنى تەۋىسىيە قىلاي؛

    http://bbs.diyarim.com/read.php?tid=2291&keyword=

    http://bbs.diyarim.com/read.php?tid=2238&keyword=

    روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۈللەندۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى!
    (ئا.مۇھەممەت ئىمىن)
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 21:11 |
    atabora
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 35769
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 183
    شۆھرەت: 265 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1890 سوم
    تۆھپە: 150 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 181 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 181(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

     

       تۇتىم : مەن ، ئىنسان ئۆزىنى ياشاۋاتقان شۇ قەۋىمنىڭ پۇشتى دەپ قارايدىكەن ئۆز تارىخى ئۈستىدە مەيلى قانچىلىك بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ئىزدىنىپ بىقىشى كېرەك ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇنى ھەر بىر ئەركەكنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى دەپ قارايمەن . ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىمىز بولسىمۇ لىكىن ھازىرقى خەلىقئارا جەمىيەتتە كىملىكىمىزنى تېخى كەڭ جامائەتچىلىككە يەتكۈزۈپ بولالمىدۇق . ھازىر ئۇيغۇر جەمىيىتىدە چەتكە چىقىپ ئوقۇش ئىستىكى ياشلار ئارىسىدا كەڭ دائىرىگە قاراپ يۈزلەندى . كۆپىنچە ياشلار ئارىسىدا مىڭ يىللىق ئەمەس يىقىنقى زامان تارىخنىمۇ بىلمەيدىغان ياشلار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ . چەتئەلگە تۇنجى قەدەمنى باسسىڭىز ئەڭ ئاۋۋال دۇچ كېلىدىغان سىنىقىڭىز كىملىك سىنىقى . چەتئەلگە چىقىپ ئوقىماقچى بولغانكەنسىز تۇنجى سائەتلىك دەرىس ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش دەرىسى بولىدۇ . ياكى نەگىلا بارماڭ بىرەر چەتئەللىك بىلەن سۆھبەتتە بولسىڭىز ئۇنىڭ ئەڭ ئاۋۋال سورايدىغىنى « قەيەردىن كەلدىڭ ؟ مىللىتىڭ نىمە ؟ » . سىز ئەگەر « ئۇيغۇر » دەپ ئۇنىڭغا ئۇيغۇر توغۇرسىدا يىتەرلىك مەلۇمات بەرمىگىچە ئۇ سىزنىڭ زادى قايسى مىللەت ئىكەنلىكىڭىزنى تونۇپ يىتەلمەيدۇ ( بۇ چەتئەللىك ئوقۇغۇچى ياكى سىزنىڭ مۇئامىلەت دائېرىڭىزدا 99% نىسبەتتە ) ، ئەگەر سىزنى بىلگەن ( تارىخشۇناس ياكى خەلىقئارا مۇناسىۋەتتىكىلەردىن باشقا )  تەغدىردىمۇ بىلىش دائېرىسى سىزنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كەلگەنلىكىڭىزدىن ئىبارەت بولىدۇ خالاس . مانا مۇشۇ چاغدا بىز يەنىلا تايىنىدىغىنىمىز تارىخ بەتلىرىدۇر ...

    ھەقىقىي مىسۋاك
    ۋاقىت - رەھىمسىز زوراۋان !
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 21:51 |
    chichak
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 39241
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 30
    شۆھرەت: 31 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 300 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 20(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13

     

    يىگىتلىرىمىزنىڭ كۆڭۇل بايانلىرىنى تىڭشايلى....

    شېئىرىڭىزدىن سۆيۇندۇم !

    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 22:09 |
    atabora
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 35769
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 183
    شۆھرەت: 265 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1890 سوم
    تۆھپە: 150 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 181 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 181(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

     

       يىگىتلەرنىڭلا ئەمەس چىچەكنىڭمۇ تىۋىشىنى ئاڭلاپ باقسام دەيمەن ...

    ۋاقىت - رەھىمسىز زوراۋان !
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-11 22:20 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 234» Pages: ( 1/4 total )
    XabnamBBS » شېئىرىيەت گۈلزارى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:02-16 15:10, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