« 1 2345» Pages: ( 1/18 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 26842 - كۆرۈرمىنى
ئۇيغۇرئاي
دىل ئازاردىن خۇدا بىزار
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە رەسىم يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 22655
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 2491
شۆھرەت: 2717 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 25210 سوم
تۆھپە: 668 نۇمۇر
ياخشى باھا: 483 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 750(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-09

 كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلغان ئۇيغۇر قىزى!

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما Naikon.x تەرپىدىن (2009-02-07)دە نادىرلاندى





تولىمۇ چىرايلىق، كۆزلىرى پىنھانلاردا بۇلدۇقلاپ تۇرغان بۇلاقنى ئەسلىتىدىغان خۇمالىق، لەۋلىرى يىڭىلا ئىچىلغان قىزىل گۈلنىڭ غۇنچىسىدەك بۇ قىز تۆۋەندە تەقەززالىقتا ئولتۇرغان ئەركەكلەرنىڭ يۈرەكلىرنى ئوينىتىۋىتىپ باراتتى.

نىمىدىگەن كىلىشكەن پىگور بۇ دەپ بىرلىرى تىللىرنى چايناشسا، يەنە بىرلىرى قىزنىڭ قۇلاقلىرى تۈۋىدە بۇرمىلىنىپ تۇرغان بۈدرە چاچلىرىغا ھەۋەس بىلەن قارىشاتتى.

كىچىك زالغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىگىزرەك  سەھنىدە ئولتۇرغان بۇ  قىز خۇددى ئۇيقۇدىكى قار مەلىكىدەك ئىنكاسسىز، پەقەت كۆزلىرى ھىچنىمىنى ئىلغا قىلسۇسى يوقتەك بىر نىشاندا ئىدى.

لالىنىڭ بىر بەرگىدەك تۇرغان بۇ قىز سەھنىگە نىمىگە چىقىۋالغاندۇ؟

زالنىڭ بىر تەرپىدە يۇشۇۇرن تۇرۇپ ئولتۇرغان كىشىلەرگە سەپسالدىم.

ئاۋۇ قارا كۆزەينىكىنى بىشىقا قوندۇرۋالغان خەنزۇ بىزنىڭ شەھەردىكى داڭلىق پارخور باشلىق ئەمەسمۇ؟ بۇ يەرگە قانداق قەدىمى يىتىپ قالدىكىنە؟
يەنە تىخى  داڭلىق كىنۇ ئارتىسى چىڭ لوڭ قىسىق ئوغلى بىلەن پىچىرلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ. بۇلۇڭدا  ھجىيىشىپ ئولتۇرغان ھەممە يىرىنى ئالتۇن قاپلاپ كەتكەن ئاۋۇ ئەرەپ بىلەن ئافرىقىلىقمۇ خىلى چوڭ بايلاردەك قىلىدۇ.
تاماكىسىنى مايماق چىشلەپ ئولتۇرغان تۈكباش ئىنگىلىزچۇ؟
ئۇنىڭ قولىدىكى تاماكىسىنىڭ بىر تىلىلا پالانچى يۈز دوللار..ئۇمۇ چوقۇم باي. ۋاي قانداق قىلاي.
ئاۋۇ يۇرتىدىكى ئۆرۈلۈپ كەتكەن مەكتەپكە بىر تىيىن، قورسىقى ئاچ قالغان يۇرىتداشلىرىغا بىر قاچا ئۇماچ بىرىشكە چىدىمايدىغان،ھەتتا ئۆزى يىسىمۇ قورسىقى ئاغرىيدىغان تاز گەدەن،، نەچچە خوتۇنى بار خوتەنلىك  تاشچى بايكەن ئەمەسمۇ!

ئـــــىم،جىم بولۇڭلار خالايىق، تۆۋەندە بىز يىللىق كىرىمى 150 مىڭ لىك ئەر ئىزلەۋاتقان ئۇيغۇر قىزىنى باھالاپ كىم ئارتۇق قىلىپ ساتىمىز!
بۇ قىزنىڭ ئۆز رازىلىقى بويچە بولدى. قىزغا پەقەت ياخشى تۇرمۇش بىلەن ئىسىل ماشىنا، يەنە داچىسى بارلار كىرەككەن!

