ئەسەرنىڭ ئىسمىنى بۇنداق قويۇشتىكى سەۋەپ ،ماتىرىيالدا شاكىلاتنىڭ نامىنى ئاشۇنداق ئاتايدىكەن . خاتا چۈشىنىش بۇلۇپ قالمىسۇن ..<مۇھەببەت ئۇ -شاكىلات ،شاكىلات ئۇ - ئېرىگەن يۈرەك > شاكىلاتنىڭ ئۇزۇندىن بېرى كىشلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىپ كېلىشىدىكى سەۋەپ، تەمنىڭ شېرىن بۇلۇشىلا ئەمەس ،بەلكى ئۇنىڭ ئىزچىل بەخىت-سائادەت ۋە گۈزەل ھېسىياتنى يەتكۈزۈش ئەلچىسى بولغانلىقىدا .بەزىلەر :<تەم پىرى شاكىلات قانداق قىلغاندا ئاشۇ شېرىن تۇيغۇنى كالپۇك بىلەن چىش ئارسىدا قالدۇرۇپ ،يۈرەك قاتلىرىغىچە سىڭدۈرۋېتىشىنى بىلەلەيدۇ >دەيدۇ .
شاكىلاتتا ئىسسىقلىق ئېنىرگىيە ناھايىتى يۇقىرى بۇلۇپ ،يىغىپ قۇيۇقلاندۇرغان يىمىەكلىكلەر تۈرىگە كىرىدۇ .ئۇ مول ئىسسىقلىق ،ئاقسىل ،ماي ۋە ھەر خىل ۋىتامىن ،مېنىراللارغا ئىگە بۇلۇپ ،ئۆزىگە خاس تەم ۋە پۇراققا ئىگە ،ئۇ بەدەنگە ئېھتىياجلىق ئىسسىقلىق ئېنىرگىينى تۇلۇقلاپلا قالماي ،يەنە بىر قىسىم مېنىراللار بىلەنمۇ تەمىنلەيدۇ ،ئۇمەيدانغا كەلگەندىن تارتىپلا دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل تاتلىق يىمەكلىك دەپ قارالدى ،بۇلۇپمۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىدە بەكرەك ئالقىشا ئېرىشتى .ئۇنىڭ ئاشۇ كىچككىنە تېنىغا مۇججەسەملەنگەن نۇرغۇن ئوزۇقلۇق تەركىبلەر ،ئۇنىڭدىكى گۈزەل بېغىرەڭ سىرتقى قىياپەت،قىرتاق ئىچىگە يۇشۇرۇنغان كىشىنى مەسىت قىلغۇچى خۇش پۇراق ،خىلمۇ -خىل شاكىل ۋە ئېغىزغا كىرگەندىن كىيىنكى يىپەككە ئوخشاش ئاجايىپ سىلىق ھېس - تۇيغۇ ،بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى كىشلەرنىڭ قىزغىن ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتۈرگەن سەۋەپلەرنىڭ بىرى .
ھەقىقىي جەلىپ قىلىش
ئىشنىمىزكى ،كۆپ سانلىق كىشلەر شاكىلاتنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ ،ئۇنىڭدىكى ،شېرىن تەم ھەم قۇيۇق پۇراقنى سۆيىدۇ .سېھرىي كۈچكە تولغان شاكىلات ئىنسانىيەتنى بىر قانچە ئەسىر ئۆزىگە ئەسىر قىلغاندىن باشقا ،تېخىمۇ بەك <نەس باسقىنى >شۇكى ،نۇرغۇن گۈزەللىكنى سۆيىدىغان خانىم - قىزلار ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن نەپرەتلىندۇ ،ئۇنىڭ قىزقتۇرشىغا چىداپ تۇرالماي،فىگۇرىنى گۈزەللەشتۈرۈش پىلانىدىن نەچچە يۈز قېتىم ۋاز كېچىپمۇ كىتىدۇ .ئۇنداقتا ، تەملىك ھەم قۇۋۋەتلىك شاكىلات راستىنلا سەمىرىش مەنبەسىمۇ ؟
ئەمىليەتتە ،شاكىلات ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسى بىر قەدەر تەكشى ،ئۇنىڭ تەركىبىدە 8 پىرسەنىت ئاقسىل ،60 پىرسەنىت كاربون سۇ بىركىمىسى ھەم 30 پىرسەنت ماي بۇلۇپ ،باشقا نۇرغۇن ئۇششاق يىمەكلىكلەرگە سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر مول ئاقسىل ،كالىتسىي ،ماگىني قاتارلىق ئادەم تېنىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئورگانىك تۇز ۋە ۋىتامىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان .
