نەزمە توختاپ قاپتىغۇ،بۈگۈن تورداشلارنىڭ تازا تاۋى يوقمۇ نېمە؟
ھەممە دوستلارغا:
يولىغانتىم ھېلىلا،
مۇنبىرىمگە بىر نەزمە،
قىززىتىپ بىز يەنىلا ،
قۇرايلى دەپ بىر بەزمە.
نەزمە يازساق خىلىلا،
دىللار يايراپ قالىتى.
بارچە دوستلار ئۆز-ئارا،
ئېناق بولۇپ ئۆتىتى.
شۇ ۋەجىدىن مۇنبەردە،
بۇلبۇل ناۋا ئەيلەيتى،
دوستلۇق گۈلى ئىچېلىپ.
خۇشپۇراقلار چاچېتى.
قاراپ باقسام مۇنبەرگە ،
نەزمە داۋام ئەتمەپتۇ.
شائېرە ھەم شائىرلار،
ھېچ بىر ئاۋاز قاتماپتۇ.
قارىغاندا شۇلارغا ،
نەزمەم پەقەت ياقماپتۇ.
ياكى ئۇلار زادىلا ،
مېنى كۆزگە ئىلماپتۇ.
ئۇنداق قىلماي دوستلىرىم،
ئىناق -ئىجىل ئۆتىلى.
چىن دوستلۇقنى مەدھىيلەپ،
نەزمە -قوشاق قاتىلى!