بۇ قىز ئالى مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن
قىسقىچە ئەھۋالى ھەم شەرتى تۆۋەندىكىچە:

مەن بويۇمغا يەتكىلى بىرنەچچە يىل بۇلۇپ قالدى،يېقىندىن بېرى ئاتا-ئانام تۇيۇمنى بالدۇرراق قىلىشقا ئالدىرىۋاتىدۇ.قارىغاندا توي قىلمىسام بولمايدىغاندەك قىلىدۇ،لىكىن ئادەتتىكى،بۇلۇپمۇ پۇلى يىتەرلىك پۇلى يوق ئوغۇللار بىلەن توي قىلغۇم يوق،جاپالىق تۇرمۇشقا كۆنەلمەيمەن،مىنىڭ كىيىنكى ئۈمرىمنى راھەت ئىچىدە ئۆتكۈزگۈم بار.شۇنداق بولسىمۇ مەن شۇكرى قىلىشنى بىلىمەن،شۇڭا تەلىپىم بەكمۇ يۇقىرى ئەمەس،پەقەت يىللىق كىرىمى150مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان،مۇقىم خىزمەت ئورنى بار،100كۇۋادرات مىتىردىن چوڭراق ئۆيى بار(ئەلۋەتتە ئىجارىگە ئالغان بولماسلىغى كېرەك)،150مىڭ يۈەنلەرگە سېتىۋالغان ماشىنىسى بارئەردىن(ئەلۋەتتە ئوغۇل بولسا تېخى ياخشى)بىرسى بولسىلا ياخشى بولاتتى.
بەلكىم بۇ خىيالىمنى كۆرگەنلەر«سەن مۇشۇنداق يىگىتلەرگەلايىقمۇ؟» دەپ سورىشى مۇمكىن،مىنىڭ ئۆزەمگە ئىشەنچىم بار،مەن بۇ يىل 24ياشقا كىرىمەن،ئالىي مەكتەپنىڭ تۇلۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن،ئۆتكەن يىلى مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بىرىپ ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر نازارەت دەرىجىلىك ئورۇنغا ئورۇنلاشتىم،شۇڭا خىزمىتىم مۇقۇم،بۇيۇم1.69مىتىر،ئوغۇللارلا ئەمەس،نۇرغۇن قىزلار ھەۋەس قىلغۇدەك بەدەن شەكلىم ۋە گۈزەل چىرايىم بار،ماڭا ئەر بولغان كىشى مىنى ھەر قانداق يەرگەئېلىپ بارسىمۇ چېنىپ قالمايمەن،بىلىم دائىرەم خېلى كەڭرى،ئۇيغۇر تاماقلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىتىشنى بىلىمەن.ئاق كۆڭۈل،سەمىمىي،كۈيۈمچان بىر قىزمەن.بۇلۇپمۇ ماڭا ئەر بولغۇچىغا قانداق كۈيۈنىشنى بىلىمەن.


مانا مۇشۇنچىلىكلا، بۇ قىز مىللەت تاللىمايدۇ ، پۇلى بارلارنىڭ بۇ چىرايلىق قىزنى ۋاقتىدا ئىلىۋىلىشىنى سورايمىز.
ئەمسە باشلاندى:

بىرىنچى بولۇپ گەپنى ھىلىقى پارخور باشلىدى:
بۇ قىزغا 150 مىڭنى مەن چىقىرالايمەن! مىنىڭغۇ يوشۇرۇن،مەجبۇرى بۇلاپ ئەكىلىۋالغان چىرايلىق ئۇيغۇر خوتۇنلىرىمنىڭ سانى يوق،ئەمدى پۇل تۇرسىمۇ تۇردىكەن،يا تۇغمايدىكەن  شۇڭا ئىلىپ قوياي دەيمىنا. بۇ ئۇيغۇر قىزلىرى قويدەكلا يۇۋاش،تارتىپ ئەكىلىۋالسام ئاتا-ئانىسىمۇ غىڭ قىلالمايىتتى، غىڭ قىلغانلىرى تۈرمىدە ياتىدۇ شۇ، بۇ ئۆز ئايىقى بىلەن كەلگەن پەرى ھى ھى ھى .....

ئارتۇق گەپ قىلىپ ۋاقىتنى ئالماڭ دىدى رىياسەتچى سۈزۈلۈپ.