ماغدۇرسىزلىقنى تېز سۈرەتتە يوقىتىدۇ
پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق چارچاش ،ھېرىش ئالامەتلىرى كۆپىنچە ئادەم بەدىندە كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ يېتىشمىگەنلىكىدىن كېلىپ چىقىدۇ.شاكىلات تەركىبىدە كۆپ مىقداردا سۈپەتلىك كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بۇلۇپ ،ئىستىمال قىلغان ھامان سۈمۈرىلىدۇ -دە ،دەرھال ئىشقا چۈشۈپ كۆپ مىقتاردا ئىسسىقلىق قۇيۇپ بېرىدۇ .
يۈرەكنى كۈچلەندۈرىدۇ
بىر تۈرلۈك تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە ،شاكىلات ئېستىمال قىلغاندىن كىيىن ،قاننىڭ ئوكسېدلىنىشقا كېتىدىغان ۋقتى ئازراق ئۇزارغان ھەمدە ئوكسېدلىنىشقا قارشى تۇرۇش كۈچىمۇ كۈچەيگەن ،بۇ تۇنجى قېتىملىق تەتقىقات نەتىجىسى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى ،شاكىلات ئېستىمال قىلىش يۈرەك قان تومۇرلارنىڭ ساغلاملىقىغىمۇ پايدىلىق .
شاد-خورام ھەم تېتىك قىلدۇ
يېقىندا گىرمانىيەدە بىر خىل <مۇھەببەتتىن مەھرۇم بولغانلار كوملىچى >دەپ ئاتلىدىغان يىمەكلىكنىڭ ئىنتايىن بازىرى چىققان ،ئەمەلىيەتتە ئۇ پەقەت ھال رەڭدىكى شىكەر يالىتىلغان شاكلىلاتتىن ئىبارەت ئىكەن ،لېكىن ئۇنىڭ رولىدىن ھېچ كىشى گۇمانلانمىغان . چۈنكى شاكىلات تىنىچلاندۇرۇش رولىغا ئىگە بۇلۇپلا قالماستىن ، ئۇنڭىدىكى ئۆزگىچە پۇراق ۋە تەم يەنە كىشلەرنىڭ مېڭسىدىكى خۇشاللىق مەركىزىنى غىدىغلاپ كەيپىياتنى كۆتۈرىدۇ،مانا شۇ سەۋەپتىن كىشلەر كەيپىيات ياخشى بولمىغان چاغلاردا شاكىلات يىگۈسى كېلىدۇ .
بوۋىقىڭىزنى تېخىمۇ ئەقىللىق قىلىدۇ
ئەقىللىق بوۋىقىنىڭ بۇلۇشىنى ئارزۇ قىلدىغان ئانا بۇلۇش ئالدىدا تۇرغانلار ھەر كۈنى ئازىراق شاكىلات يەپ بەرسە ،بوۋاق تۇغۇلغاندىن كىيىن كۆرۈشەرلىك ئۈنۈمىنى كۆرىدۇ . بوۋاق ئالتە ئاي ئىچىدىلا كۈلۈمسىرەپ خوشال كەيپىياتنى ئىپادىلەيدۇ ھەمدە ناتونۇش كىشلەردىن قورقمايدىغان بولىدۇ .