ئىككىنچى بولۇپ چىڭلوڭنىڭ قىسىق كۆز ئوغىلى گەپكە ئارلاشتى:

مېنىڭ بۇ قىتىم بۇ ياقلارغا ئۆتۈشۈمدىكى مەقسەتمۇ چىرايلىق بىر شىنجاڭلىق توقال ئىلىش ئىدى. ئىزدەپمۇ ئاۋارە بولمىغۇدەكمەن. 150 مىڭ ،داچا،ئۆز دىگەنلەر مەن ئۈچۈن ھىچنىمە ئەمەس،لىكىن تولۇق كورۇسنى پۈتتۈرگەن بولسا سەۋىيەسى بەكلا تۆۋەنگەن ،ھوللىۋۇدنىڭ چولپانلار يىغىلىشلىرىدا چىنىپ قالىدۇ ھە قاچان. بىلسەم-بىلمىسەم بىر ئىغىزمۇ ئىنگىلىزچە بىلمەيدۇ. ئۆزىنى بازارغا سىلىشتىن بۇرۇن ئىنگىلىزچە ئۈگەنسە بولمامتى. چىڭ لوڭ ئوغلىنىڭ بارغانسىرى سەكرەپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بىر پەشۋا بىلەن جىمجىتلا قىلىپ قويدى.

ئۈچىنچى بولۇپ گەپكە ئارلاشقان تۈكباش ئارتۇق گەپ قىلمايلا:
-ماڭا ھازىر بىر ئۆي خىزمەتچىسى كىرەك. ئايالىم ئامېركىدىكى داڭلىق بىر ئۇنۋىرسىتنىڭ مۇدىرى، ئۇنىڭ ئۆيدىكى ئۇششاق ئىشلارنى قىلىدىغان ۋاقتى يوق. يىللىقڭىزغا 150 مىڭ بىرىمەن، ئايالىم بىلەن ئىشقا كەتكەندە يوغان داچا،ئىككى ماشىنا سىزگە قالىدۇ ،ئىتلىرىمغا ياخشى قارغاچ خالىغانچە مىنسىڭىز بولىدۇ ماشىنىلارنى

بىشىنى ئورىۋالغان ئەرەپ ھىجىيىپ تۇرۇپ قوللىرىنى كۆرسىتىپ:
ئۇنى 55-خوتۇنلۇققا مەن ئالاي، 150 مىنڭنى بىرىمەن، خورلاپمۇ ،زورلاپمۇ كەتمەيمەن، مەن بىلەنلا كەتسۇن دېدى.

ئافرىقىلىق ،ئايالىمنىڭ كۈندەشلىكى بەك يامان، ئىككى كۈندە ئۇستىخانلىرىڭنىڭ ئىزىلىپ كىتىشىدىن قورقىمىساڭ مەن بىلەن كەت، سەن دىگەندىن ئارتۇق پۇل بىرەلەيمەن دەپ مەيدىسىگە ئۇردى.

يەنىچۇ ؟ سىز قانداق قارايسىز ئۇيغۇر باي؟

پۇشۇلداپ ئۇخلاپ قالاي دىگەن تاشچى،ئۆچىرەتنىڭ ئۆزىگە كىلىپ قالغانلىقىنى بىلىپ پەخىرلەنگىنىچە گىلىنى قىردى:
- مېنىڭ يىللىق كىرىمىم 150 مىڭدىن ئاشىدۇ ئاينا. بۇلاردەك يىلىغا 150 مىڭنى قولىغا تۇتقۇزالمىساممۇ ،يىمىگەننى يىدۈرۈپ،كىيمىگەننى كىيدۈرۈپ پاخلاندەك باقىمەن ماقما!


شۇ مەن سەل قوپالراق،پۇلنى ئىھتىيات بىلەن خەجلەيدىغان ئادەممەن ، شۇ ئەمدى شۇ.......

ھازىر بايۋەتچىلەر ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئىيتىپ ئۆتتى، ئەمدى باھا قويۇش باشلانسۇن!
نىمە بۇ قىز يىللىقى 150 مىڭلىق ئەر ئىزلەۋىتىپتىكەن، نىمە ئەمدى باھا قويۇپ ساتامسىلەر،بۇ يە مال بولمىسا دىدى كۆپچىلىك ھەيرانلىق بىلەن.

بۇ قىزنىڭ تەلىپى شۇ، چۈنكى بۈگۈنگىچە چىرايلىق ياسىنىپ خەقنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىمەن، ئىشتىنىم يوق ،ئىتىم مارجان بۈۋى دەپ تازا مودا يۈرىمەن دىگەندەك خەقتىن بولۇشىغا قەرىز ئىلىپ كىيىپ-ئالتۇنلارنى ئاپتىكەن. ئالغان پۇلى نەچچە يۈز مىڭ ،ئاۋال شۇنى تۆلىۋىتىپ ئىلىپ كىتىشكەيلا!