چىشنى قوغدايدۇ
چىش مۇتەخەسسلىرىنىڭ نۇرغۇن تەتقىقاتلىرىدا ئىسپاتلىنىشچە ،ئەنئەنىۋى كۆز قاراشتىكىدەك شاكىلات ھەرگىزمۇ قۇرۇت چىش كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ ،ئەكىسىچە ،شاكىلات تەركىبىدىكى كاكائو تالقىنى مېنىرالسىزلىنىشتىن ئىبارەت بىر خىل چىشكە قۇرۇت چۈشۈش جەريانىنى ئاستىلتىدۇ .
بىراق ،شاكىلاتنىڭ تەركىبىدى ماي مىقتارى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ ،ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەزىم قىلىش سېستىمى ئاسانلىقچە سۈمۈرلمەيدۇ ،ئۇنڭدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنىڭ نىسپىتىمۇ ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئېھتىياجىغا ئانچە ماس كەلمەيدۇ ،شۇڭا ئۆسمۈرلەرنىڭ شاكىلات يەپ سەمىرىپ كىتىشتىكى ئاساسلىق سەۋەپ مۇشۇ شۇ . شۇڭا شاكىلات سەمەرتىدۇ دىگەن قاراش ئانچە توغرا ئەمەس .. ئۆسمۈرلەر كۆپ مىقتاردا شاكىلات يىمەسلىكى كېرەك .
قىممەتلىك شاكىلاتنىڭ قاس سېستىمىسى
جۇڭگولىقلارنىڭ چاي مەدەنىيىتى بولغانغائوخشاش،چەت ئەللىكلەرنىڭمۇ شاكىلات مەدەنىيىتى بار .ياۋروپادىكى ھەر قايسى شەھەرلىكلەرنىڭ كوچا دوقمۇشلىرىدا مەخسۇس شاكىلات سېتىش دۇكانلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ .دۇكان خوجايىنى ئەنئەنىۋى كىيملەرنى كىيىپ ،قەدىمكى ئېزىش ماشىنسىدا ھەرخىل شاكىلات ۋە شاكىلات ئىچىملىكلىرىنى تەييەرلايدۇ ،گىرمانىيىنىڭ كېلوندىكى لەييىن دەرياسى بويىدا دۇنيابويىچە بىردىنبىر شاكىلات موزىيى - مەيكى مۇزىيى بار .دۇنيادىكى ئەڭ ئالىي شاكىلاتلار پەقەت بەلگىلەنگەن ئورۇندا ئىشلەپ چىقىرىلىپ،ساپ تەمى كاپالەتكە ئىگە قىلىندۇ،شاكىلاتنىڭ مادىرىتتىكى مەخسۇس سېتىش دۇكىنى فىرانسىيىنىڭ ئەڭ ھەشەمەتلىك ،ئەڭ داڭلىق يىمەكلىك دۇكىنى بۇلۇپ ،بۇ يەردە سېتىلدىغان ھەرخىل ئالاھىدە تەملىك شاكىلاتلار كىشىنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ تۇرىدۇ ،لوندوندىكى لوكېكى مەخسۇس سېتىش دۇكىنى 1983-يىلىدىن باشلاپ ئىزچىل دۇنيادىكى ئەڭ نەپىس ئىشلەنگەن شاكىلاتلارنى سېتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە ،سىۋېتسارىيىدكى لوئىر شاكىلات شىركىتى مېغىزلىق ۋە باشقا ھەر خىل تۈردىكى شاكىلاتلارنى ئىشلەپچىقارغانلىقى بىلەن دۇنياغا داڭلىق ..
يۇقىرىدا ئېيتىلغاننىڭ ھەممىسى دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئىشەنچىلىك ماتىرياللار ، ھېچقانداق يالغىنى يوق ..
يەنە شاكىلاتتىن گۇماللىنامسىز ؟
رەتلەپ تەييارلىغۇچى:سەرخىل ئەسەرلەر توپلىمى بلوگى
http://serhil.blogbus.com/ ئەسەر ھوقىقىغا ھۆرمەت قىلىڭ