بۇنى ئاڭلاپ بايا سەكرەپ كەتكەن بايلارنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى؛

بۇ قىز چىرايلىق بولغان بىلەن تۈزۈك ئۇنۋانى يوقكەن،بىر نەچچە يىلدىلا چىرايىدىن كىتىدۇ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداك كىم ئاشتىدا سېتىلغان قىزلار ئانچە بەك ئەخلاقلىق ،پۇلنىلا كۆزلەيدىغان قىزكەن دەپ ھەممىسى بىراقلا كەينىگە چىكىنىشكە باشلىدى،ئۆزىدە زور ئىشەنچىسى بار قىز بايلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ تولىمۇ ھەيران بولدى.
قىزنىڭ بۇلاقتەك كۆزلىرىدە ياش تامچىلىرى ئەگىشكە باشلىدى، چۈنكى ئۇ ھازىرقى چىرايىم، بىلەن ھەر قانداق ئادەمنى باش ئەگدۈرەلەيمەن دەپ ئويلايىتتى.

يەنىلا ئۇيغۇرغا ئۇيغۇر چىدىمايدىكەن، باشقىلار پىشىنى قىقىپ چىقىپ كەتسىمۇ ،خوتەنلىك تاشچى باي بىشىنى بىر خىل رىتىمدا تاتلاپ قىزغا قاراپ ئولتۇراتتى.

-بۇ قىزنى سىز ئالامسىز؟،- دېدى ھىلىقى مەسئۇل كىشى
شۇنداق مەن ئالىمەن،قەرىزلىرىنىڭ ھەممىسىنى مەن تۆلەي.ھازىرلا ئىلىپ كىتىمەن.

قۇلاقلىرىغا ئىشەنمىگەن ساھىپجامال بىر-بىسىپ ئىككى بىسىپ باينىڭ كەينىدىن سىرىتقا چىقتى.

فىبرالنىڭ ئاچچىق شامىلى كۆزلەرنى ئىچىشتۇراتتى. ئادەم يوق يەرگە كەلگەندە قىز تاشچى بايدىن قاتتىق ئىككى كاچات يىدى. قىزنىڭ بۇلاقتەك كۆزلىرى ئاچچىق ياشتىن قىزاردى.
-مېنى نىمىشقا ئۇرىسىز باي ئاكا؟
-ئىسىت،ھىلىمۇ مەن كىلىپ قاپتىمەن،بولمىغان بولسا بىر ئۆمۈر شۇ خەققە قۇل بولاتتىڭ، سەن پۇلنىڭ قۇلى ئىكەنسەن، مەندىنمۇ بەك چۈپرەند ە ئىكەنسەن.

مەن مانا بۈگۈن ھىس قىلدىم. مېنىڭ ئاناممۇ شۇنداق پۇلغا ئامراق خوتۇن ئىدى، پۇل دىسە قىرىنداشلىرىدىنمۇ كىچەتتى، شۇڭا ئۇ مىنى ھەم بارلىق پەرزەنتلىرنى ئۆزىنىلا ئويلايدىغان قىلىپ چىقتى. ھازىرغۇ مەن سېنى ئىككىنچى خوتۇنلۇققا ئالارمەن، لىكىن ماڭا تۇغۇپ بەرگەن بالاڭمۇ خۇددى سېنى ھەم مىنى دوراپ چىقىدىغان بىر ئەخلەت بولسا، مىلىلتىمىزنىڭ كەلگۈسى تىخىمۇ قاراڭغۇ بولمامدۇ؟
مەن سېنىڭدىن 35 ياش چوڭ قىزىم، سەنمۇ ئۆزەڭنىڭ خىلىغا تەگ. ئويلاپ باق 150 مىڭنى يىلىدا تاپالايدىغان ئۇيغۇر يىگىتى قانچىلىك، تاپالماسلىقىنىڭ سەۋەبى زادى نەدە؟
بىزنىڭ پەقەت پۇل،پۇل،پۇل دەپ سەكرىتىۋاتقان زادى نىمە؟
زادى كىم؟
كاللاڭنى سىلكىۋەت. باكلاۋۇرلۇقنى ئالغان بولساڭ ماگىستىرلىقنى ئال،ئۇنى ئالغان بولساڭ دوكتۇرلۇقنى ئال،مەن بارلىق چىقىمىڭنى كۆتۈرىمەن. بۈگۈنكى پەسكەشلىكىڭ مىنى ئويغاتتى. سېنى قانچە تىز بولسا ياخشى،چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىراي.

يۇرتىدا يۈزىنى كۆتۈرەلمەس بولۇپ كەتكەن پۇل خۇمار قىز جىمجىتلا ياپۇنغا ئوقۇشقا چىقىپ كەتتى. تاشچى باينىڭ ئازدىن-ئازدىن تاپقان پۇللىرنى تىجەپ ماگىستىرلىق،دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالدى
ئاردىن 10 يىل ئۆتكەن بىر يانۋار ئاخشىمى قىز ئاتا-ئانىسىنىمۇ ئىزلىمەي تۇرۇپ خوتەندىكى بىر ئاددىي قورانىڭ ئالدىدا توختىدى .

قىزنىڭ ئۆزىگە قايتىشى،پىخسىق تاشچى باينىڭمۇ قىممەت ئۆيىنى نامىرات باللارغا كەپە قىلىپ بىرىشى ھەممىنى ھاياجانلاندۇردى.
قىزلار شۇنىڭدىن كىيىن قايتا ئويغىنىشقا باشلىدى. مىللەتنىڭ ئانىلىرى ئەسلى پۇلغا ئەمەس،بىلىمگە مۇھتاجكەن.........


مۇنبەرگە يوللانغان بىر تىمىدىن پايدىلىنىپ يىزىپ قويدۇم

./read.php?tid-93613.html

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+10(naprat517) نادىر ئەسەر
  • تۆھپە:+15(Ormanlik) بەك ياخشى يې ..
  • تۆھپە:+10(yigana2) ئىسىل
  • شۆھرەت:+5(kuxbeg526) بارىكاللا!http ..



  •                 ھەسرەت چىكىۋاتقان ۋاقتىڭىزدىمۇ قاپاق تۈرمەڭ. چۈنكى، سىز كۈلۈمسىرىشىڭىزگە كىمنىڭ ئامراقلىقىنى بىلمەيسىز

    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-02-07 14:04 |
    qqopp
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21610
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 490
    شۆھرەت: 511 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4895 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 769(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

     

    ھەجەپ بەلەن يىزپ سىز  

    basbas
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-07 14:09 |
    atom
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 12698
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 237
    شۆھرەت: 312 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2323 سوم
    تۆھپە: 106 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 85 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 460(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

     

    مىللەتنىڭ ئانىلىرى ئەسلى پۇلغا ئەمەس،بىلىمگە مۇھتاجكەن.
    مىللەتنىڭ ئانىللىرى پۇلدىن بەكرەك بىلىمگە مۇھتاجكەن ؟؟؟؟؟؟؟؟
    ياخشى ئوپراتسىيە قىپسىزغۇ ھىلىقى « ئەر ئىزدەش ئىلانى» نى.

    ھەقىقىي مىسۋاك
    ھامان بىر كۈن ... ...
    http://postimg1.mop.com/200807/02/08/2453308/20080709195340219.GIF
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-07 14:10 |
    سۇۋادان
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22453
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 407
    شۆھرەت: 408 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 644 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 733(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

     

    ئۆزىنى بازارغا سالغان قىزنىڭ تېمىسىنى مەنمۇ كۆرگەن........
    جايىدا يېزىپسىزئۇيغۇرئاي

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    سۇۋادان تېرەككە مەدھىيە........
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-07 14:15 |
    qqopp
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21610
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 490
    شۆھرەت: 511 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4895 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 769(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

     

    يەنەبىر نادىر تىما بارلىققا كەپتۇ .
         خانىم قىزلىرىمىز نىڭ ئۆزىنى ئويغۇتىشىنى تولىمۇ ئۆمۈد قىلىمەن.
      ئۇلار ئويغانسا 80%ئۇيغۇر ئويغۇنىدۇ .
         ئانىلار بالىلارنىڭ ھەر بىر ۋاخ تامىقىغا قوشۇپ بىردىن ھىكمەتلىك سۆز
    بىرەلىسۇن !
        

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-07 14:15 |
    nazira138
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 23081
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 895
    شۆھرەت: 906 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1701 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 671(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

     

    ئاپىرىن  ئۇيغۇرئاي  سىڭلىم ، تەپەككۇر   دۇلدۇللىرىڭىز   ھەر   ۋاقىت   قانات  قاقسۇن !

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    سەۋرى  قىل  !!!!!!  بۇ  كۈنلەرمۇ    ئوتۇپ  كىتىدۇ ............
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-07 14:19 |
    Bayazit
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 21914
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 104
    شۆھرەت: 105 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 986 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 184(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

     

    بارىكاللا ، كارامەت يېزىپسىز . پۇل ئۈچۈن ئۆزىنى ساتماقچى بولغان ئاشۇ قىزغا تازا لايىق بوپتۇ . ھارمىغايسىز ، رەخمەت .

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-07 14:26 |
    ahirlaxturguqi
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 70292
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 69
    شۆھرەت: 69 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 690 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 161(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

     

    بۇ تېمىڭىزدىن ئەپسۇسلاندىم.....نېمە دېيشنى پەقەت بىلمدىم.

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-07 14:28 |
    mangnik
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 62539
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 19
    شۆھرەت: 20 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 190 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 22(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13

     

    ۋاھ    بەك  پەيزى   يېزىپسىز   ئاداش   .....  دېمىسىمۇ   ھازىرقى    قىزلازە؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟                             بولسا    مۇشۇنداق   تېمىلانى    كۆپرەك    يېزىڭ .....          رەخمەت !!!!!!!!!!!1

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-07 14:29 |
    motidil
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 71636
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 29
    شۆھرەت: 29 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 290 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 26(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13

     

    خېلى ياخشى تۇقۇلمىمۇ نىمە  

    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-07 14:34 |
    weyrani
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 56235
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 23
    شۆھرەت: 31 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 230 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 118(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

     

    ئاخىرى ياخشى چۇشۇپتۇ....بەك ياخشىكەن....رھمەت...

    ھەقىقىي مىسۋاك
    سۆيىمەن مىللىتىمنى!
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-07 14:36 |
    yuksaki
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 29376
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 122
    شۆھرەت: 123 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 942 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1012(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

     

    بەك ياخشى يېزىلىپتۇ. ھەممە قىزلار مۇشۇنداق چۈشىنىدىغان بولسا مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى نېمىدېگەن پارلاق بولاتتى ھە!

    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-07 14:38 |
    alqi29
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 72023
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 13
    شۆھرەت: 13 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 130 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 63(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

     

      ھەممىمىز ئويغىنىشىمىز كىرەك. بىزدە بىلىم بولۇشى، ئەقىل بولىشى كىرەك.

    ھەقىقىي مىسۋاك
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-07 14:40 |
    MuglaNi
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 68956
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 99
    شۆھرەت: 99 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 990 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 110(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-15

     

    مەن بۇنى ئوقۇپ <<قۇتقۇزۇش>> فىلىمىدىكى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىۋىتىلگەن 18 ياشلىق قىزنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم، ھەي!!!  نىمىدىگەن ئېچىنىشلىق،   

    ياخشى يېزىپسىز!!! رەھمەت سىز گە

    ئۇيغۇر مۇڭلان جەمگاھى ئېچىلدى!!!
    Http://Www.UyMuglaN.Cn

    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-07 14:42 |
    qogluk3.8
    چوغلۇق3.8
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 24818
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 1113
    شۆھرەت: 1418 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 11032 سوم
    تۆھپە: 420 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 757 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 961(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-16

     

    مىللەتنىڭ ئانىلىرى ئەسلى پۇلغا ئەمەس ،بىلىمگە موھتاج ئىكەن .

    بۇ يېرى ئەڭ جانلىق چىقىپتۇ ،قىزلار ئەخلاق ھەم بىلىم ئارقىلىق ئۆزىگە سېھرىي كۆچ ئاتا قىپلا قالماي،بەلكى ھەممەيلەن ئېتراپ قىلغۇدەك قىممەت يارىتىدۇ. بۇلۇپمۇ ھازىرقى پەيىتتە بۇ ئىككىسى بەك مۇھىم . بۇ نوقتىنى ئەپچىل ئۇسۇل بىلەن ئۇقۇرمەنگە يەتكۈزۈپسىز .
    سالامەت بۇلۇڭ ئەزىز سىڭلىم .

    ئىنسان ئۈچۈن تاج كىيمەك شەرت ئەمەس ،ۋىجدان ئىگىسى بۇلۇش شەرت.




    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-02-07 14:46 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2345» Pages: ( 1/18 total )
    XabnamBBS » شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:02-16 10:51, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